ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 200 |
تۆھپىسى: سەر |
|
لاتارىيەخانىنىڭ ئەسلى كەلتۇرۇلگىنى ياخشى بوپتۇ، تىمىڭىزنىڭ 7- مۇندەرىجىسىگە مىنىڭ پىكىرىم مۇنداق:
لاتارىيەدە مۇسابىقە ئىلىپ بىرىلغان ئىككى تەرەپكە پۇل تىكىلىپ بولغاندا پۇل قايتۇرۇلمايدۇ. ئەگەر بىر مەيدان مۇسابىقە ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلى مەسلەن ئۇرۇش ئوتى، ھاۋا رايى، مەستانىلەرنىڭ جىدەل چىقىرىپ مەيدانغا كىرۋىلىشى، توپچىلارنىڭ ئۆلۇپ كىتىشى، ۋە باشقا سەۋەپلەردىن مۇسابىقە توختىتىلسا، ياكى كەينىگە سۇرۇلسە لاتارىيەدە سىز شۇ مەيدانغا تىككەن بولسىڭىز سىزنى ئۇتتى دەپ ھىساپلايدۇ. بىر كۇلۇپقا ئۇتىدۇ دەپ تىككەن بولسىڭىز ئۇتىسىز، ئۇتىدۇ تەڭلىشىدۇ دەپ تىككەن بولسىڭىز ياكى جۇپ تىككەن بولسىڭىز ئىككى ھەسسە ئۇتقان بولىسىز . چۇئەنباۋ، (ھەممە تىككەنى كۆرسىتىدۇ) ئۇتىدۇ تەڭلىشىدۇ ئۇتتۇردۇ دەپ تىككەن بولسىڭىز 3 ھەسسەبويىچە ئۇتقان بولىسىز. شۇڭا مۇنبەرنىڭ لاتارىيخانىسىدا جۇپ تىككىلى بولمىغاندىن كىيىن ھەم بۇنداق كەينىگە سۇرۇلگەن مۇسابىقە ئاز كۆرۇلگەنلىكتىن مۇنبەردە شۇ كەينىگە سۇرۇلگەن مۇسابىقىگە تىككەن مۇنبەرداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇتتى دەپ ھىساپلىساق بولىۋىردۇ دەپ قارايمەن. چۇنكى بۇنداق ئەھۋاللار ناھايىتى ئاز كۆرۇلدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە بىرنىڭ مۇنبەردە زاردارلارنىڭ مۇسابىقىسنى ئاساس قىلغاچقا بۇنداق زاردارلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كەينىگە سۇرۇش، ياكى توختىتىش كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى. شۇڭا لاتارىيەخانىگە ئىگە بولغان باشقۇرغۇچىمۇ ياكى تىما ئىگىسىمۇ كەينىگە سۇرۇلگەن، توختىتىلغان مۇسابىقە بولسا قوقماي ھەممىنى ئۇتتى دەپ ئىلان قىلسا تامامەن بولىۋىردۇ دەپ قارايمەن. |
|