akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2934|ئىنكاس: 90

راموسنىڭ كاللا توپىغا قانداق ئېنكاس قايتۇردىڭىز ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
下载.jpg
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى :
ئاخىرلاشمايدىغان سورۇن يوق دېگەندەك ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ مۇسابىقىلىرىمۇ تۈگىدى ، بەزىلىرىمىزگە ئۆزىمىزگە ناتۇنۇش بولغان بىر خىل خۇشاللىق ھەمراھ بولغان بولسا ، يەنە بەزىلىرىمىز ئۆزىمىز ئۆتەشكە تېگىشلىك بولمىغان ، مەغلۇبىيەت ئازابىنى تىتىماقتىمىز . ئاخشامقى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى پەقەت مادرىد مەستانىلىرىلا ئەمەس بەلكى ھەر قايسى كۇلۇپ مەستانىلىرىمۇ ئۆزىنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىدىن كېچىپ كۆردى دەپ قارايمەن . ھېچكىمنىڭ بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرگۇسى كەلمەيدۇ ئەلۋەتتە .
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم ، مۇسابىقىنى كۆرگەنلەرگە ئايان بولغىنىدەك ، مۇسابىقىدە مادرىد رەقىبىنى يېڭىپ ، 10- قېتىملىق لۇڭقىنى قولغا كەلتۈردى ، مۇسابىقە جەريانىدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان بەزى نۇقتىلاردا ئىككى ئېغىز سۆزلەپ باققۇم كەلدى .
1- مۇشۇنداق يۇقىرى سەۋىيىدىكى مۇسابىقىدە ،ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئازراق خاتالىقى تۈپەيلى ، ھەممە كىشىگە مەغلۇبىيەتچى قالپىقى كىيىلىپ قالىدۇ ، تۈگۈنىكى مۇسابىقىدە ئەگەر راموسنىڭ ئاشۇ كاللا توپى بولمىغان بولسا ، بۈگۈنكى كۈندە كاشىلياسنى نېمىلەرنى دەۋىتەتتۇق ، بۇنى ئۆزىمىزلا بىلىمىز . كاشىلياسنىڭ ئاشۇ چىقىشقا تېگىشلىك بولمىغان توپقا ، ئىككىلىنىش تەرىقىسىدە ئالدىغا چىقىشى ، مادرىتنىڭ توپ كەتكۈزۈپ قويۇشىغا سەۋەبچى بولدى .

2- بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىل گەرچە بىر توپ بىلەن ، مادرىتنىڭ غەلىبە ئىشىكىنى ئاچقان بولسىمۇ ،  قىلىچتەك ئۇچ پۇرسەتنى يوق قىلدى ، بۇ ئۇچىلى توپنى ئەگەر كۆزى يەتمىسە ، باشقا سەپداشلىرىغا پاس شەكىلدە يەتكۈزۇپ بەرسە تامامەن بولاتتى ، مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە بىلنىڭ شەخسىيەتچىلىكى تۇتۇپ ، مادرىتنىڭ تەڭلىشىۋىلىش ،ئارقىدىن  ئېشىپ كېتىش پۇرسىتىنى يوق قىلدى . بۇ چاغدىكى مادرىد مەستانىلىرىنىڭ بىلغا بولغان كۆز قارىشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى دەپ قارايمەن ، لېكىن يېنىمدا بىللە توپ كۆرگەن ، بارسېلونا مەستانىلىرى ، بىل توققۇز دوللارغا تەڭ ئىكەن دەپ مەسخىرىلىك كۈلگەن ئاۋازى ، ماڭا بەكمۇ غەلىتە تۈيۈلمىدى . لېكىن غەلىبە خۇشاللىقى،  بىلنىڭ  ئۇ سەۋەنلىكىنى تامامەن يېپىپ كەتتى . بىلنىڭ قايتقان ئاشۇ توپقا بولغان مايمۇندەك چاققانلىقى ، ئۇنىڭ يۈز مىليونغا ئەرزىيدىغىنى ، 90 مىنۇتتىن كېيىنمۇ  ، شامالدەك سۈرئىتىنىڭ ھەتتا يۈز مىليوندىنمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدى .

3- مادرىتتا ئەڭ ئاز مائاش ئالدىغان ، لېكىن ئەڭ كۆپ يۈگۇرۇيدىغان ، ئەڭ كۆپ توپ تالىشىدىغان ، ئەڭ كۆپ پاس بېرىدىغان ، مەيداننىڭ ھەممە يېرىدە سىماسىنى كۆرگىلى بولدىغان ماھىر كىم ؟ ئۇ دەل ئارگىنىتىنالىق ياش دىمارىيا .
دىمارىيانىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى ، مۇداپىئەگە قاتنىشىش ، ھۇجۇم تەشكىللەش ، لېكىن ماڭا ئەڭ تەسىرى قىلغىنى ، ئاتلىتكو مادرىتتا ئاشۇنداق قۇپال مۇداپىيەچىلەرنىڭ بارلىقىنى دىمارىيا بىلمەسمۇ ؟  دىمارىيانىڭ دۇنيا لۇڭقىسىغا قاتناشقۇسى يوقمۇ ؟  بۇ سۇئال نەچچە كۈن بۇرۇن دىمارىيادىن سورالغاندا ، بۇ ئاددى ساددا بالا ناھايىتى چۈشىنىشلىك قىلىپ : بىز كېيىنكى ئىشلارنى بىلمەيمىز ، ئالدىمىزغا كەلگەن رىقابەتكە توغرا يۈزلىنىشىمىز كېرەك ، دۇنيا لوڭقىسى ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىن كېيىن،  شۇڭا مەن ھەممە كۈچۈمنى باشتا ئۇزغۇنلۇق ئۇچۇن چىقىرىمەن ، دۇنيا لۇڭقسىدا دۆلىتىم ئۇچۇن شەرەپ قۇچىمەن دەپ جاۋاپ بەردى . ئۇ ئۆزىنى ئايىمىدى ، باشقىلاردەك تۈگۈلۋالمىدى ، ياۋۇز يېرتقۇچنىڭ ھەيۋىسىدىن قۇرقۇپ ئۆزىنىڭ ئولجىسىنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويمىدى ، بەلكى قىران بۇركۈت كەبى قولدىن كەتكەن ئوۋنى قايتۇرۇپ ئەكەلدى . مۇشۇ پۇرسەتتە مادرىد يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ، كىمنىڭ ئەڭ مۇھىم ، كىمنىڭ ئادەتتىكىچە مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشغا تىلەكداشمەن ، ئەگەر بۇ يۆتكىلىش بازىرىدا، مادرىد  ھەر قانداق باھا بىلەن دىمارىيانى قولدىن چىقارسا ، دىمارىيا كەتكەن كۇلۇپقا قوش مەستانە بولىمەن  .

4- مەن تېرىنىر ئەنچىلوتىنىڭ بۇرۇنقى ئىش ئىزلىرىنى تازا بىلمەيمەن ، لېكىن مادرىتقا كەلگەندىن كېيىن ، ئەنچىلوتىنىڭ تولىمۇ ئېغىر بېسىق تېرىنىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم ، ئۇنىڭدا تېرىنىرلارغا خاس ھاكاۋۇرلۇق تېپىلمايدىكەن ، ھەر قانداق نەتىجە ئالدىدا ئۆزىنىڭ پىتىنى يوقاتمايدىكەن . لېكىن مەن ئەنچىلوتىنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى تازا ياخشى كۆرمىگەن ئىدىم ، مېنىڭچە بولغاندا تېرىنىر بولغان ئادەمنىڭ مۇھەببەت نەپرىتى ئېنىق بولىشى كېرەك ، ئەگەر توپچىلار ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلمىسا ، تېرىنرى ۋاقىتىدا ئۇنىڭغا كۆرسەتمە بېرىشى كېرەك ئىدى ، لېكىن ئەنچىلوتىنىڭ ھەر دائىم ، توپچىلارغا بېرىدىغان كۆرسەتمىسى  ، دىققىتىڭنى مەركەزلەشتۈر ، دىققىتىڭنى مەركەزلەشتۈر ، يەنە دىققىتىڭنى مەركەزلەشتۈر . ئىككى قول بىلەن يەرنى باسقان ھەرىكىتى ماڭا تازا ياقمايتتى . مەنچە بولغاندا ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈش ھەرىكتى توپچىلارنى تېخىمۇ روھلاندۇراتتى . لېكىن تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ تېرنىرلىرىنىڭ ھەركەتلىرىگە ، قاراپ باقسام ئاتلىتكو مادرىد تېرىنىر بىر مىنۇتمۇ توختىماي توپچىلارغا بېسىم قىلىپ چىقتى ، لېكىن ئەنچىلوتى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئېغىر بېسىقلىقنى ساقلاپ قالدى ، ئاقىۋەت قانداق بولدى ؟ ھەيران قالارلىق نەتىجە بارلىققا كەلدى ، ھەر ئىككى كوماندا ئوخشاش 90 مىنوت مۇسابىقىنى تۈگەتتى ، ھەم ھەر ئىككى كوماندا 30 مىنۇتلۇق قۇشۇمچە ۋاقىت مۇسابىقىسىنى ئوينىدى ، لېكىن مادرىد تەرەپنىڭ ئەزالىرى خۇددى يېڭى مەيدانغا چۈشكەن توپچىلاردە روھلۇق ھالەتتە ، جەڭنى قايتىدىن باشلاپ كەتتى ، ئەمما سىميونىنىڭ ئەسكەرلىرى بولسا روھى جەھەتتە تۈگىشىپ ، ھالسىرىغان ھالىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى ، دېمەك تېرىنىرنىڭ ئۇلارغا توختىماي بېسىم قىلىشى،  ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى بەدەن قۇۋۋىتىنى ،باشقىچە خۇرىتىۋەتكەن ئىدى ، ھەتتا ئۇلار مارسىللونىڭ ئىلىپ كىرگەن توپىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۇشكىمۇ ماغدۇرى قالمىدى .

5 - 93 مىنۇتلۇق ئاشۇ ۋاقىتنىڭ مادرىد مەستانىلىرى ئۇچۇن قانداق ئۆتكەنلىكىنى ھەممە مەستانىنىڭ ئۆزىگە ئايان ، ھەممە مەستانە بىر قەھرىمانىنىڭ كۆكرەك يېرىپ مەيدانغا چىقىپ ، بۇ قاتماللىقنى يوقىتىشىغا تولىمۇ ئىنتىزار بولغان ئىدى ، ئاخىرى بۇ قەھرىمان مەيدانغا كەلدى ، ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۆچۈپ قالاي دېگەن شامنى قايتا ياندۇردى ، بۇ شامنىڭ ئوتى بىلەن گۈلخان ياققىلى بولىدىغانلىقىنى ھەممە مەستانىلەرگە ئايدىڭ ئىدى . گۇلخانىمۇ يېقىلدى ، ھەممە تەڭ گۇلخانىنى چۆرگىلەپ ساماغا چۈشتى .

1400964262732_lc_galleryImage_Real_Madrid_s_Sergio_Ramo.JPG
مانا بۇ بەش نۇقتا ماڭا ئەڭ تەسىرى قىلغان كۆرۈنۈشلەر ، ھەم مەن ھېس قىلغان نۇقتىلار .
ئەمدى تېمامنى شۇنداق بىر سوئال بىلەن ئاخرىلاشتۇرماقچىمەن لېكىن راس گەپ قىلىشىڭىز كېرەك
راموسنىڭ ئاشۇ كاللا توپى كىرگەندە ، سىز ھەركىتىڭىز ئارقىلىق ،  قانداق ئىنكاس قايتۇردىڭىز ؟ (يەنى قانداق تەبرىكلىدىڭىز )
مەن ئورنۇمدىن چاچراپ قوپۇپ ، ئۇچ پىرقىراپ ، يېنىمدىكى بالىنى قۇچاقلاپ قويدۇم . (كېيىن ئويلاپ باقسام ئاشۇنداق قىلىپتىمەن )

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
تۇمشۇق + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 20:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راموس بىلەن مارسېلو ئىشقىلىپ كونا مادرىدلىق،    مارسېلونىڭ يىغىسى مېنى خۇشال قىلدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 14:53:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈندىن باشلاپلا 11-لوڭقا ئۈچۈن ئالغا   سۇئارىزنى سېتىۋالسا

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
بوغدا + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 11:40:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى دېمەي دېگەنتىم ئەبرارجان سوراپ قاپتىكەن مەنمۇ دەپ بېرەي.

مەن كاللا توپ چىقارغان ۋاقىتتمۇ بىر خىل مەيۇس ئوتتۇرۇپتىكەنمەن.( كاللا توپ بەك جىق كۆتۈرلۈپ كەتكەن بولغاچقا) .  شۇنداق كاللا توپ چىقىرىپ كىمۇ ئىشقىپ بىرىسى ئۇسسۇپلا كىرگۈزگەنتى مۇگدەپ ئوتتاغان يەردىن چاچراپ ئويغىنىپ ئىككى قولۇمنى كۆتۈرۈپ تەبرىكلەپ كەتسەم ئاغىنەم ئۇخلاپ قالغىلى تۇرۇپتىكەن مۇگدەپ. ئۇمۇ قورقۇپ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ نېمىش بولدى دەيدۇ. مەن : ‹‹توپ كىردى توپ كىردى . يېس يېس يېس  ››

ئىشقىپ كىلەر يىلى ئۇزغانلىققىچە خۇشال ئۇتىدىغان بولدۇقتە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 11:41:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمارىيا بىلەن ۋارانى ياخشى ئويناپ قويدى..توۋا ما رامۇسنى دەيمەن 7مەيداندا 6توپ،بېنزىمانى بەكلا خىجىل قىلىپ قويدىغۇ،،دىمارىيادا سۈرئەت بۇلۇشتىن باشقا يەنە ئاجايىپ ئالداش تېخنىكىسى بار ئىكەن،شۇنچە سۈرئەت بىلەن نەچچىنى ئالداپ ئۈتۈپ كەتتى،،بېلنىڭ سۈرئىتىدە گەپ يوق.ئەمما تۇنجى قېتىملىق ھۇجۇمدا توپنى ئۈزى ئۇرمىسىمۇ تامامەن پاس تاشلاشقا ئۈلگىرەتتى،،،ئىشقىلىپ لوڭقىنى ئالدىڭلار مۇبارەك بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-25 11:43:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 05:41
دىمارىيا بىلەن ۋارانى ياخشى ئويناپ قويدى..توۋا ما رامۇ ...

راموسنىڭ كاللا توپىغا سىز ئېنكاس قايتۇرمىدىڭىزما ؟  بۇ سوئال بۇ تېمىنى كۆرگەن ھەممە ئەزاغا قويۇلغان .
كۆرمەي قاپتىمەن  ، خۇش ياقماي قارىماپتىمەن دەپ قويسىڭىزمۇ ھېساپ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 11:47:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
92 مىنۇتتا كومپىيوتۇرنىڭ سىمىنى ئۈزگىلى قۇلۇمنى ئاپاردىم دەل شۇ ۋاقىتتا بۇلۇڭ توپ چىقتى بولدىلا تايىنلىق كۈرىۋېتەي دەپ قاراپ ئولتۇرسام راموس كاللا توپ ئۇرماسمۇ قۇچاقلاي دىسەم نەرسە يوق قانداق ۋاقىرغىنىمنى بىلمەيمەن دادام يۈگىرەپ كىرىپتۇ نىمىش بولدى دەپ شۇ چاغدىكى ھىسياتىمنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەي قالدىم راموسنىڭ ئورنىدا رونالدو بولغان بولسا كىرىپ دادامنى سۆرەپ قۇپۇرۇپ قۇچاقلىۋالغان بولاتتىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 11:54:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇسابىقىنى كۆرەلمىدىم  ..بەك ئەپسۇس   بىراق يېرىم كېچىدە قوپۇپ تېلفۇندا قارىسام 1-0 دەپ تۇرمامدۇ  ..يەنە يېرىم مەيدان باركەن دەپ ئۇخلاپ قوپسام 90 مىنۇت بوپتۇ. ئاپلا دەپ يۈرەكلىرىم سوقۇپ كەتتى...مۇشۇنداقلا مەغلۇپ بولارمۇ دەپ ئۇخلىماي نۇرغۇن خىياللارنى سۈرۈپتىمەن...يەنە كۆزۈم يۇمىلىپ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن.... مادىرىد 3-2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بوپتىمىش ..يىغلاپ كېتىپتىمەن... ئىتتىك چۆچۈپ ئويغۇنۇپ قوپسام كۆزلىرىمدىن ياش ئېقىپ يوتقاننى نەمدىۋىتىپتۇ....تېلفۇننى ئېچىپ قارىسام ئاللا بۇرۇن 1-4 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ لوڭقىنى كۆتىرىپ بوپتۇ....بەك خۇشال بوپ كەتتىم...  تەبرىكلەي دېسەم جىمجىت ئۆيدە يېرىم كېچىدە ئۇنداق قىلسام قاملاشماس    ھا  ھا    مۇبارەك بولسۇن بارلىق مادرىد مەستانلىرى ۋە ئۆزۈم ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 11:57:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئولتورغان يىرىمگە قاتتىق  مۇشلاپ تەبىرىكلەپ كەتتىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 11:57:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايالىمغا نىمە ئېلىپ بېرەرمەن...چىمپىيون بولسا دېگىننى ئېلىپ بېرمەن دېگەنتىم...ئەمما ئۇ مادردنىڭ چىمپىيون بولغىننى ئۇخمايدۇ تېخىچە ھا  ھا   ئەمدى دەپ بېرەيچۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 12:01:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبرار يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 11:43
راموسنىڭ كاللا توپىغا سىز ئېنكاس قايتۇرمىدىڭىزما ؟  ب ...

مەن ئۇ چاغدا ئاللا بۇرۇن ئۇخلاپ بولغان كەچۈرۈڭ كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقالماي قالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 12:03:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راموسقا گەپ كەتمەيدۇ.ھالقىلىق پەيىتتە كوماندىنىڭ ئىشەنچىنى قايتىدىن تىكلەپ بەردى.دىمارىيا مادىرىدنىڭ سەپ شەكلىدە كەم بولسا قەتئي بولمايدىكەن.
كاۋاخالمۇ قالتىس ياخشى ئوينىۋەتتى.
ئەنچىلوتى كىيىنكى مەيداندا ئالمىشىپ چىققان ئەزلارانىڭ رولىمۇ ناھايىتتى ياخشى بولدى.مارسىلو،ئىسكو چىقىپلا ھۇجۇم دىگەننى ياغدۇرۇپ ئوتۇنچىلارنى تەرلىتىۋەتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 12:06:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەبرى22 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 12:01
مەن ئۇ چاغدا ئاللا بۇرۇن ئۇخلاپ بولغان  كەچۈرۈڭ كۈ ...

بولدى ئۇتتادى دەپلا ئۇخلۋالغان گەپكەندە ھە.... ئەمسە مەن سوراپ باقاي ئەتىگەن قوپۇپ مادرىدنىڭ چىمپىيون بولغىنىغا قانداق ئىنكاس بىلدۈردىڭلا ؟  ھى  ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-5-25 12:09:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن راستىنى دىسەم ئۆينى بىشىمغا كەيدىم....ئايالىم ئويغىنىپ ساراڭ بۇلۇپ قالمىئغانسىز نىمانچىۋالا بەك ۋارقىراش بۇ دەپ سۆزلەپلا كەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 16:20

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش