ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 194 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-29 01:13
مەستانىلىرىمىز ئىچىدە تۈركىيە كوماندىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار بولمىسا كىرەك . شەخسەن ئۆزۈممۇ تۈركىيە كوماندىسىنى ۋە تۈركىيە پۇتبولچىلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. ئۇلارنىڭ 2002-يىلى كورىيە-ياپۇنىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقسىدا ھاكان شۈكۈر. يىلدىراي باش تۈرك، ئېلىخان مەنسىز، ھەسەن شاش، رۇستۇ رەھبەر، ئۈمد داۋالا،ئىبراھىم ئۈزۈلمەس، تۆمۈر مېتىن ، ئاردا تۇران ۋە تېرىنىر گۈنەش ئايدىن قاتارلىق قەھرىمان تۈرك ئوغلانلىرىنىڭ ئاجايىپ كارامەتلىرى بىلەن دۇنيا بويىچە3- لىككە ئېرىشكەن مۇسابىقىسى، بولۇپمۇ 4 كۈچلۈك باسقۇچىدا ھاكان شۈكۈرنىڭ مۇسابىقە باشلىنىپلا 11 سېكونت بولغاندا كوريەنىڭ قاپقىسىغا بىر توپ ئۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ تېز ھەم ئەڭ بۇرۇن قاپقىغا ئۇرۇلغان توپ دەپ رىكورت خاتىرسىگە كىرگۈزىلىشى، كورىيەنى2 گە قارشى3 نەتىجە بىلەن يېڭىپ پۈتۈن دۇنياغا ‹‹ يېڭىلمەس تۈرك روھى ›› نى نامايەندە قىلغانلىنى ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايمەن شۇنداقلا شۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى كۆرگەن ھەرقانداق پۇتبول مەستاىنىسى ئۇنتىيالمايدۇ دەپ ئويلايمەن.( تۆۋەندىكى رەسىم )
2003-يىلى فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن قىتئەلەر لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسدە دۇنيا چىمپىيۇنى بولغان رونالدىنخو، دىدا، رېۋالدو، كارلوس، لۇسئۇ، كافۇ باشچىلىغىدىكى بىرازىلىيە كوماندىسىنى يېڭىپ( نەتىجە1-1 90 -مىنۇتتا بىرازىلىيەلىك ئالىكىس بىر توپ ئۇرىۋالمىغان بولسا تولۇق ئۇتاتتى) چوڭ نۇمۇر پەرقىدە تۈركىينىڭ بىر نۇمۇر يۇقۇرى بولغاچقا يەنە دۇنيا بويچە فرانسىيە بىرىنچى، كامىرون ئىككىنچى ، تۈركىيە ئۈچىنچى، بىرازىلىيە تۆتىنچى بولغان . شۇ چاغدا تۈركىيەلىك ھۇجۇمچى تۇنجاي شانلى، ۋولقان ئارىسلان، يىلدىراي باشتۈرك، ئەمىرى، نىھات نىجات، رۇستۇ رەھبەر قاتارلىقلارنىڭ ماھارىتى پۈتۈن دۇنيانى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرغان. شۇ قېتىمدا ھۇجۇم ئوينايدىغان تۇنجاي شانلىنىڭ ئىپادىسى ئالامەت ياخشى بولغاچقا فرانسىيە چولپىنى ھىنرى بىلەن بىللە ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
2008-يىلى شىۋتسارىيە- ئاۋىستېرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسدا تۈركىيە پەلۋانلىرىدىن نىھات، ئۆمەر ئاشىق، مەھمەت قەھۋەچى ، خەمىد ئالتىنتوپ قاتارلىقلارتېرىنىر فاتىخ تېرىمنىڭ باشچىلىغىدا ئۆزىنىڭ ئاجايىپ باتۇرلىقى ۋە يېڭىلمەس روھى بىلەن تۈرك ئوغلانى ئۈمۈد قورقماس باشچىلىغىدىكى ساھىپخان كوماندا شىۋىتسارىينى ( ئۈمىد قورىقماس ئەسلى تۈرك شىۋىتسارىيە دۆلەت تەۋەلىكىدە، 2005-يىلى دىكى دۇنيا ياشلار پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىدا مىسسى، دوسسانتوس قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئەڭ مىنەۋەر ھۇجۇمى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن كىيىن شىۋىتسارىيەگە كۆچۈپ كەتكەن) يەڭگەن، يەنە بىر تۈرك ئوغلان ئەرەن دەردى يوق باشچىلغىدىكى يەنە بىر ساھىپخان كوماندا ئاۋىستىرىيەنى يەڭگەن. روبىن، ۋان پىرسى، كۇيت باشچىلىغىدىكى قۇدىرەتلىك گوللاندىيە كوماندىسىنى يەڭگەن. شۇ چاغدا چىمپىيۇن بولۇش ئىھتىمالى بار دەپ قارالغان كىرودىيە كوماندىسىنى يەڭگەن، ئاخىرىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا گېرمانىيەگە 2-1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۋىتىپ ياۋروپا لوڭقىسىدا يەنە 3- بولۇشتەك شانلىق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇ چاغدا مۇخپىرلار روبىندىن ‹‹ سىلەر بۇقېتم قايسى كوماندا بىلەن ئۇچۇرشىپ قېلىشتىن ئەڭ قورقىسىلەر؟›› دەپ سورىغاندا .روبىن ‹‹ بىز ھەممىدىن بەك تۈركىيە كوماندىسى بىلەن ئۇچۇرشىپ قېلىشتىن قورقىمىز، تۈركلەرنىڭ ھۇجىمىنى ئالدىن پەرەز قىلىش،مۇداپىئە قىلىش بەك تەس، ئۇلار پاس تاللاپ ئولتۇرمايدۇ، شارئىت تاللاپمۇ ئولتۇمايدۇ ھەر بىر توپچى شارائىتنى ئۆزى يارىتىدۇ، ئۇلارنىڭ توپ تارتىۋىلىشى دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ›› دەپ يۇقۇرى باھا بەرگەن.
مۇسابىقىدىن كىيىن مەن تۈركىيەلىك بىر دوستۇم بىلەن مۇشۇ قېتىمقى مۇسابىقە توغۇرسىدا سۆزلىشىپ قالدىم. ئۇ مۇنداق دېگەن‹‹ گېرمانىيە بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدا گېرمانلارمۇ تۈركىيە كوماندىسىدىن يېڭىلىپ قالىمىزمىكىن دەپ بەك ئەنسىرىگەن، ھەم گېرمانىيەدىكى بارلىق گېرمان توپ مەستانىلىرى ئەگەر مۇشۇ قېتىمقى مۇسابىقىدا تۈركىيە گېرمانىيەنى ئۇتۇۋالىدىكەن گېرمانىيەدىكى بارلىق تۈرۈكلەرنى گېرمانىيەدىن قوغلاپ چىقىرىمىز دېيىشىپ نېيەتلىرىنى بۇزۇپ پالتا- پىچاقلىرىنى بىلەپ تەييار بولۇپ تۇرۇشقان. مۇسابىقە باشلانغاندا گېرمانىيەدىكى بارلىق تۈركلەر تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ئۇتىۋىلىشىدىن بەك ئەنسىرەپ، قورقۇشقان، تىجارەتلىرىنىمۇ قىلالمىغان، ئۇلارنىڭ تەلىيىگە تۈركىيە كوماندىسى گېرمانلارغا 2-1 ئۇتتۇرۇپ بەرگەن. بۇنىڭدىن پۈتكۈل گېرمانىيە خەلقى بەكلا خوشال بولۇشۇپ كەتكەن ۋە‹‹ سىلەر تۈركلەر بىزنىڭ يۈزىمىزنى تۆكمىدىڭلار ، ھەقىقەتەنمۇ ۋاپادار ئۇكا بولۇشقا مۇناسىپ كەنسىلە دەپ تۈرۈكلەر بىلەن قۇچاقلىشىپ غەلبىنى تەڭ تەبىكلەشكەن ھەم بىركۈن بىللە بايرام ئۆتكۈزگەن›› مانا مۇشۇنداق بىر كوماندا نېمە ئۈچۈن دۇنيا لوڭقىسى مۇابىقىسىغا تاللىنالمايدۇ؟ مەن ھېلىقى تۇركىيەلىك دوستۇمدىن بۇ مەسىلىنى سورۇدۇم. ئۇ بۇ توغۇرسىدا مۇنداق دەپ جااۋاپ بەردى‹‹ بىزنىڭ تۈرك يىگىتلەرنىڭ راستىنلا دۇنيادا تەڭدىشى يوق دېسەكمۇ بولىدۇ، بىراق بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق يوق، سەۋەبى بۇ توپچىلار دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغاندا تۈركىيەدىكى داڭلىق كۇلۇپلار بولغان گالاتا ساريىي كۇلۇبى، بېسىكتاش كۇلۇبى، فەنەرباغچە كۇلۇبى ۋە تىرابزۇن كۇلۇبى دىن تاللىنىدۇ، بۇ كۇلۇپلارنىڭ رىقابىتى بەك كۈچلۈك، ھەتتا بۇ كۇلۇپلارنىڭ مەستانىلىرىمۇ بىر- بىرى بىلەن دۈشمەن، بىر- بىرىنى ئۇچىرىتىپ قالسا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتىشتىن يانمايدۇ، بۇ كۇلۇپلار ئۆز ئارا مۇسابىقىلەشسە ئۇتتۇرۋەتكەن تەرەپنىڭ توپچىلىرى ئۆز مەستانىلىرى تەرەپتىن ‹‹سەن بىزنىڭ يۈزىمىزنى تۆكتىڭ›، دەپ تاياق يەپ يارلىنىپ قالىدىغان ئىشلارمۇ بار .
شۇڭا ئۇلار مەيدانغا چۈشكەندە قورقۇنچىدا توپ تېپىشكە مەجبۇر بولىدۇ، ھەر بىر پۇت بولچىنىڭ بىر قانچە موللىسى بولىدۇ، مۇسابىقدىن بۇرۇن ئۇلار توپ كىرگۈزۈشنى تىلەپ پۇتلىرىغا دۇئا ئوقۇتىدۇ. تۇمار پۈتكۈزىدۇ، ئۇلار دۆلەت كوماندىسىغا يىغىلىپ خەلقئارالىق مۇسابىقىغا قاتناشقاندا بۇرۇنقى ئۆچمەنلىكلىرى سەۋەبىدىن بىر- بىرگە پاس بەرمەي ئۆز كۇلۇپىدىن ككەلگنەرگىلا پاس بېرىدۇ، ياكى توپنى ئۆزىقاپقىغا تېپىدۇ، قەتئىي ماسلاشقىلى ئۇنىمايدۇ، تېرىنىرى گەپ قىلسا ماقۇل دەپ قويۇپ يەنە مەيداندا ئۆزى بىلگەننى قىلىدۇ، 2002-يىلى ھاكان شۈكىرىنىڭ كوماندىدىكى يۈزى چوڭ بولغاچقا ھەممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن، دۆلەت كوماندىسىدا چەتئەللەردە توپ تېپىدىغان ماھىرلارلا شەخسىيەتسىز ئوينايدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى كۇلۇپلاردىكى ماھىرلارنىڭ ئەھۋالى بولسا ھېلىقدەك تۇرسا ئاكا ئويلاپ بېقىڭ بىرلىك بولمىغان كوماندىدا دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش پۇرسىتى بولامدۇ؟ قاچان مۇشۇ يامان ئىللەتلەر تۈگىسە ئاندىن پۇرسەتكا ئىرىشەلەيدۇ›› دەپ چۈشەندۈردى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىچىم بەكلا ئاچچىق بولۇپ كەتتى. بۇنداق كۇلۇپلار زىدىيىيتى ھەممە دۆلەتتە بار لىكىن ئۇلار دۆلەت كوماندىسىغا توپلاشقاندا دۆلەت مەنپەتى ئۈچۈن كىچىك زىدىيەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ توپ ئوينايدىكەن بىزنىڭ بۇ تۈرك قىرىنداشلىرىمىز بۇجەھەتتە ئويلىنىپ باقسا بولغىدەك، ئىشىنىمىزكى ھامان بىركۈنى ئۇلارنى يەنە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئىگە قىلىدىغان ھاكان شۈكۈردەك باشلامچى داھىدىن بىرسى چىقىدۇ.بۇ يازمامدا قىسمەن سەۋەنلىكلەر بولىشى مۈمكىن شۇنداق بولسىمۇ قىرىنداشلارغا سۇندۇم چالا يەرلىرى بولسا ئىنكاس ئارقىلىق تولۇقلاپ قويارسىلە.
|
|