ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 3292 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ماۋۇ ئىنكاسنى يېزىشتا بەكرەك چۇڭقۇر ئويلاپ كەتكەندەك قىلىسىز ،بۇنداق مۇرەككەپلەشتۈرۈشنىڭ نىمە ھاجىتى ،ھەممە ئادەمگە ئۆزىڭىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلسىڭىزمۇ بۇلماس ،بۇ يەردە ئەسەر باھالاپ ئۇلتۇرساقمۇ بۇلماس ( بۇ گېپىم تېمام بىلەن مۇناسۋەتسىز )، مىنىڭچە ، بۇ مۇنبەردە ئادەتتىكى دېھقاندىن تارتىپ ، ھۈنەرۋەن ، كاسىپ ،سودىگەر مەمۇرى خادىم ھەم سىلىدەك ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ....قاتارلىق ئوخشىمىغان ئىدىيە ئوخشىمىغان خارەكتېردىكى ، سەۋيىسى تۈۋە سەۋيىسى يۇقىرى ......ئىشقىلىپ ھەرخىل توپ خۇمارلىرى توپ مەستانىلىرى بار ،ئەدەبىيات نەزىريەلىرنى چۈشەنمەيدىغانلارمۇ بار ،يېزىقچىلىق قابىليىتى بارلارلا تېما يىزىپ ، باشقىلار دائىم تەييارغا ھەييار ئولتۇرساقمۇ بۇلماس ،ئاز ئازدىن ئۈگۈنۈپ ئاستا -ئاستا ئىلگىرلەشمۇ ناھايىتى ياخشى ئىش ،بىرەر ئىشنى بىراقلا ھەغدادىغا يەتكۈزۈپ قىلىش تەس ،ھەممىمىز مۇنبەردىكى تەنتەربىيە خەۋەرلىرىدىن بىرلىكتە زۇق ئېلىپ ، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، مۇنبەرنى قىزىتىپ شۇ ئارقىلىق مەنىۋى ئۇزۇق ئىلىپ يۈرسەك دىگەن ئاددى خىيالدىمەن. ئارتۇق گەپ قىلىپ قويغان بۇلسام ئۆزرە سورايمەن |
|