elan ornielan orni
كۆرۈش: 7252|ئىنكاس: 56

ئىسپانىيەنىڭ يېڭىلىشىغا سەۋەبچى بولغان زادى نېمە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پالۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-20 16:31  

ئىسپانىيەنىڭ يېڭىلىشىغا سەۋەبچى بولغان زادى نېمە؟ tiki-taka راسلا ئۈنۈمدىن قالدىمۇ؟


       ھەمىمىز كۆرۈپ ئۆتتۇق، ئىسپانىيە كوماندىسى ئالدى-كەينى بولۇپ، 2—0 ۋە 5—1 نەتىجە بىلەن ئايرىم-ئايرىم گوللاندىيە ۋە چىلىغا ئۇتتۇرپ قويغاندىن كېيىن، ئۇدا مەغلۇب بولۇپ نەچچە ئون يىل مابەينىدىكى 3- بولۇپ كىچىك گۇرپىدىلا شاللانغان ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيون بولغان دۆلەت كوماندىسى ھىسابلىنىدۇ.ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ باش تېرنىرى بوسىك ئىككى قېتىملىق مۇسابىقىدە ئوخشىمىغان تاكتىكا قوللىنىپ، سەپ شەكلىدە ئازراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئەمما ئاخىردا يەنىلا ھۇجۇمچىلارنىڭ ھۇجۇمىنىڭ قىيىن بولۇشى ۋە مۇداپىيئەدە يوچۇقنىڭ ئېغىر بولۇش مەسلىسىنى ھەل قىلالمىغان.

       تىكى-تاكا مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن،  ئىسپانىيە ئىزچىل مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە مېڭىۋاتىدۇ، ئۇدا 3 قېتىملىق چىمپىيۇن بولۇش ۋە نۇرغۇن مۇسابىقىلەردە چىمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇشبۇ ئۇسۇل ئەمدىلىكتە نېمىشقا بىراقلا ئۈنۈمسىز بولۇپ قالىدۇ؟ نېمىشقا ھازىر ئۇشبۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قارشى تەرەپنى يىڭىش ناھايىتى مۈشكۈل بولىدۇ؟ سەۋبى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ھەم كۆپ خىل ئامىلنىڭ تەسىرىدىن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما تۆۋەندىكى 4خىل ئۇسۇل ھەقىقەتەن ئىسپانىيەنىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتنىڭ دەلىلى.


1.ياشنىڭ چوڭىيىشى بەدەن ساپاسىنىڭ ناچار بولۇشى
ئىسپانىيە گەرچە بۇقېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى ياشتا چوڭ توپچىلار ئەڭ كۆپ كوماندا بولمىسىمۇ، لېكىن ئوتتۇچە يېشى 27 ياش بولغان ئىسپانىيە كوماندىسى يەنىلا ياشتا چوڭ توپچى ئەڭ كۆپ بولغان ئارگىنتىنا(28 ياش) بىلەن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ.ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئىسپانىيەنىڭ ئوتتۇرچە يېشى 26 ياش بولۇپ غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن، جەڭچىلەر كىشى بېشىغا بىر ياش قېرىدى دېگەن گەپ، بولۇپمۇ ئەڭ ئاساسلىق بولغان سەپ شەكلى، يان ھۇجۇمچى ۋە ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىدىن سىرت باشقا سەپ شەكلى ئاساسەن 2010-يىلدىكى سەپ شەكلى بىلەن ئوخشاش.توپچىلار يەنىلا 4 يىل مابەينىدىكى قورۇق ۋە ئىزلارنى يوشۇرۇپ قالالمىدى....‹‹ ئوخشاش بىر تۈركۈم توپچىلارنىڭ نەچچە نۆۋەت ئۇدا چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلىشى ئاساسەن مۇمكىن بولمايدۇ، ئىسپانىيەنىڭ بۇ قېتىملىقى تېخىمۇ قېيىن ئەلۋەتتە››.

   تاغقا ھۇجۇم قىلماق، تاغنى قوغدىماقتىنمۇ قېيىن، ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىغا سېلىشتۇرساق، تۇنجى مەيداندا كۈچلۈك كوماندا سىۋىتزېرلاند بىلەن چۈشكەندىكى 11 ئادەمنىڭ ئىچىدە بۇقېتىم گوللاندىيە ۋە چىلىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندا مەيدانغا چۈشكەن 6 ئادەم ئوخشاش، يەنى : كاسىلاس، راموس، ئالونسو، سىلۋا،ئىنىستا ۋە بۇرگۇس يەنە زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشكەن توررېس، مەيدانغا چۈشمىگەن خاۋى، بىلىيا،فابرىگاس ۋە پىك، ئاساسلىق ھەممىسى ئىسپانىيەنىڭ 6 يىل مابەينىدىكى ئەڭ قالتىس ۋە ئىقتىدارلىق توپچىىرى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ، نۇرغۇن ماختاشلارنى ئاڭلىغان، ئۇلار شان-شەرەپكە تويۇنۇپ بولغان، شۇڭا ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدەك جۇشقۇن، ياخشى كەيپىيات بىلەن جەڭ قىلىدىغان، شان-شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە رازى بولغىدەك ئۇ روھلاردىن ئەسەرمۇ يوق.

ئىككىي يىلنىڭ ئالدىدا، تەلىيى بىلەن نۇقتا توپقا تايىنىپ پورتىگالىيەنى مەغلۇپ قىلغان، بۈگۈنكى كۈندە بولسا غالجىرلاشقان(قىساسكارلار) گوللاندىيە ۋە چىلى ئالدىدا ، بوسىك ئۇلارنىڭ (ئىسپانىيە كوماندىسى) تولۇپ-تاشقان جۇشقۇن كەيپىياتى ۋە ئىشەنچ-ئىرادىسىنى مۇقىم ساقلاپ قالالمىدى.تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىلا كۆرۈپ ئۆتتۇق، ئۇلارنىڭ كىينكى مەيداندىكى كەيپىياتى ناھايىتى تۇراخسىز، ئىرادىسى كەمچىل، خۇددى ئاللا بۇرۇن شاللىنىش(يىڭىلىش) نى بىلىپ بولغاندەكلا، ناۋادا ئۇلار بېىسپ، جېننى تىكىپ قارشى تەرەپ بىلەن جەڭ قىلغان بولسىدى بەلكىم نەتىجە بىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن ئىدى.



2.چوڭ مۇداپىئە سېپلى ئالدىدا ‹‹قوماندان›› يوق بولۇپ قالدى.(يىتەكلەيدىغان كىشى)

    ئىككى قېتىملىق جەڭدە 7 توپ كەتكۈزىۋەتتى، ئىسپانىيەنىڭ مۇداپىئەلىرىنىڭ چېچىلاڭغۇ،قالايمىقان بولۇشى 64 يىل مابەينىدىكى ئەڭ ناچىرى بولدى.پۇيولنىڭ يوقلىقى مانامەن دەپلا چېنىپ قالدى، پۇيولنىڭ يوخلىقىدىن كېلىپ چىققان زىياننى تولۇقلىغىلى بولمىدى، چۈنكى راموس بىلەن پېكنىڭ ‹‹قوماندانلىق›› ئىختىدارى يەنىلا پۇيولغا يەتمەيدۇ ھەم بارسىلونا كاپىتانىنىڭكىدەك سوغۇققانلىق بىلەن كاللىنى ئۆتكۈر ئىشلىتىپ قارشى تەرەپ مۇداپىئەسىگە تەھدىت سالغۇدەك بىرى كام بولۇپ قالدى، كاسىلاسمۇ ھەم كائىنغا ئوخشاش كانيىنى بوغۇپ قاتتىق توۋلاپ سەبداشلىرىغا قوماندانلىق قىلالمايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان راموس بىلەن پېك بۇقېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ ناچار ماسلاشتى، ئېككىلىسى كۇلۇبلىرىدا مۇداپىئە سېپىلىنىڭ يادىروسى ھىسابلىنىدۇ، لېكىن دۆلەت كوماندىسغا كەلگەندە بولسا پىكىرىنىڭ بىردەك بولماسلىقى، ھەم ماسلىشىشىنىڭ ياخشى بولمسالىقى بىلەن كۆپ يوچۇقلارنى قالدۇرۇپ قويدى.



  يىتەكلىگۈدەك بىر كىشىنىڭ بولماسلىقى بىلەن توپچىلار ئاساسەن چېچىلاڭغۇ ئوينىدى، يۈگۈرۈشنى خالىمىدى، كۈچەپ ئويناشنى خالىمىدى. مۇسابىقە سانلىق مەلۇماتىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى قارشى تەرەپ بىرازىلىيەدىنمۇ بەكرەك كۈچەپ ئوينىدى، ھەم جېنىنى تېكىپ كۆرەش قىلدى: قاپقىچىسى بىلەن مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزاق بولمايلا  ئالماشتۇرۋەتكەن كاراگونىسدىن سىرت، چىلىنىڭ باشقا 9 توپچىسىنىڭ يۈگۈرەش مۇساپىسى 9300مىتىردىن كۆپ، ئارسىدا 7 ئادەمنىڭ مۇساپىسى 10000مىتىردىن ئاشىدۇ،3 ئادەمنىڭ 11000 مىىتىردىن ئاشىدۇ، دىياسنىڭ 12589 مىتىرگە يېتىپ ئادەمنى چۆچىتىدۇ. ئەكىسچە ئىسپانىيەدە پەقەت 5 ئادەمنىڭ مۇساپىسى 10000مىتىردىن ئاشىدۇ، ئۈچى يەنىلا بېك. ئىسپانىيە بارلىق توپچىنىڭ مۇساپىسى 106735 مىتىرگە بارىدۇ، چىلىنىڭ ئومۇمى مۇساپىسىدىن يەنە 8000 مىتىر ئاز، تۇنجى مەيداندىكى رەقىبى گوللاندىيەنىڭكىدىنمۇ 7000 مىتىر ئاز، ئۇنداقتا ئۇتتۇرپ قويۇش تەلەينىڭ كاجلىقىدىنمۇ؟  تەلەي پەقەت يىڭىشنى ئويلىغان كىشىگىلا نىسىپ بولىدۇ.


3. ھۇجۇم قىلىش ۋاسىتىس كەمچىل بولۇش ۋە ياراملىق ھۇجۇمچىنىڭ كەملىكى

    ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت بىرلا نۇختا توپنى كىرگۈزدى، بۇنىڭدىن ئىسپانىيەنىڭ ھۇجۇم قىلىش لىنىيسىدىن تاكى ھۇجۇمچىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس، سۈرەتتىن قارايدىغان بولساق، ئەسلى توررېسنىڭ ئىككى يۆلىنىشدە مۇداپىئەچى بولمىغاچ شۇ يۆلىنىشتە ماڭسا تامامەن بولاتتى، لېكىن ئۇ گۆدەكلەرچە ئوتتۇرا يول بويىچە ھۇجۇم قىلىشنى تاللىدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق يۈگۈرىشى دەل ئىسپانىيەنىڭ ھۇجۇم لىنىيسىنىڭ روھى-ھالىتىنىڭ كارتىنىسى. بىلىيا بىلەن توررېس ئەسلىدىنلا ھەركىتى ئۆتكۈر، ئىنكاسى تىز ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى ئىدى، ئەمما بۇ قېتىم قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىئە پارولىنى بۇزۇش ئەمەلگە ئاشماي قالدى. بىر تەرەپتىن ئاساسى ئەزا كوستانىڭ يارلىنىشى يەنە بىر تەرەپتىن ئالدى-كەينى ھۇجۇمچىلارنىڭ ماسلىشىالماسلىقى، بوسىكنىڭ ئۈنۈملۈك بولغان B تاكتىكىسىنى ئوتتۇرغا چىقىرالماسلىقىدىن كۆرسەك بولىدۇ.ئىتالىيەۋە ئېنگىلاندا بىرلەشمىسىدە ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان ئەمما بوسىك تەرىپىدىن ۋاز كېچىلگەن نېگرىدو ۋە لېرىنتو، پەقەت تېلۋىزور ئالدىدا دۆلىتىگە مەدەت بېرىشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى، ئەسلى مۇشۇ ئىككى توپچىنى ئەكىرىدىغان گەپتى.


ئىسپانىيە بۇ 2 قېتىملىق مۇسابىقىدە كەتكۈزگەن توپلىرىدا، ھەقىقەتەن توپنى كونتىرول قىلىشقا ماھىرلىقىنى ھىس قىلالايمىز، لېكىن توپنى كونتىرول قىلىشنىلا بېلىپ، تېپەلمىسە يەنە نىمىگە پايدىس بار؟تۆمۈر سەپ شەكلىنى بۆسۈش بولسا دائىم ئىشلىتىدىغان ھۇجۇم ئۇسۇلى، يېراقتىن تېپىشتىن سىرت يەنە ئىككى تەرەپتىن يۇقۇر تېخنىكىلىق كاللا توپىنى پاس بېرىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن بوسىك يان تەرەپتىن كاللا توپقا پاس بېرىشكە ماھىر نېگىردو بىلەن لېرىنتونى تاللمىدى.ئىسپانىيە پۈتۈن مۇسابىقىدە 20 قېتىم ئوڭۇشلۇق پاس بېرىپ بىرنىمۇ سولىيالمىدى، ئەمما چىلى 3 قېتىم ئوڭۇشلۇق پاس بېرىپ بىرىنجى توپنى سولىدى.



4.جەڭ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتمەي، دۈشمەننىڭ ئسىپاننىڭ جەڭ تاكتىكىسىنى تولۇق بېلىۋېىلىشى

tiki taka ئۇسۇلى بولسا ئەڭ ئاۋال ئارگونىس ۋە گۇۋادىيولا تەرىپىدىن ئىلغارلاشتۇرۇپ ۋە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، بوسىك بۇ ئۇسۇلنى ئەينەن قوللاندى.لېكىن پۇتبولنىڭ ئويناش ئۇسۇلى ھامان تەرەققىي قىلىدۇ ۋە يىڭىلىنىپ ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ.ئىسپانىيە كوماندىسى بۇرۇن ناھايىتى گۈللەنگەن بولسىمۇ ئەمما كېيىن ئۇلارنى كۈتىدىغىنى ئەڭ كۈچلۈك رەقىپ ۋە توسقۇنلۇق ھەمدە جەڭدىن ئىبارەت، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئويناش ئۇسۇلى ئاللا بۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپ ۋە ئاشكارلىنىپ بولغان.


ئىسپانىيەچۇ؟ گوللاندىيەگە يىڭىلىپ قالغاندىن كېيىن،ھەممىسى ‹‹ بىز ھەرگۈزمۇ ئۆزىمىزنىڭ پۇتبول پەلسەپىۋىسىنى ئۆزگەرتمەيمىز››دېدى، قانداق بۇگەپ تونۇش ئاڭلاندىمۇ؟ بۇ بارسىلونانىڭ ئۆتكەن ئىككى يىلدا  دېگەن سۆزى بىلەن بىردەك، ئۇلارنى بۇنى پىچەتلەپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشىنى خالىمىدى، شۇڭا تۆككەن بەدىلى مانا مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق بولدى.
ئىككى قېتىملىق كىچىك گۇرۇپ مۇسابقىسى، ئىسپانىيەنىڭ توپنى كونتىرول قىلىش نىسپىتى 65% كە يەتكەن، بىراق نۇرغۇن مۇسابىقە ۋاختى شۇنداق ئوتتۇرا مەيداندا ئۆز-ئارا پاسلىشىپ يا ھۇجۇم قىلماي ئىسراپ بولۇپ كەتتى، چىلى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بۇقا سوقۇشتۇرغۇچىلارنىڭ  74% توپنى كونتىرول قىلىش ۋاختى ئاساسەن ئوتتۇرامەيدان ۋە ئارقا مەيداندا ئۆتۈپ كەتتى، ئوتتۇرا مەيداننىڭ 30 مىتىر دائىرسىدا 52%كە يەتتى. ئۆز-ئارا پاسلىشىشپ ئىسراپ قىلغان ۋاختى يەنىلا ئىسپانىيەنى چىلىنىڭ يىڭىشىدىن ساقلىيالمىدى، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدىمۇ قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا توپنى ئاپىرالمىدى، ھۇجۇمچىلارمۇ كۆپ توپنى كەتكۈزۈپ قويدى، كوستانىڭ پۈتۈن مەيداندا پۇتىغا تەككەن توپ سانى  پەقەتلا21 قېتىم، بىراق قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمچىسى سانچىس ۋە ۋارگاسنىڭ توپ بىلەن ئۇچىراشقان ئومۇمىي سانى 90قېتىمدىن ئاشىدۇ.
ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، ئىسپانىيە ئوخشاشلا بارسىلونانىڭ ئويناش ئۇسۇلىنى قوللاندى، شۇڭا بارسىلونامۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى يىل مابەينىدە ئاساسى كۈچىنى يوقىتىپ قويدى، خانجەمەتى مادىرىت ۋە ئاتلىتكو مادىرتلار بولسا قايتىدىن باش كۆتۈرشى بىلەن دۆلەت كوماندىسىنىڭ سەپ شەكلىدىمۇ ئازراق ئۆزگۈرۈش بولدى. چىلى بىلەن بولغان جەڭگە قاراپ باقساق، ئارقا بەلدىكى تۆت بېك ئوخشىمىغان تۆت كۇلۇبتىن كەلگەن، خاۋېينىڭ ئوتتۇرا مەيداننى سېلۋاغا ئۆتۈنۈپ بېرىشى، ھەممىسىنىڭ ئويناش ئۇسۇلىنىڭ تۈپتىن ئوخشىماسلىقى ھەمدە قىسقا مۇدەتلىك مەشىقتە پۈتۈنلەي ماسلىشىپ بولالماسلىقىدەك بىر قاتار مەسىلەر مەۋجۇت......


مانا مەسىلىلەرنىمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ چىقتۇق، ئەمدى بوسىك بىلەن كاسىلاس نېمە دەيدۇ ئاڭلاپ باقايلى.

بوسىك:‹‹ بىز گوللاندىيەگە يىڭىلىپ قالغاندىن كېيىن چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يەتتۈك، مەيلى تاماشىبىن بولمىسۇن مەيلى ئاخباراتچىلار بولمىسۇن، ھەممەيلەن ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن بىزگە مەدەت بەردى ۋە قوللىدى، توغرا، بۇ كوماندا شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان ۋە قولغا كەلتۈرگەن ھەم كىشلەرمۇ ناھايىتى ھاياجانلانغان ۋە خۇشال بولغان ، ئەلۋەتتە بۈگۈن كۈتىۋالدىغىنىمىز شۈبھىسىزكى قايغۇ بولاتتى، كوماندىنىڭ تېرنىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىز بۇرۇنلا مۇشۇنداق ئازاپنىڭ بېشىمىزغا كېلىدىغىنىنى بېلەتتۇق، ھەم كۆڭلىمىزدە تەييارلىق كۆرۈپ قويغان.بىز ئويلايمىز، بىزيەنە ئازراق ۋاقىتقا موھتاج، ئاستا-ئاستا غايەت زور ئۈمۈدسىزلىكتىن مېڭىپ چىقىمىز.

كاسىلاس : ‹‹ مەن كۆپچىلىكتىن بىزنى كەچۈرۋېتىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن، بىز ئەسلى بۇنداق تەپمەسلىگىمىز كېرەكتى،بىز ھەممىمىز ھازىر قاتتىق ئازاپلىنىۋاتىمىز،بىراق بىزچوقۇم قەيسەرلىك بىلەن ئالدىغا قارىشىمىز كېرەك.›› ئىسپانىيەنىڭ شاللىنىشىنى بىز ،بىر ئەۋلات ئالتۇن توپچىلارغا بېرىلگەن ھۆرمەت دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ.بىراق كاسىلاس بۇ مەسىلىگە قارىتا  ئېنكارقىلىپ :‹‹ مېنىڭچە ھازىر بۇنى مۇلاھىزە  قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس، مېنىڭچە ياخشى توپچى چوقۇم قېپ قالىدۇ، مەيلى قانداقلا ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتتينەزەر بىز چوقۇم ئالدىغا قارىشىمىز كېرەك، ھۆرمەت بىلدۈرۈش مەسىلىسى، ھازىر راسلا ۋاختى ئەمەس›› دېدى.


98-يىلدىكى چىمپىيۇن فىرانسىيە2002-يىلى ئاسانلا شاللانغان،2002-يىلدىكى چىمپىيۇن بىرازىلىيە2006-يىلى ئاسانلا شاللانغان،2006-يىلدىكى چىمپىيۇن ئىتالىيە2010-يىلى ئاسانلا شاللانغان،2010-يىلدىكى چىمپىيۇن ئىسپانىيە2014-يىلى ئاسانلا شاللاندى، تارىخ تەكرارلاندى، مەيۈسلەنمەڭلار يىگىتلەر، سىلەرگە پۇرسەت بار ئۇبولسىمۇ 2016-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى ۋە 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ، توغرا بىز كاسىلاسقا دېگەنگە ئوخشاش ھەرقانداق ئىشقا يولۇقۇشتىن قەتتىينەزەر چوقۇم ئالدىغا قارىشىمىز كېرەك، غەيرەت قىل ئىسپانىيە! ھامان بىركۈنى سەن يەنە 2010 دېكىدەك ھاياجان بىلەن قاتتىق ۋارقىرايسەن!!!!



      مەن ئىسپانىيەنىڭ مەستانىسى بولغاچ، مۇسابىقىنىڭ بۇنداق ئېچىنىشلىق بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغاندىم، بار كۈچۈم بىلەن، تېلۋىزور ۋە كومپىيۇتېر ئالدىدا ۋارقىراپ تۇرۇپ كۆرۈپ كېتىپتىمەن، قەدىمدىن تا ھازىرغىچە قۇرۇلغان قايسى بىر سەلتەنەتلىك پادىشاھلىق گۇمىران بولمىغان؟ شۇڭا ئىسپانىيەمۇ تارىخنى قايتا تەكرارلاتتى، ئىسپانىيەدە بۇ قېتىم مەسىلە ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر، شۇڭا مەن ئۈمۈد قىلىمەنكى، كېيىنكى دۇنيا لوڭقىسىدا بىلەكچە روھ ۋە جەڭگىۋارلىق تولۇپ تاشقان ئىردا بىلەن جەڭگە چىقىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن.
       تۈنۈگۈندىن بېرى ئولتۇرۇپ يېزىپ سەل چارچاپ قالغاچقا، خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەسمەن، ھەرقانداق تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى قوبۇل قىلىشقا تەييارمەن، لېكىن چىرايلىقچە بولسا، يەنە بىرسى بۇنى تەرجىمە قىلىپ يېزىپ چىقىشمۇ ئاسانغا توختىمىدى، بەزى يەرلەر خاتا بوپ قالغاندۇ ئەتىمالىم، تۈزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلارنى شۇنداقلا ئەمگىكىمگە ئازتولا ھۆرمەت قىلىشىڭلارنى، قالايمىقان ئېنكاس يازماسلىقىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنۈپ

پالۋان!


خەيىر-خوش ئىسپانىيە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-20 18:52:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيەنىڭ خاتالىقى دەل بوسىكنى داۋاملىق باش مەشقاۋۇل قىلغانلىقىدا. ئىسپانىيەنىڭ بۇ يىلقى بالىلىرىمۇ ناچار ئەمەس. گەپ يوق 4كۈشلۈككە كىرەلەيدىغان سەرخىل توپچىلا. ئەمما قوماندان كارغا كەلمەيدۇ. قىرى بوسىك بۇ قىتىم ئىمتاھاندىن كۆچۈرۋاتقاندا مۇئەللىم قەغىزىنى تارتىۋالدى. 2010دىن باشلاپ گو مەشقاۋۇلدىن تازا كۆچۈرۈپ ئۇدا 2 يىل 100نۇمۇر ئالغان. ئەمما بۇ قىتىم كۆچۈرۈشنى قاملاشتۇرالمىدى. بۇ يىلقى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنىمۇ ئىسپانىيە كۇلۇبى. 2-بولغۇچىمۇ ئىسپانىيە كۇلۇبى. ياۋرۇپا ئىتىپاق چىمپىيۇنىمۇ ئىسپانىيە كۇلۇبى.ئەمما ئۇلانىڭ ئىچىدە باسا يوق. لىكىن بوسىل ئاللا قاچان ئىمتاھاندىن 50نۇمۇر ئىلىپ قىپ قالغان ئادەمنىڭ قەغىزىنى شۇ پىتى كۆچۈرىۋالدى. كۆچۈرۈش توغرا كەلسىمۇ ئوت كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئىككى مادرىت كۇلۇبىنىڭ بىرسىنىڭ ئۇسلۇبىنى كۆچۈرگەن بولسىمۇ ئىسپان ئوخشاشلا چىمپىيۇنلۇق دەرۋازىسىغا يىقىن ئىدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +75 يىغىش سەۋەبى
پالۋان + 10 قوللاش!
dilhux + 40 توغرا !
تۇمشۇق + 25 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-24 12:07:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇنلۇق پەرەز قىپسىز ،ئەمما تاكتىكىنىڭ باشقىلار تەرىپىنى بايقىلىپ قېلىشىنىڭ بىر كوماندىنىڭ يېڭىلىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولىشىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۆزلەرنى ئاخباراتچىلار تولا دەيدۇ.ئىسپانىيە ياۋرۇپا لوڭقىسىنى ئىككى قېتىم، دۇنيا لوڭقىسىنى بىر قېتىم ئالغاندا يېپىق شەكىلدە ئوينىمىغان بەلكى ھەر مەيدان مۇسابىقىدە نۇرغۇن تاماششىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا،ھەر مەيدان مۇسابىقىدە 32كامىرانىڭ ياردىمى بىلەن 200نەچچە دۆلەتكە نەخ مەيداندىن تارقىتىلىپ،نەچچە يۈز مىليۇنلارچە ئادەمنىڭ بىۋاستە تارقىتىلىشنىڭياردىمىنى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى.ئەپسۇس ئۇلار يەنىلا يېڭىلدى.ئۇلارنىڭ يېڭىلىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەپ:توپچىلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشى پۇيۇلدەك يولباشچىنىڭ چېكىنىشى ھەم ياشلاشقان كۈچلۈك دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىپ ،قېرىلاشقان ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ يېڭىلىشىغا سەۋەپ بولدى.تېرىنىردا ھېچقانداق خاتالىق يوق دەپ قارايمەن.ئۇنى بەزىلەر بەك مەسخىرە قىلدى مۇنبەردە.ئەمما ياۋرۇپانىڭ ھەم دۇنيانىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى ئالغان ئۇ تېرىنىردىن گۇمانلىنىش ئەخمەقلىق

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
پالۋان + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 17:55:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خۇشخۇي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-20 18:22  

نۇرغۇن نەرسىلەنى يىزۋەتمەكچىتىم بولدىلا ، مىنىڭ قارشىمدا ئىككى قانات قەتتى ئەسقاتمىدى بۇلۇپمۇ  ئارقا سەپتىن يارىدەمگە كىلىدىغان ئالبا بىلەن ئاسپىكۇيتا ، بۇلۇپمۇ ئاسپىكۇيتانىڭ كاللىسى تازا سەگەك ئەمەسكەن ، يەنە بىرسىگە ئىسپانىيەنىڭ ھۇجۇمچلىرى ئىچىدە مۇشۇ كوستانى مەن سەل ياخىش دەپ بىلدىم ، لىكىن بۇ ئاداش تىكىتاكىغا قەتتى چۇشمەيدىكەن ئەمەسمۇ ، تىكىتاتا ئوينىماي قاچانلا قارسا بىر يەردىن ئۇزۇن پاس كىلىدىغاندەك ئالدىغا ئىتىلىپ باقىدىكەن ئەپسۇس تىكىتاكىغا كۇنۇپ قالغان كوماندىدا تۇيۇقسىز ئۇزۇن پاس تاشلايدىغانلار چىقماي قالدى ، بوسىكنىڭ كاللىسى راسلا ئىشلىمەيدىكەن ، گولاندىيەگە ئۇتتۇرغاندىكىن مەيداندا ئۆزگەرتىش قىلمامدۇ دەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 20:35:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولەت كەتسە ھەتتا شاھنىڭمۇ.دوڭدىن قوراي تەرمىكى باردۇر..  كىمدىن كورىمىز . بارسلونا ئىسپان دەۋرىنىڭ يادروسى ئىدى.. بارسلونا بىلەن تەڭ سارغايدى.. قانداقلا بوپمىسۇن دەۋىر ئاچقانلارغا ھورمەت...      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 18:56:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-6-20 18:48
ئاۋىستىرالىيە بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىنىمۇ قالدۇر ...

كۆسەكمۇ يەنە شۇ.ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇردىغان تىكى تاكىدىن باشقا نەرسە يوق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 18:44:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپاننىڭ شاللىنىپ كىتىشى قانداقتۇر نىگىرىدۇ ۋە لىرۇنتىنى ئالمىغانلىقتىن ئەمەس. پەقەت ۋە پەقەت ئاللا قاچان كۈچىنى يوقاتقان ئاقماس تىكى تاكا ئۇسۇلىنى يەنە دۇنيا لوڭقىسىغا ئىلىپ كىرگەنلىكتىن بولدى. ئىسپانىيە ئالدىنقى قىتىملىق چىمپىيۇن. ھەم ئۇلارنىڭ ئويناش ئۇسۇلى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان بوپ كەتتى. شۇڭا دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن گوللاندىيە،بىرازىلىيە،ئىتالىيە ...قاتارلىق بارلىق كۈشلۈك كوماندىلا شۇنداقلا چىلىغا ئوخشاش ئىسپان بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەنلە ئۇلانىڭ تىكى تاكىسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە ئالاھىدە تەييارلىق كۆرۈشى مۇقەررەر ئىش.ھەم ناھايتى ئاسان. بىرازىلىيە بىر يىل بۇرۇنلا ئۇلاغا تاقابىل تۇرۇشنى بىلىپ بولغان يەنى 3توپ بىلەن تىكى تاكىغا زەربە بەرگەن.گوللاندىيەمۇ 2010نىڭ قىساسىنى ئالىمىز دەپ تەجىربىسى مول ۋانجالنىڭ باشچىلىقىدا ئاللا بۇرۇن تەييارلىق كۆرۈپ بولغان. شۇڭا چىقىپلا 5شاپىلاق سالدى. شۇنداق تۇرۇپمۇ يانماي يەنە ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئۆزى ئىلىپ تىكى تاكا ئويناۋەگەن چىلى جىنىدا كىلە دەپ كاللىدىن 2نى قويۇپ ياتقۇزىۋەتتى. ئەمدى ئاخىرقى ئايلانمىدا ئاسىيادىن چىققان ئاۋۇستىرالىيەمۇ ئاۋارە قىلىدۇ ئۇلانى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 18:36:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم تاللاشتا باشقىسىغىمۇ مەيلى، ما پىك دىگەن قېرى باچكىنىڭ گۆشىنى يەپ تۈگىشىپ كەتكەن گۇينى ئالماسلىقى، ئالغان تەقدىردىمۇ زاپاس قىلىشى كېرەكتى. بويىدىن باشقا ھېشنىمىسى يوق دېسەك ئارتۇق كەتمەس ھازىر. ياكى ئىسپانىيەدىن تۈزۈكرەك ئوتتۇرا بىك تېپىلمىغانمىدۇ يە ئۇنىڭدىن باشقا؟ يەنە بىرگە ۋىللا، ۋىللا، توررىس ئىككىلىسىگە يۈز بەرگىنىدۇ بەلكىم، بىرسىگە يۈز بەرسىلا بولدىغۇ، ۋىللانىڭ ئورنىغا نىگرىدونى ياكى لورىنتنى تاللىشى كېرەكتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار ھاۋا شارائىتىغا كۆنەلمەي قېرىلارنىڭ قېرىلىقى تېخىمۇ چاندى. شاۋىنىمۇ زاپاس قىلىپ ئىشلەتكەن بولسا ياخشى بولاتتى ئەسلى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 17:23:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراپ تۇرۇڭلار سىكولارىمۇ ئاز قالماي ھۇجۇمغا ھاياتى كۈچ قۇشىدىغان كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان كاكانى ئالمىغىنىغا مىڭ پۇشايمان يەپ.مۇشۇنداق مۇنازىرلەرنىڭ پىلتىسى بۇلۇپ قالىدۇ...بىرزىليەنىڭ ھۇجۇم كۈچىمۇ شۇقەدەر تۆۋەن...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
WiRoS + 50 راسلا ......
مىلەن + 50 كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر.......

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 16:47:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-20 16:48  

ئاۋال يۇقارقى تەھلىلىنى بىزلەرنىڭ ھوزۇرىمىزغا سۇنغا قوش يۈزلۈك پالىۋانغا كۆپ رەھمەت.
ئەمدى دىگۈدەك قەتتى باشقا گەپمۇ قالمىدى. نىمە دەيمىز، يىڭىلگەن يىڭىلگەن بولدى. بۇلارغا تەنىقىدى پىكىرلەرنىڭ بىرىلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپمۇ قالدى.(ئەمما ئىلمىلىك بىلەن).
ئىسپان كوماندىسى ئەزالىرى قايتقاندىن كىيىن ھەممىسى كۇلۇبلىرىدا بىربىرىسىگە قان رەقىبلەردىن (ئەمەلىيەتدە ھەممە دۆلەت كوماندىسى بۇنڭدىن مۇستەسنا ئەمەس). مادىردنى ئاساس قىلغان ۋارىتار، مۇداپىيە ئەزالارنى چاكىنىلىق بىلەن ئاقلاپ يۈرۈش شۇنداقلا، بارسېلونانى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا مەيدان ۋە ئالدى بەل ئورۇنلىرىدىكى ئەزالارنى ۋە دۆلەت سىرتىدىكى بىرلەشمىلەردە توپ تىپىۋاتقىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن كارغا كەلمىگەن ھۇجۇمچىلارنىمۇ تەڭ مازلىشىپ ئاقلاپ يۈرۈشنىڭ پەقەت زۆرۈرىيتى يوق.
ئۇلار ھامىنى دۆلەت كوماندىسىدا  پۈتۈن بىر گەۋدە. بىرمەزگىل ھەممىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىۋەتكەنلەر، ئەمدى بولغىنىدا بۇنداق نەتىجىلەرنى يارىتىپ قويۇشقانلىرىدا چوقۇم بىز مەستانىلەرنىڭ ھەرقانداقلىكى نارزىلىقىنى ۋە پىكىر-تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ۋە تولۇق ئاڭلىشى تولىمۇ زۆرۈر.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +20 يىغىش سەۋەبى
پالۋان + 20 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 16:50:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلىمىزدى  بىرسى  بۇ  يېل  ئېسپانلار  قىززىق  نوختا  ئەمەس  .مەن  ئۇلارنى  مۇشۇ  يەردىكى  ئۇششاق  باللارنى  باشلاپ  بىرپمۇ  ئۇتۋالمەن  دىگەن  ئېدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 16:55:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2014-6-20 16:50
مەلىمىزدى  بىرسى  بۇ  يېل  ئېسپانلار  قىززىق  نوختا  ئەمە ...

ئەجەپ ئوخشاش كەلدى بۇ ئىش قىرىكا،،،

ئەتىگەن بامداتدىن يىنىپ بىردەم ھاۋا يەي دەپ سۈت-قايماقنىڭ كوچىسىنىڭ ئىغىزىدا  تۇرسام، كوچىنىڭ 10 نەچچىدە ياشانغان، قىرى-مويسىپىتلىرى دىيشىپ كىتىپتۇ(ما ژىلقى ئىنگىلاند كوماندىسىنى تۇسناخۇن ئۇستام بىلەن ئەمىتاجىمكام ئىككىمىزلا پاخشەك قىلىۋىتىدىكەنمىز جۇمۇشسىلا) دەۋاتقىنى ئاڭلاپلا ساڭا يەتكۈزۋەتتىم قىرىكا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 17:02:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوسىك ئادەم تاللاشتا كەتتى، ھېچ بولمىسا كارۋاخالنى ئېلىۋالغان بولسا روبىن ئۇنچە ئېچىلىپ ئويناپ كەتمەستى…
ھۇجۇمغا توررىس بىلەن ۋىللانى ئېلىپ بارغۇچە نىگىرىيدۇ بىلەن لۆرىنتنى، ئوتتۇرا مەيدانغا ئالونسۇ بىلەن شاۋىنىڭ ئورنىغا ناۋاس بىلەن ئىسكونى ئېلىۋالغان بولسا ياشلارنىڭ قىززىپ تۇرغان قېنى بىلەن بولسىمۇ ئازراق تىركىشەلىگەن بولاتتى…
راموس بىلەن ئىنىستانىلا ئېلىپ قېلىپ ياشلاردىن تەركىپ تاپقان كوماندا قۇرۇش ۋە بۇ كوماندا ئۈچۈن تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارالايدىغاب تېرىنىردىن بىرنى تەكلىپ قىلىش كېرەك…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 17:10:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-6-20 17:02
بوسىك ئادەم تاللاشتا كەتتى، ھېچ بولمىسا كارۋاخالنى ئې ...

ئوخشاش پىكىر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 17:14:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ يىل بۇلارغا بەك تەس كەلىدى ............ روسىيەدە يىڭىچە ئىسپانىيەنى كورسەك بولىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 17:27:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيە يەنە 2 -3 نوۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسغىچە قىززىق نوقتا بولالمايدۇ .

ھەي بوسىك ..  شەھەردىكى نىگردونى ئالغان  بولساڭمۇ كوستادىگەن تاسمىنىڭ ئورنىغا خېلە ئەسقاتاتى ئەمەسمۇ  ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 17:45:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيرىخش تىكى تاكا       ئەمدى    ئىككىنچى كۇرۇنمە   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 18:14:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيە ياشلاشتۇرۇش ئېلىپ بارمسا بومايدغان يىرىگە كەپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-3-6 02:06

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش