ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2155 |
تۆھپىسى: سەر |
|
شەندۇڭدىكى ۋاقتىمدا شۇنداق بىر ئىش بولغان : چوڭ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئادەم يۇغان ھارۋىنى ئىتتىرىۋاتاتتى ، ئەمما يەر قار ھەم مۇز بولغاچ ئۇ ئادەم پەقەت ئىلگىرلىيەلمەيۋاتاتتى ، يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئاپتۇبۇش ساقلاۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى . ئەمما كۆرمەسكە سېلىۋالغان ئىدى ، مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ ھارۋىنى ئىتتىرىشىپ بەردىم ، ۋە بىردەمدە ماشىنىلارغا يول ئېچىپ بەردۇق ، ھېلقى ھارۋىچى ئادەم ھەيران قالدى ، چۈنكى ئۇلار ئاللىبۇرۇن مېھنەتسىز ياردەمنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ ! شۇنداق قىلىپ مەن يولۇمغا ماڭاي دەپ تۇرسام بىر قىز ماڭا :‹‹ لېيفىڭ ئاكا ، سەن قايسى دۆلەتتىن كەلگەن ؟›› دېدى ، مەن :‹‹ مەن شىنجاڭلىق ›› دەپ قويۇپلا كېتىپ قالدىم . بۇنداق ئىشلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ ، ۋاقتى كەلگەندە مۇشۇنداق كىچىككىنە بىر ئىش ئارقىلىق نۇرغۇن ھۆرمەتكە ئېرىشىمىز ! مانا لىپىنىڭ ئىشىمۇ ئۇنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرۈپتۇ ! |
|