ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 100 |
جۇغلانمىسى: 5329 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بەزىلەر ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ۋە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسى ، كوماندىنىڭ مەنىۋى تۆرىكى كاپىتان ئىكىر كاسىللاسقا تەسەللى بەرمەك ئۇياقتا تۇرسۇن ئۇنىڭدىن ئاغرىنىپ كېتىپسىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئاغرىنىسىلەر ؟؟؟
بەزىلىرىڭلار ئۇنتۇپ قالغان بولساڭلار مەن سەمىڭلارغا سېلىپ قوياي ئىكىر كاسىللاس 2008-2012-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدا ، 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا
رەقىپلىرىنى بىر-بىرلەپ مەغلۇپ قىلىپ لوڭقىنى ئىگىز كۆتۈرگەن.... ئەينى ۋاقىتتىكى قەلبىڭلاردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر تۆھپىكار كاپىتان دەل شۇ ...
ئالدىنقى قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە روبىننى مەغلۇپ قىلغان ئىدى ئەمدى روبىنغا مەغلۇپ بولسا نېمە بوپتۇ ؟
گوللاندىيە كوماندىسى جۈملىدىن روبىن ھەقىقەتەن قالتىس ئوينىدى ، قىساسىنى ئالدى ، ئىسپانىيەنى 5:1 مەغلۇپ قىلىپ ئارا نۇمۇسنى يۇيىۋەتتى .
بەزىلىرىڭلار بۇ قېتىم ھەممىنى كاسىللاسقا دۆڭگەپ قويدۇڭلار ... كاسىللاس ھەقىقەتەن 3-توپتا چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى لېكىن باشقا تۆت توپقا ئامال يوق !
بۇ مۇسابىقىدە ئىسپانىيەنىڭ كاپىتانى كاسىللاستىن باشلاپ بارلىق ئەزالىرى ئىپادىسىنى جارىي قىلدۇرالمىدى . بۇ دىگەن تەقدىر بوي سۇنماي ئامال يوق ! كاسىللاستا نېمە گۇناھ ؟ بەزى كىشىلەرگە ھەيرانمەن بىر مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىگە قاراپلا باھا بېرىپ كېتىدىكەن ... ھەممە ئادەمنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولىدىغان ياخشى بولمايىدىغان ۋاقىتلىرى بولۇدۇ .... |
|