ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1057 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-26 22:27
تۈنۈگۈن گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ توققۇزىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدا دورتىموند كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ھانۋېر 96 كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. ئالدىنقى مەيداندا توپ كىرمەي ئاياقلاشتى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 61 مىنۇت بولغاندا ھانۋېر96 كۇلۇبىغا ئىختىيارى توپ تىپىش پۇرسىتى كىلىپ، بۇ توپنى ياپۇنىيەلىك توپچى كىيۇتاكى بىۋاستە ئۇرۇپ قاپقىغا كىرگۈزدى. كىيىن سېرىق ھەرىلەر شۇنچە كۈچەپ ئوينىغان بولسىمۇ، نەتىجىدە سېرىق ھەرىلەر ئۆز مەيدانىدا 0-1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. ھانۋېر96 كۇلۇبى بولسا 2008-يىلدىن كىيىن تۇنجى قېتىم سېرىق ھەرىلەرنىڭ مەيدانى ۋېستىفالىن مەيدانىدا غەلبە قىلدى.
دورىتمۇنىد كوماندىسى بۇ پەسىللىك گېرمانىيە بىرلەشمىسى باشلىنىپ 9 مەيدان مۇسابىقىدە 2 مەيدان غەلبە قىلىپ، 1 مەيدان تەڭلىشىپ، 6 مەيدان مەغلۇپ بولدى. ئومۇمىي نومۇردا 7 نومۇرغا ئېرىشىپ، بىرلەشمىدە 15-ئورۇنغا چۈشۈپ، دەرىجە چۈشۈش سىزىقىغا پەقەت بىر نومۇر قالغان بولۇپ، بىرلەشمىدە ئەڭ كۆپ ئۇتتۇرغا كۇلۇب بولۇپ قالدى. بۇلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئالدىنقى پەسىللىك ھالىتى بىلەن تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ. ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىلەردە بولسا بىرلەشمىدە ئىككىنچى بولدى. ھەم گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا ئەشەددى رەقىبى بايرىن مىيۇنخىننى يېڭىپ، چېمپىيۇن بولغان. 2012-2013-يىللىق ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە بولسا ھەل قىلغۇچقا كىرگەن.
دورىتمونىد كوماندىسى بۇ پەسىللىك ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گورۇپپا مۇسابىقىسىدە گالاتاساراينى يېڭىپ گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى 3 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلبە قىلدى. ئەمما بىرلەشمىدە تۇراقسىز بىلەن ئىپادىسى كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولۇپ، مەستانىلەرنى قاتتىق ئۈمۈدسىزلەندۈردى. دورىتمونىد كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى كىلوپ« داۋاملىق كۆرەش قىلىشتىن باشقا تاللاش يوق» دەپ، كۆرەش قىلىش ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىگە ۋە كۇلۇبىقا بولغان ئىشەنچىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ھالەتتىكى تۇراقسىز ئىپادىسى قاچانمۇ كىشىنى خاتىرجەم قىلىدۇ دېگەن ئەندىشىنى پەيدا قىلدى. |
|