بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-1 13:45
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
گېرمانىيە 1:2 ئالجىرىيە

7-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەر سائەت «02:00 » دە ،2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى 8 كۈچلۈككە كىرىشتىكى بىر مەيدان مۇسابىقە گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئالجىرىيە كوماندىسى ئوتتۇرسدا ئېلىپ بېرىلدى .
مۇسابىقە باشلىنىپ ھەر ئىككى تەرەپ كۈچەپ ئوينىدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ سەككىز مىنۇتتا ئالجىرىيە كوماندىسىدىن ھىلال سۇدانى مۇداپىئە رايونىدىن ئالدى ھۇجۇم ئورنىدىكى سۇلايمانغا پاس بەردى ، ۋارىتار بىلەن يەكمۇ-يەك قالغان ئەھۋال ئاستىدا نويىر گېرمانىيە كوماندىسىنى قۇتقۇزۇپ قالدى .
مۇسابىقىنىڭ 14-مىنۇتىدا ئالجىرىيەنىڭ قاپقاۋۇلى رايىس گېرمانىيە كوماندىسىدىن شىۋىنىستايگېرنىڭ يىراقتىن ئۇرغان توپىنى توسۇۋالدى ، 24-مىنۇتىدا رايىس يەنە ئۆزىنىلنىڭ يىراقتىن ئۇرغان توپىنى توسۇپ قالدى ، 41-مىنۇتتا ئالجىرىيە كاپىتانى رەفىق ھەلىش شىۋىنىستايگېرغا قارىتا قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلەپ سېرىق كارتىغا ئېرىشتى ، ئالدىنقى مەيدان 0:0 ئاياغلاشتى .
كېيىنكى مەيداندا گېرمانىيە كوماندىسىدىن شۈرلى گوتزىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ چۈشتى ، 69-مىنۇتتا گېرمانىيەنىڭ ئوڭ تەرەپ مۇداپىئەچىسى مۇستافى يارلىنىپ ئورنىغا ھەدىرا مەيدانغا چۈشتى ، لام ئەسلى ئورنى ئوڭ بېكلىق ئورنىغا قايتتى ، 77-مىنۇتتا ئالجىرىيە تۇنجى ئادەم ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى ، ھەر ئىككى تەرەپ قاپقاۋۇللىرىنىڭ ئىپادىسى ئاستىدا بۇ مەيدانمۇ توپ كىرمەي نەتىجە 0:0 ئاياغلىشىپ مۇسابىقە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت باسقۇچىغا كىردى .
قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانى باشلىنىپ ئىككىنچى مىنۇتتا گېرمانىيە كوماندىسىدىن شۈرلى مۇللىر بەرگەن پاسنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى ، گېرمانىيە كوماندىسى نەتىجىدە ئالدىغا ئۆتتى ، ئالجىرىيە كوماندىسىمۇ قاتتىق كۈچىگەن بولسىمۇ توپ ئۇرالماي كېيىنكى يېرىم مەيدانغا ئۆتتى .
قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدانىدا مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي گېرمانىيە كاپىتانى لام قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلەپ سېرىق كارتىغا ئېرىشتى ، ئۇمۇمىي مۇسابىقىنىڭ 119-مىنۇتىغا كەلگەندە گېرمانىيە كوماندىسىدىن مەسئۇد ئۆزىل بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى زورايتتى ، ئارىدىن بىر مىنۇت ئۆتۈپلا ئالجىرىيە كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2:1 قىلىپ ئۆزگەرتتى ، مۇسابىقە 2:1 نەتىجە بىلەن گېرمانىيەنىڭ غەلبىسى ئاستىدا ئاياغلاشتى ، ئالجىرىيە كوماندىسى شاللىنىپ كەتتى ، گېرمانىيەنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىرىشتىكى رەقىبى فىرانسىيە كوماندىسى بولۇپ 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 22:00 دە ئوينايدۇ .
جەۋھىرى:
مۇسابىقە تولۇق فىلىمىنى قايتا كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ! |