akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: كەۋسەر

بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى خەۋىرى ( 9.4 )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-9-6 14:11:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرمانلاربىلەن پامپاسلىقلار جەمى 21قېتىم تۇتۇشۇپ پامپاسلىقلار 9ئۇتۇپ 6تەڭلىشىپ 6ئۇتتۇرۇپتۇ…لېكىن دۇنيا لوڭقىسى سەھنىسىدە 7مەيدان تۇتۇشۇپ ئارىيانلىقلار 3ئۇتۇپ3تەڭلىشىپ1مەغلۇپ بوپتۇ… ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ھەقىقى جەڭدە ئارىيانلىقلار پامپاسلىقلاردىن  ئۈستۈن ئورۇندا…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 15:21:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 12:08
مەن باشقا تېمىدىكى ئىنكاسلاردىمۇ دېدىم، دوستلۇق مۇ ...

دوستلۇق مۇسابىقىسى (بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى)دىگەندەك مۇسابىقىلەردە تېرىنىر ئۆز كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ،ئۆزى قوللانماقچى بولغان تاكتىكىنى سىناپ يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىسى بولامدىكىن دەپ ئويناشتىن باشقا يەنە بۇ مۇسابىقىدىكى نەتىجە تارىخى جەھەتتىن ئىككى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئۇچرىشىش تارىخىدىكى سىلىشتۇرما نەتىجىلەرگە ئاساس بولىدۇ،ھازىرقى رىئال نۇقتىدىن قارىغاندا خەلقارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىپ دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت تەرتىۋىنى باھالىشىغىمۇ مۇھىم ئاساس بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا لوڭقا بەرمىسىمۇ بۇ مۇسابىقىنى پۈتۈنلەي ئەھمىيىتى يوق دىيەلمەيمىز،بۇ قېتىمقى مۇسابىقىلەر ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۈچۈن 2016-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىغا تەييارلىق قىلىش ،ئارگېنتىنا قاتارلىق كوماندىلار ئۈچۈن  بولسا كېلەر يىلىدىكى ئامېرىكا لوڭقىسىغا تەييارلىق قىلىشىنىڭ تۇنجى قەدىمى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 17:00:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-6 15:21
دوستلۇق مۇسابىقىسى (بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى)دىگەندە ...

بۇ يەردە مۇسابىقىنى ئەھمىيەتسىز دېگەن گەپ يوق... ئەھمىيتى يوقى ئۇنىڭ نەتىجىسى... ئەگەر بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىسىنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ بولسا ئەمىسە كوماندىلار نېمە قىلىدۇ كۈچلۈك كوماندىغا ئېسىلىپ، سەل ئاجىزراق كوماندىلارنى تاپسىلا بولمىدىمۇ؟؟ مەسىلەن گېرمانىيە ياۋروپادىكى ئىككىنچى قاتاردىكى ئاۋىستىرىيەنى تاپسىلا بولمىدىمۇ؟؟ مۇھىمى، كۈچى ئۆزى بىلەن تەڭ كوماندىلارنى تېپىپ، ئۆزىدىكى مەسىلىنى بايقاش.
  يەنە كېلىپ بۇنىڭغا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەت تەرتىپىدىن تارتىپ ئەگەشتۈرۈپسىز، ئاشۇ رەت تەرتىپ زادى قانداق رول ئوينايدۇ؟ بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىسى ئارگېنتىناغا، جۇڭگوغا قانچە نومۇر ئەكىلىپ، قانچە دەرىجە ئۆستۈرەر؟؟ بۇنىڭغا سىزدىن ئەمەلىي نومۇر ياكى بۇرۇنقى بىرەر مىسال تەلەپ قىلىمەن!! يەنە كېلىپ ئاشۇ رەت تەرتىپ زادى مۇھىممۇ؟؟ 2006 - يىلى ئىتالىيەنىڭ رەتتەرتىپى چېخ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئارقىدا ئىدى، دۇنيا لوڭقىسىدا بىر گۇرۇپپىدا ئويناپ، ئىتالىيە بىلەن رەتتەرتىپى تېخىمۇ كەينىدىكى گانا گۇرۇپپىدىن چىقىپ كەتتى، ئىتالىيە چېمپىيون بولدى.... رەتتەرتىپكە دۆلىتىمىز بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ...
   ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇچرىشىش تارىخىمۇ شۇ، دوستلۇق مۇسابىقىسىدە مانچە قېتىم ئۇچراشقان، 60 يىل بۇرۇن ئۇتۇۋاپتىكەن دېگەن گەپنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەك ئىشلىتىدۇ. بۇرۇنقى ئۇچرىشىش شۇ ۋاقىتتىلا تۈگىدى.. ئەجىبا ئارگېنتىنا 2006 ۋە 2010  - يىلى گېرمانىيەگە ئارقا -ئارقىدىن يېڭىلغاچقا بۇ يىلمۇ شۇڭا يېڭىلدى؟؟ دۆلىتىمىزدىكى تور خەۋەرلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساس سىياقىغا كىرگۈزگەن بالىلارچە خەۋىرىدىن يىراقراق تۇرغايسىز...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 17:20:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-6 17:00
بۇ يەردە مۇسابىقىنى ئەھمىيەتسىز دېگەن گەپ يوق... ئەھمى ...

رەت تەرتىپنىڭ ئەھمىيىتى يوق بولسا نىمىشقا ئايدا بىر قېتىم تىزىپ ئېلان قىلىدۇ؟ ياكى خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدە بۇ سىتاتىستىكىنى دۆلىتىمىزدىن بىرەرسى قىلىپ بېرەمدۇ؟رەت تەرتىپتە ئالدىدا تۇرغىنى چوقۇم كەينىدە تۇرغاندىن كۈچلۈك دەپ قاراشقا بولمايدۇ،بۇنىسى ئېنىق،

ئەھمىيىتى شۇكى:
1. ئۇتقان كوماندىغا نىسبەتەن بولۇپمۇ روھىي جەھەتتىن زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
2. رەت تەرتىپكە تىزىش ۋە تارىخى نەتىجىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغىنى كۆپرەك قىمار شىركەتلىرى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق قىمار ئوينايدىغانلارغا نىسبەت بەلگىلەپ ئۇلارنىڭ دو تىكىش قىزغىنلىقىنى غىدىقلايدۇ،يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
3. بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدىكى نەتىجە دەرھاللا تارىخقا ئايلىنىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىمۇ تارىخقا ئايلاندى،مەيلى لوڭقا ئالسۇن ياكى ئالمىسۇن ئىككىلا تەرەپتە ئۆزىگە نىسبەتەن ھەم رەقىبىگە نىسبەتەن  چۈشەنچىسى يەنىمۇ چوڭقۇرلايدۇ،تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇش،سەپ شەكىل،كونا -يېڭى ماھىرلارنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ...جەھەتلەردە بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەھمىيىتىگە سەل قارىماسلىق لازىم.
سىز بىر ئىتالىيە مەستانىسى،ئۇنداقتا ئىتالىيە 0گە قارشى 2نەتىجە بىلەن گوللاندىيەنى يەڭگەن دوستلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق دىسىڭىز بولمايدۇ. مېنىڭچە تارىخنى ئۇنتۇماسلىق،رىئاللىقنى ئېتىراپ قىلىش كەلگۈسىگە يۈزلىنىش ھەممىسى مۇھىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 17:34:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-6 17:20
رەت تەرتىپنىڭ ئەھمىيىتى يوق بولسا نىمىشقا ئايدا بىر ق ...

مانا، كېلىپ - كېلىپ بۇنى لاتارىيە شىركەتلىرىگە پايدىسى بار دەپ خۇلاسىلىدىڭىز. كوماندا لاتارىيە شىركىتى ئەمەس.
  مەن يەنە دەي، مېنىڭ ئەھمىيىتى يوق دەۋاتقىنىم مۇسابىقە ئەمەس، مۇسابىقە نەتىجىسى!!! سىز ئىنكاسنى توغرا، تولۇق ئوقۇپ چۈشىنىڭ.
يەنە بىرى، بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىنى تارىخ دەپ قارىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. مېنىڭ نەزەرىمدىكى تارىخ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئىتالىيە ئۇتۇۋالغان بىر مەيدان ۋە ئۇتتۇرۇۋەتكەن ئىككى مەيدان ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى... ئارگېنتىنا ئۆتكەن ئۈچ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئاچچىق ساۋاقنى تارىخ دەپ تونۇشى ۋە بىرقانچە مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىنىڭ كىچىككىنە غەلىبىلىرىنى خاتا ھالدا غەلىبە تارىخى دەپ يۈرمەسلىكى كېرەك. بولمىسا كېيىنكى تارىخى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپ كېتىدۇ.
يەنە كېلىپ ئاشۇ مەيدان بەدەن قىزىتىش  مۇسابىقىدىن كېيىنمۇ خەلقئارانىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ھېچقانچە زىلزىلە بولمىدى، ئەكسىچە مۇنبىرىمىز قايناپ كەتتى.
  ھە راست،  باشتىكى ئىنكاسىمدا سورىغان بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىسىنىڭ قانچىلىك نومۇرغا توختايدىغانلىقى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى بىر ئىزدەپ يوللىۋىتەرسىز...
  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 18:03:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-6 18:04  
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-6 17:34
مانا، كېلىپ - كېلىپ بۇنى لاتارىيە شىركەتلىرىگە پايدىس ...


ئزدىنىپ باقساق بولىدۇ بۇ ھەقتە،ئىلگىرى مۇنبىرىمىزدىمۇ  رەت تەرتىپنى نېمىگە ئاساسەن تىزىدۇ دەپ غۇلغۇلا بولغان ھەم بىر قىسىم مۇنبەرداشلار ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ يوللىغان. قارىغاندا ئىككىمىز بىربىرىمىزنىڭ مۇددىئاسىنى تازا دىگەندەك چۈشەنمىگەندەك تۇرىمىز. مەن كوماندا=لاتارىيە شىركىتى دىمىدىم.
تارىخ مەسىلىسىگە كەلسەك ئارگېنتىنا بىلەن گېرمان ئوينىغان ئىككى مەيدان مۇسابىقە تارىخقا ئايلىنىپ بولدى،ئەمدى بۈگۈن ۋە ئەتىسىگە قارايلى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 18:20:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
missi2 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-6 18:03
ئزدىنىپ باقساق بولىدۇ بۇ ھەقتە،ئىلگىرى مۇنبىرىمىزدى ...

تارىختىكى نەتىجىدىن ۋە رەت تەرتىپتىن پايدىلىدىغىنى لاتارىيە شىركىتى دېگەنتىڭىز شۇڭا بۇنىڭ كوماندىغا ئەمەلىي پايدىسى يوق دەپ ئەسكەرتىپ قويدۇم.
  دۇنياۋى رەتتەرتىپكە پايدىسى بار دېگەن گەپنى سىز دېدىڭىز، مەن ئەمەس. شۇڭا سىزنىڭ بۇ ھەقتە بىزنى، ھېچبولمىغاندا مېنى خەۋەردار قىلىش مەجبۇرىيىتىڭىز بار. گەپنى قىلغان ئىكەنمىز دەلىلىنىمۇ قوشۇپ ئوتتۇرىغا تاشلىشىمىز كېرەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-9-6 18:24:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-6 18:20
تارىختىكى نەتىجىدىن ۋە رەت تەرتىپتىن پايدىلىدىغىنى ل ...

خەلقارا ئا دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردىكى ئۇچرىشىش نەتىجىسىگە ئاساسەن نومۇر قوشۇپ ياكى ئېلىپ(بۇنىڭ ئۆلچىمىنى ئېنىق ئۇقمىدىم) رەت تەرتىپكە تۇرغۇزىدۇ، بەدەن قىزىتىش مۇسابىقە نەتىجىسىمۇ ھىساپلىنىدىكەن. بۇ ھەقتە ۋاقىت چىقىرىپ ئىزدىنىپ باقساق بولىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 16:13

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش