akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: koktug

تۈركىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا تاللىنالماسلىقنىڭ سەۋەبى قەيەردە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-6-29 16:42:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2002-يلىدىكى دۇنيالوڭقسى مۇسابىقىسىدە نەدە ئاردا . تۇران بار ؟؟؟  ئۇ ۋاقىتتا ئاردا تۇران تېخى 15 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئۆسمۈر ئىدى . تېما ئىگىسىنىڭ بەزى قاراشلىرى سەل بىر تەرەپمىلىك بولۇپ قاپتۇ . تۇرك دوستىڭىزمۇ ئۆز قارىشىنى سۆزلەپتۇ . لېكىن ئىلمى ئاساسى بەكلا ئاجىز .
مېنىڭچە ، تۈركىيە كوماندىسىدا بۇرۇندىن ساقلىنىۋاتقان مەسىلە دەل ئىپادىسىنىڭ تۇراقسىزلىقى . تۈركىيە كوماندىسى كۈچلۈك كوماندىغا ئۇچرىغاندا كۈچلىنىدىغان ، ئاجىز كوماندىغا ئۇچرىغاندا كۈچلىنەلمەيدىغان كوماندا . 1984-يىلىدىن باشلاپ تۈركىيە داڭلىق كۇلۇبلىرى بولغان بۆشۈكتاش ، گالاتا ساراي ، فەنەر باغچە قاتارلىق كوماندىلارغا فېدراتىپ گېرمانىيىلىك داڭلىق تېرىنېرلار تېرىنېر بولغان . شۇندىن باشلاپ تۈركىيە پۇتبولىغا گىرمانىيىگە يېقىن بولغان بىر خىل ئويناش ئۇسلۇبى بىلەن بۇرۇندىن بولغان تۈركىيەچە ئۇسلۇپ يۇغرۇلۇپ ، ھازىرقى تۈرك پۇتبولچىلىقىنىڭ دەۋرى بارلىققا كەلگەن . 2002-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقسىدىكى تۈركىيە كوماندىسىدىكى 7 نەپەر توپچى گىرمانىيەدە تۇغۇلۇپ ، تەربىيە ئالغان توپچىلار . بۇنىڭ سەۋەبى ، 60-يىللاردىن باشلاپ تۈرك كۆچمەنلىرى گىرمانىيەنىڭ سانائەت شەھەرلىرىگە ئىشلەمچى بولۇپ زور مىقتاردا كۆچكەن . ھازىر گىرمانىيەدە 3 مىليونغا يېقىن تۈرك بار . ( تېما ئىگىسىگە : بۇنچىلىك ئادەمنى قانداقمۇ قوغلاپ چىىقىرىپ بولغىلى بولسۇن ؟؟ ) . ئاساسلىقى كولىن ۋە بېرلىندا تۇرىدۇ . ئۇندىن باشقا تۈركىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دورتموندتا ئىش بىجىرىش كومىتېتى تەسىسى قىلغان . ئۇلارنىڭ خىزمىتى گىرمانىيەدىكى ياش مايسىلارنى بايقاش ۋە قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ . شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولىدۇكى ، تۈركىيە پۇتبولىدا ئەزەلدىن بار بولغان قاراملىق ، ياخشى بولغان بەدەن سۈپەت ، تەن بەرمەس ئىرادە ۋە قەيسەر روھ كۈچلۈك . بۇ ھەممىگە ئايان . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇندىن تۈركلەرنى ‹‹ بۆرە توپى ›› دەپ تەرىپلىشىدۇ .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-29 18:28:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فاتىخ 204 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-28 22:07
تازا خوراپى نادان تۇركمۇ نىمە ئۇ ..  گىرماننى تاللىغان ئ ...

ناھايتى ئۇرۇنلۇق گەپ قىلدىڭىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-8-21 16:45:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانمۇ تۈگەر مۇشۇ ئىتتىپاقسىزلىق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 20:56

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش