ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2792 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-22 21:53
ماۋۇ گېپىڭىز جايىدا...
ئەنچېلوتى مىلاننى 2007 - يىلى قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن چېمپىيون قىلغان، ئۆتكەن يىلقى مادرىدنىمۇ شۇ... ئۆزى بىلەن كۈچى تەخمىنىي تەڭ ياكى ئۆزىدىن كۈچلۈكرەك كوماندىغا ئامالسىز قايتارما ھۇجۇم قوللىنىمىز...
بەزى كىشىلەر قانداقتۇر رېئال مادىرد قارشى تەرەپنى بېسىۋالدى، ئۇنىڭ ئورنىغا قايتۇرما ھۇجۇم ئوينىسا بولمامدۇ دېيىشى مۇمكىن، مەسىلە مەن بايىقى ئىنكاستا دېگەندەك كىم كۈچلۈك بولسا شۇ قارشى تەرەپنى بېسىۋالىدۇ، ئاجىز تەرەپ ئامالسىز ھالدا قايتۇرما ھۇجۇم ھالىتىگە چۈشۈپ قالىدۇ...
سوئال: ئەمىسە مۇرىنىئو دەۋرىدە رېئال مادرىد ئاجىز كوماندىلارغىمۇ نۇرغۇن قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن نومۇر ئالغان ئىدىغۇ؟ بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟؟
جاۋاب: قايتۇرما ھۇجۇم دېگەن گەپ ئىككى مەنىدە.
كەڭ مەنىدە: بىر مەيدان مۇسابىقىدە تىرېنېرنىڭ باشتى - ئاخىرى ئىشلەتكەن تاكتىكىسى نەزەردە تۇتىلىدۇ. يەنى، مۇرىنىئونىڭ بارسېلوناغا، ئەنچېلوتىنىڭ بايرېنغا ئىشلەتكەن تاكتىكىسىدەك بىرىنچى مىنۇتتىن تاكى ئەڭ ئاخىرىقى مىنۇتقۇچە، ئىزچىل 7- 8 ئادەمنى جازا رايونىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، "ئاپتۇبۇس" تىزىپ، سەللا پۇرسەت چىققاندا قارشى تەرەپنى "ئاكا" دېگۈزۈش....
تار مەنىدە: قارشى تەرەپنىڭ بۇلۇڭ توپ، ئىختىيارىي توپ باشلىغاندىن كېيىنكى "ئالتۇن ۋاقىت" نى چىڭ تۇتۇپ، سۈرئىتى تېز ماھىرلارنى جازا رايونى سىرتىغا جايلاشتۇرۇپ ھۇجۇم قوزغاشتىن ئىبارەت.
مۇرىنىئونىڭ ئاجىز كوماندىلارغا كىرگۈزگەن قايتۇرما ھۇجۇم توپىغا قارايدىغان بولساق، كۆپىنچىسى تار مەنىدىكى قايتۇرما ھۇجۇمغا تەۋە بولغان. كۈچلۈك كوماندىلارغا كىرگۈزگەن قايتۇرما ھۇجۇملىرىدا بولسا كەڭ مەنىدىكى ئەھۋال بىر قەدەر يۇقىرى سالماقنى ئىگىلىگەن. ئەلۋەتتە، بۇ تېمىدىكى توپ مېنىڭ مىسالىمغا خىلاپ بولۇپ قالدى، بۇ توپ تار مەنىدىكى قايتۇرما ھۇجۇم ئەھۋالىغا ماس كېلىپ قالغان، ئەمەلىيەتتە مۇرىنىئو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەنىلا قايتۇرما ھۇجۇمنى ئاساس قىلغان، چۈنكى مېھمان مەيداندا مۇسابىقە كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى بولغان مانچېستىر شەھىرى بىلەن دەرقەم ھۇجۇم ئويناش قىيىن... |
|