ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2184 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئۇدا 16 مەيدان غەلبە قىلىش، ئەنچىلوتتى سامان يولى جەڭ كىمىسىنىڭ يىڭى تارىخىنى ياراتتى.
11-ئاينىڭ 30-كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 3:00دە ئەنچىلوتتى مادىرىدنى يىتەكلەپ مالاگا كۇلۇبىنى 2-1 نەتىجە بىلەن يەڭدى. بۇنىڭ بىلەن مادىرىد ئۇدا 16 مەيدان غەلبە قىلىپ، مادىرىد تارىخىدا يىڭى بىر تۈرلۈك رىكورىت بارلىققا كەلدى.
بۇ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئەنچىلوتتى مادىرىدنىڭ رىۋايەتلىك مەشقاۋۇلى [مۇنۇز]ۋە ھازىرىقى ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى كۆك قوشۇننىڭ قامچىسىنى تۇتۇۋاتقان مورىنىيو ياراتقان ئۇدا 15 مەيدان ئۇتتۇرماسلىق رىكورتى بىلەن تەڭلەشكەن. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن ئەنچىلوتتى مادىرىد تارىخىغا يىڭى بىر سەھىپە يازدى.
مادىرىدنىڭ ئەمدى ئوينايدىغان مۇسابىقىلىرىغا قارايدىغان بولساق، 12-ئاينىڭ 7-كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 3:00 بىرلەشمىنىڭ 14-ئايلانمىسىدا سەرتا بىلەن؛ 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپ مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئايلانمىسىدا رودىلىز بىلەن؛ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى بىرلەشمىنىڭ 15-ئايلانمىسىدا ئارمىلىيا بىلەن ۋە شاھلىق لوڭقىسىدا كورنىللا بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ، يۇقارقى رەقىبلىرىدىن قارغاندا ئەنچىلوتتى ھەتتا بۇ رىكورتنى 20 مەيدانغا چىقىرۋىتىشىمۇ مۇمكىن، بەلكىم داۋاملىق ئۇتتۇرماسلىق رىكورتىنى ساقلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
بۇ پەسىل يىڭى باشلانغان مەزگىللەردە كوماندىدىكى ئىككى يادىرولۇق شەخىس ئالونسۇ بىلەن دىمارىيانىڭ كىتىشى قاتارلىق ھەرخىل ئامىللار تۈپەيلىدىن، مادىرىنىڭ نەتىجىسى قەتئىي ياخشى بولمىدى. بىراق ئەنچىلوتتىنىڭ سەپ شەكلىنى قايتا- قايتا تەڭشىشى نەتىجىسىدە ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ 9-ئايدا ئوينىغان چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپ مۇسابىقىسىدە بارسىلنى 5-1 نەتىجە بىلەن قىرغىن قىلغان مۇسابىقىدىن باشلاپ سامان يولى جەڭ كىمىسى بۆلەكچىلا ئىچىلىپ كەتتى. شۇ مەيدان مۇسابىقىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر تېخى مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىدى.
يۇقارقى 16مەيدان مۇسابىقىدە، مادىرىد ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە 5 ياكى 5 تىن ئارتۇق توپ ئۇرغان؛ ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە تۆتتىن توپ ئۇرغان. بۇنىڭدىن مادىرىدنىڭ ھۇجۇم كۈچىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇ.
|
|