akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: ئەبرار

راموسنىڭ كاللا توپىغا قانداق ئېنكاس قايتۇردىڭىز ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-5-25 14:16:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇن بالا -چاقا غەرق ئۇيغۇدا ، 92 مىنۇت بولدى ، قىزىغان بىر مەيدان مۇسابىقە بولغىنى بولدى بىراق نەچچە يىللىق ئارزۇنى قەلبىگە پۈتكەن ئىككى مادرىتنىڭ نەيزە قالقانلىرىنىڭ جاراڭلاشلىرى  ئاڭلانغىنى بىلەن بىر بىرىگە ئارقىدىن ئارقىدىن تىغ ئۇرۇشلىرىنى كۆرەلمىگەنگە ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى ، مادرىتنىڭ مۇشۇنداقلا مەغلۇپ بولىشىغا زادى ئىشەنگۈم كەلمىدى ، يىلىڭ ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ئولتۇغاننىڭ ئۈستىگە  جىددىيلىكتە قورسىقىم تارتىشقاندەك بولۇپ بەدىنىم  تىترەپ كېتىۋاتاتتى ، ئاخىرقى بىر مىنۇتقايەتمىگەن ۋاقىتتا مادرىتنىڭ ھۇجۇمى كۈچەيدى كۆڭلۈمدە ‹‹ مادرىت ، بىرنى ئۇرۇپ تەڭلىشىپ  قۇشۇپ بېىلگەن ۋاقىتتا 5 نى يىسەڭمۇ مەيلى ،غەيرەت قىل ، مۇسابىقە بۇنداق تىز تۈگەپ كەتسە بولمايدۇ....›› دەپ كەتتىم . سىمونىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا توپ كونتىرول قىلىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش تاكتىكىسى قوللانماسلىقىنى تىلىدىم ....تىلىگىنىمگە چۇشلۇق  ئوتانچى رىقابەت ئەركەكلەرچە  ئويناپ ئاخىرغىچە قايتۇرما ھۇجۇمنى توختاتمىدى ، لېكىن مادرىت  ئاخىرى بېسىۋالدى . كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيۇشقا باشلىدى ، بىر كاللا قويىۋەتسە نىمە بوپ كىتەرمەن .....
كورنىر كۆتۈرۈلدى ، كۆزۈم رونالدودا ، كېلىۋاتقان توپ ئۇنى ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك ، ئارقىغا قارىدىم  راموسس!!!!! بېسىم ۋە يۆنىلىشى كۆڭۈلدىكىدەك تەڭشەلگەن توپ سولغا پىرقىرىغان پېتى كىرىپ كەتتى ..ھا!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! ئاۋازىم چىقىپ كەتتى ، گېلەمدە ئولتۇرۇپ تىلۋىزوردىن بىر مىتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ  بۇ توپ ئىناۋەتلىكمۇ ؟  دەپ كۆزۈمگە ئىشەنمىدىم ، ئەسەبىيلەرچە تەبرىكلەش.....راستكەن !!!!
چاچراپ تۇرۇپ تىزلانغىنىمچە دۈم يېتىپ  قېيناپام ئېپبەگەن يۇڭ گېلەمنى  گومباڭشىتىپ ئۇرغىلى تۇردۇم ، كۆزلىرىم ياشلاندى ، ‹‹راموس ، راموس ....ھا ھا ھا ›› گەپ قىلىۋاتىمەن ، كۈلۈۋاتىمەن ، ياش ئېقىۋاتىدۇ، گېلەمنىڭ توپىسى گالنى بۇغۇۋاتىدۇ...
خوتۇن چىقىپ سېرىق كارتا بەرگەندىن كېيىن شۈك ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆردۈم ..ئېسىل مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئېسىل يەرلىرىنى كۆرۈۋالدۇق ، ئارمان يوق .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 14:18:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىدنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 10مىنۇتتا مۇسابىقىگە ئۆزىنى ئۇرىشىغا قاراپ توۋا دېگەن سۆزنى باشلىۋەتكەن ئىدىم . 6-سەزگۈم بىر توپنىڭ كىرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ بولغان . دەرۋەقە ئۇرىۋەتتى ...
ئادەم تازا ھاجانلىنىۋاتقاندا  ، ماۋۇ كامىراچى دېگەن سولتەك ئادەمنىڭ كەيپىنى 0 گىلا چۈشۈرۈپ قويدى دېسە . قانداق قىلاتتى ، كامىراغا ئالىدىغان ئادەم چىقمىغاندەك ئۇددۇل ھېلىقى ھېسياتسىز پور كۆتەكنىڭ تۇرىقىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتمامدا ....

بۇ يىل زادى مادىرىدقا خاس لوڭقا ئىكەن بۇ . پور كۆتەكتىن باشقا پې پې دىن تارتىپ ئالۇنسوغىچە ھەممىسىنىڭ بۇ لوڭقىغا شۇنچىلىك تەلپۈنگىنىگە قاراپ بەك قايىل بولدۇم . مۇسابىقىدىن بۇرۇن جاننى تىكىپ ئوينايدىغىنى ئاتلىتكا ، ئۆزىنى ئايايدىغىنى مادىرىد دەپ ئويلاپتىكەنمەن  . پۈتۈنلەي خاتالىشىپتىمەن .
مادىرىدلىقلارنىڭ ئۆزىنى مۇشۇنچىلىك بېغىشلىغىنىغا قاراپ دۇنيا لوڭقىسىدىمۇ ياخشى نەتىجە ئېلىشىغا تىلەكداشمەن . ئەكسىچە ئۆزىنى ئاياپ يالغاندىن "ھامىلدار"بولىۋالغانلار ئالدىنقى قېتىمقىدەك 4:0 بىلەن شەرمەندىلەرچە قايتقاي ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 14:20:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە  بىر خىل ئۇتۇش رۇھى باتتى 93 مىنۇت بۇلغاندا  يىنىمدا ئۇلتۇرغان ئاكلىرىم ئۇمۇت ئۇزۇپ ھەممىسى  قايغۇرۋاتقاندەك تۇيۇلدى ، لىكىن  مەندە بىر خىل ئىشەش باتتى مۇشۇ كۇرنىك تۇپ بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتىمىز دەپ كۇزەمنى يۇمۇپ ئۇلتۇرسام كۇمپىتۇرۇمنىڭ لابارى جىتىلىپ كىتەي دىدى  ، ئاشۇ ئاۋاز بەرگۇچىلەرنىڭ ئاۋازى  تۇپ كردى   رامۇس  93 مىنۇت بۇلغاندا رامۇس  تەڭلەشتۇردى    ، بۇ مەيدان ھەقىقەتەن قىززىدى دىيىشلىرى قۇلاق تۇۋىمدىن كەتمىدى ، دەرھال كۇزەمنى ئاچسام 1-1 دەرھال سەكرەپ قۇپۇپ ۋاڭبادا بىر ئۇتۇنچىلار مەستانىسى باركەنتۇخ بىر تۇپ ئۇرۋالغاندا قېشىمغا كىلىپ بەك سۈزلەپ كەتكەنتى دەرھال بىرىپ گەدەنگە ئىككىنى قۇيۇپ تۇپ كىردى تەڭلەشتى دىسەم چىرايىدا  قان يۇق يۇغان ئىش بۇپتۇ دەيدۇ تېخى ئاكىلىرىم ۋە ۋاڭبادىكى  مۇسابىقە كۇرىۋاتقان مادىرىت مەستانلىرى بىلەن  بىر بىرلەپ قۇچاغلىشىپ خۇددى تۇپنى مەن ئۇرغاندەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم  . رامۇس ھەقىقىي قەھرىمان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 14:26:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇياش يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 12:53
مەنمۇ راستىنى دېسەم ، مادىرىد رىقابەتنىڭ قانچىلىك قىي ...

قايسى 5-1 نى دەيسىلە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 14:36:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادام خان مادىرىت مەستانىسى بولغاچقا چاۋاك چىلىپ تەبىركلەپ كەتتى.مەن بارىسلونا مەستانىسى بولغاچقا جىم ئولتوروپ دادامنىڭ چاۋاك چالغىنغا قاراپ تۇردۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 14:38:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن راموس كاللا قويغاندا  ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىر ئۇزۇن چاۋاك چېلىپ كەتتىم لىكىن ۋارقىرىمىدىم  ، قۇچاقلاي دىسەم بىرمۇ دوستۇم يوق ھەممىسى ماۋۇ خەق ، ئامال يوق چاۋاك چېلىپ تەبرىكلىدىم ئاندىن ئۈندىداردىكى دوسلار بىلەن تەبركلەشتۇق . ئۈزۈم تەبرىكلەر بىلەن قېلىپ مادرېد توپچىلىرىنىڭ قانداق تەبرىكلىگەنلىكىنى كۈرەلمەي قالغىنىمنىزە  ،....  ئىشقىلىپ بەك ئاددا-ساددا تەبرىكلەپ قويدۇم ، لىكىن خۇشاللىق چەكسىز ئۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 14:53:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈندىن باشلاپلا 11-لوڭقا ئۈچۈن ئالغا   سۇئارىزنى سېتىۋالسا

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
بوغدا + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 15:07:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇ چاغدا ئۇخلايتتىم، چۈشۈمدىمۇ كۆرمىدىم ئۇ كاللا توپنى. لىكىن كىيىنكى 3 توپن كۆردۈم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 15:09:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ۋاقتتا ئارقا ئارقىدىن بۇلۇڭ توپ كۆتىرىپ كەتتى ، ئۆزۈمنىڭ 6- سەزگۈسىمۇ بىلمىدىم ئىشقىپ شۇ بۇلۇڭ توپنى كۆتۈرگەن چاغدا مۇشۇ توپ ئىش تېرىيدىغان بولدى دەپ تۇرسام رامۇس كاللا قۇيۋەتمەمدۇ ، بىرنىچى بۇلۇپ كۆز ئالدىمغا مۇنبىرىمزنىڭ سادىق ئىشتىراكچىسى ئۈلكەر كەلدى ..........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 16:02:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راموس كالا توپنى  ئۇسۇپ كىرگىزگەن ۋاقتىدا خوشالىقىمدىن  تامنى  مۇشلاپتىمەن   بىرازدىن كېيىن  ئېسىمنى يېغىپ  يېنىمدىكى  دوستۇمغا  قارسام  كۆرپىگە  بېشىنى  تىقىپ  يېغلاۋاتقۇدەك   نېمە  بولدى  دېسەم  ئاخىرى  توپ  كىردى  دەيدۇ         ئېشقىلىپ  ئۇزۇن  قۇلاقنى ئالدۇق   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 16:19:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  مادرىدنى ئۇتتۇردى  دەپلا  ئويلاپ  ئۇخلاي ئەمدى دەپ تۇرسام شۇ توپ چۈشتى  مەنمۇ بەك خوش بۇلۇپ كەتتىم  ،  ئۇيقۇممۇ  بۇزۇلۇپ كەتتى  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 16:19:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتاقتىكى قىرغىز بالا بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ كۆرگەن، راس گەپ قىلسام شۇ بۇلۇڭ توپ چوقۇملا كىرىدۇ دىگەنتىم كۆڭلۈمدە، كۆزەمنى بىر يۇمۇپ ئاچسام راموس كاللىدىن بىرنى قويمامدۇ، ئۈستەلگە بىرنى قويۇپ قوپۇپ ۋارقىراپ كېتىپتىمە، ئاندىن ياتاقنىڭ دېرىسىزىدىن بېشىمنى چىقىرىپ تازا ۋاقىراپتىمە، راموس يارايدۇ، تۈنىگەن بېل دىگەن بالا سەل-پەل ئاقماي قالغان، ئاخىرىدا يەنە تولۇقلىۋالدى، دىمارىياغا گەپ يوق، ئېسىل مادىرىد، 12يىللىق ساقلاشنىڭ ھاردۇقى چىقتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 16:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش