akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2323|ئىنكاس: 41

ئەڭ قايىل قىلارلىق ھۇجۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  21 - سېنتەبىر كېچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مانچېستىر شەھىرى بىلەن چېلسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مۇسابىقىدە گەرچە كۆپ توپ كىرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ مۇسابىقىنى ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدىكى، تىرېنېرلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تاكتىكىسى ناھايىتى يۇقىرى بولغان بىر مەيدان مۇسابىقە دېيىشكە بولىدۇ.
  بۇ مۇسابىقىدىكى تاكتىكىلىق ئەڭ يارقىن نۇقتىنى چېلسى كوماندىسىنىڭ 70 - مىنۇتتا كىرگۈزگەن توپى دېيىشكە بولىدۇ.  
  بۇ قايتارما ھۇجۇم 70 - مىنۇتتا شەھىرلىكلەرنىڭ باشلىغان بۇلۇڭ توپىدىن باشلانغان. ئازپېلىكۇيتا توپنى ئۈسۈپ جازا رايون سىرتىغا چىقىرىۋەتكەن، جازا رايون سىرتىدا قايتارما ھۇجۇمغا تەييارلىنىپ تۇرغان شۈرلې توپنى دەرھال ئۆزىگە ئوخشاشلا پۇرسەت يارىتىپ يۈگۈرۈۋاتقان خازاردقا تەقسىملىگەن، خازارد توپنى تىزگىنلەپ تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقتتا يىراق ئورۇندىكى فابرىگاسقا تاشلاپ، ھۇجۇم يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايونىغا تېز سۈرئەتتە يېقىنلىشىش پۇرسىتىنى ياراتقان، يالغۇز ھالەتتىكى فابرىگاسنى كۆرگەن ئىۋان، كوستا قاتارلىقلار پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن، فابرىگاس توپنى دەرھال ئىۋانغا تەقسىملىگەن، لېكىن ھۇجۇم سۈرئىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغان، ئىۋان ھۇجۇم سۈرئىتىنى ئاستىلاتماسلىق ئۈچۈن توپنى دەرھال ئوتتۇرا يولدىكى كوستاغا بەرگەن، كوستا بىر مۇداپىيەچىدىن نۇقسانسىز ئۆتۈپ توپنى ئوڭ تەرەپتىكى خازاردقا ئىتتىرگەن، خازارد دەرھال ئەڭ يىراق ئورۇندىكى شۈرلىغا دۇنياۋىي سەۋىيەدە پاسلىغان، شەھەرلىكلەرنىڭ جازا رايوندا 8 ئەزاسى بولسىمۇ، باشقا ئامال قىلالمىغان.
   پۈتكۈل قايتارما ھۇجۇم جەمئىي 6 پاس (ئازپېلىكۇيتانىڭ توپىنى بىخەتەرلىكنى ئاساس قىلغان مۇداپىيە دەپ قاراشقا بولىدۇ) بىلەن تاماملانغان. شۈرلې پۇتىغا توپ ئالغاندىن باشلاپ تاكى ۋاراتارغا توپ كىرگۈچە بولغان ۋاقىت 19 سېكۇنت بولغان. جەمئىي 5 ماھىر قاتناشقان،  شۈرلې پۈتكۈل قايتارما ھۇجۇمنى باشلىغان ۋە ئاخىرلاشتۇرغان، ئۇنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتتىكى ئۆز مەيدانىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى نۇقتىدىن قارشى تەرەپنىڭ جازا رايونىنىڭ سول تەرىپىدە، ۋاراتار ئالدىدا پەيدا بولۇشىنى "قالتىس" دېيىشكە بولىدۇ. خازارد ئومۇمىي ھۇجۇمنى تەشكىللىگەن ۋە ئاخىرىقى ياردەمچى پاسنى بەرگەن، ئۇنى 10 - نومۇرنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى دېيىشكە بولىدۇ، فابرىگاسنىڭ ئورۇن ئىگىلىشى، ئىۋاننىڭ كۈچلۈك ھۇجۇم ئېڭى ۋە كوستانىڭ شەخسىي تېخنىكىسىغا ئاپىرىن ئېيتىشقا بولىدۇ.
   بۇ ماھىيەتتە، مۇرىنىئونىڭ چېلسىغا قوشقا ئەڭ زور تۆھپىسىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ قايتارما ھۇجۇم پېشىۋاسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.


تۆۋەندىكىسى مەن سىزغان ھۇجۇم كۆرسەتمە خەرىتىسى، سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا مۇشۇنچىلىك بولۇپ قالدى، ئۆزرە.....


312.jpg

كۆك سىزىق مۇداپىيە قىلىپ سىرتقا چىقىرۋېتىلگەن توپنى، قىزىل سىزىق پاس يولىنى، ئۈزۈك سىزىق ماھىرنىڭ توپ ئېلىپ ماڭغان يولىنى ئىپادىلەيدۇ.


بۇ ئاشۇ نادىر قايتارما ھۇجۇمنىڭ كۆرۈنۈشى



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-22 16:21:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-22 21:53  
c.ronaldo77 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 16:03
دېگىنىڭىز ناھايتى ئورۇنلۇق.

مېنىڭ ئويلىغىنىم مادرىد ...


ماۋۇ گېپىڭىز جايىدا...
  ئەنچېلوتى مىلاننى 2007 - يىلى قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن چېمپىيون قىلغان، ئۆتكەن يىلقى مادرىدنىمۇ شۇ... ئۆزى بىلەن كۈچى تەخمىنىي تەڭ ياكى ئۆزىدىن كۈچلۈكرەك كوماندىغا ئامالسىز قايتارما ھۇجۇم قوللىنىمىز...
   بەزى كىشىلەر قانداقتۇر رېئال مادىرد قارشى تەرەپنى بېسىۋالدى، ئۇنىڭ ئورنىغا قايتۇرما ھۇجۇم ئوينىسا بولمامدۇ دېيىشى مۇمكىن، مەسىلە مەن بايىقى ئىنكاستا دېگەندەك  كىم كۈچلۈك بولسا شۇ قارشى تەرەپنى بېسىۋالىدۇ، ئاجىز تەرەپ ئامالسىز ھالدا قايتۇرما ھۇجۇم ھالىتىگە چۈشۈپ قالىدۇ...
  سوئال: ئەمىسە مۇرىنىئو دەۋرىدە رېئال مادرىد ئاجىز كوماندىلارغىمۇ نۇرغۇن قايتۇرما ھۇجۇم بىلەن نومۇر ئالغان ئىدىغۇ؟ بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟؟
  جاۋاب: قايتۇرما ھۇجۇم دېگەن گەپ ئىككى مەنىدە.
   كەڭ مەنىدە:  بىر مەيدان مۇسابىقىدە تىرېنېرنىڭ باشتى - ئاخىرى ئىشلەتكەن تاكتىكىسى نەزەردە تۇتىلىدۇ. يەنى، مۇرىنىئونىڭ بارسېلوناغا، ئەنچېلوتىنىڭ بايرېنغا ئىشلەتكەن تاكتىكىسىدەك بىرىنچى مىنۇتتىن تاكى ئەڭ ئاخىرىقى مىنۇتقۇچە، ئىزچىل 7- 8 ئادەمنى جازا رايونىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، "ئاپتۇبۇس" تىزىپ، سەللا پۇرسەت چىققاندا قارشى تەرەپنى "ئاكا" دېگۈزۈش....
   تار مەنىدە: قارشى تەرەپنىڭ بۇلۇڭ توپ، ئىختىيارىي  توپ باشلىغاندىن كېيىنكى "ئالتۇن ۋاقىت" نى چىڭ تۇتۇپ، سۈرئىتى تېز ماھىرلارنى جازا رايونى سىرتىغا جايلاشتۇرۇپ ھۇجۇم قوزغاشتىن ئىبارەت.
   مۇرىنىئونىڭ ئاجىز كوماندىلارغا كىرگۈزگەن قايتۇرما ھۇجۇم توپىغا قارايدىغان بولساق، كۆپىنچىسى تار مەنىدىكى قايتۇرما ھۇجۇمغا تەۋە بولغان. كۈچلۈك كوماندىلارغا كىرگۈزگەن قايتۇرما ھۇجۇملىرىدا بولسا كەڭ مەنىدىكى ئەھۋال بىر قەدەر يۇقىرى سالماقنى ئىگىلىگەن. ئەلۋەتتە، بۇ تېمىدىكى توپ مېنىڭ مىسالىمغا خىلاپ بولۇپ قالدى، بۇ توپ تار مەنىدىكى قايتۇرما ھۇجۇم ئەھۋالىغا ماس كېلىپ قالغان، ئەمەلىيەتتە مۇرىنىئو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە يەنىلا قايتۇرما ھۇجۇمنى ئاساس قىلغان، چۈنكى مېھمان مەيداندا مۇسابىقە كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى بولغان مانچېستىر شەھىرى بىلەن دەرقەم ھۇجۇم ئويناش قىيىن...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-22 13:37:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
c.ronaldo77 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 13:13
مورىنخو مادرىدقا مەشقاۋۇل بولغان ۋاقىتلاردا گەرچە ھاز ...

قوناق ئۇنىنى بۇرۇنقىلار ئامالسىز يەيتتى، گۆش، بۇغداي ئۇنى، گۈرۈچ بولمىغاندىن كېيىن شۇنى يېمەي نېمە ئامال. ھازىر قوناق ئۇنىنى پايدا قىلىدۇ دەپ ئاي يىلدا بىر قېتىم يەپ قويىمىز.  
  قايتارما ھۇجۇم دېگەن نېمە؟ ئۇنى قانداق شارائىتتا ئىشلىتىمىز؟ قايتارما ھۇجۇم بىر كوماندا ئۆزىدىن كۈچلۈكرەك كوماندىغا دۇچ كەلگەندە ئىشلىتىدىغان تاكتىكا بولۇپ، ئاساسلىقى "مۇداپىيە، مۇداپىيە، ھۇجۇم" دېگەن شۇئارنى ئۆزىگە بەلگە قىلغان. مۇرىنىئو بارسېلونا بىلەن بايرېنغا دۇچ كەلگەن مۇسابىقىلەردە ئاساسەن مۇشۇ تاكتىكىنى ئىشلەتكەن. ئەمەلىيەتتە ئەنچېلوتىمۇ ئالدىنقى پەسىلدىكى بايرېننى مۇشۇ شەكىلدە بابلىغان. رونالدونىڭ كىرگۈزگەن توپىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىغان.
  كۈچى ئۆزىدىن ئاجىز كوماندىغا قايتارما ھۇجۇم شەكلىنى قوللىنىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق. ئاددىي سەۋەب: كۈچى ئاجىز كوماندا چوقۇم بېسىپ ھۇجۇم قىلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئاندىن قايتارما ھۇجۇم قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن قايسى ئاجىز كوماندا رېئال مادرىنى بېسىۋىلىشقا، ئۇنىڭ بىلەن ھۇجۇم جېڭى قىلىشقا پېتىنىدۇ، كىم شۇنداق قىلىپ باقتى.
  دېمەك، تىرېنېرلار توپنى ئۆز كوماندىسىنىڭ كونترول قىلىشىنى، قارشى تەرەپنى يېرىم مەيداندىلا بېسىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-22 12:55:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فابرىكاس ھەجەپ ماسلىشىپ كەتتى دىسە، شۈرلىگە قول قويماي بولمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-22 12:55:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەپسىلي ئوقۇپ چىقتىم ، ناھايىتى ياخشى تەھلىل قىپسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-22 12:56:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېمىنى پاقلانچاق كۆرەپ قالمىسۇن، بولمىسا ئابلەتجاننى ئۆيسىگە بىرىپ تەنقىدلەپ كىتىشتىن يانمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-22 12:56:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن نوچى قايتارما ھۇجۇم بوپتۇ! شۈرلىمۇ ياخشى ئوينايدىغان توپچىكەن زادى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-22 12:58:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇرىنىئونىڭ  مۇشۇنداق قايتۇرما ھۇجۇملىرى ئېسىلدە لېكىن . ئاخشام شۈئېرلې چىقىپلا ھۇجۇم كۈچەيدى. مۇرىنىئو تاكتىغا زادىلا مۇشۇنداقكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-22 12:58:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋدا يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 12:56
ما تېمىنى پاقلانچاق كۆرەپ قالمىسۇن، بولمىسا ئابلەتجان ...

كىم ئۇ پاقلانچاق دېگەن؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-22 13:10:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنۇڭدىنمۇ  قىزىق بولغىنى ..لەمپارتنىڭ چىقىپلا چېلسىغا بىرنى ئۇرغىنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-22 13:10:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئورۇنلۇق تەھلىل بوپتۇ   دىمىسىمۇ مورىنىئۇ قايتۇرما ھوجۇم پىشۋاسى ئىسىت خان مادرىدتىن كىتىپ قالدىڭدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-22 13:11:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋدا يوللىغان ۋاقتى  2014-9-22 12:56
ما تېمىنى پاقلانچاق كۆرەپ قالمىسۇن، بولمىسا ئابلەتجان ...

ئاخىرى پەيدا بولدۇڭلار  ھە....يا كوت كوت ئۇچۇق ئەمەس.يا مۇنبەردە يوق....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-22 13:13:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىنخو مادرىدقا مەشقاۋۇل بولغان ۋاقىتلاردا گەرچە ھازىرقى ئەنچىلودىىدەك ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۈرەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما ئاشۇ ناھايتى نەپىس بولغان قايتۇرما ھوجۇملىرى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلغان. مادرىدنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قارايدىغان بولساق ئۇ كىتىشى بىلەنلا قايتۇرمۇ ھوجۇم ئاساسەن يوق دېيەرلىك، كىرگەن توپلار ئاساسەن دېگۈدەك ئومۇمى سەپ بويىچە بېسىپ ئويناپ ئۇرۇلغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-22 13:19:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ئەتراپلىق تەھلىل قىپسىز، ئاپرىن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 00:04

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش