elan ornielan orni
كۆرۈش: 5160|ئىنكاس: 86

خەۋەرنى مۇنداق يازىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-14 14:43  

مۇنبىرىمىزگە كۈندە دېگۈدەك ھەر خىل خەۋەرلەر يوللىنىدۇ. مەن بۈگۈن مۇسابىقە خەۋىرىنى يېزىشنىڭ بەزى ئۆلچەم ۋە قېلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دوستلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
تۆۋەندىكىسى يېڭىدىن كۆزگە كۆرىنىۋاتقان دوستىمىز جاغىستاي120 نىڭ يېڭى يوللىغان مۇسابىقە خەۋىرى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ مۇشۇ خەۋىرىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، بارىلىق دوستلارغا چۈشەنچە بەرمەكچى... بۇرادەر، جاغىستاي، بۇنى توغرا چۈشىنىڭ جۇمۇ!! بۇ پەقەت مىسال، سىزنى ئانداق - مانداق دېگەن گەپ ئەمەس...
مىسال: ماۋزۇ: شىنجاڭ كوماندىسى
دىيارىمىز ۋاقتى 13-سېنتەبر سائەت 17:30 دا ، جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 23-ئايلانمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى شىنجاڭ داۋانچېڭ ناخۇەن كۇماندىسى بىلەن چۇڭچېڭ لىفەن كۇماندىسى ئۇتتۇرسىدا ئېلىپ بېرلدى ، شىنجاڭ كۇماندىسى نۆۋەتتە ئا دەرېجىلىك بىرلەشمىدە  10- ئورۇندا تۇرۋاتقان بۇلۇپ ، بۇ قېتىم مېھمان ھالەتتە جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە بىرىنچى ئورۇندىكى چۇڭچېڭ لىفەن كۇماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى ، ئۇيغۇر توپچىلادىن يەھيا ئاساسلىق ئەزا بۇلۇپ مەيدانغا چىقتى ،مۇسابىقە باشلىنىپ چۇڭچېڭ لىفەن كۇماندىسى ئاكتىپ ھالدا توپ كونتىرۇل قىلىپ  ،  شىنجاڭ كۇماندىسى سەل قالايمىقان ھالەتتە ئوينىدى ، رېپىرنىڭ ھۆكۈمىمۇ چۇڭچېڭ لىفەن كۇماندىسىغا بىر ئاز پايدىلىق بۇلدى ، ئالدىنقى يېرىم مەيداندا شىنجاڭ كۇماندىسىدىن جىننى ، ئالەن ، تۇڭشىياۋشېڭلار سېرىق كارتا يىدى ،  كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئىككى تەرەپ قاتتىق تىركەشكەن بۇلسىمۇ ، توپ كىرمەي ، نەتىجە 0:0 بۇلۇپ تەڭلىشىپ ، ئىككى تەرەپ بىر نومۇرغا ئېرىشىپ مۇسابىقە ئاخىرلاشتى .


ئادەتتە تەنتەربىيە خەۋىرى ئەركىن، قىزىقارلىق يېزىلىدۇ، بەك چوڭ چەك قويۇلمايدۇ. لېكىن، ئۇ يەنىلا خەۋەر بولغانلىقى ئۈچۈن مەلۇم ئۆلچەمگە بويسۇنىدۇ.  
1. ماۋزۇ مۇسابىقە نەتىجىسىنى چوقۇم ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك. يەنى بۇ تېمىدىكى خەۋەر ماۋزۇسى "شىنجاڭ كوماندىسى" دەپلا قويۇلسا كىشىگە خەۋەر ئەمەس، چۈشەندۈرۈش ياكى مۇھاكىمە ماقالىسىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. ماۋۇزدا چوقۇم شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تەڭلەشكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەك. مەسىلەن: "شىنجاڭ كوماندىسى تەڭلىشىپ قالدى"، "شىنجاڭ بىلەن چۇڭچىڭ ئاق قەغەز تاپشۇرۇشتى"، "0 :0، شىنجاڭ يەنە غەلىبە قىلالمىدى"!! ، ئەگەر غەلىبە قىلغان بولسا"شىنجاڭ نۇسرەت قازاندى"  دېگەندەك...
  2. خەۋەرنىڭ بېشىدىكى بىرىنچى قۇرغا مۇسابىقە ۋاقتى، ئورنى، مۇسابىقە تەرتىپى (يەنى نېمە مۇسابىقە، قانچىنچى ئايلانما) ۋە مۇسابىقە نەتىجىسى چوقۇم دېيىلىشى كېرەك. ئاندىن كېيىنكى ئىككىنچى قۇرغا كىملەرنىڭ توپ كىرگۈزگەنلىكى، كىملەرنىڭ قىزىل كارتا يېگەنلىكى، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ مەيدانغا چىقىش ئەھۋالى ياكى بىرەر قۇتلۇق ئىش (مەسىلەن، شىنجاڭنىڭ 100 - مەيدان مۇسابىقىسى، ياۋرپانىڭ بولۇپ قالسا فورگېسىننىڭ 1000 - مەيدان مۇسابىقىسى، مالدىنىڭ چېكىنىش مۇسابىقىسى، رونالدونىڭ رېكورت ياراتقانلىقى قاتارلىق ئۇچۇلىرى) بېرىلىدۇ.
  3. يۇقىرىقىلاردىن كېيىن،  ئىككى تەرەپنىڭ ئىلگىرىكى ئۇچۇرىشىش ئەھۋالى، ياكى ئىككى كوماندىنىڭ ئالدىنقى  نەچچە ئايلانمىدىكى ئەھۋالى، نەتىجىسى، رەتتەرتىپىدىن ئاز  - تولا ئۇچۇر بېرىلىدۇ.
  4. مۇسابىقە جەريانى بايان قىلىنىدۇ.
5. .بۇ مۇسابىقىدىن كېيىنكى ئىككى كوماندىنىڭ نومۇرى، رەتتەرتىپى يېزىلىدۇ ياكى كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدىكى رەقىبى يېزىلىدۇ.
6. ئىمكانىيەت بولسا ئىككى تەرەپنىڭ مەيدانغا چىققان ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى سەپ شەكلىنى ئاساس قىلغان ئاساستا يېزىلىدۇ.
  خەۋەر جەريانىدا، "بوغۇزلىدى"، "يەنە دەرتتە قويدى" دېگەندەك بەزى ئاتالغۇلارنى جايىدا قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ.
  شۇنىڭ بىلەن نىسبەتەن مۇكەممەل، چۈشنىشلىك، ئاممىباب تەنتەربىيە مۇسابىقىسى خەۋىرى پۈتكەن بولىدۇ.
  
  مۇنبىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى ۋە تەرەققىياتى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقە خەۋەرلىرىنى تەستىقلىشىدىكى ئۆلچەم قىلىشى ئۈچۈن مۇشۇ يازمىنى يوللىدىم، دوستلارنىڭ مېنى ئۇستاتلىق، ئاتكاچىلىق قىلدى دەپ قارىماي، توغرا چۈشىنىشىنى، پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...  

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +250 يىغىش سەۋەبى
hasrat + 50 قوللاش!
پەرۋەر + 50 قوللاش!
زەربىدار + 50 پايدىلانما
ۋەتەنجان + 100 پايدىلانما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-13 23:15:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-13 22:26:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىش تېپىپسىز ئابلەتجان .    
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-13 22:27:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ..  پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى  
تىما يوللىغاندا مۇشۇ ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلساق بولغۇدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-13 22:28:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسكار يوللىغان ۋاقتى  2014-9-13 22:26
ئىش تېپىپسىز ئابلەتجان .

يەنە باشلاندى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-13 22:30:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  نىمۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-13 22:37:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-13 22:37:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يادلايمەندە ما خەۋەرنى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-13 22:38:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ياخشى ئۇگەن مىسەم بولمىدى  بىرە مۇ تىما يوللاپ باق ماپتىمە بۇ چاققىچە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-13 22:49:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمما ماۋۇ كۆرسەتمە بەك ياخشى بوپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-13 22:53:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسكار يوللىغان ۋاقتى  2014-9-13 22:26
ئىش تېپىپسىز ئابلەتجان .

بۇ گېپىڭىزنى چاقچاقلا دەپ ئۆتۈپ كېتەي بولدى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-13 23:00:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنىڭ كۈندۇلۇك ھەركەت ئۆلچىمى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-9-13 23:08:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئ‍اخپارات ئ‍ورۇنلىردا ئ‍ىشلىگەن ئ‍ادەم يەنىلا باشقىچىدە ، بۇ تىما بىزدەك ،خەۋەر ياكى تىما يىزىشقا ئ‍ىنتىلۋاتقان مەستانىلەرگە ئ‍ۇگۇنۇشكە تىگىشلىك بىر دەرىس بۇپتۇ … رەھمەت سىزگە ئ‍ابلەتجان بۇرادەر …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 04:53

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش