ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 9096 |
تۆھپىسى: سەر |
|
80-مىنۇتىدىن باشلاپ كۆرگەن 0:0 دىگەننى كۆرۈپ ئالجىريەگە قول قويدۇم، ۋارتارىمۇ پەچەت تۇرۇپ قويدى.
قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقە باشلىنىشىغا توپ يەپ كىتىپ سەل ئۆزىنى تاپالماي قالدى. لېكىن قايتارما ھۇجۇملىرى پەچەت بولدى، نويېر بولمىغان بولسا ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىدى.
كاپىتان فىرغۇلى پەچەت ئوينايدىكەن، ماسلاشقۇدەك ھۇجۇمچى بولغان بولسا خېلى ئىش تېرىيدىكەن.
ئىختىيارى توپنىمۇ ئويانچىلاپ باشلايدىغان بولۇپ كېتىپتىغۇ بۇلار، لېكىن ئالجىريەلىكلەر دامىغا چۈشمىدى.
كىلوزنى چۈشەرمىكى دېسەم شىۋانسىتايگىر يارلىنىپ ئورنىغا باشقىسى چىقپ ئۈمىدىممۇ يوق بولدى.
ئۆزىل ئاخىردىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتتى، پاس بېرىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن، يەنە ۋارتارغا تارتقۇزۇپ قويارمىكى دېسەم ئويلىمىغان يەردىن پاس بېرىپ يۈريدا، قايتقان توپنىمۇ چىرايلىق ئۇرۇپ قويدى.
ئالجىريە كەينىدىنلا توپ ئۇرۇپ مەيداننى زىل زىلگە سېلىۋەتتى.
ئۆزىل ھۇجۇمچى بولمىغاچمىقىكىن ھۇجۇمغا ئۆتكەندە خېلى كۆپ پۇرسەتلىرنى قولدى بىرىپ قويدى، ۋىنگىر ئۆزىلنى پۇرسەت بولسا ۋارتارغا كۈچەپ تەپ دەپ تەربىيلىمىسە بولماپتۇ. |
|