elan ornielan orni
كۆرۈش: 3562|ئىنكاس: 132

ئىسپانىيە VS گوللاندىيە(B گۇرۇپپا)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلبارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-14 10:18  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

20-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ Bگۇرۇپپىسىدىكى بىر مەيدان ھەلقىلغۇچ جەڭ بۈگۈن سەھەر سائەت 00:00 دە ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپيونى ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن  كۈمۈش مىدال ساھىبى گوللاندىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدا باشلاندى.
مۇسابىقە باشلىنىپ ئىسپانىيە كوماندىسى  قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ رېتىمىغا سالماقچى بولدى. بىراق گوللاندىيە كوماندىسى ئۇ لارنىڭ رېتىمىغا چۈشمەيدىغاندەك قىلاتتى.   مۇسابىقە داۋاملىشىپ 26 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا  ئىسپانىيە كوماندىسىدن دىياگو كوستا بىر نۇقتا توپ  ھاسىل قىلدى، ئالونسو بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ، ئىسپانىيە ۋاقتىنچە 0:1 ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.
بىراق گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ قىساس ئېلىش ئىستىكى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولدىمۇ قانداق، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 44 مىنۇتقا كەلگەندە ، روببىن ۋان پېرسى ناھايىتى چىرايلىق بىر كاللا توپ بىلەن كاسىلللاسنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى. نەتىجە 1:1 ئالدىنقى مەيدان تۈگىدى.
كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ گوللاندىيە كوماندىسى دورا يىۋالغاندەك شاشلىشىپ كەتتى. ھەمدە  53 مىنۇتتا روببىنىڭ بىر توپ ئۇرىشى بىلەن 2:1 ئالدىغا ئۆتتى.
كاسىللاس بۇ توپتا  خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالالمىدى بولغاي ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 65 مىنۇتقا كەلگەندە دېفرى بىر توپ ئۇرۇپ ، گوللاندىيە 3:1 ئالدىغا ئۆتتى.  
ئارقىدىن 73 - مىنۇتتا ۋان پېرسى يەنە بىرنى ئۇرۇپ نەتىجىنى 4:1 قىلدى،
80- مىنۇتتا روببىن بىرنى ئۇرۇپ نەتىجىنى 5:1 قىلدى.  مۇسابىقە مۇشۇ نەتىجىدە ئاياقلاشتى،  گوللاندىيە كوماندىسى تۇنجى  ئۇچرىشىشتا قان-قىساسىنى چىرايلىق ئېلىۋالدى.





مۇسابىقە جەۋھىرى:


كېيىنكى يېرىم مەيدان تولۇق سىن فىلىمى:


ئالدىنقى يېرىم مەيدان تولۇق سىن فىلىمى:



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-6-14 16:50:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-14 12:53:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-14 05:26:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەبرار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-13 23:31  

ھەجەپ قىزىپ كېتىۋاتىدۇ ماۋۇ مۇسابىقىلەر ، مۇشۇنداق سۇرئەت بىلەن توپ ئۇرۇش جىڭى بولسا ، تۆت يىل ساقلىغاننىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ ، تېخى بەزىلەر ئۇيقۇلارنىڭ مېھرىدىن كېچىپ مۇسابىقە كۆرىدۇ .
كۆپلەپ تۇپ ئۇرۇش ئۇچۇن ئالغا .
لېكىن كاشىلياسنىڭ ماۋۇ ئىپادىسى بىلەن ، مادرىتتا يەنە تۇرۇپ قالالمايدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-14 05:19:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەەتت      مانا مۇسابىقە دىگەن !   مىراس دۈم يېتىپ يىغلايدىغان بولدى ئەمدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-14 05:19:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇخلىماي كۆردۈم ئەمما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-14 05:20:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە كۆرۈش ئادرېسى يوقما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-14 05:21:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچكىم ئويلىمغان نەتىجە پەرقى، ھېچقىسى يوق، ئىسپانىيىگە بىر ھۆرمەت كەتتى، بەلكىم گوللاندىيەنىڭ 3- توپى ھېساب قىلىنمىغان بولسا، بۇنچىلىۋالا قالايمىقانچىلىق چىقمىغان بولاتتى..... ۋان.پېرسى ھەقىقەتەن قاتىلكەن !!! رو پاس بەرمەس ياخشى ئوينىدى، لېكىن، ئىسپانىيە مۇداپىئەسىنىڭ بۇنچىۋالا مۈگىدەك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىمەن......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-14 05:22:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇرادىرىم مىراس بىلەن دىلكەشتىن سەمىمىي ھال سورايمەن      

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-14 05:22:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توررېس ھېلىقى توپنى ئىسراپ قىلىۋەتمىگەن بولسا، سەل ياخشىراق بولاتتى بەلكىم...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-14 05:22:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول مۇسابىقە قائىدە - قانۇنىيەتلىرىگە يىتىشەلمەي  قېلىۋاتامدۇق نېمە ؟ يېقىندىن بېرى غەلىتە نۇقتا توپلار چىقىدىغان بولىۋالدى .

روبىننىڭ كاسىللاستا نېمە ئۆچى بولغىيتتى ؟ پىچاقنى ئۆز قولۇم بىلەن تىقاي دېگەندەك قىلىپ ، خېلى پۇرسەتنى پاس بەرمەي بىكار قىلدى.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-14 05:23:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ نۇقتا توپتا ئازراق مەسىلە باردەك كۆردۈمغۇ    ئاندىن گوللاندىيەنىڭ 3-توپىدىمۇ مەسىلە بار مىنىڭچە !  كاسىللاسنى سوقىۋەتتى ..قائىدە بويىچە پۈشتەك چېلىشى كېرەك ئىدى !  باشقا قەھەتتىن چوڭ مەسىلە يوق مۇسابىقىدە ...نەچچە يىلدىن بىرى لوڭقىغا كۈنۈپ قالغان ئىسپانلار ماۋۇ نەتىجىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي قالامۇ ئەمدى !  ئويلىمىغانلا نەتىجە بولدىدە !  ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت  !  گوللاندىيەلىكلەر قىساسىنى چىرايلىق ئېلىۋالدى !  ھۆرمەت !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-14 05:26:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچە داڭلىق چولپانلىرى بىلەن 1:0 نىڭ چاپىنىدا 6 يىل تەرلىگەن بوسىك ھامان مۇشۇنداق چېنىپ قالاتتى زادى ...
روبىننىڭ ئىككىنچى توپى چىرايلىق چۈشتى . راموسنى سۈرەتتە چاندۇرۇپ قويدىدە .

توررېسنى مۇشۇ دۇنيا لوڭقىسىدا ئېچىلىپ قالىمىكىن دەپتىكەنمەن . راست ئېچىلىپ قالدى بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-14 05:28:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-14 05:35  

گوللاندىيە ياخشى ئويناپ قويدى ، بىراق  بۇلاردىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز . گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە  ۋالاقشىتىپ ئۇرۇش بۇلارنىڭ ئادىتى  .   ئالتە يىل بۇرۇنمۇ  گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ھارغۇچە ئۇرۇپ  ئاخىرى    ئىشۇ روسلارنىڭ ئايىغىدا  يىقىلغان  .
  
  تازچاق  بۇ ئىككى يىلدىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم بولۋالدىدە  ،   ھەرىلەردىكى  پىشقەدەم بىلەن  مادىرىت پىشقەدىمىدىن ئۆچىنى ئىلۋالدى .  سىلۋا  ھىلىقى توپنى  كوستاغا بەرگەن بولسا بۇنچىمۇ بوپ كەتمەس بولغۇيتى بەلكىم .  گىرۇزىن بۇرۇت  مادىرىتلىقلارنى جىقىراق ئىلۋالمىغىنىغا   پۇشمان قىلسا بولىدۇ  بۈگۈن كەچ ئىككى ۋودكىنى تىكلەپ قويۇپ       
كارۋاخالنىمۇ ئىلۋالمىدا بۇ گۇي  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-3-21 13:30

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش