ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2356 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-18 16:07
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى! كەمىنە بۇغدادىن سىزلەرگە ئوتلۇق سالام!
بىر قانچە قېتىملىق سىناق ئېلىپ بېرىش، دەرىجە تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق پۇتبول مۇنبىرىمىز لاتارىيەخانىسى ئۇڭۇشلۇق ھالدا ئەسلىگە كەلدى. مەن بۇ جەرياندا مىنى قوللىغان، ماڭا ئىشەنگەن بارلىق مۇنبەرداشلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، شۇنداقلا مۇنبىرمىز بىكەت مەسئۇلى نىجاتكام ۋە ئالى باشقۇرغۇچى مەھمۇتكامغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
1. لاتارىيەخانا بۇندىن كىيىن مىنىڭ كىچىك نۇمۇرۇم دوكار نامىدا يوللىنىدۇ. ( باشقۇرغۇچىلىق ۋە لاتارىيەچىلىك كەسپىنى بىرگە ئېلىپ بېرىش خىزمىتىنى تېخنىكا ۋە باشقا شارائىتلار تۈپەيلى تەڭشەشكە بولمىدى) كەڭ ئىشتىراكچىلارنىڭ مۇنبەر تۈزىمىگە ئاڭلىق رىئايە قىلغان ئاساستا لاتارىيەخانىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. دوكار نامىدىكى كىچىك نۇمۇردا قىسقا ئۇچۇردىن باشقا بىرمۇ ئىنكاس يازمايمەن. ( كىچىك نۇمۇرى بار دەپ گەپتە قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى )
2. لاتارىيەخانىدا ئاساسەن كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى ئاساس قىلىنىپ تىما ئېچىلىدۇ. كۈچ پەرقى نىسپەتەن چوڭ مۇسابىقىلەردە تىما ئېچىلمايدۇ ياكى ئۇتۇش نىسپىتى تۈۋەنلىتىلىدۇ. لاتارىيە ئاساسەن نۇپۇزلۇق ئۇرۇنلار چىقارغان نىسپەت بۇيىچە يوللىنىلىدۇ. مەقسەت مۇنبىرىمىزدە پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش! كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
3. لاتارىيەخانا مۇنبىرىمىزنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرۇش، نىجاتكامغا بولغان بېسىمنى يىنىكلىتىش تۈپەيلى دوكار نامىدا قايتا ئېچىلدى. كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ لاتارىيە ئېچىش نامىدا نىجاتكامغا ئۇچۇر يوللاپ ئاۋارە قىلماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ( بەزى مۇنبەرداشلار ئاللىبۇرۇن ھىس قىلىپ يەتتى بولغاي، بۇ نۇمۇرمۇ قەشقەردە ‹‹مارالبىېشى›› دا تور توختاش سەۋەپلىك ئاتايىتەن تۇمشۇق شەھرىگە بېرىپ تۇرۇپ مەشخۇلات ئېلىپ بېرىلىپ بىجىرىلدى )
4.لاتارىيەخانا ئىشىدا ئالدىنقى قېتىم بىر قانچە قېتىم قانۇنسىز ياكىدە يۇچۇقتىن پايدىلىنىش قىلمىشى كۈرۈلدى. پۇتبول مۇنبىرىمىزدىكى ياۋرو پەقەت مۇشۇ مۇنبەردىلا ئايرىۋاشلاش قىلىشقا بۇلىدىغان مەۋھۇم جىسىم. شۇڭا مۇنبەرداشلارنىڭ ئۈزىمىزنىڭ ئوبرازىغا دىققەت قىلغان ئاساستا لاتارىيەخانىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ناۋادا شەرەپسىزلىك قىلمىشى بايقالسا پۇلنى مۇسادىرە قىلىش، ئېغىرراق بولسا چەكلەش جازاسى بىرىلىدۇ.
5. كەڭ مۇنبەرداشلار، ئالىي ئەزا، ئالىي باشقۇرغۇچىلار ۋە نىجاتكامنىڭمۇ خىزمىتىمنى نازارەت قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!
6. مۇسابىقە ئاياغلىشىپ كىچىككەندىمۇ 24 سائەت ئىچىدە ياۋرونى ئايرىۋاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىمەن. ( قىسمەن ئالاھىدە ئەھۋالدىن باشقا، مەسىلەن: ئۈلۈم-يىتىم، ۋەقە، رايۇن بۇيىچە تور توختاش دىگەندەك، مۇنبەرداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن )
7.بەزىدە باشقا ئالاھىدە ئەھۋاللار تۈپەيلى مۇسابىقە كىچىكتۈرىلىدىغان ياكى توختىتىلىدىغان ئالاھىدە ئەھۋاللار كۈرىلىدۇ. ۋاقىت كىچىكتۈرۈلۈش ئىشىغا نىسپەتەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بۇلىدۇ. بىراق مۇسابىقە يېرىمىدا توختاش ئىشى سەل ئالاھىدىرەك. بۇنىڭغا قارىتا مۇۋاپىق تەڭشاش ئېلىپ بېرىشىم مۇمكىن. بۇنىڭغا قارىتا لاتارىيە بىلىمى چوڭقۇر بولغان ئەنقەر بۇرادەر، قارا يەكشەنبە دىگەندەك ئەزالارنىڭ تەكلىپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مۇنبەرداشلارنىڭ سەمىمى تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز! |
|