ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 427 |
تۆھپىسى: سەر |
|
دورتمونت ھەقىقى بىر زەردار بولىمەن دەيدىكەن ئالدى بىلەن چولپانلىرىنى تۇتۇپ قېلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك ، بىر مەزگىل (كەم دىگەندە ئۇدا بەش پەسىل) ياۋرۇپانى ،بىرلەشمىنى تىترىتىپ بېرەلىگەن بولسا كۆرەرمەن مەستانىلەر ، ئەڭ مۇھىمى يىتىشىپ چىقىۋاتقان كەلگۈسىدىكى چولپانلارنىڭ قەلبىدە زەردار ، قالتىس كۇلۇب دىگەن ئوبرازىنى تىكلىگەن بولاتتى، ھەمدە مەن مۇشۇ كوماندىدا ھەممىگە ئېرىشەلەيمەن دىگەن ئىشەنچتە ئىنتىلىشىگە نائىل بولۇپ ئۇلارنىڭ سادىقلىقىغا ئېرىشەتتى. ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولغان چاغدىمۇ (مىلەن بۇنىڭ ياخشى مىسالى)ماھىرلارنى تۇتۇپ قېلىش بىلەن بىرگە باشقىلارنى جەلىپ قىلالايتى. بىر كىلوپنىڭلا تاكتىكىسى قۇتقۇزۇپ بولالمايدۇ . بۇ پەسىل بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆتەر، كىيىنكى پەسىلدە يېڭى باچكا چىقىرىپ راۋرۇس ئۇچۇرما قىلىپ ھۇزۇرىنى سۈرەي دىگەندە باشقىلار سوقۇپ كەتسە ....يەنە شۇ كۆرىمىز ئۈچ يىلدىن كېيىن مۇشۇ ھالەتنى .
مادرىت ئاتلىتكىنى ھەقىقى زەردار دەيدىغانغىمۇ ئاز قېلىۋاتىدۇ ، بۇرۇنمۇ تىگىدىن چىڭ ئاساس تىكلەپ چىقىرىۋالغان نامى بار، گەرچە ئۇمۇ چولپان ساتقان بولسىمۇ ھەممسىنىلا ئەمەس ، پايدا زىياننى ،يىراقنى دەڭسەپ ئېلىپ سېتىۋاتىدۇ. |
|