ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2030 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئېنگىلاند ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بىرى بولغان‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› ،ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن ھازىرغىچە بولغان 60يىلدىن بۇيانقى مانچېستىر دېربىدىكى ‹‹ ئۆزگەرمەس قائىدە ، كۆزنى يۇمۇپ ئاشقۇچە بۇلغان ئىشلار ›› دېگەن مەزمۇندىكى 28 پارچە رەسىمنى رەتلەپ چىققان .
1. 1956-يىلى 9-ئايدا مانچېستىر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا 2:0 نەتىجە بىلەن مانچېستىر شەھىرىنى مەغلۇب قىلدى، ۋېيئولىت بىلەن بىل-خۇيلان بىردىن توپ ئۇردى، بۇ پەسىلدە مانچېستىر بىرلەشمىسى بىرلەشمە ئۇزغۇنى بولدى. مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئوڭ بېكى بېيىر-فوكۇس بىلەن ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ماك-جېڭىس مانچېستىر شەھىرىنى كۇماندىسىنىڭ ئالدى ھۇجۇمچىسى جېك-زەيسىننى قوغلىماقتا
2. 1961-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، مانچېستىر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا 1:5 نەتىجە بىلەن شەھەرنى يەڭدى.
مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى سىكارلۇن ، مانچېستىر شەھىرىنىڭ قاپقىچىسى بولېت(سولدا)ۋە مۇداپىئەچىسى شىل
3. مانچېستىر بىرلەشمىسى 1:5 نەتىجە بىلەن شەھەرنى يەڭگەن شۇ مۇسابىقىدە قالپاق كەيگەنمانچېستىر بىرلەشمىسى ھۇجۇمچىسى يالېكىس-دارسېن(ئوتتۇرىدا) ئېگىز سەكرىگەن ھالىتى ، رەسىمدە يەنە شەھەرنىڭ يېڭىدىن قوشۇلغان ئەزاسى دەننېس-لاۋى
4. 60-يىللاردىكى بىرپارچە رەڭلىك رەسىم، مانچېستىر بىرلەشمىسى توپچىسى داۋېي-ساندېرا، شەھەرلىك ساموبىدىن توپ تالاشماقتا ، ساموبى شەھەرگە 10يىل كۈچ قوشقان، بۇ جەرياندا ئېنگىلاند لوڭقىسى، بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە ئېنگىلاند غالىبلار لوڭقىسىغا ئېرىشكەن، ساندېرامۇ مانچېستىر بىرلەشمىسىگە ئون يىل كۈچ قوشقان، ئىككى قېتىم ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن.
5. 1968-يىلى3-ئاي، مانچېستىر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا 1:3 نەتىجە بىلەن شەھەرگە ئۇتتۇرۋەتتى، چېئاۋ-بېسىت توپ كىرگۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىمەكتە، شۇ پەسىلدە، شەھەر بىرلەشمە ئۇزغۇنى لوڭقىسى، مانچېستىر بىرلەشمىسى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىتى.
.6 1969-يىلى بىرلەشمە ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئۇچۇرشىشىدا ئىككى كۇماندا 2:2 تەڭلىشىپ قالىدۇ،مۇسابىقىدە لاۋى بىلەن شەھەرلىك بوس ئىككىسى توقۇنۇشۇپ قالىدۇ، چائېردۇن بۇنىڭدىن رازى بولمىغانلىقىنى ئىپادە قىلماقتا، مۇسابىقە ئومۇمى نەتىجىسى 4:2 بۇلۇپ، مانچېستىر بىرلەشمىسى ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشىدۇ.
7. 1971-يىلى3-ئاي، مانچېستىر بىرلەشمىسى 3:3 شەھەر بىلەن تەڭلىشىپ قالغاندىكى كۆرۈنۈش .مانچېستىر بىرلەشمىسى توپچىسى مەيىك لويى شەھەرنىڭ قاپقىسىغا توپ ئۇردى، بۇ مۇسابىقىدە شەھەر ئۆز مەيدانىدا تەڭلىشىپ قالغان بۇلۇپ، 63مىڭ مەستانە توپ كۆرگىلى كەلگەن.
8. 1974-يىلى كونە تىرانفۇرت، لاۋى پۇتىنىڭ كەينى بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسىگە بىر توپ كىرگۈزۈپ قويغاندىكى كۆرۈنۈش(خائىن توپ ئوخشايدۇ)، بۇ دېربىدىكى ئېسىل كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى(بۇنىڭدىن بۇرۇن مانچېستىر بىرلەشمىسى دەرىجە چۈشۈپ كېتىشى مۇقۇملىشىپ قالغانىدى)، بۇ مۇسابىقە لاۋىنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقە بۇلۇپ ، توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن ئالماشتۇرۋىتىلدى.
9. يەنە شۇ مۇسابىقە لاۋى توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن ،قىزىل ئالۋاستى مەستانىلىرى مەيدانغا باستۇرۇپ كىرىپ مۇسابىقىنى ئۈزۈپ قويدى، بىرلەشمە ھەيئەت كۇمېتىتى بۇ توپنى ھېساپ قىلىپ،مانچېستىر بىرلەشمىسى دەرىجە چۈشۈپ كەتتى.
10. 1985-يىلى9-ئاي، شەھەر ساھىبخان مەيداندا 0:3 مانچېستىر بىرلەشمىسىگە ئۇتتۇرۋەتتى،مانچېستىر بىرلەشمىسى توپچىسى دوكېسبۇر شەھەرگە توپ ئۇردى،بۇ مۇسابىقىنى تىلۋېزۇردىن تارقىتىش توختىتىلغانلىقى ئۈچۈن، پەقەت نەق مەيداندىكى مەستانىلەرلا كۆرەلىدى،مانچېستىر بىرلەشمىسى شەھەردىن 10 نومۇر ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەڭ ئاخىردا 4-بۇلۇپ قالدى.
11. 1989-يىلدىكى مۇسابىقىدە، شەھەر 5:1 مانچېستىر بىرلەشمىسىنى قېرغىن قىلدى، شەھەر قاپقىچىسى كۇپ توپ كىرگەنلىكىنى تەنتەنە قىلماقتا.
12. يەنە شۇ 5:1مۇسابىقە مانچېستىر شەھەردىن جاپ بىلەن لەك توپ كىرگۈزگەندىن كېيىن تەبرىكلىمەكتە.
13. 1993-يىلى كۈز ، مانچېستىر بىرلەشمىسى 2:3 مانچېستىر شەھەر . چېئىن توپ ئۇرۇپ شەھەرنى بۇغۇزلىغاندىن كېيىن، ھاياجانلىق ئىچىدە تەبرىكلىمەكتە، بۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇنمانچېستىر بىرلەشمىسى ئۇزغۇنلۇقتا گالاتا ساراي تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەنىدى، بۇ مۇسابىقىدە 0:2 كەينىدە قالغان ئەھۋالدا، كانتۇنانىڭ قوش گۈل قىسىشى چېئىننىڭ بۇغۇزلىشى بىلەن غەلبە قىلدى.
14. 1994-يىل 11.ئاي ، مانچېستىر بىرلەشمىسى ئەنچېرسىچنىڭ قالپاق كىيىشى بىلەن 0:5 شەھەرنى قىرغىن قىلدى، 90-يىللاردامانچېستىر بىرلەشمىسى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە شاھلىق ئورنىغا چىققان بولۇپ،92-93- ۋە 93-94-يىللىق ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە ئۇدا ئىككى پەسىل بىرلەشمە ئۇزغۇنى بولدى.
15. 1996-يىل، مانچېستىر بىرلەشمىسى(مېھمان) 2:3 مانچېستىر شەھرى، كانتونا نوقتا توپ ئۇرۇپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئاشتى، جىگى بىلەن ئەندى-كېر بىردىن توپ ئۇردى، شۇ يىلى مانچېستىر بىرلەشمىسى 3يىل ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسى بىلەن ئېنگىلاند لوڭقىسىدىن ئىبارەت قوش لوڭقا كۆتۈردى.
16. 2001-يىلى ، چېئىن ئېغىر يارلاندى، خالاند جازالىنىپ چۈشۈپ كەتتى، 1997-يىلى خالاند لېيىز بىرلەشمىسىدە چاغدا، چېئىننىڭ كىرست شەكىللىك سۇزۇلما پېيىنى ئۈزۋەتكەن،ھەمدە چېئىننى يالغان يىقىلۋالدى دەپ ھاقارەتلىگەن، بۇ مۇسابىقىدە،چېئىن ئۇنىڭدىن ئۆچىنى ئېلىۋالدى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ بۇ قىلمىشىدىن پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
17. 2002-يىل 11-ئاي، مانچېستىر بىرلەشمىسى(مېھمان) 3:1 شەھەرگە ئۇتتۇرۋەتتى، گېتىر توپقا قاراپ باتېسنىڭ ئۈستىگە سەكرىدى، گېتىر ئىككى توپ، ئاناركا بىر توپ ئۇردى، بۇ مۇسابىقە مانچېستىر شەھىرىنىڭ مىيەنئىنلۇ تەنتەربىيە مەيدانىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى،2003-يىلى 80يىلدىن كېيىن بۇ مەيداندىن يۆتكۈلۈپ كەتتى.
18. 2007-يىلى ۋاندېسا ، ۋانسارنىڭ ئۇرۇپ قايىتقان نوقتا توپىنى قايتۇرۇپ تېپىپ كىرگۈزدى، س.لونىڭ بىر نوقتا توپىغا تايىنىپ بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتكەن مانچېستىر بىرلەشمىسى ۋانسارنىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن قىممەتلىك ئۈچ نومۇردىن قۇرۇق قالغان بولسىمۇ، ئەتىسى چېلسى بىرلەشمىنىڭ چوققىسىدىكى ئارىسنالنى مەغلۇپ قىلىپ، مانچېستىر بىرلەشمىسىنى 16-بىرلەشمە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ياردەم قىلدى.
19. 2008-يىل 2-ئايدىكى بىر قېتىملىق مۇسابىقىدە (قايسى مۇسابىقە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم) شەھەر كونا تىرانفۇرتتا مانچېستىر بىرلەشمىسىنى 2:1 نەتىجە بىلەن يەڭدى.
20. 2009-يىل9-ئاي، شەھەر 3قېتىم ئارقىدا قېلىپ 3قېتىم نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەنىدى، قوشۇپ بېرىگەن ۋاقىتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئوۋىن بىر توپ ئۇرۇپ،نەتىجىنى 3كە قارشى 4قىلىپ شەھەرنى بۇغۇزلىدى.
21. 2010-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچۇرشۇشتا ساھىبخان مەيداندا، رونى ئەڭ ئاخىرقى پەيىتلەردە بىر توپ ئۇرۇپ 3:1 ئومۇمى نەتىجە بىلەن شەھەرنى مەغلۇپ قىلىدى، ئالدىقى ئۇچۇرشۇشتا شەھەر 1:0 نەتىجە بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسىنى يەڭگەن، رونىنىڭ بۇغۇزلاش خاراكتىرلىك توپى بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسى ئادەتتىكى دەرىجىلىك لوڭقىنى قولغا كەلتۈردى.
22. 2010-يىلى شىكىرىس مانچېستىر شەھەرلىك مەيداندا ، شەھەرنى بۇغۇزلاپ تاشلىدى، فۇرگۇسۇن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ غەلبىسىنى تەبرىكلىمەكتە.
23. 2011-يىلى2-ئايدىكى دېربىدا رونى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ نادىر توپتىن بىرنى كىرگۈزدى، بۇ پەسىل مانچېستىر بىرلەشمىسى بىرلەشمە ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشىپ قان رەقىبى لېۋىرپولدىن ئېشىپ كەتتى.
24. 2011-يىلى ئېنگىلاند لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا يايا.تورى بىر توپ ئۇرۇپ قىزىل ئالۋاستىلارنى بۇغۇزلاپ قويدى،لىكىن شەھەر ھەل قىلغۇچتا سىتوك شەھىرىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى، مانچېستىر بىرلەشمىسى كۇمەندىسى كۇنا تىرانفۇرت مەيداندا لوڭقىسىز قالغان شەھەرنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆردى.
25. 2011-يىلى كۈزدە، شەھەر مېھمان مەيداندا 1:6 نەتىجە بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسىنى رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلدى، بۇ مۇسابىقە دېربى تارىخىدىكى ئادەمنىڭ ئەڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولدى، مۇسابىقىدىن كېيىن فۇرگۇسۇن :‹‹ بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ ئازاپلىق بىر كۈن بولدى ››دېدى، بالۇتېلى بىلەن جېك ئىككىدىن توپ ئۇردى، بالۇتېلى توپ ئۇرغاندىن كېيىن :‹‹ نېمىشقا يەنىلا مەن ؟›› دېگەن ھەركەت ئىشلىدى.
26. 2012-يىلى4-ئاي، كۇمپانى بىرلەشمىدىكى ئەڭ ئېسىل باش توپى بىلەن مانچېستىر بىرلەشمىسىنى بۇغۇزلىدى، بۇ مەيدان غەلبىسىدىن كېيىن، شەھىرى مانچېستىرQPR نى مەغلۇپ قىلىپ 1968-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى بىرلەشمە ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشتى.
27. 2012-يىل12-ئاي، ۋانپېرىس تەپكەن ئىختىيارى توپ ، ئۇنىڭ بۇرۇن ئارىسنالدا توپ تەپكەن سەبدىشى ناسىرىنىڭ كەينىگە تېگىپ قاپقىغا كىرىپ كەتتى، مانچېستىر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا 2:3 نەتىجە بىلەن شەھەرنى يېڭىپ، نومۇر پەرقىنى 5 كە كۆتۈردى، بۇ فۇرگۇسۇننىڭ كۇلۇبدىكى ئەڭ ئاخىرقى پەسلى بۇلۇپ،20 قېتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشتى، ھەم بۇ مانچېستىرنىڭ ھازىرغىچە دېربىدا غەلبە قىلغان ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالدى.
بۇ قېتىملىق دېربىنىڭ قانداق نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىشىنى مەستانىلەر تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە .
تەرجىمىدىكى بەزىبىر نوقسانلاردىن خالى ئەمەسمەن ، كۆپچىلىكنىڭ تۇغرا پۇزۇتسىيىدە بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|