ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 682 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەۋسەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-4 09:09
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:40 مىنۇت ئۆتكەندە گېرمانىيەنىڭ دۈسسېلدورف رايۇنىدا بۇ يىللىق بىرازىلىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى گېرمانىيە بىلەن دۇنيا لوڭقىسى كۆمۈش مېدال ساھىبى ئارگېنتىنا ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئكۆتكۈزۈلدى .
مۇسابىقە باشلىنىپلا ھەر ئىككىلا تەرەپ كۈچلۈك بولغان ھۇجۇملارنى قىلىپ مۇسابىقە كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى . مۇسابىقە باشلىنىپ 20 مىنۇتقا بارغاندا دىمارىيانىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن ئاگۈيرۇ ئۇچۇپ كەلگەن توپنى يەرگە چۈشۈرمەيلا تېپىپ كىرگۈزۈپ ئارگېنتىنا بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى . 40-مىنۇتقا بارغاندا دىمارىيانىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن رامىرا ئىككىنچى توپنى تېپىپ كىرگۈزدى . ئارگېنتىنا 2-0 گېرمانىيە بولدى .
مۇسابىقىنىڭ 47-مىنۇتىغا بارغاندا يەنىلا شۇ دىمارىيانىڭ پاس بېرىشى بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىدىن فېرنەندىز ئارگېنتىنانىڭ ئۈچىنچى توپىنى كىرگۈزدى .
شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشتى .
كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە داۋاملىشىپ 50 مىنۇتتا دىمارىيا توپنى ئۆزى يالغۇز يۈگۈرتۈپ چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىردى ۋە توپنى ۋاراتارغا قارىتىپ تەپتى ،توپ بىر نەپەر بېك ۋە ۋاراتار دىن ھالقىپ ئۆتۈپ كىرىپ كەتتى . نەتىجە 4-0 بولدى .
مۇسابىقىنىڭ 52-مىنۇتىدا گېرمانىيىگە كەلگەن بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ گېرمانىيە كوماندىسىدىن شۈرلى بىر توپ كىرگۈزدى ، 78-مىنۇتقا بارغان يەنە شۇنداق بۇلۇڭ تەرەپتىن چىقىرىلغان توپنى گوتزى تېپىپ كىرگۈزدى . شۇنىڭدىن كېيىن مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە ھەر ئىككىلا تەرەپ قاتتىق كۈچىگەن بولسىمۇ قايتا توپ كىرمىدى .
مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئارگېنتىنا 4- 2 گېرمانىيە نى مەغلۇپ قىلدى . |
|