elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1473|ئىنكاس: 24

لىپى ئەخلەت ساندۇقىنى ئىتتىردى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 17:30 دە ئاسىيا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى 4 كۈچلۈك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى مىھمان مەيداندا ئاۋىستىرالىيە سەرگەندانلار كۇلۇبى ئوتتۇرسىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.


201408192221165103.jpg
  
     سىنا تورىنىڭ ئەڭ يىڭى خەۋىرىگە قارىغاندا سېدنىدا ئاسىيا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان خېڭدا تەرەپتىن پارتلاش خارەكتىرلىك بىر خەۋەر تارقالغان. يەنى بۇ يىل 66 ياشقا كىرگەن داڭلىق مەشقاۋۇل، ‹‹كۈمۈش تۈلكە›› لىپى مەشىقتىن بۇرۇن مەيدان سىرتىدىكى يول بۇيىغا تۇختىتىپ قۇيۇلغان ئەخلەت ساندۇقىنى ئۈزى ئىتتىرىپ يانغا ئاچىقىپ قويغان.

   ئىشنىڭ جەريانى تۈۋەندىكىچە:

   ئاۋىستىرالىيەنىڭ سېدنى رايۇنى سۇبتىروپىك بەلباغنىڭ مۇسسۇنلۇق ئىقلىمىغا تەۋە بۇلۇپ نۆۋەتتە كۈچلۈك مۇسسۇننىڭ كونتىروللۇقىدا تۇرىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپ 17 چىسلادىن باشلانغان يامغۇر تاكى 19-چىسلاغىچە توختىمىغان. خېڭدا تەرەپ بىر قانچە مەشىقنى چىم ئۈستىدە ئېلىپ بېرىشقا ئامالسىز قالغان. شۇڭا تەنتەربىيە مەركىزىدە بەدەن مەشىقى ئېلىپ بارغان. ئەسلىدىكى پىلان بۇيىچە 19-چىسلا مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدىغان چىم مەيداندا ئاخىرقى تاكتىكا ئۇرۇنلاشتۇرشىنى ئېلىپ بارماقچى بولغان، بىراق يامغۇر شارائىتىدا چىم سۈپىتىنىڭ تىز بۇزۇلۇپ كىتىش سەۋەبى بىلەن مەيدان تاقالغان. خېڭدا كوماندا ئەزالىرىمۇ ئامالسىز يېقىن ئەتراپتىكى گولف توپ مەيدانىدا مەشىق ئېلىپ بارماقچى بولغان. خېڭدا كوماندا ئەزالىرى ئاپتۇبۇستا مەيدانغا يىتىپ كەلگەن ۋە ياندىكى يول ئۈستىدە ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇدۇل مەيدانغا قاراپ ماڭغان. بىراق، لىپى يول ئۈستىدە بىر ئەخلەت ساندۇقى بارلىقىنى بايقىغان، ھەمدە بەلگىلىك دەرىجىدە مەشىققە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ قاراپ ئىتتىرىپ يانغا چىقىرىۋەتكەن.


    لىپى يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن خېڭدا كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇللۇق ئورنىغا ئولتۇرغاندىن كىيىن تىنىمسىز ئەجىر قىلىپ كۇلۇپنى كۇلۇپ تارىخىدىكى تۇنجى ئاسىيا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشتۈردى. خېڭدانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى شۆھرىتىلا ئېشىپلا قالماستىن خەلقئارادا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە بۇ خىل ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان، چوڭقۇر ئويلىنىشقا سالىدىغان ئىشنىڭ يۈز بىرىشى لىپىنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋېتىشى مۇمكىن. تاراتقۇلارمۇ بەس-بەستە لىپىنىڭ بۇ ھەركىتىنى ماختاپ كەتكەن. 5000 يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە دۆلىتىمىز پۇقرالىرى ( توپچىلىرى ) بىلەن 66 ياشلىق بۇۋاينىڭ ھەركىتى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان مەسىلە!

     پۇتبول بىز ياقتۇرىدىغان بىر تەنھەركەت تۈرى. بەزىلەر بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن پۇتبول ھاياتىمىزنىڭ ھەممىسى ئەمەس. بەلكى ئىنتايىن كىچىك بىر قىسمى. ئادىمىلىك، مۇھاببەت، ھەققانىيەت، غۇرۇر، ئىتقات ھەر ۋاقىت بىزدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەم ئايرىلمىسۇن!



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 10:11:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيەنى قايتىدىن قولغا ئەپ باقسا بۇلىتى بۇ تېرنىر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 00:57:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېپمۇ مەن قول قويىدىغان تېرنىرلارنىڭ بىرى . توپ ئوينىتىش سەنئىتى ھەقىقىي ئىتالىيە پۇتبولىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . ھازىر ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى شالغۇتلىشىپ كەتكەنسېرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئويناش ئۇسلۇبىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتى ، ئىلگىرى لېپ تۇتقان ئىتالىيە كوماندىسىغا گەپ توغرا كەلمەيتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 00:59:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيە  كۆگەن  ساپالىق  ئادەم  باشقىچە  بۇلىدۇ  يەنا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 01:01:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لاچېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-20 01:03  

ياخشى ئىش قىلىشتىن قاچقانلارغا ئۈلگە بوپ بىرىپتۇدە لىپى،    چەتئەل ئادەملىرنىڭ مۇشۇنداق روھى بىزنىڭ ئۆگنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 01:17:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىڭدانىڭ قۇدرەت تىپىشىدا لىپىنىڭ تۆھپىسى ھەقىقەتەن كۆپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 01:35:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەللىك دىگەن يەنىلا چەتئەللىكتە ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 01:55:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   لىپى ئ‍ەخلەت ساندۇقىنى ئ‍ىتىر گەندە، باشقىلار قاراپ تۇرغان بۇغۇيمىتى ، لىپىدا بار ئ‍ەخلاق ئ‍اۋۇ ئ‍اپتۇبۇستا ئ‍ۇلتۇرغان 5000يىللىق مەدەنىيىتى بار (ھە : دەپتۇراي )ئ‍وغۇل باللاردىن ، بىرەرسى چۇشەلمەپتۇما … 66ياشلىق ئ‍ادەم جىنىدا ئ‍ەخلەت ساندۇقىنى ئ‍ېتىرۋاتسا ، ئ‍اۋۇ  ئ‍اپتۇۋۇسنىڭ ئ‍ىچىدىكىلەرنىڭ … … بۇلدىلا ئ‍اخىرنى دىمەيچۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 02:13:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدىنيەت ئاغزىدا با يولاغا قارساقمۇ بىلمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 02:27:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەنىيەتلىك دىگەن باشقا گەپتە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 02:55:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 02:59:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزلەردە مەدەنىيەت يولدىكى لوزىنكىلادا بار ھەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-20 10:07:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپا دىگەن باشقا گەپ جۇمۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 21:55

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش