ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2676 |
تۆھپىسى: سەر |
|
1. غەربىي ئاسىيادىكى ئاشۇ دۆلەت دەپ دۆلىتىمىز كوماندىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىۋاتامسىز ياكى غەربىي ئاسىيا كوماندىلىرىنى چۈشۈرۈۋاتامسىز؟؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن: دۇنيا لوڭقىسىنىڭ دائىملىق ساھىبخانلىرىنىڭ يېرىم دېگۈدەك شۇلاردىن چىقىۋاتىدۇ. يەنە بىرى، دۆلىتىمىزنىڭ ھەقىقىي نەتىجىسىگە يەنە بىر قاراپ ئاندىن سۆزلىگەيسىز.
2. سىزنىڭ ئىتالىيە بىلەن مىلاننى جۇڭگو كوماندىسىنىڭ تېمىسىغا تارتىپ كىرىشىڭىز ۋە ئۇنىڭغا سېلىشتۇرىشىڭىز مۇنازىرىمىزنىڭ داۋاملىشىش ئىمكانىيىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلدى. دۆلىتىمىز پۇتبولچىلىقى ھەرقانچە تەرەققىي قىلسىمۇ، ئىتالىيە بىرلەشمىسى ھەرقانچە ئاجىز بولسىمۇ بۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇش بىر ساۋاتلىق پۇتبول مەستانىسى قىلىدىغان ئىش ئەمەس. سېلىشتۇرغۇچى نەرسە بىلەن سېلىشتۇرۇلغۇچىنىڭ كۆپ جەھەتتە ئوخشاشلىقى، مەلۇم جەھەتتە پەرقى بولسا سېلىشتۇرىمىز. قەتئىي ئوخشاشلىقى يوق ئىككى نەرسىنى سېلىشتۇرۇش لوگىكىلىق خاتالىق. ھەممىسى پۇتبول كوماندىسى بولغاچقا سېلىشتۇرىمەن دېسىڭىز دۇنيا لوڭقىسىنى ئىتالىيەدىن ئىككى قېتىم ئاز ئالغان، بىرلەشمىسىنىڭ سەۋىيەسىمۇ ئىتالىيەنىڭكىدىن تۆۋەنرەك ئارگېنتىناغا سېلىشتۇرۇڭ.
3. قارىغاندا ھېلىقى ئېگىزلىك نەيرىڭىنى بىلمەيدىكەنسىز، بىلگەن بولسىڭىز بولىۋىيە دېگەنلەرنىڭ ئۇنىڭ تەمىنى تېتىيالىغانلىقىنى دەپ، مېنىڭ سۆزۈمنى قۇۋۋەتلىمەيتىڭىز. توغرا، بولىۋىيە قاتارلىقلار ئېگىزلىكنىڭ تەمىنى تېتىيالىدى، ئۇلۇغ دۆلىتىمىز شۇ ئېگىزلىكتىمۇ غەلىبىنىڭ تەمىنى تېتىيالماي، خەقنىڭ مەسخىرىسىگە قالدى ئەمەسمۇ... |
|