akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1514|ئىنكاس: 25

ئەگەر لىۋىرپۇل ئۇلارنى قوشىۋالالىغان بولسا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-28 18:12:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
لىۋىرپۇل ھۇجۇمچىسى بالوتېلىنىڭ تۇراقسىز ئىپادىسى مەستانىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن مەستانىلەر لىۋىرپۇل ئەينى ۋاقىتلاردا قېتىۋاللايدىغان ئەمما قېتىۋالمىغان توپچىلاردىن غايىۋى سەپ شەكلى تۈزۈپ چىقىپتۇ.
133-14102P02221921.jpg

بىز ئىلگىرى ئارسىنال مەستانىلىرى تۈزگەن خىيالى، غايىۋى سەپ شەكىللىرىدىن ھوزۇر ئالغان ئىدۇق (مەنبەدە شۇنداقكەن)، ھەمدە بىزلەرمۇ ئۆزىمىز ياقتۇرىدغان چولپانلار ئارقىلىق خىيالىمىزدىكى سەپ شەكىللىرىنى تۈزۈپ باققان، ئەمدى لىۋىرپۇلنىڭكىگە كىلەيلى.

ۋالدىس:
ئىلگىرىكى بارسىلونا ۋارتارچىسى ۋالدىس بۇ يىل ئەركىن توپچى ھالەتتە لىۋىرپۇلغا قېتىلالايتى، ئۇنىڭ روجىسىنىڭ سىناق مەشقىنى قوبۇل قىلماسلىقى ئۇنى لىۋىرپۇلدىن يىراقلاشتۇرىۋەتتى. ئەمدى ۋالدىس قىشلىق بازاردا قىزىل ئالۋاستىغا قېتىلىشى مۇمكىنكەن.

ئالۋىس:
ئاڭلاشلارغا قارىغان 2006-يىلى بارسىلوناغا قېتلىشىتىن بۇرۇن، بۇ بىرازىلىيەلىك ئوڭ بېكنىڭ لىۋىرپۇلغا قېتىلغۇسى باركەنتۇق، سېۋىللانىڭ ساتقۇسى كەلمىگەنسىرى ئالۋىسنىڭ لىۋىرپۇلغا بەك قېتىلغۇسى باركەن، ئەمما لىۋىرپۇل 8 مىليون فوندسىتىرلىڭنى جىق كۆرۈپ سېتىۋالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بارسىلوناغا قېتىلىپ ھازىرقىدەك ئويناپ كىتىپتۇ.

ۋىدىچ:
ئىلگىرىكى لىۋىرپۇل توپچىسى ئاگىرنىڭ ئاشكارلىشىچە، 2005-2006 مۇسابىقە پەسلىدە بېنتىزنىڭ بۇ سېربىيەلىكنى قېتىۋالغۇسى باركەنتۇق، ئەمما ۋىدىچ ئاخىردا يەنىلا مانچېستىرنى تاللاپتۇ، مانچېستىرغا كەلگەندىن بېرى 5 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونى ۋە 2008-يىلى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىپتۇ، ئەمما بۇ ۋاقىت ئىچىدە لىۋىروئۇلنىڭ ئېرىشكىنى ....

كاخىل:
2012-يىلى1-ئايدا كاخىلنىڭ بولتون بىلەن بولغان توختامىنىڭ ۋاقتى توشتى، چېلسى بىلەن تۇنجى قېتىملىق توختام تۈزۈشتە مەغلۇب بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن كاخىل لىۋىرپۇلغا قېتىلىشنى ئويلاشقان، ئەمما قىزىل قوشۇن يەنە بىر پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزگەن، ئاخىردا كاخىل چېلسىنىڭ توختامىغا قول قويغان، لىۋىرپۇلنىڭ كوتىسنى قېتىۋېلىشتىن باشقا ئامالى قالمىغان، بۇنىڭغا ياخشى قىلدىڭ دېيىشتىن باشقا گەپنى قىلالمايمىز.

412-141025225QQ56.jpg


كوئىنتىراۋ:
بۇ يىل يازدا، كوئىنتىراۋ ئېنرىكنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان توپچى دەپ قارالغان، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا رىئال مادرىد تەرەپمۇ سۇئارىز سودىسىغا قول تىققاندا كوئىنتىراۋنى قېتىپ قويغان، ئەمما لىۋىرپۇل سۇئارىزنى سېتىپ چىقاردىيۇ كوئىنتىراۋنى قېتىۋالالمىدى.

رىيۇس:
بۇ يىل يازدا لىۋىرپۇل توختىماي بۇ گېرمانىيەلىك ھۇجۇمسىمان ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بىلەن ئالاقىلەشتى، ئەمما بۇ گېرمان تانكىسىنىڭ يۇقرى بولغان يۆتكىلىش ھەققى بۇ سودىنى ئارقىغا سۈرۈلدى.

گۆتزى:
بۇ گېرمانىيەلىك مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى ۋە خېندېرسون لىۋىرپۇلنىڭ ئىلگىركى تېرىنىرى داگلىشنىڭ سېتىۋېلىش تىزىملىكىدە بار ئىدى، بۇلاردىن خېندېرسوننى يۆتكەپ ئەكىلەلىدى، خېندېرسوننىمۇ ئۆزىنى ئىسپاتلىدى. گۆتزى بولسا دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچىدا ئالتۇنغا تېگۈشكۈسىز توپتىن بىرنى كىرگۈزدى.....

فابرىگاس:
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ يىل يازدىكى فابرىگاس سودىسىدا لىۋىرپۇل چېلسىغا قارىغان ياخشى ئورۇندا تۇرغان، ئەمما ئارسىنالنىڭ «ئاستىلىقى»، لىۋىرپۇلنىڭ« ئويلىنىشى» چېلسىغا ئوبدانلا پۇرسەت ياراتقان.

رونالدو:
خوۋلىيېرنىڭ ئاشكارلىشىغا قارىغاندا، ئۇ ئىلگىرى رونالدونىڭ لىسابوندىكى نەچچە مەيدن مۇسابىقىسىنى كۆرگەن، ھەممدە ئۇنىڭ بىلەن توختام ئىمزالاشنى ئۈمىد قىلغان، ئەپسۇسلىنارلىقى لىۋىرپۇلنىڭ سۇنغان باھاسى بىلەن  توپچىنىڭ يۆتكىلىش ھەققى ۋە مۇئاشى جەھەتتە بىرلىككە كېلەلمەي سودا مەغلۇب بولغان. ئەمما شۇ چاغدىدىكى لېتاللس سودىسىمۇ ياخشى بولغان سودىنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

دىيېگو كوستا:
2013-يىلى 8-ئايدا، ئاخبارات ۋاستلىرى لىۋىرپۇلنىڭ كوستانى يۆتكەش ئۈچۈن سۇنغان باھاسى بۇ ئىسپانىيەلىك بۇ توپچىنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش شەرتىنى تەۋرەتتى. ئەمما 21مىليون فوندسىترلىڭلىق بۇ باھا ئاتلىتكا تەرپىدىن رەت قىلىندى. بۇ يىل يازدا چېلسى كوستا قېتىۋالدى، كوستا ھازىر ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنى بولۇپ مېڭىپ، چېلسىنىڭ 1- ئورۇننى قولدىن بەرمەي مېڭىشىغا تۆھپە قوشىۋاتىدۇ.

فالكاۋ:
بۇ يىل مانچېستىر ئىجارە ھالەتتە فالكاۋنى كوماندىغا قېتىۋالدى، ئەممە 2009-يىلىلا لىۋىرپۇل فالكاۋ بىلەن ئالاقىلاشقان. ھەمدە بۇ يىلمۇ ئالاقىلشىپتۇدەك، ئەمما قىزىل قوشۇن فالكاۋنى قېتىۋالالىدىمۇ ؟ ياق، ئۇلارنىڭ قېتىۋالغىنى بالوتېلى ئەپەندى بولدى. لىۋىرپۇل مەستانىلىرى بۇ سودىدىن ئىنتايىن خۇشھال بولدى.

مەنبە: http://www.dongqiudi.com/news/47773.html
تېمىدىكى بەزى سۆزلەر ۋە رەسىملەر مەنبەدىن كەلگەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-28 18:20:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىل قوشۇننىڭ ئارمانىغا چۇشلۇق دەرمانى يوق سودىلاركەنغۇ بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-28 18:22:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيال دىگەن دەششەت سۇرۇپ قويدىكەنغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-28 18:31:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-28 18:41:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ronaldo hamma kolopnig hiyali sap xakilda badakla turdeya ajap
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-28 18:41:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  نىمىشقا  تورخانىدا  زىيارەت  قىلالامايمەن ئەيپى چەكلەنگەن دەپ  چىقۋالدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-28 18:45:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
genral يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 18:41
مەن  نىمىشقا  تورخانىدا  زىيارەت  قىلالامايمەن ئەيپى چە ...

سىز بىلەن بىر تورخانىدا چىقىۋاتقان بىرەرسى چەكلىنىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، ئادەتتە بىر 局域网 نىڭ ئايپى ئادرىسى بېشى ئوخشاش، ئاخىردىكىسى ئوخشىمايدىغان بولىدۇ ئەمەسمۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-28 19:22:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي، ئاجايىپ خىيال ھە ، بولسا لىۋىرپۇل جانلىنىپ كىتەتتىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-28 19:42:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سەپ شەكلى بويىچە بولسا دەرىجە چۈشۈپ كېتىدىكەن لىۋېرپول...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-28 19:48:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ سەپ شەكلىنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-28 20:31:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 19:42
بۇ سەپ شەكلى بويىچە بولسا دەرىجە چۈشۈپ كېتىدىكەن لىۋېر ...

سەۋەبى نىمىكىن ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-28 20:36:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى جانلىق  چىقىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 13:33

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش