akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 767|ئىنكاس: 19

بوسىك:ئىككى يىلدىن كىيىن ئىستىپا بېرىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-17 19:44:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
U333P6T12D7373690F44DT20141017190443.jpg
سىنا تەنتەربىيە تورى خەۋىرى
بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرنىرى دېل-بوسىك زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ 2016-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كىيىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بوسىك 2008-يىلى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان،ئۇ دۆلەت كوماندىسىغا تېرنىرلىق قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ناھايىتى مۇۋاپىقىيەت قازانغان دىيىشكە بولىدۇ،ئالدى كەينى بۇلۇپ 2008-2012-يىللىرى ياۋرۇپا لوڭقىسى 2010-يىلى دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى،ئەمما 2014-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا ئىپادىسى تازا ياخشى بولماي،كىچىك گۇرۇپپىدا ئېچىنىشلىق شاللىنىپ كەتتى،
دۇنيا لوڭقىسى ئاخىرلاشقاندا بوسىك دۆلەت ئىچىدە ئاز بولمىغان بېسىمغا دۈچ كەلدى،نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئېستىپا بېرىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى،ئەمما ئىسپانىيە پوتپۇلچىلار جەمىيىتى ئۇنىڭغا داۋاملىق ئىشىنىپ 2016-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسى ئاخىرلاشقۇچە توختام تەييارلىدى،
بوسىك يەنە مۇنداق دىدى:تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىشلارغا بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ،ئەمما شۇ نوقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولدۇكى مەن بۇ ئورۇندا 2016-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسى ئاخىرلاشقۇچە بار،ئۇنىڭدىن كىيىن ئايرىلساممۇ مەن بۇ كوماندىغا دىققەت قىلىپ تۇرىمەن.
بوسىك 1999-2003 يىلغىچە خانلىق مادرىتقا تېرنېر بولغان، بۇ مەزگىلدە ئىككى قېتىم بىرلەشمە چېمپىيۇنلۇقنى،ئىككى قېتىم ياۋرۇپا چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن،بېشىكتاش كۇلۇبىغا بىر يىل تېربېر بولغاندىن كىيىن 2008-يىلى ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ قامچىسىنى قولغا ئالغان.
مەنبە:http://sports.sina.com.cn/g/laliga/2014-10-17/19047373690.shtml
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-17 20:13:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  2014-يىلدىكى خاتالىقنى ئەمدى سادىر قىلماسلىقىنى، 2016-يىلى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ خۇشال ھالدا چېكىنىپ چىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن...
2014-يىلدىكى ئىپادىسىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئىسپانىيەنى خېلى نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈردى... 2014-يىلدىكى ئىسپانىيەنىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتىنىڭ سەۋەبى ۋە خۇلاسىسىنى شۇ ۋاقىتتىلا يېزىپ قويغان ئىدىم...
/thread-43694-1-1.html

بوپتۇ كىينىكى ئىشلىرىڭغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-17 20:16:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى تەجرىبىلىك  تىرنىرلارنىڭ  بىرى!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-17 20:54:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپتۇ تىرىشىپ 2016-يىلىغا ياخشى تەييارلىق قىل. گېرمان بىلەن ئىسپاننىڭ ھەلقىلغۇچ ئوينىشىنى كۆرگۈم بار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-17 21:18:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پالۋان يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 20:13
2014-يىلدىكى خاتالىقنى ئەمدى سادىر قىلماسلىقىنى، 2016-يى ...

2016-يىلدىكى مۇسابىقىدە خاتالىق سادىر قىلىپ قالسا كېيىنكى ئۆمرى پۇشايمان ئىچىدە ئۆتۈپ قالىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-17 21:50:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيە كوماندىسنى قايتا قۇرۇش كىرەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-17 21:51:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ 2016يىلنىڭ بوسۇغىسىدىن ئۆتەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمدى ئىسپاننى باشقا تېرنېر قولىغا ئېلىپ، تېخنىكا ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغان يەرگە يەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-17 21:55:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rahman123 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 21:18
2016-يىلدىكى مۇسابىقىدە خاتالىق سادىر قىلىپ قالسا كېيى ...

ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەيلى، بىر دۆلەت كوماندىسىنى ئارقا - ئارقىدىن دۇنيا ۋە ياۋروپانىڭ چېمپىيونى قىلىش دېگەن ئالەمشۇمۇل نەتىجە!!! 2016 - يىلى بىر مەيدان ئۇتالمىسىمۇ ئۇنىڭ نەتىجىسى ۋە تۆھپىسى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-17 22:38:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-17 22:54:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 22:38
سىنىڭ تۆھپىلىرىڭ ئۇنتۇلمايدۇ. ئۇدا 6يىل دۇنيا پۇتبۇل ھ ...

2008-يىلى تىرېنېر ئالاگونىس ئىدى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-17 23:07:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-17 23:12:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ بارسىلونا بىلەن مادرىتنى ئاساس قىلدىغىنى ھەممىمىزگە ئايدىڭ،مەن 2008-يىلدىكىنى كۆرمىگەن،لىكىن 2010دىن باشلانغاندىكى كۆز-قارىشىمغا ئاساسەن دەيمەنكى 2010-يىللىرى بارسىلونانىڭ قورقۇنۇشلۇق يىللىرى ھېسابلىنىدۇ،ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىكى ئىسپانىيە كوماندىسىمۇ ھېچكىمنى پوش دىمەيدىغان كوماندا ئىدى،2012-يىلدىكى ياۋرۇپا لوڭسىدىمۇ پەقەت بىرلا توپ كەتكۈزگەن.شۇ ۋاقىتلاردىمۇ بارسىلوناچە ئويناش ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلاتتى،2014 تىكى تىراگىدىيە دەل بارسىلونانىڭ ئويناش ئۇسلۇبىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغانلىقى،ھەمدە مۇداپىيەدە پۇيۇلغا ئوخشاش راۋرۇس تىرەكنىڭ بولماسلىقى،ھۇجۇم كۈچىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى،ھەم ماھېرلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە چارچىشى كەلتۈرۈپ چىقاردى،تېرنېر ئەپەندى ئەلۋەتتە بۇنى ھېس قىلىشى كېرەكتى،لىكىن بوسىك ھەقىقەتەن ياراملىق تېرنېر،قان رەقىبلەرنى بىر يەرگە توپلاپ ئالتە يىل جاھان سورىدى،ئەمدى 2016 ئوخشىمىغان تاكتىكا بىلەن ھۇجۇمغا ئاتلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 14:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش