akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4268|ئىنكاس: 72

تۈركىيە پۇتبولىغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-1 10:15  

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قېرىنداشلار، تۈركىيە كوماندىسىنىڭ پۇتبولچىلىقى ھەققىدە ئانچە-مۇنچە ئىزدىنىپ بۇ تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

تۈركىيە بىلەن قىسقىچە تونۇشۇش
土耳其12.jpg
تۈركىيە جۇمھۇريىتى غەربىي ئاسىيادىكى كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ ،ئاز بىرقىسىم زىمىنى ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئۇچىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۈركىيە ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ چىگرا پاسىلىغا جايلاشقانلىقتىن جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. يەر مەيدانى 783مىڭ 562 كىۋادىرات كىلۇمېتىر،ئاھالىسى 74مىليۇن 724مىڭدىن ئاشىدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە تۈركلەر %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ،كوردلار %15نى ئىگىلەيدۇ،قالغانلىرى ئەرەبلەر،ئەرمەنلەردىن ئىبارەت.%99ئاھالە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە %85ى سۈننى مەزھىپىدىكىلەر. پايتەختى ئەنقەرە ئاناتولىيە ئىگىزلىكىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان،دۆلەت بايرىقى قىزىل رەڭلىك، ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقتۇر، دۆلەت تىلى تۈرك تىلى، دۆلەت پۇلى يېڭى تۈركىيە لىراسى، دۆلەت گۈلى -كۆركۈم گۈلى، 29-ئۆكتەبىر دۆلەت مۇستەقىللىق خاتىرە كۈنى. تۈركىيە تۈرك  تىلىدا ‹باتۇرلارنىڭ دۆلىتى› دىگەن مەنىدە.
土耳其15.jpg

تۈركىيە پۇتبولچىلىقنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە شان -شەرىپى
پۇتبول 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ياۋروپادىن تۈركىيەگە كىرىشكە باشلىغان، 1901-يىلى تۈركىيەدە تۇنجى مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينالغان، 1907-يىلى تۈركىيەدىكى تۇنجى پۇتبول كۇلۇبى فەنجەر باغچە كۇلۇبى قۇرۇلغان،1923-يىلى دۆلەت مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈركىيە غەربكە  يۈزلىنىش يولىنى تاللىغان، شۇنداقلا 1923-يىلى تۈركىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلۇپ شۇ يىلىلا خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان. كېيىن تۇركىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى سىياسى، تارىخى مۇناسىۋەتلەرنى ئويلىشىش ھەم پۇتبولچىلىقنى يۇقىرى سەۋىيىگە قاراپ تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئويلىنىش ئارقىلىق ‹ ئاسىيانى تاشلاپ ياۋروپاغا كىرىش› تەرەققىيات سىتراتىگىيىسىنى بىكىتكەن،بۇ ھەم تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشى ئۈچۈنمۇ بىر مۇھىم يول ئىدى،1962-يىلى تۈركىيە رەسمى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
土耳其1.jpg
تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر دەرھاللا 2002-يىل ۋە 2008-يىلنى ئەسلىشىدۇ، بۇندىن بۇرۇنقى تارىخى نەتىجىلىرىنى ۋاراقلىغاندا تۈركىيە پۇتبولچىلىقى ئۇزاق مۇددەت تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن ھەم شۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپادا سەل قارىغىلى بولمايدىغان كۈچلۈك كوماندىلاردىن بولۇپ قالغان.
تۈركىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى تارىخى مۇساپىسى
تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ھازىرغىچە ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان  بولۇپ 1950-يىلى تۇنجى نۆۋەت قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشكەن بولسىمۇ ئەمما تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن.
1954-يىلى شىۋىتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە گىرمانىيەگە تۆتكە قارشى بىر نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان، كورىيەنى بىرگە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن يەڭگەن، شاللاش مۇسابىقىسىدە يەنە گىرمانىيەگە يولۇقۇپ قىلىپ يەتتىگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۋىتىپ مۇسابىقىدىن خوشلاشقان.
48يىلدىن كېيىن تۈركىيە كوماندىسى يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى مەيدانىغا قەدەم باسقان، يەنى 2002-يىل كورىيە-ياپونىيە بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن 16-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى. بۇ نۆۋەت تۈركىيە ،بىرازىلىيە،جۇڭگو ،كوستارىكا كوماندىلىرى س گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ بىرازىلىيە، كوستارىكا كوماندىلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچى زور ئىدى.
بۇ يەردە ئاۋال تۈركىيە كوماندىسىنىڭ باش تىرىنىرى گۈنەش بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقايلى:
土耳其2.jpg
سىينۇل.گۈنەش 1952-يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان، پۇتبولچىلىق كەسپى ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمى تىرابۇزۇن تەنتەربىيىسى كوماندىسىدا ئۆتكەن، ئۇنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى تۈركىيە دۆلەت كوماندىسى 47 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشكەن، 2002-يىل كورىيە ياپونىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇ كوماندىنى 16كۈچلۈك قاتارىغا ئېلىپ كىرىشنى نىشانلىغان، ئەمما تۈركىيە كوماندىسىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن تۈركىيە كوماندىسى 3-لىككە ئىرىشىپ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى قارا تۇلپار بولۇپ قالغان.

土耳其25.jpg

2002-يىل دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقان پۇتبولچى،شۇنداقلا تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىكارلىرىدىن بىرى --رۇستۇ.رەھبەردۇر.

土耳其23.jpg
رۇستۇ.رەھبەر تۈركىيەنىڭ 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 3-لىككە ئىرىشىشىدىكى باش تۈھپىكارى،
ئۇنىڭ بويى بەكمۇ ئىگىز بولمىسىمۇ ئەمما ئىنكاسىنىڭ تىزلىكى، تىخنىكىسىنىڭ  ئەتراپلىق بولۇشى ،خاتالىقنى ئىنتايىن ئاز سادىر قىلىشى قاتارلىق تەرەپلەردىن قارىغاندا بىر دۇنياۋى مۇنەۋۋەر ۋاراتارنىڭ ئالاھىدىكلىرىنى ھازىرلىغان دىيىشكە بولىدۇ.

土耳其26.jpg
رۇستۇ.رەھبەر 1973-يىل 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تۈركىيە ئاناتولىيە ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىكى 187سانتىمېتىر،ئېغىرلىقى  76 كىلوگىرام، مەيداندىكى كىيىم نومۇرى 1-نومۇر، ئىلگىرى -ئاخىرى بولۇپ ئاناتولىيە تەنتەربىيىسى، فەنجەر باغچە،بارسىلونا، بىشىكتاش قاتارلىق كۇلۇبلاردا توپ ئوينىغان. تۈركىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 1996-يىل،2000-يىل،2008-يىللىرى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسىگە قاتناشقان،2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان.
ئاساسلىق شان-شەرەپلىرى:
تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى چىمپىيۇنى   5قېتىم (1995-1996، 2000-2001، 2004-2005، 2006-2007، 2008-2009)، تۈركىيە لوڭقىسى چىمپىيۇنى 1قېتىم(2008-2009)
2008-يىلى ياۋروپا لوڭقىسدا ۋە 2002-يىل دۇنيا لوڭقىسىدا 3-لىككە ئېرىشكەن.
بولۇپمۇ ئۇنىڭ 2002-يىلى بىرازىلىيە،سىنىگال،كوستارىكا كوماندىلىرى بىلەن ئوينىغان چاغدىكى قالتىس ئىپادىسى ھىلىھەم  دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئېسىدە. 2008-يىل ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە رۇستۇنىڭ كىرۇدىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئوينىغان چاغدىكى ئىپادىسىمۇ بەك ياخشى بولدى. شۇنداقلا تۈركىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئاساسلىق تۆھپىكار بولۇپ قالدى.

土耳其27.jpg

بوسفۇر بۇقىسى--خاقان شۇكۈر
土耳其22.jpg
خاقان شۈكۈر تۈركىيە نىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى، 1971-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىكى 191سانتىمېتىر،ئېغىرلىقى 81كىلوگىرام،ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گالاتا ساراي، ئىنتىر مىلان ،پارما قاتارلىق كۇلۇبلاردا توپ ئوينىغان ،تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ 1996-يىل،2000-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى ھەم 2002-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدىكى ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى. بولۇپمۇ 2002-يىلى  دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە كورىيە كوماندىسىغا مۇسابىقە باشلىنىپ 11سىكۇنىت بولغاندا بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن ئۇ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ تىز توپ كىرگۈزگۈچى بولۇپ نامى چىقتى.
ئۈمىد داۋالا
umid.jpg
ئۈمىد داۋالا تۈركىيەنىڭ 2002-يىل دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى داڭلىق ئوتتۇرا مەيدان ماھىرىدۇر،ئۇ يەنە ھۇجۇمغا قاتنىشىش جەھەتتىمۇ ئارتۇقچىلىققا ئىگە ئەتراپلىق يىتىشكەن ماھىر،ياپونىيە كوماندىسىنى شاللاپ 8كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشتە ئۇ بىردىنبىر توپنى كاللا بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزگەن. جۇڭگو كوماندىسىغا ئۇرغان توپى بولسا تۈركىيەنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.
ئۈمىد داۋالا 1973-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان، ئىگىزلىكى186سانتىمېتىر،ئېغىرلىقى 71كىلوگىرام، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گالاتا ساراي، بىرىمىن، ئا س مىلان قاتارلىق كۇلۇبلاردا توپ ئوينىغان.
ھاسان شاش
تۈركىيە كوماندىسىنىڭ 2002-يىل دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئاساسلىق نومۇر ئالغۇچى ھۇجۇمچىسى بولغان ھاسان شاش 1976-يىل 8-ئايدا تۇغۇلغان،ئىگىزلىكى 176سانتىمېتىر،ئېغىرلىقى 71كىلوگىرام، گالاتا ساراي قاتارلىق كۇلۇبلاردا توپ ئوينىغان، بولۇپمۇ 2002-يىلى بىرازىلىيەگە ئۇرغان ئاشۇ توپى ئارقىلىق دۇنياغا تونۇلغان،شۇنداقلا شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر كوماندا كۈچىگە كىرگەن.
turkiya.jpg
ھاسان شاشتىن باشقا يەنە بىر نامى چىققان ھۇجۇمچى دەل ئىلخان مەنسىز
ئۇ 1975-يىل8-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان،ئىگىزلىكى184سانتىمېتىر،ئېغىرلىقى 79كىلوگىرام، بىشىكتاش كۇلۇبىدا توپ ئوينىغان ،شەخسىي تېخنىكىسى يۇقىرى،سۈرئەت تىز،ئورۇن ئېلىشى ياخشى، سىنىگال كوماندىسىغا ئۇرغان ئاشۇ توپى بىلەن تۈركىيە 4كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن.
elhan.jpg

土耳其33.jpg

تۈركىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ 2002-يىللىق خاتىرىسى(قىسقىچە فىلىم)

تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى باستۈرك
باستۈرك 2002-يىلىدىكى تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ماتۇرى بولۇپ ئۆكەن بىرۇك، رۇستۇ.رەھبەر ئۈچى بىرلىشىپ پۈتۈن كوماندىنىڭ جازىسىنى شەكىللەندۈرگەن. باستۈرك 1978-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان،ئىگىزلىكى 168سانتىمېتىر،ئېغىرلىقى 65كىلوگىرام، گىرمانىيە لىۋىركۇسىن كوماندىسىدا توپ ئوينىغان.
土耳其30.jpg

2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى تۈركىيە كوماندىسى
土耳其35.jpg
2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى شىۋىتسارىيە بىلەن ئاۋىستىرىيەنىڭ بىرلەشمە ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى،تۈركىيە ،پورتۇگالىيە ،چىخ،ساھىبخان شىۋىتسارىيە  ئا گۇرۇپپىغا بۆلۈندى. مۇسابىقىدە تۈركىيە كوماندىسى پورتۇگالىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ چىخ، شىۋىتسارىيەلەرنى يېڭىپ گۇرۇپپىدىن 2-بولۇپ چىقىدۇ، بولۇپمۇ چىخ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 2توپ كەينىدە قالغان تۈركىيە كوماندىسى 15مىنۇت ئىچىدە 3توپ ئۇرۇپ پۇتبول دۇنياسىنى تاڭ قالدۇرىدۇ.
土耳其44.jpg
چىخ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە  تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى نىھات قەھۋەسى غايەت زور تۆھپىكارغا ئايلاندى، تۈركىيە كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدا تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشتە بۇ ماھىرنىڭ باشتىن -ئاخىر ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى.
نىھات 1979-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلغان،ئىگىزلىكى 175سانتىمېتىر،ئېغىرلىقى 71كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى ھۇجۇمچى، ئىسپانىيەنىڭ ۋىللارىئال كۇلۇبىدا توپ ئوينىغان. خاقان شۈكۈردىن كېيىن يېتىشىپ چىققان تۈركىيەنىڭ يەنە بىر داڭلىق چولپىنىدۇر.
土耳其36.jpg

ئۈمىدسىزلەنگەن چىخ
土耳其41.jpg
خەمىت سىنتۈرك
خەمىت سىنتۈرك بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى يەنە بىر تۆھپىكار ھۇجۇمچىدۇر، ئۇنىڭ كىرۇدىيە بىلەن ئوينىغان چاغدا (تۈركىيە كەينىدە قالغان شۇنداقلامۇسابىقە تۈگەشكە ئاز قالغاندا ئۇرغان توپى كىرۇدىيەنى نۇقتا توپ جېڭىگە سۆرەپ كىرگەن)كى قالتىس ئىپادىسى ھىلىھەم توپ مەستانىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتكىنى يوق. ئۇ 1983-يىلى 4-ئاينىڭ29-كۈنى تۇغۇلغان، تۈركىيە بىشىكتاش كۇلۇبىدا توپ تەپكەن ،مەيداندىكى ئورنى ھۇجۇمچى.
土耳其38.jpg

خەمىت ئالتۇنتوپ
بۇ ماھىر تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ماھىرلىرىنىڭ بىرى،1982-يىلى 12-ئاينىڭ8-كۈنى تۇغۇلغان،ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى ،ھۇجۇم تەشكىللەش ۋەيىراقتىن توپ ئۇرۇشى ئىنتايىن ياخشى،ئىلگىر ئاخىرى بولۇپ بايرىن مىيۇنخىن، مادرىد،گالاتا ساراي قاتارلىق داڭلىق كۇلۇبلاردا توپ ئويناپ باققان. بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن ئالتۇنتوپ ‹ بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى›گە كىرگەن بىردىنبىر تۈركىيە ماھىرىدۇر.
土耳其9.jpg

土耳其42.jpg

ئاردا تۇران

ئاردا تۇران تۈركىيەنىڭ ئىستىقباللىق پۇتبول ماھىرىدۇر،1987-يىل 1-ئاينىڭ30-كۈنى تۇغۇلغان،ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى، گالاتا ساراي كوماندىسىدىن ھازىر ئىسپانىيە مادرىد رىقابەت كوماندىسىغا يۆتكىلىپ توپ ئوينىماقتا، دۆلەت كوماندىسىدا 14-نومۇرلۇق كىيىم كىيىدۇ، مادرىد رىقابەتتە 10-نومۇرلۇق كىيىم كىيمەكتە،ئۇنىڭ 2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولغان،بولۇپمۇ ساھىبخان شىۋىتسارىيەنى شاللاشتا دۇنياۋى سەۋىيىلىك بىر توپ ئۇرغان.
土耳其 47.jpg
2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە رۇستۇ.رەھبەر يەنىلا تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق ۋاراتارى ھەم كوماندا باشلىقى سۈپىتىدە مۇسابىقىگە قاتناشتى،كىرۇدىيە بىلەن بولغان نۇقتا توپ جېڭىدە زور تۆھپە قوشتى.
土耳其29.jpg
تۈركىيە كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە پورتۇگالىيەگە تۇنجى مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ئەمما كېيىنكى مەيدانلاردا ئاۋال توپ كەتكۈزۈپ قويۇپ،ھەتتا ھىچقانداق ئۈمىد قالمىدى دەپ قارىغان دەقىقىلەردە رەقىبىنى يېڭىپ دۇنيا ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى،شىۋىتسارىيە، چىخ،كىرۇدىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئوينىغاندا دەل شۇنداق بولدى، بولۇپمۇ چىخ كوماندىسىنى 2توپ ئارقىدا قالغان ئەھۋالدىمۇ ئارقا -ئارقىدىن 3توپ ئۇرۇپ مەغلۇپ قىلىشى بىر تەرەپتىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن پۇتبولنىڭ ئاجايىپ سىھرى كۈچىنى ھىس قىلدۇراتتى.
ئۇنداقتا  مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇرالايدىغان بۇ ئاجايىپ قوشۇننىڭ مەشقاۋۇلى كىم؟ ئۇ بولسىمۇ فاتىخ.تىرىم

土耳其48.jpg
فاتىخ تىرىم تۈركىيەنىڭ داڭلىق تېرىنىرى،ياش ۋاقتىدا گالاتاساراي كوماندىسىدا 10يىل توپ ئوينىغان،مەيداندىكى ئورنى بىك ئىدى،1993-يىلى تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىغا باش تېرىنىر بولغان ھەم تۈركىيەنى 1996-يىل تۇنجى قېتىم ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئېلىپ كىرگەن،ئەمما مەغلۇپ بولۇپ گۇرۇپپىدىلا شاللىنىپ كەتكەن، بۇندىن بۇرۇن تۈركىيە21ياشلىقلار كوماندىسغا تېرىنىر بولغان ئىدى،1996-يىل ياۋروپا لوڭقىسىدىن كېيىن ئۇ گالاتا ساراي كوماندىسىغا باش تېرىنىر بولۇپ 4قېتىم تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى، 1999-2000-مۇسابىقە پەسلىدە گالاتا ساراينى يىتەكلەپ ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئالغاندىن كېيىن ئىتالىيە فىلورىنسىيە كۇلۇبىدا تېرىنىرلىق قىلدى،ئاندىن كېيىن قىسقا مەزگىل مىلانغا يىتەكچىلىك قىلغان بولسىمۇ ئىتالىيەدە ئىشلىرى دىگەندەك ئوڭۇشلۇق بولماي يەنىلا گالاتا سارايغا قايتىپ كوماندىغا يىتەكچىلىك قىلدى،2004-يىل ياۋروپا لوڭقىسى،2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا دۆلەت كوماندىسىنى ئېلىپ كىرەلمىگەن بولسىمۇ 2008-يىلى يەنە بىر قېتىم تۈركىيە كوماندىسىنى ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مەيدانىغا ئېلىپ چىقتى.ھەم 4كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشتەك تارىخىتىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى.
土耳其3.jpg

تۈركىيەنىڭ پۇتبول مەستانىلىرى
土耳其45.jpg

نۇقتا توپ جېڭىدىن كېيىن
土耳其40.jpg

كىرۇدىيەنى يەڭگەندىن كىيىنكى غەلىبە شاتلىقى
土耳其46.jpg
تۈركىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققى قىلىشى ھەققىدە  ئويلىنىش

تۈركىيە كوماندىسىنىڭ خەلقارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ مۇشۇنداق قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدە پۇتبول تەنھەركىتىنىڭ كەڭ ئومۇملىششى بولۇپمۇ كەسپى پۇتبول مۇسابىقىلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،بۇ يەردە تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى تىلغا ئېلىش زۆرۈر.
تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسى 1959-يىلىدىن باشلانغان،18كوماندا قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ھەرقايسى رايۇنلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇسابىقىلىرى ئوينىلاتتى، تۇنجى پەسىللىك تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بىشىكتاش كۇلۇبى چىمپىيۇن بولغان.
土耳其49.jpg

بىشىكتاش كوماندىسى
土耳其50.jpg
بۇ كوماندا 1903-يىلى قۇرۇلغان،ئىستانبۇل بىشىكتاش رايۇنىغا جايلاشقان،تۈركىيەدىكى داڭلىق كۇلۇبلارنىڭ بىرى،ھازىرغىچە 13قېتىم تۈركىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان.
گالاتاساراي كۇلۇبى
土耳其51.jpg
گالاتا ساراي كوماندىسى 1905-يىلى قۇرۇلغان،تۈركىيەدىكى داڭلىق پۇتبول كۇلۇبى،شۇنداقلا ياۋروپادىمۇ خىلى نامى بار كۇلۇبلارنىڭ بىرى.ھازىرغىچە تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە 15قېتىم چىمپىيۇن بولغان
土耳其52.jpg
گالاتا ساراي كوماندىسى 2000-يىلى ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۇرۇپ ياۋروپانى زىلزىلىگە سالغان.
فەنجەر باغچە كۇلۇبى
土耳其53.jpg
فەنجەر باغچە كۇلۇبى 1907-يىلى قۇرۇلغان تۈركىيەدىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى، فەنجەر باغچە، گالاتا ساراي، بىشىكتاش قاتارلىق ئۈچ كوماندا تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى مونۇپۇل قىلىۋالغان كوماندىلاردۇر.
土耳其54.jpg
تۈركىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇنداق بىر قانچە مۇھىم ئامىللار بار:
1. تۈركىيەنىڭ ئاسيا-ياۋروپا قىتئەلىرىنىڭ تۇتۇشۇش چىگراسىغا جايلىشىشتەك ئالاھىدە ئورنى. بۇنى بىر جۇغراپىيىلىك ئامىل دىسەكمۇ بولىدۇ،بۇ پۇتبولچىلىق سەۋىيىسى يۇقىرى ياۋروپا بىلەن بىۋاستە باغلىنىشنى  ياخشى ماكان بىلەن تەمىنلىگەن.
2. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدەك چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئەزا بولۇش نىشانىنى تەۋرەنمەي ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىشى . بۇنى سىياسى ئامىل(يىتەكچى ئامىل)دىيىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا سىياسى، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىن ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يەنىلا ئوخشىماسلىق بولسىمۇ ئەمما پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى تەنھەركەت تۈرىدە ياۋروپا تۈركىيەنى قوبۇل قىلماسلىققا ئامالسىز قالدى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ‹ئاسيانى تاشلاپ ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىش› ئىستىرادىگىيىسىدە پۇتبول بىر تۈرلۈك باشلامچىلىق رولىنى روشەن نامايان قىلىپ بەردى.  بۇ خىل ئىستىراتىگىيە ئۆز نۆۋىتىدە ئالدى بىلەن پۇتبول ئارقىلىق ئىشقا ئاشتى دىيىشكە بولىدۇ،گەرچە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىدا مۇساپە يەنىلا ئۇزۇن بولسىمۇ.
3. ياۋروپانىڭ تەسىرىدە كەسپى پۇتبول بىرلەشمىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ تەرەققى قىلدۇرۇشى. بۇ پۇتبولچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا   ئاساس خاراكتىرلىك ئامىلدۇر. تۈركىيەدە پۇتبول، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش،ۋاسكىتبول، چىلىشىش، ۋالىبول، بوكىس قاتارلىق تەنھەركەت تۈرلىرىگە بەك ئەھمىيەت بىرىلىدۇ، بۇ ھەم تۈركىيەنىڭ خەلقارالىق مۇسابىقىلەردە نەتىجە ئېلىشىدىكى ئاساسلىق كوزۇر تۈرلىرىدۇر، بولۇپمۇ پۇتبولنىڭ ئومۇملىشىشى، كەسىپلىشىشى،خەلقارالىشىش مۇساپىسى، سەۋىيىسدىن قارىغاندا ھەممىدىن بەك تەرەققى قىلغان دىيىشكە بولىدۇ.
4. ئاممىۋى ئاساسىنىڭ پۇختىلىقى. بۇ پۇتبولچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا غايەت زور تاماشىبىنلار قوشۇنى، كەڭ بازار ئېچىش پۇرسىتى يارىتىش، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان پۇتبول مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە روشەن ئىپادىلىنىدۇ.
5. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بىر قەدەر مۇقىم ،تىز تەرەققى قىلىشى. تۈركىيە جەمئىيىتى نىسبەتەن تىنىچ، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتتىكى تەدبىرلىرى ياخشى، بولۇپمۇ ياۋروپا بىلەن بولغان ئىقتىسادى ،سىياسى،مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ كۆپىيىشى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىنى تىزلەتكەن.بۇ خىل ئەھۋال تۈركىيە پۇتبولچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا پۇختا ئىقتىسادىي ئارقا تىرەككە ئىگە قىلغان.
6. چەتئەللىك مۇنەۋۋەر توپچىلارنى كۆپلەپ كىرگۈزۈپ دۆلەت ئىچى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى ھەم جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ دەرىجىسىنى قەدەممۇ-قەدەم يۇقىرى كۆتۈرگەن. دىرۇگبا،سىنىدىر،كۇيىت
قاتارلىق داڭلىق چولپانلارنىڭ تۈركىيە بىرلەشمىسىگە كىلىشى بۇنىڭ دەلىلى.
土耳其57.jpg

土耳其55.jpg

土耳其56.jpg
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى دىگەندەك ياخشى بولالمىدى، مەسىلەن، 2006،2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى،2012-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشالماسلىقى، بۇ ئۇلارنىڭ سەۋىيسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى رايۇنى دەل پۇتبول ھەرىكىتى ئەڭ تەرەققى قىلغان رايۇن ياۋروپادا بولغانلىقىدۇر، بۇنداق كەسكىن رىقابەتتىن ئۈزۈپ چىقىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. تۈركىيەدىن ھىلىھەم مۇنەۋۋەر ماھىرلار ئۈزلۈكسىز يېتىشىپ چىقماقتا،ئاردا تۇران، نۇرى شاھىن، بۇلاق يىلماز قاتارلىقلار بۇنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدۇر.

نۇرى شاھىن
土耳其6.jpg
شاھىن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دورتمۇنىد، مادرىد، لىۋىرپۇل قاتارلىق ياۋروپادىكى داڭلىق كۇلۇبلاردا توپ تېپىپ باققان ئىستىقباللىق تۈركىيە پۇتبولچىسىدۇر، بولۇپمۇ دورتمۇنىد كوماندىسىدا ئىپادىسى ناھايتى ياخشى بولغان .
土耳其4.jpg

2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ياۋروپا رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسىدە تۈركىيە كوماندىسى گوللاندىيە،رۇمىنىيە، ۋىنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ ھازىرقى نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىشى بەكلا قىيىن ،يەنى يۇقارقى ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەممىسىگە بىر مەيداندىن ئۇتتۇرۇپ بولدى،گۇرۇپپىدا 4-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى،بەلكىم ئاناتولىيە ئىگىزلىكىدىن كەلگەن بۇ باتۇرلار قوشۇنىنى بىرازىلىيەدە كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ھەرگىز تۈز سىزىق بويىچە تەرەققى قىلىپ ماڭمايدۇ، ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى تۈركىيە پۇتبولچىلىقى  دۇنيا خەلقىنى تاڭ قالدۇرغۇدەك نەتىجە يارىتىدىغان گۈزەل كەلگۈسى يىراق ئەمەس،بەلكىم 2002-يىلىدىكىدەك كۈچلۈك قوشۇن قارا تۇلپاردەك تېخىمۇ ئۇزۇنغا چىپىشى ،بىزگە يەنە ئېسىل مۇسابىقىلەرنى نامايان قىلىشى مۇمكىن. تۈركىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسىگە شان-شەرەپلەر يار بولسۇن.

گۈزەل بوسفۇر بوغىزى كېچىلىك مەنزىرىسى
土耳其19.jpg
قىزغىن تۈركىيە توپ مەستانىلىرى

土耳其34.jpg
تۈركىيە دۆلەت گۈلى---كۆركۈم گۈلى

土耳其16.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 7مۇنبەر پۇلى +399 تۆھپە +37 شۆھرەت +37 تەجرىبە +37 يىغىش سەۋەبى
خاتىرە + 50 قالتىس!
nayil + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس! يەنە بىر نادىر.
ماتروس + 49 + 7 + 7 + 7 قالتىس!
فاتىخ 204 + 50 نادىر تېما
بېرنابۇ + 100 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
messi-10 + 50 + 10 + 10 + 10 داۋاملىق تېرىشقىن !!!
enzo + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-1 11:22:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا نادىر تېما يىزىشقا ئوت كەتتىمۇ نىمە..ئۆتكەن ئايدىن باشلانغان يىزىش...مانا كۈندە بىر ئەمدى.بۇرۇن كۈرۈپمۇ كۈرەلمەيتۇق...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-1 11:23:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياخشى يىزىپسىز.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-1 11:28:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادېر     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-1 11:36:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيەنىڭ ‹ قان› مەستانىلىرى توغىرسىدا ئازىراق توختىلىۋەتكەن بوساڭلا  100 پىرسەنىت بوپ كىتەتتىكەن .

   جاپا چەكتىڭلا ،  باشتىن ئاخىرى شۇنداق مەمنۇنلۇق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-1 11:36:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا رەھمەت !  مۇشۇنداق نادىر تىمىلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-1 11:46:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما !!! قولۇڭغا ئەجىر بەرسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-1 11:46:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر نادىر تېما ۋۇجۇدقا چىقىرىپسىز قېرىندىشىم. ئىككىلەنمەيلا تامغا ئۇردۇم ئەمسە.
بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بوشاشماي رەڭگارەڭ تېمىلىرىڭىز بىلەن مۇنبىرىمىزگە باشقىچە ھۆسىن قوشۇپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەزمۇنلا ناھايتى ئەتىراپلىق، ئىخچام  يېزىلىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-1 11:55:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كەڭ دائىرلىك  يېزىلىپتۇ،  ئېسل تېمىلار ئۈزۈلمىسۇن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-1 11:58:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فاتىخ 204 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-1 13:01  

نادىر تېما

تۇركىيە پۇتپولىغا چوڭ تەسىر كورسىتىۋاتقان دولەت بار دىيىلسە ئۇ دەل گىرمانىيە ،،،  گىرمانىيەدە 2 مىليۇن ئەتراپىدا تۇرۇك كوچمەنلىرى ياشاۋاتقان بولۇپ بۇلارنىڭ ئارسىدىن چىققان تالانتلىق پۇتپولچىلار ئاز ئەمەس ،،،،   يەنى بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغان باستۇرۇك ، ئالتۇنتوپ ئاكا ئۇكىلار ، داۋالا ، ھەمدە ھازىرقى تۇركىيە كوماندىسىنىڭ مېڭىسى بولغان نۇرى شاھىن گىرماندىكى تۇرۇك كوچمەنلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ ، ئۇلار ئاخىرىدا ئوز دولىتى تۇركىيەنى تاللىغان ، ئۇنىڭدىن سىرت 2002-يىلى  كارلوستىن چىرايلىق توپنى ئېلىپ ئوتكۇزۋەتكەن قاملاشقان بالاڭزا ئىلخانمۇ گىرماندا تۇغۇلغان ،،  تۇپراق ئىسىملىك بىر توپچىسى بولىدىغان ئۇمۇ گىرماندا چوڭ بولغان ،،     ھازىرقى دۇنياۋى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى مەخسۇت ئوزىلمۇ گىرمانىيەدە تۇرك ئائىلىسىدە مەيدانغا كەلگەن ،،،  ئەمما ئۇ گىرمان كوماندىسىنى تاللىغان ، شۇنداقتىمۇ تۇركلەر بۇ توپچىسىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدۇ ،،،   دىمەك يوقارقى بىر قاتار توپچىلارنىڭ گىرماندا ئۇسۇپ يېتىلىشى ئۇلارنى ياخشى بولغان پۇتپول مۇھىتى ، جىددى رىقابەت مەيدانى بىلەن تەمىنلىگەن ،،، بۇلاردىن سىرت نۇرغۇنلىغان تۇرك ياشلىرى دەل مۇشۇ گىرمانىيە تۇپرىقىدا پۇتپول ئەزىمەتلىرى بوپ يېتىلمەكتە ،،،   

خۇلاسە كالام بىر ئەۋلاد قۇربانلىق بەرمىگۇچە يەنە بىر ئەۋلاد بەخىت كورەلمەيدۇ ،،،   گىرماندىكى تۇرك كوچمەنلەرنىڭ كوپ بولىشى تۇركىيە پۇتپۇلىغا مۇئەييەن توھپىلەرنى قوشقان  دىسەك خاتالاشمايمىز ،،،  مىنىڭچە پەرزەنتلىرىدە پۇتپول ئىلمىنتى بايقالغان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭمۇ ناۋادا شارئىتى يار بەرسە بالىلارنى ئەنە شۇنداق ماكانلاردا تەربىيلەپ پۇرسەت يارىتىپ بەرسە ،،،  قېنى بىز بىلەن بىر بولغان تۇركلەردىن چىققان ئوزىلدەك ،، ئوزىل بولالمىسىمۇ خەمىتتەك بولالايدىغان بالىلىرىمىز  يوق دىيەلمەيمىز ،،،،  ئۇ يەردە دولەت كوماندىسىغا كىرەر بولسىڭىز پۇتپول تېخنىكىڭىزدىن باشقا ئالاھىدە يولىڭىزنى توساپ قويىدىغان چىگرا يوق ،،،
مەسىلەن پودولىسكى، كېلوز ئىككىسى ئەسلى پولشادا تۇغۇلغان ،، ئىلگىرىكى كوماندا ئەزالىرىدىن  نويىۋىيئېر بولسا شىۋىتسارىيەدە تۇغۇلغان ،،ئوۋدىنكو بولسا گانالىق ،،،،   ئوزىل بولسا تۇرك نەسلىدىن ،،،  
   قۇربىتى يەتكەنلەر بولسا يەنى پەرزەنتىنىڭ تالانتىغا كوزى يەتكەن ۋە ئىقتىسادى يار بەرگەنلەر بولسا بۇ ئىشلار ھەققىدە ئويلىشىپ كورسە ،،،  تۇركىيەمۇ ياخشى تاللاش ،،،  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +70 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
خەپشۈك + 20 قوللاش!
بارچۇق + 50 + 10 + 10 + 10 شۇنۇڭغا تىرشىمىز

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-1 12:01:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە پوتبولچىلىقى  جىق چىكىندى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-8-1 12:02:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل تىما بوپتۇ.ئاپىرىن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 04:54

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش