elan ornielan orni
كۆرۈش: 4519|ئىنكاس: 78

بىلىۋېلىڭ! بىلىۋېلىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-14 15:55:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-31 10:46  

يېقىندىن بۇيان، 2016 - يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ، قازاقىستان، ئىسرائىلىيە، تۈركىيە، جەبىلتارىق قاتارلىق كوماندىلارنىڭ ياۋروپا دۆلىتى سۈپىتىدە مۇسابىقە ئوينىشى مۇنبەرداشلىرىمىزنى بەزى گاڭگىراشلارغا سېلىپ قويدى. مەن مۇشۇ سەۋەب بىلەن مۇشۇ ھەقتىكى بەزى نەرسىلەرنى مۇنبەرداشلارغا سۇنماقچىمەن:

1. قازاقىستان
04.png
  
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىمىزغا ناھايىتى تونۇشلۇق بىر دۆلەت. ئۇ بىز ئۈچۈن، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەر ھەتتا ئۆزى ئۈچۈنمۇ ئاسىيا دۆلىتى، لېكىن 2002 - يىلىدىن بۇيان ياۋروپا دۆلىتى سۈپىتىدە مۇسابىقە ئويناۋاتىدۇ.
  سەۋەبى: 1991 - يىلىدىن بۇرۇن، قازاقىستاننىڭ ئۆزىنىڭ كوماندىسى بولمىغان، سەۋەب 15 دۆلەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەپ بىرلا كوماندىغا تەئەللۇق بولغان. 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنى تاللىغان، لېكىن نەتىجىسى ئىزچىل دېگەندەك ياخشى بولمىغان. 2002 - يىلى 7 - ئايدا قازاقىستان پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە "قايتىش" ئىلتىماسىنى سۇنغان ۋە تەستىقلانغان. ئۇلارنىڭ "قايتىش" سەۋەبى: 1. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىش ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرەلەيدىكەن، يەنە كېلىپ ئۇلار ياۋروپا كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىلەشسە ئاسىيا كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندىكىدىن ياخشى ئوينىيالايدىكەن. 2. ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى تەئەللۇق جۇمھۇرىيىتى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ياۋروپا دۆلىتى بولغاچقا ئۇلار ياۋروپا قايتىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق ئىكەن. دېمەك، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ ياۋروپا قېتىلىشىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىمۇ بار بولۇشى مۇمكىن.
  ئەمىسە، قازاقىستان نېمىشقا ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ؟ سەۋەب: قازاقىستان ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى ئاسىيا ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىغا تەۋە، بۇنى ئۇلار پۇتبول تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتكەندەك ئاسانلا ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇ خۇددى ئەنگىلىيەنىڭ پۇتبولدا تۆتكە بۆلۈنگىنى بىلەن، ئولىمپىكتا بىرلا دۆلەت بولۇپ قاتناشقىنىغا ئازراق ئوخشاپ قالىدۇ.  

2. ئىسرائىلىيە

03.gif

ئىسرائىلىيە جۇغراپىيە ۋە تارىخ ئىلمىدە %100 ئاسىيا دۆلىتى. ئىسرائىلىيە بىزگە بەك تونۇش. ئۇنداقتا، ئىسرائىلىيە نېچۈن ياۋروپاغا ۋاكالىتەن پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ؟
  1. ئىسرائىلىيە 1956 - يىلى ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان. رەھىمىسىز ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. بۇ رايوندىكى ئەرەب - ئىسلام ئەللىرى "جوھۇت" دەپ ئاتايدىغان بۇ ئەل بىلەن مۇسابىقىلىشىشنى ئارقا - ئارقىدىن رەت قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. ئىسرائىلىيە 1970 - يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە كىردى. شۇ يىلى ئۇ ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن چىقىپ كەتتى ۋە 25 يىلغا يېقىن ھېچقانداق رايونغا تەۋە بولماي، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىنى ھېلى ياۋروپاغا ھېلى ئوكيانىيەگە ئوينىدى. 1994 -  يىلى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە رەسمىي ئەزا بولدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئەمەلىي كۈچى خېلى ئېشىۋاتىدۇ.
  2. ئىسرائىلىيە ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئاسىيا ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ھەيئەت دۆلىتى ئەمەس. ئىلگىرى پەقەت 1956 - يىلىدىكى 2 - نۆۋەتلىك مانىلا ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ باققان.

3. تۈركىيە
02.gif

  تۈركىيەمۇ بىزگە تونۇشلۇق دۆلەت. ئۇ پۇتبولدا مەيلى دۆلەت كوماندىسى بولسۇن ۋە ياكى كۇلۇبى جەھەتتە بولسۇن خېلى كۈچلۈك دۆلەت.
   تۈركىيە تارىخ ۋە جۇغراپىيە ئىلمىدە ئاسىيا دۆلىتى دەپ قارىلىدۇ، ئۇ جايلاشقان ئانتولىيە يېرىم ئارىلى ئەزەلدىن "كىچىك ئاسىيا" دېيىلىدۇ. لېكىن ئۇ سىياسىي ۋە تەنتەربىيە جەھەتتە ياۋروپا دۆلىتى. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەدرىجىي يېقىنلىشىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوللاۋاتقانلىقى ئۇنىڭ ياۋروپا دۆلىتى ئىكەنلىكىنىڭ سىياسىي ئاساسى. ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ بىر قۇر جۈملىلا ئۇنىڭ نېمىشقا ياۋروپاغا ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ.
  تۈركىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 1923 - يىلى قۇرۇلغان. 1962 - يىلى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە كىرگەن. لېكىن 1956 - يىللىلا گالاتاساراي كۇلۇبى ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىغا قاتناشقان، 1954 - يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگىمۇ تۈركىيە ياۋروپا سۈپىتىدە قاتناشقان.
  ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۆجىزىلەر ھەممىڭلارغا ئايدىڭ.

4. جەبىلتارىق
01.gif

  جەبىلتارىق ئېبىرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەنگىلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىسپانىيەنىڭ بۇ ئارالنى قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئىرادىسى كۈچەيگەن بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك ئاھالىنىڭ ئەنگىلىيەنىڭ ھامىيلىقىدا تۇرۇۋېرىش ئىرادىسى كۈچلۈك بولغاچقا، يەنىلا ئەنگىلىيەنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يۈكسەك ئاپتونومىيە ھالىتىدە تۇرماقتا. ئۇنىڭ بايرىقىدىكى ئەنگىليەنىڭ بايرىقى مۇشۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. بۇ يىل جەبىلتارىق تارىخىدا تۇنجى قېتىم ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتناشتى. نوپۇسى 30 مىڭ.

    111.png
   جەنۇبىي ئامېرىكا
  جەنۇبىي ئامېرىكىدا 12 دۆلەت 2رايۇن بار (بىرسى فىرانسىيەگە قاراشلىق گىۋايانا ئارىلى)  بار. گىۋىيانا، سورىنان قاتارلىق 2دۆلەت شىمالىي ئامېرىكا كارىپ رايۇنى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى شۇڭا ھەر قېتىم جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن ساھىبخان دۆلەت باشقا قىتئەدىكى 2دۆلەتنى تەكلىپ قىلىدۇ. ( بۇ نۆۋەتتىكىسىگە  يامايكا بىلەن  مېكسىكىنى تەكلىپ قىلغان)  
   سەۋەبى زادى نېمە؟
     گىۋىيانا ۋە سورىنان جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان دۆلەت. گىۋىيانا ئارىلى بولسا فىرانسىيەگە قاراشلىق كۆچمەنلەر رايۇنى. بۇ دۆلەتلەر ئىلگىرى گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيەلەرنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن پۇتبولدا شىمالىي ئامېرىكا رايۇنىنى تاللىغان. (خۇددىي ئاۋستىرالىيەگە ئوخشاش قىتئە ئاتلىغان)
     گىۋىيانا 1966-يىلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان.  ئاساسلىق مىللەتلەر ئىندىنئانلار بىلەن نېگىرلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.(نوپۇسى 752مىڭ)؛ سورىنان 1954-يىلى گوللاندىيە پادىشاھلىقىنىڭ چەتئەلدىكى ئۆلكىسى بولۇپ قالغان. 1975-يىلى مۇستەقىل بولغان. سورىنان مەيلى نوپۇس جەھەتتە ۋە ياكى يەر مەيدانى جەھەتتىن بولسۇن جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ كىچىك نوپۇسى ئەڭ تۆۋەن دۆلەت (560مىڭ)  
    گىۋىيانا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 1904-يىلىلا قۇرۇلغان. دۆلەت كوماندىسى 1976-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارالىق  مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى باشلىغان.  1978-يىلى تۇنجى بولۇپ دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە شۇ نۆۋەتلىكتىن باشلاپ ئوتتۇرا ئامېرىكا كارىپ رايۇنى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنى تاللىغان. گەرچە گىۋىيانانىڭ پۇتبول جەھەتتىكى سەۋىيەسى يۇقىرى بولمىسىمۇ  ئەمما ئۇلارمۇ  ياخشى نەتىجە ياراتقان. 2011-يىلى دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە 2:1 نەتىجە بىلەن 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان ترنادو توباگو كوماندىسىنى يەڭگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىدىن پەخىرلىك نەتىجىسى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەردىن بىرسى بولغان ھىندىستان كوماندىسىنى 2:1 نەتىجە بىلەن يەڭگەن.
  فىرانسىيەگە قاراشلىق گىۋىيانا ئارىلى بولسا ئوخشاشلا كارىب رايۇنىدىكى ئەزاسىدۇر. ئەمما خەلقئارا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى بولمىغاچقا خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيتى يوق پەقەت كارىب رايۇنىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشالايدۇ.
  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 8مۇنبەر پۇلى +380 تۆھپە +5 شۆھرەت +5 تەجرىبە +5 يىغىش سەۋەبى
پەرۋەر + 50 بىلمىگەننى بىلىۋالدۇ.
jasaret + 50 قالتىس!
زەربىدار + 50 قالتىس!
پالۋان + 50 قالتىس!
جاغىستاي120 + 30 قالتىس!
تۈمەن + 50 قالتىس!
نېھال11 + 50 قوللاش!
پارتىزان + 50 + 5 + 5 + 5 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-10-14 16:43:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 16:40
ھەئە... مەن 2007 - يىلى ئاخباراتنىڭ...

مەن مىلادىدىن  بۇرۇنقى  ئاخپاراتنىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-14 15:58:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقۇل بىلىۋالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-14 16:01:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بۇ جەھەتتە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن !   ئابلەتجانغا كۆپ رەھمەت ....      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-14 16:03:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارتىزان يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 16:01
ھەقىقەتەن بۇ جەھەتتە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىپ كەتمەيدىكەن ...


بىلىشىمىزنى كۆپەيتىپ، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، قازاقىستان روھىنى، تۈركىيە ئەندىزىسىنى ئەمەلىيتىمىزدە كۆرسىتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن ياۋروپا ئوينىغانلىقىدەك ئاچچىق ساۋاقنى ئۇنتۇپ قالماي، كۆپلەپ بىلىم ئىگىلەپ، بىر ياخشى، مۇكەممەل توپ مەستانىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشايلى!!!
  سىزنى كۆرسەملا سىياسىي ھۈجەيرىلىرىم قىمىلداپ كېتىدۇ، دېسە، توۋا!!
  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-14 16:04:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە پۇتبولىغا نەزەر - پۇتبول پاراڭلىرى - پۇتبول كۇلۇبى - Powered by Discuz!
  /thread-36782-1-1.html
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-14 16:04:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم بىلىۋالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-14 16:05:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-14 16:06  

ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بىر تېما دورا بولۇپ قالغان بەزى مۇنبەرداشلارغا،تېما ئىگىسىگە رەھمەت

ئۇندىن باشقا ئەرمىنىيە،ئەزەربەيجانلارنىمۇ مىسال قىلىش مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-14 16:07:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 16:05
ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بىر تېما دورا بولۇپ قالغان بەزى مۇن ...

تېما ئىگىسىگە دەپ كەتكىنىنى مېنى تونۇمايدىغاندەك...
  جىق بالىلار يۇقىرىدىكى تۆت دۆلەتنىڭ نېمىشقا ياۋروپاغا ئوينايدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، شۇڭا قىسقىلا ئىزاھات بېرىپ قويدۇم...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-14 16:09:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 16:07
تېما ئىگىسىگە دەپ كەتكىنىنى مېنى تونۇمايدىغاندەك... [s: ...

يولداش ئابلەتجانغا رەھمەت

مەنمۇ بىر ئىزدىنىپ يازاي دەپ تۇراتتىم بۇ ھەقتە ،مانا سىز يوللاپ ياخشى قىپسىز،كېيىنچە بىر تېما يوللىماقچى (ھازىرچە مەزمۇنى ئاشكارلانمايدۇ)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-14 16:13:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-14 16:14:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئابلەتجان  بىلۋالدىم مانا دىمىسىمۇ باشتا گاڭگىراپ قالغانتىم  ! مەكتەپدىشىم رەھمەت ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-14 16:22:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xah-diyar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 16:13
قازاقىستاننىڭ نىمە ئۈچۈن ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىگە  ...

ئىسرائىلىيەنىڭ پۇتبولى خېلى يامان ئەمەس، خەيفا ماكابى دېگەن كۇلۇبىمۇ بىر قانچە يىل مۇقەددەم ئۇزغۇنلۇقتا ھەممىنى ھەيران قىلغان ئىدى. بىرى، بىزنىڭ تونۇشىمىز ئاز، يەنە بىرى سىز دېگەن سەۋەبلەرمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 07:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش