ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 7463 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-7 00:01
سىز غەربىي ئاسيادىكى دۆلەتلەرنى كۆزگە ئىلمىدى دەپ مەجبۇرى قالپاق كىيگۈزمەكچىما ماڭا ،غەربىي ئاسيادا دۇنيا لوڭقىسى ياكى ئاسيا لوڭقىسى بولسۇن تارىختىكى نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئىران،سەئۇدى ئەرەبىستان ئىككىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ،ئۇندىن باشقا ئىراق كوماندىسىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان كوماندا
ئەمما قالغان كوماندىلارنى (كۇۋەيت،ئىئوردانىيە،قاتار،ئومان،سۈرىيە...دىگەندەك) جوڭگو كوماندىسى بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۇتۇپ باققان(يەنە كېلىپ دوستلۇق مۇسابىقىسى ئەمەس بەلكى دۇنيا لوڭقىسى ئاسيا رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسى،ئاسيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى قاتارلىق رەسمىي مۇسابىقىلەردىمۇ ئۇتقان)،مېنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىم جوڭگو كوماندىسى بەك كۈچلۈك ئۇلاردىن دىگەنلىكىمگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
شۇڭا جوڭگو كوماندىسى مەڭگۈ ئۇلارغا ئۇتتۇرىدۇ دىسىڭىز قەتئى بولمايدۇ.
ئىتالىيە ۋە مىلاننى جۇڭگو ۋە گۇڭجۇ خېڭدادەك بىرەر كۇلۇبقا سىلىشتۇرۇپ دىگەن گەپ ئەمەس ،پەقەت مۇتلەقلەشتۈرۈپ ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ خاتالىقىغا ئېلىنغان بىر مىسال ئۇ.
بولىۋىيەدەك تىتيالمىغان بولسا ئىشنى قاملاشتۇرالمىغاندۇر ياكى باشقا سەۋەب باردۇر،ياكى كېيىنچە پايدىسىنى كۆرۈپمۇ قالار
يىغىپ ئېيتقاندا جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا پۇتبول ئىشلىرىدا ھەرقانداق مۇمكىنچىلىك يۈز بېرىشى مۇمكىن،سىز ۋە ماڭا ئوخشاش مۇنبەردىكى كۆپ قىسىم ئەزالار دۆلىتىمىز پۇتبولچىلىقىنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلسەكمۇ،كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن ھەر قانچە گۇمانلانساقمۇ ئەمما مۇمكىن ئەمەس دەپ دىيەلمەيمىز. |
|