ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2790 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-28 23:13
سەۋەبى 2=1+1 دىن كۆپ ئاددى... پۇتبول دېگەندە ھۇجۇم، مۇداپىيە تەڭپۇڭ بولىدۇ... بولمىسا ھۇجۇمچىدىن 6-7 نى، ئالدى بەلدىن 2 -3 نى چىقارسىلا بولمىدىمۇ... ئۇ سەپ شەكلىدە نە مۇداپىيەچى ئوتتۇرا مەيدان، نە ئارقا بەل بولمىسا... فابرىگاسنى مۇداپىيەچىگە چىقارغان تەقدىردىمۇ....
ھە راست، بۇ ھەقىقەتنى سىزدەك رېئال مادرىدنىڭ قان مەستانىسى مەندىن بەكرەك بىلىشى كېرەك. چۈنكى سىلەرنىڭ كومانداڭلارنىڭ بېشىدىن ئاشۇ ھەقىقەت ئۆتۈپ باققان... 2003 -يىلىدىن 2007 - يىلىغىچە ھۇجۇمچى، يان ھۇجۇمچى دېگەننى پىفا بازاردىن ئالغاندەك ئەكەلگەن... قانداق بولدى؟؟ چېمپىيونلۇق دېگەن گەپ ئۇنتۇلدى، ئۇزغۇنلۇق دېگەنغۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى گەپلەردەك تۇيۇلىدىغان بولدى... كوماندىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم زىدانىمۇ، رونالدومۇ، رائۇلمۇ، بېكخاممۇ، فىگومۇ، ئوۋېنمۇ ئەمەس، گىراۋېيسىن دېگەن تاقىرباش ئارقا بەل بولۇپ قالدى، شۇ تەنھەرىكەتچى مەيدانغا چىقسا مادرىدنىڭ يۈرىكى توق تۇراتتى.... چۈشىنىشلىك بولدىمىكىن؟ |
|