akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4067|ئىنكاس: 89

بېكخام سىماسى-خاتىمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەبرى22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-25 23:24  

                                                                    بېكخام سىماسى-خاتىمە

                                                                    ئاپتۇردىن  
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارىلىق قېرىنداشلار كەمىنە سەبرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.....ئاز كەم تۆت ئاي ئىلگىرى بۇ كىتاپنى قۇلۇمغا ئېلىپ ،پۇتبول مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە پۇتبولغا بولغان يۈكسەك ئىشتىياقىمنىڭ تۈرۈتكىسىدە، ئۇشبۇ كىتاپنى تەرجىمە قىلىشتەك ۋەزىپىنى ئۈزمگە نىشان قىلغان مەن،تامام مەنزىللىرىنىڭ يىراقلىقىنى،مۈشكۈللەرنىڭ قىيىنلىقىنى ،ۋەزىپە سالمىقنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ يەنىلا ئۈزۈمنى سىناپ بېقىش مەقسىدە بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلغان ئىدىم.شۇنداقلا 1-ماي بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغانلىقىمنىڭ توپتوغرا بىر يىللىقىنى كۈتىۋېلىشتەك ئەھمىيەتلىك كۈنگە توغىرلاپ پۈتتۈرۈپ ھەرقايسىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدىم.ئەپسۇس ھاياتتا ھەممە ئىشلار ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بېقىپ كىتىشى ناتايىن ئىكەن.بۇ جەريانلاردا تۇرمۇش،ئۆگىنىش،ۋە ياشاتىن ئىبارەت تۈرلۈك جەريانلارنىڭ ئارىسىدا ھەرتۈرلۈك قىسمەتلەرگە يۇلۇقۇپ تۇرىدىكەنمىز.شۇنچە تىرىشقان ،ۋاقىتنى ئۇتۇشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بولساممۇ ئاخردا يەنىلا بۇ ۋەزپىنى تۇلۇق ئادا قىلىشقا ئامالسىز قالدىم.سەۋىيىرىمنىڭ چەكلىك ،قەلەم قۇۋىتىمنىڭ ئاجىز،تەپەككۇرىمنىڭ تېيىزلىقى ۋەجىدىن ئەسلى تۆت باپقا بۈلۈنگەن بۇ ئەسەرنىڭ پەقەت بىر بابىنىلا تەرجىمە قىلىشقا ئۈلگۈردۈم.شۇنداقتىمۇ قالغىنى داۋاملىق تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن جان-جەھلىم بىلەن تىرىشىمەن،
ھەممىگە مەلۇم تەرجىمە خىزمىتى جاپالىق،سالمىقى ئېغىر،يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولغانلىقى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىش جەريانىدا مەنددەك بىر ئاددى ھەۋەسكارنىڭ خاتالاشقان نۇقسانلارنى پەيدا قىلغان يېرىمنىڭ بۇلىشى تەبىئىي.شۇڭىلاشقا ھەرقايسى قېرىنداشلارنىڭ ئۇشىبۇ ئەسەرنى ئۇقىغاندىن كىيىن بايقىغان مەسىللەرنى ۋە تەكلىبلىرىنى،شۇنداقلا ياقتۇرغان بولسا قوللاش تىلەكلىرىنى ئىجابى يۇسۇندا قالدۇرۇپ قۇيۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن.





                                                                    بېكخام سىماسى -خاتىمە
(تەڭداشسىز پۇتبول پىروگگىرامىسنىڭ بېكخام سىماسى توغرىسىدا ئىشلەنگەن ،شۇناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ  ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى)
                       تەرجىمە قىلغۇچى ؛سەبرى

بىرىنچى باپ~بالىلىق دەۋىر

1.لوندوندىن~مانچىستىرغىچە                                                            3.شانلىق 92-دەۋىر
2.دەرىجە ئۆرلەش سىزىقىدا                                                              4. پۇلىستۇنغا ئىجارىگە بىرىلىش                                 
                                                   
                          مانچىستىرنىڭ كىيمنىنى ئۇچىسىغا ئارتىپ ،ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.
          ئەمدىلا 14ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بېكخامنىڭ تۇنجى قېتىم مانچىستىردا مانا مۇشۇنداق ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىشى.
                                 بىرىنچى قېتىم ئۈيىدىن ئۇزۇن ۋاقىت يىراقلىشىشىغىچە بولغان جەريانلار.
     ئۇلار ھەمىشە مۇنتىزىم بىر كوللىكتىپ بۇلالايتى،ئۇلار بىرلىكتە شانلىق تارىخنى ياراتتى،بىرلىكتە تالاي لوڭقىلارنى كۆتۈردى.
             مانچىستىرنىڭ 92-يىللىق ئۇقۇغۇچىلىرى،مانچىستىر تارىخدا مەڭگۈلۈك ئۆلمەس ۋە ئۆچمەس كىلاسسىك ھىكايە.
                        ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەركىتى،ھەربىر سىماسى بۇ زىمىندا مەڭگۈگە ئەبدىل-ئەبەد ساقلىنىپ قالغۇسى.

لوندوندىن~مانچىستىرغىچە~~~~`
2013-يىلى5-ئاينىڭ17كۈنى.داۋىد بېكھامنىڭ پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كىيىن  چىكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان بىرىنچى كۈنى.
بۇنىڭغا ئوخشاش دۇنيادىكى تەسىرنى مۆلچەرلەش قىيىن بولغان شەخىس ،تۇيۇقسىز چىكىنگەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كىيىن .پۈتۈن دۇنيا توپ مەستانىلىرى دىققەت ئىتىبارىنى يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭغا ئاغدۇردى.ئەلۋەتتە بۇنداق قىززىق نۇقتىلىق خەۋەرلەرنىڭ جاۋابىنى كەڭ مەستانىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئەنگىلىيە ئاسمان تەنتەربىيىسى تىلۋىزىيە قانىلى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ تۇنجى قېتىملىق زىيارەت ھۇقۇقىنى ئالدى.بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ باھالىغۇچىسى ۋە مەخسۇس زىيارەت قىلغۇچى ،بېكھامنىڭ ئىلگىركى سەبدىشى ۋە يېقىن دوستى گالى نېۋىل ئىدى.گالى نېۋىل بولسا بېكھامنىڭ ئىلگىركى مانچىستىردىكى سەبدىشى ۋە ئەڭ يېقىن دوسلىرىنىڭ بىرى،شۇڭىلاشقىمۇ ئۇ چىكىنگەندىن كىيىنكى تۇنجى قېتىملىق زىيارەت ھۇقۇقىنى ئۇنىڭغا بەرگەن ئىدى.
شۇنداق بۇ كۈن ھامىنى يىتىپ كىلەتتى.ئەمما راستىنلا يىتىپ كەلگەندە بولسا ،كىشلەر قۇبۇل قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتاتتى.يەنە بىر قىسىم كىشلەر بولسا ھەقىقەتەن ئازابلانغان ئىدى.گالىنىڭ زىيارىتى  بېكھامغا لوندوندىن تاكى ئەڭ ئاخىرقى بېكەت پارىژغىچە بولغان جەريانلارنى ئەسلىتىپ قويدى.،شۇنداق مۇشۇ دەقىقىلەردە پۈتۈن دۇنيا توپ مەستانىلىرى بېكھامنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىلىشكە تىرىشىۋاتقان ئىدى.
بېكھام بىلەن گالى نېۋىل ھەر  ئىككىلىسىلا مانچىستىرنىڭ 92-يىللىق ئۇقۇغۇچىلىرى ھىسابلىنىدۇ.پۇتبول مەيدانىدا بولسا بېكھام ئالدىدا ،گالى كەينىدە.ئورتاقلىقى شۇ بولدىكى ئۇلار ھەرئىككىلىسى ئېنگىلات ۋە  مانچىستىر بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ ئالتۇن ئوڭ پۇتلىرى.كۇلۇپتكى 14پەسىل،دۆلەت كوماندىسىدكى 13يىللىق سەبداشلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھىچقانداق ئارلىقنى قويمىغان ئىدى.مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە پەيىتتىكى بىرقېتىملىق زىيارەت، كونا دوسلارنىڭ ئىلگىركى ھەممە ئۆتمۈشىنى كۆز ئالدىغىلا ئەكىلىپ قويغان ئىدى.

-«سەن تېخى يېقىندىلا ئۈزۈڭنىڭ چىكىنگەنلىكىڭنى جاكارلىدىڭ،ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ۋاقىتنى تاللاشنى ئويلىشىپ قالدىڭ؟»
-«بۇ بىرنەچچە يىلدا مەن نۇرغۇن دوسلىرىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇردۇم،ئۇلار دائىم  ماڭا :سەن ھەرۋاقىت تەييارلىق قىلىپ قويغىن،تەييارلىقڭنى پۈتتى دەپ ئويلىغىنىڭدا بولسا دەرھال چىكىنگىن،ئىشنىمىز سەن ئۈزۈڭنىڭ قاچان چىكىندىغىنىڭنى بىلىسەن.مانا بۇلار دوسلىرىمنىڭ ماڭا بەرگەن جاۋابى بولدى.مەن ئويلايمەن،مىنىڭ ھازىر تەييارلىقىم پۈتتى.ئەمما شۇ نۇقتا ئېنىقكى بۇ قارارنى چىقىش  مەن ئۈچۈن ناھايىتى قىيىنغا چۈشتى.چۈنكى مەن ئۈزۈمنى يەنىلا  داۋاملىق توپ تىپىش  ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ ئويلايمەن.ئۈتۈپ كەتكەن 6ئايدا مەن ئىزچىل ئۈزۈمنىڭ قانداق قىلىشىم كېرەكلى ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم.ھەم ئۆز ئۈزۈمگە توختىماي خىتاپ قىلىپ كەلدىم.ئەمما مەن  يەنىلا چىكىنىش يۇلىنى تاللىدىم.
-«سىنىڭ تۇيۇقسىز چىكىنشىنى خىيال قىلىپ قېلىشىڭغا قانداق مەسلە سەۋەپ بولدى؟»
-«بەلكىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق  مۇسابىقسىدىكى ساھىبخان  مەيدان ۋاقىتىمىزغۇ دەيمەن،مىسسى مىنى ئالداپ ئۈتۈپ كەتتى،ھا ھا ھا،،ھې ھې ھې،،،راستىنى ئېيتقاندا مەن بىلمەيمەن.
-«سىنىڭچە سەن باشقىلارنىڭ سىنى بىر پۇتبول تەنھەركەتچىسى دەپ  قارىشىنى ئۈمۈد قىلامسەن ،ياكى22يىللىق پۇتبول ھاياتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان داڭلىق چولپان دەپ قارىشىنى ئۈمۈد قىلامسەن»؟

-«مىنىڭ ئويلايدىغىنىم ،پەقەت باشقىلارنىڭ مىنى كەسكىن توپ ئوينايدىغان.ھەر  بىر مەيدان  مۇسابىقىگە  نىسبەتەن ئىنتاھىن قىزغىن مۇئامىلىدە بۇلدىغان .ھەر  بىر قېتىم پۇتبول تەپكەندە پۈتۈن جان جەھلى بىلەن بېرىلىپ زېھنى  بىلەن توپ ئوينايدىغان،پۇتبولچى سۈپىتىدە ئىسىدە ساقلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.كىشلەر ھەمىشە مىنىڭ  مەيدان سىرتىدىكى ھەركىتىمگە دىققەت قىلىشىدۇ.مۇشۇنداق چاغلاردا ئۈزۈمنى خۇددى قەپەسكە سولىنىپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالىمەن.تېخى بەزى چاغلاردا  ئۇلار مىنىڭ بىرەر سەۋەنلىكىمنى تۇتىۋېلىپ مەيدان ئىچىدىكى تىرىشچانلىقمىنى ئىتبارغا ئالمايدۇ.لىكىن مەن يۇقىردا تىلغا ئالغان مەسىلىلەر مىنىڭ ھاياتىمغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى.ئەمما راستىنى ئېيتقاندا،مىنىڭ كۆڭلۈم ھەقىقەتەن ئازار يىگەن.شۇنداق مەن پۇتبولچىلىق كەسپى ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە ئاددىغىنىە پۇتبولچى سۈپىتىدە،دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر  كوماندىدا،ئەڭ قالتىس ۋە  ئەڭ داڭلىق ماھىرلار  بىلەن سەبداش  بۇلۇپ ھاياتىمنىڭ گۈزەل ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزدۈم.بۇ كوماندا  ئۈچۈن كۈچ قوشالىدىم. بۇمۇ مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز شەرەپ.»


ھەممىنىڭ قەلبىدىن ئۇرۇن ئالغان ئېنگىلاتنىڭ پەخىرلىك پۇتبولچىسى داۋىد بېكخامنىڭ قارىشىدا،ئۇ ھەممىنىڭ چۇقۇنىدىغان ئوبىكتى ئەمەس،ھەم داڭلىق كىشىمۇ ئەمەس،شۇنداقلا قېلىچتەك ھۇجۇمچى  ئەمەس،شۇنداق ئۇ ئۈزىنى ھەرقاچان ئاددى ئادەم دەپ ئويلايدۇ.شۇنداق پەقەت ئاددى پۇتبولچى خالاس.

دەر ھەقىقەت~ئۇ ئۈزنىڭ پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ كاتتا سەھنىدە ،مۇۋەپپىقىيەتكە ئرىشكەنلىكىنى
كۆرۈپ يەتتى،ھاياتتىكى بارچە مۈشكۈلاتلار بولسا شەرەپ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان ئىدى.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ زور قۇربانلىقلارنى بەردى،ھەتتا،،،،..؟.ئەمما ئۇ ،بۇنىڭ جاۋابىنى ئېلىشقا تامامەن ئۈلگۈردى.22يىللىق يشىل چىملىق ھاياتىدا تالاي قۇربانلىقلار،تالاي رىيازەتلەر  ،بېكھامنىڭ ئۈزىگە  بولغان ئىشەنچىسىنى ۋە ھاياتقا بولغان مۇستەھكەم ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بەردى.ئۇ ھەمىشە چىداپ كەلدى،كۆپ تىرىشتى،بەل قۇيۋەتمىدى،ۋاز كەچمىدى،ئەڭ دەسلەپ تۇرغان شۇ ئورنىدا تاكى ئەڭ ئاخىرغىچە مۇستەھكەم ئابىدە تىكلىدى.ھەئە ئاخىردا  بولسا ئۆزگىچە بىر  ھىكايىنىڭ يىزىلىشغا سەۋەپ بولدى،بەلكىم ئۇ ئۇ ئۈزىمۇ ئويلاپ باقمىغان بولسا كېرەك.شۇنداق قىلىپ 21-ئەسىر تارىخدا ئېنگىلاتتىن ئاجايىپ  بىر شەخس بۇ دۆلەتكە مەڭگۈلۈك سىموۋىل بۇلۇپ قالدى.


دەرۋەقە ،بېكھام سىماسى يىراقلارغا تاراپ كەتتى،ياۋرۇپادىن باشلانغان بۇ تەبەسسۇم~پۈتۈن ئاسىيا،ئامىركا ئەللىرىدىن ئۈتۈپ ھەتتاكى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلىقىنىمۇ بوش قويمىغان ئىدى.ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا تۇرغان بىر توپ كىشلەرگە ئۇنىڭ سۈرئىتىنى كۆرسەتسىڭىز بەلكىم مەمنۇن بولغۇدەك جاۋاپ ئالالشىڭىز مۇمكىن.ئوكئانىيە ۋە  كىچىك ئاسىيامۇ بۇنىڭ سىرتىدا  ئەمەس ئەلۋەتتە.
شۇنداق بېكھام سىماسى مەڭگۈگە داۋام ئەتكۈسى........!
بۇ ھەقىقەتەنمۇ بېكھامغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئاجايىپ ھىكايە.بۇنىڭدا ئۇنداق كۆپ كۆپتۈرمىلەر ۋە ئاشۇرمىلار يوق.شۇنداقلا سىز ئويلىغاندەك باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك قىززىق ھىكايىلەرمۇ يوق.بۇ پەقەت بىر رىۋايەتلىك شەخىسنىڭ ھايات مۇساپىسى داۋامىدىكى يىغىنچاغلانغان كىچىككنىە تارىخ ئۈزۈندىسى. شەرەپ قۇچۇپ  مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ياشنىڭ تاتلىق  ئەسلىمسىى،شۇنداق،بۇ ~قۇرلار. دەل ئۇنىڭ ئۈستىدە  رىئاللىققا ئايلانغان.
سەيدۈستون.بۇ يەر  ئەنگىلىيەنىڭ شەرقى قىسىم رايۇنىغا جايلاشقان ئىنتايىن ئاددى بىر يېزا.لوندوننىڭ شەرقى رايۇنىغا تەۋە.قۇللۇق دەۋىردە  بۇ جاينىڭ ئاھالىلىرى زومىگەرلەر تەرپىدىن ئىنتايىن زور ئىزلىشكە ئۇچىرغان.فىئوداللىق دەۋىردە بولسا ئاساسلىق ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئېغىر ئەمگەكلەرنى زىممىسىگە ئالغان.
بېكخامنىڭ دەسلەپكى پۇتبولغا بولغان قىززىقىشى قوروسىنىڭ كەينىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان مېھمان كۈتۈش گۈللۈكىدىن باشلانغان.ئەمما ئۇنىڭ بەدەن ساپاسى ئۇنچىۋالا ياخشى دەپكەتكىلىمۇ بولمايتى.بەدىنى ئىنتايىن ئۇرۇق بۇلۇپ شۇ چاغلاردا پۇتبول تىپىش تەن قۇرۇلىشى تېخى تۇلۇق ھازىرلانمىغان ئىدى.ئەمما ئۇ بۇ قىيىنچىلىقلارنى ياشاشقا ۋە پۇتبول بولغان ئۈمۈدلۈك روھى ئارقىلىق بىر ئۆمۈر يېڭىپ كەلگەن ئىدى.دەرۋەقە ،ئۇمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاشلا بالدۇرلا مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغان ئىدى.قوروسىنىڭ كەينىدىكى گۈللۈكتە ئاچىسى بىلەن پۇتبول تىپىش ئۇنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى ئەڭ ياخىشى كۈرىدىغان ئۇيۇنلىرىنىڭ بىرى ئىدى.شۇنداق،قارىماققا ئىنتايىن كونا كۈرىنىدىغان بۇ ئۆي،بېكھامنىڭ بالىلىق دەۋىرىگە ئىزچىل ھەمراھ بۇلۇپ كەلگەن ئىدى.يەنە شۇنداق ئېيتىشقا بۇلىدۇكى ئۇنىڭ پۇتبول ھاياتى دەل مۇشۇ جايدىن باشلانغان.قورو ئىچىدىكى ئەنە ئاشۇ قۇرۇق ئۆت -چۆپ بېكخامنىڭ ھاياتىدىكى ئۇچراتقان تۇنجى يېشىل چىملىقتۇر.
كۆپ يىللاردىن كىيىن ،لەيدۈنسىتون رايۇنىدىكى ئۈيىنى سېتىۋەتكەن چاغدا،ئەتراپتىكى شۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان ئۆيلەرنىڭ بازار قىممىتى 250مىڭ فونىستىرلىڭ بولغان بولسا،بېكھامنىڭ ئۈيىنىڭ بازار قىممىتى 1مىليون فونىستىرلىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.بەلكىم بېكخامغا نىسپەتەن بۇنىڭ قىممىتىدىن ئۈزنىڭ بۈگۈنكى مۇۋاپپىقىيتى يۇقىرى ئۇرۇندا تۇرىدىغاندۇ.


بېكخامنىڭ پۇتبول ھاياتى بولسا يەتتە يېشىدىن باشلانغان.ئۇ چاغلاردا بېكىخامنىڭ دادىسى شۇ رايوندىكى بىر ئىشتىن سىرىتقى پۇتبول كوماندىسنىڭ تېرىنېرى ئىدى.بېكخام بولسا بۇ كوماندىنىڭ يادىرولۇق توپچىسى بۇلۇپ قالغان.ئۇنىڭ پۇتبول تىپىشكە باشلىغان چاغدىكى ئورنى ئوتتۇرا مەيداندىن باشلانغان.بېكخام باشچىلىقىدىكى بۇ كوماندا كىيىنچە شۇ رايونلۇق پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونىمۇ بولغان.شۇنداقلا 96مەيدان ئۇدا ئۇتتۇرماسلىقتەك شانلىق نەتىجىنىمۇ ياراتقان.بېكخامنىڭ ئوڭ پۇتتىكى توپ تىپش ماھارىتى شۇ چاغلاردا خېلىلا كۆزگە كۈرۈنەرلىك بۇلۇپ،ناۋادا سىز شۇچاغدا ئۇنىڭ تەپكەن توپىنى كۆرگەن بولسىڭىز نەپىسلىكىدىن ھەيران قالماي تۇرالمايسىز.مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر بېكخامنىڭ كىيىنكى كۈنلەردە ئاجايىپ تالانتلىق ئىختىيارى توپ تىپىش ماھىرىغا ئايلىنىشىغا زور ياردىمى بولغان.ئۇ ئۆيىنىڭ ئالدىدكى گۈللۈكتە نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن.ئۇنىڭ مۇشۇنداق يۇقىرى تېخىنىكىنى ئىگەللىشىگە دادىسنىڭ ياردىمدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە.ئەمما دادىسنىڭ كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتى بولمىغان.ئۇ پەقەت ئىشتىن سىرىتقى پۇتبول ھەۋەسكارى خالاس.

بېكخام 11ياشقا كىرگەن يىلى بوبى چارلىتون پۇتبول مەكتىبىگە قۇبۇلقىلىنغان.ئەينى ۋاقىتلاردا بۇ مەكتەپنىڭ داڭقى ئىنتايىن يۇقىرى بۇلۇپ،،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تالانتلىق بالىلار مۇشۇ جايدا تەربىيلىنەتتى.شۇنى ئېيتىپ قۇيۇش زۆرۈركى بۇ مەكتەپكە كىرىىش ئۈچۈن زور قۇربانلىق بۇلۇشتىن باشقا يەنە مۇھىمى يۇقىرى تالانىت بولمىسا تاللىنالمايتى.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ يەردىن يىتىشىپ چىققان باللار كىيىنكى كۈنلەردە زور شەرەپلەرنى قۇچقان.
ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىردا بولسا قاتلاممۇ قاتلام مۇسابىقىلەردىن كىيىن چىمپىيونلار بارلىققا كىلىپ تۇراتتى.ا
كىيىنچە بېكخام بىر قېتىملىق پۇرسەتتە ،شەخىسلەر تېخنىكا تاللاش مۇسابىقسىنىڭ مانچىستىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرشىدۇ.شۇنداقلا بۇ مەيدان مۇسابىقە پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق بولغان كوناتىرانفوت مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بۇ كۇنى ئاجايىپ ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنىدىن بەلكىم ئۇنىڭ قانچىلىك ھەيران بولغىنى،نەقەدر خۇشاللىقلارغا چۆمگەنلىكى ۋە ياكى ئاللاقانداق ھىس تۇيغۇلارنىڭ ئارىسىدا خۇددىنى يوقىتىپ قويغانلىقى مۇمكىندۇر.ئەمما  شۇنىسى رىئاللىقكى ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقدە  ئۈمۈد مەنزىللىرىگە ئالغان قەدىمنىڭ تۇنجى غەلبىسىنى كۈرۈپ يىتىدۇ.


توغرا، ھاياتلىقتا بولسا ئىنسان ھەمىشە ھەرقىسىم قىسمەتلەرگە دۇچار بۇلۇپ تۇرغۇچىدۇر،بەلكىم سىز ئويلاپ يىتىشكە ئاجىزلىق قىلدىغانسىز..
قىززىق يېرى شۇكى ؛غەلبە قىلغاندا بولسا ئىلگىركىنى ئۇنتۇشقا ئالدىرايسىز.لىكىن بۇقېتىملىق ۋەقەنى ئۇ قانداقمۇ ئۇنتىيالىسۇن،.
شۇ كۈندۈكى مۇسابىقىدە مەيدان ئىچىدىكى ئاڭلىتىش ئۆيىدىن ؛«نۆۋەتتە مۇسابىقىگە چۈشىدىغان ماھىرنىڭ ئىسمى بولسا ،داۋىد بېكخام.لوندوننىڭ سەيدۇستۇن رايونىدىن كەلگەن.»دىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ.بۇ ۋاقىتتا مەيدان ئىچىدىكى بارىلىق توتتىنخام مەستانىلىرى قىزغىن ئالقىش سادالىرىنى ياڭرىتىدۇ.چۈنكى توتتىنخام رېس كوماندىسى بىلەن سەيدۇستۇن رايونلۇق پۇتبول كوماندىسىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى ئىنتايىن قۇيۇق ئىدى.ئەمما ئارلىقتىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاڭلىتىش ئۈيىدىن ئوقتەك چىقىپ كەلگەن بىر ئېغىز سۆز مەيداندىكى پۈتۈن توتتىنخام مەستانىلىرى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.« يەنى ئاڭلىتىش ئۈيىدىن  بېكخامنىڭ مانچىستىرنىڭ مەستانىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن،بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىغان ئەسەبى توتتىخام مەستانىلىرى توختىماي ئىسقىرتىپ بېكخامغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشكە باشلايدۇ».ئەمما مانچىستىر مەستانىلىرى بولسا بېكخامغا بولغان قوللاش سادالىرىنى بىر مىنىۇتمۇ توختىتىپ قويمايدۇ.«شۇ ھەقىقەتنى بىلىپ يىتىش تامامەن مۇمكىن بۇلىدۇكى،بېكخامنىڭ مانچىستىرغا بولغان مۇھەببىتى،ئۇنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتكەن ئالۋاستى روھى ھەرگىزمۇ بىر ئىككى كۈنلۈك ئەمەس،
ناۋادا فۇرگۇسۇن بىلەن بولغان شۇ قېتىملىق «ئۇچار ئاياغ»ۋەقىسى يۈز بەرمىگەن بولسا،بەلكىم بېكخاممۇ خۇددى گىگىسقا ئوخشاش پۇتبول ھاياتىنى مانچىستىردا ئاياقلاشتۇرىشى مۇمكىن ئىدى.ئەپسۇس ئۇ كىتىپ قالدى ،ئەمما مەستانىلەر ئۇنى ھەرۋاقىت قىزىل قۇشۇننىڭ ،ئالۋاستىلارنىڭ سەركىسى پەخرى سۈپىتىدە ئەسلەشمەكتە،ئۇمۇ ھەم كىچىكىدىن باشلانغان مانچىستىر مۇھەببىتىگە ئەسلا خىيانەت قىلغىنى يوق،ھەرۋاقىت شۇ گۈزەل ئەسلىملەرنى ئويلاپ كەلدى،كونا تىرانففورت مەيدانىنى ،مەستانىلەرنىڭ ،سەبداشلارنى ،فۇرگۇسىننى ئۇنتۇپ قالمىدى.ئەڭ ئىسىل پەزىلتى ۋە مانچىستىرغا بولغان چۇڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ ئاستىدا ئانا كوماندىسىغا رەقىپ بۇلۇپ قېلىشنى خالىماي ئېنگىلاتقا ئىككىنچى قېتىم مۇسابىقە ئوينىغىلى ئەسلا كەلمىدى».


ئەڭ ئاخىردا بولسا بېكخام شۇ نۆۋەتلىك شەخىسلەر پۇتبول  تېخنىكا تاللاش مۇسابىقسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان نەچچە يۈزلىگەن ماھىرلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ يېشى ھەممىدىن كىچىك ئىدى.ئەمما ھەرقانداق سەۋەپ ئۇنىڭ غەلبە يۇلىنى تۇسۇپ قالامىغان ئىدى.مانا بۇ مۇۋەپپىقىتكە ئىرىشكۈچىلەرنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان بىر خىل ئالاھىلىكى بولسا كېرەك.
شۇ ۋاقىتتا ئۇ تېخى ئارانلا 11ياش بۇلۇپ ،بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئېكران يۈزىگە چىقشى بۇلۇپ قالغان،دەرۋەقە  بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسى ئۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى سەبدىشىنىڭ بارىسلونادا ئۆتكۈزلگەن مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرشىگە زور مەدەت بۇلۇپ قالغان.
1984-يىلى بېكخام 14 ياشقا كىرگەن بۇلۇپ ،فۇرگۇسىن ئۇنىڭغا بىر پارچە مانچىستىرنىڭ توختامىنى ئەۋەتكەن ئىدى،بېكخام بولسا بۇ توختامنى كۈرۈپ نىمە قىلارىنى بىلمەيلا قالغان بۇلۇپ بۇ ئاددى ۋاراقچىگە قارىغىنىچە قېتىپ قالغان.نىمىلا بولمىسۇن بۇ دىگەن مانچىستىردە، بۇنىڭغا ئوخشاش دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كوماندىنىڭ تەكلىبىگە ئىرىشىش پۇرسىتى خالىغانلا ئادەمگە كىلىۋەرمەيدىدە.يەنە كىلىپ بۇ دىگەن مانچىستىر ئۇنىڭ كىچىدىكىن ئەقىدە باغلىغان،ئىشتىياق باغلىغان كۆڭلىگە نۇرغۇن ئارزۇ ئۈمۈتلەرنى پۈكۈپ شۇ نىشاننىڭ تۈرتكىسىدە تاتلىق -تاتلىق چۈشلەرنى كۆرگەن ،جاپا مۇشەققەتكە تولغان جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈشىگە سەۋەپچى بولغان جەريانلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى تۇرسا،شۇ ۋاقىتنىڭ ئۈزىدە ئۇنىڭغا نىسپەتەن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخىت بارمۇ دەيسز؟.
ئۇ ئاز كۈندىن كىيىن فۇرگۇسۇننىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ،سۆھپەتكە كەلگەندە ،فۇرگۇسۇن ئۇنىڭغا«مىنىڭ سەن بىلەن ئىككى يىللىق توختام تۈزگۈم بار،ئاندىن يەنە ئىككى يىل،ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە ئىككى يىل،ۋاقىت تۇشۇپ كەتسە مۇشۇنداق داۋاملىق ئىككى يىل،قانداق قارايسەن؟».
بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭغا توتـىنخامدىنمۇ مۇقشۇنىڭغا ئوخشاش تەكلىپ كەلگەن ئىدى.ئەمما بېكخام بىر مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئۆز قارارىنى فۇرگۇسۇنغا ئىككىلەنمەي بەرگەن ئىدى.
ئەمىليەتتە بۇ قېتىملىق باشلىنش ئۇنىڭ كىينىكى كۈنلەردە مانچىستىرنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق توپچىسىغا ئايلىنىشىغا ئاساس بۇلۇپ قالغان  ئىدى.
ئۇ كۈنى دادىسى بىلەن ئانىسنىڭ خوشاللىقى ھەممىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرگەن ئىدى.
شۇنداق ئەمەسمۇ دادا ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتنى كۈرۈشتىنمۇ ئارتۇق خوشاللىق بولمىغنىغا ئوخشاش،ئانا ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەربىر خوشاللىقى،كۈلكىسى نەقەدەر شىرىن بۇلىدىكەن.دىمەك بېكخام ھايات مۇساپىسىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىدىلا ئۇلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققان ئىدى،ئۇلارنى رازى قىلىغان ئىدى.
ئەپسۇس بارچە خوشاللىقلار ئىچىدە يەنە ئازىراق خاپىلقمۇ ئۈزىنى ئاشكارلاشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.ئۇنىڭ چوڭ دادىسى كىچىكىدىن باشلاپ توتتىنخام كوماندىسىنىڭ مەستانىسى بولغاچ ئۇنىڭمۇ توتتىنخامنى تاللىشىنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلىپ كەلگەن بۇلۇپ،بۇ قېتىمقى تاللاش ئۇنى بىر ئاز ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.ئەڭ دەسلەپ بېكخامنىڭ بوبى چارلىتون پۇتبول مەكتىۋىگە قۇبۇل قىلىنشىمۇ مۇشۇ سۈيۈملۈك بوۋىسىنىڭ زور ياردىمدىىن بولغان .
شۇنداق ،بۇ قېتىم دەل شۇنداق،ھىچقانداق سەۋەپلەر سەۋەپ بۇلالمايدۇ.ئۆز نۆۋىتىدە يەنە توسالغۇمۇ بۇلالمايدۇ.ئۇنىڭ ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئاخرى ئەمەلگە ئاشتى.قانداق ئەمەلگە ئاشقاندۇ؟ئۇقۇرمەن ئويلاپ كۈرۈڭ ،ئاددى بىر يېزىدىن كەلگەن ئادەتتكى بىر ئۆسمۈرنىڭ قانداق قىلىپ مانا مۇشۇنداق ھەممىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك مۇۋەپپىقىيەتنى قولغا كەلتۈرەلىشىگە زادى نىمە سەۋەپ بولغاندۇ.؟...
مانچىستىرنىڭ قىزىل رەڭلىك جەڭ كىيىمنى ئۇچىسىغا ئارتىپ ،ئارزۇسىى رىئاللىققا ئايلاندى.
بۇ ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن بېكخامنىڭ مانچىستىردا مانا مۇشۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قېلىشىغا سەۋەپچى بول،غان.
بىرىنچى قېتىم چەكسىز ۋاقىت ئۈيىدىن ئايرىلىشقىچە بولغان جەريانلار ئۇنىڭغا ھاياتنىڭ تۈرلۈك قىسمەتلىرىنى بىلدۈردى،
ئۇ شۇچاغدامۇنداق دەيدۇ«مىنىڭ ئىنتايىن بەك ئۆيگە قايىتقۇم بار،ئەمما مەن ئىزچىل ئۈزۈم ياخشى كۆرگەن ئىشنى قىلىشتىن ۋاز كەچمەيمەن،شۇنداقتىمۇ مىنىڭ بەكلا ئۆيگە قايىتقۇم بار،مىنىڭ ھازىرقى ھىسياتىم فۇرگۇسىننىڭ ماڭا تەكلىپ ئەۋەتكەن ۋاقتىدىكىدەكلا»..
14 يېشىدا ئۆز يۇرتى بولغان لوندوندىن ئايرىلدى،ئانىسى بولسا كۈزىگە ياش ئېلىپ قاراپلا قالدى،دادىسى بولسا ئوغلىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىنى ئېلىپ رىئاللىققا ئايلاندۇرىشى ئۈچۈن ھەرۋاقىت ئۇنىڭ يۇلىغا تەلمۈرۈپ تۇراتتى.بېكخام ئولتۇرغان ماشنىنىڭ يۆلىنىشى مانچىستىرغا قاراپ بۇرۇلغان چاغدا سەيدۇستۇن ھەرۋاقىت ئۇنى ساقلاۋاتاتتى.بۇ بىرمەزگىل ئىچىدىكى  مەنزىل ئۇنچىۋالامۇ يىراق ئەمەس،ئەمما يېقىن دىيىشكىمۇ بولمايتى.ئەمما نۇرغۇنلىغان ياش پۇتبولچىلار ئۈچۈن چۇقۇم بېسىپ ئۈتۈش زۈرۈر بولغان جەريان ھىسابلىنىدۇ.داۋىد بېكخام بولسا ھازىر بۇ مۇساپە ئۈستىدە ئۈزىنىڭ ئارزۇسسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مانچىستىرغا قاراپ يول ئالغان ئىدى.

ئالاھىزەل تۆت سائەتتىن كىيىن مانچىستىرنىڭ سارفۇدۇردا ئۇنىڭ يېڭى ئۈيى پەيدا بولدى،شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ بۇيەردە باشقا نۇرغۇن بالىلار بىلەن ئوخشاش ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم مۇساپە ئۈچۈن قەدەم ئېلىشقا يەنە بىر قېتىم تەييارلانغان ئىدى.
-----------------------------------------------------------------------------------

                                                                                        2-قىسىم
   مانچىستىرنىڭ شانلىق 92-يىللىق ئۇقۇغۇچىلىرى....


بېكخامغا ناتۇنۇش ھىسابلىندىغان مانچىستىرغا ئۇ ناھايىتى تىزلا ئۆزلىشىپ كەتتى.شۇنداقلا بىر قانچە يېڭى ھەمراھ تېپشقىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى.
بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ يېقىن ھىسابلىنىدىغان دوسلىرى بولسا سىكولىس،بات،گالى نېۋىل ۋە فېيئېر نېۋىل ئىدى.ئۇ چاغلاردا گىگىس ئاللابۇرۇن بىرىنچى سەپ كوماندىغا قۇشۇلۇپ بولغان ئىدى،قالغانلىرى بولسا بېكخام بىلەن داۋاملىق ھالدا ياشلار كوماندىسىدا توپ تەپتى.
بۇ يەر ئۇنىڭ ئۈيىگە ئانچە يىراق بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىرىپ كىلىشمۇ ئىنتايىن قولاي.شۇنداقلا سارفۇدۇر رايونىدا بىر چېنىقىش مەيدانى بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخىشى پۇرسەت ھازىرلىغان ئىدى.بېكخامدىن باشقا سىكولىس،نېۋىل ئاكا ئۇكىلار ۋە بات قاتارلىقلار يەرلىك مانچىستىرلىق بۇلۇپ بۇ يەر ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن تۇنۇش ھىسابلىناتتى.
بېكخام كىيىنچە ئۈزىنىڭ ئىلگىركى كۈنلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ،ئۈزىنىڭ يېڭى كەلگەن ۋاقىتلاردا كۆپچىلىكنىڭ ئانچە قارشى ئېلىشىغا ئىرىشەلمىگنلىكىنى،ھەر بىر كوماندا ئىچىدە بولسا مۇئەييەن ئارلىقنىڭ بۇلىدىغانلىقىنى،يېڭى كەلگەنلەرنىڭ ئاسانلا يالغۇزسىرايدىغانلىقنى ئېيتىپ ئۆتتى.
-مەن يېڭى كەلگەن چاغلاردا ئۇلار مىنى ئانچە ياقتۇرمىدى،بەلكىم بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا نىسپەتەن تۇنۇشنىشىڭ يىتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك،ياكى ماڭا ھەسەت قىلغان بۇلىشى مۇمكىندۇر،چۈنكى ھەر قېتىملىق مەشىقتە مىنىڭ تەييارلىقىم ئالاھىدە ياشى بۇلاتتى،ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا مەن ئادەتتە مانچىستىرنىڭ كىيمىنى ئۇچامدىن ئايرىمايتىم.مەن ئۇ چاغلاردا ھەتتا ئادىداس ماركىلىق پۇتبول ئايىغىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتىم.ئۇلار ھەمىشە ماڭا بىر خىل ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايتى.مەن بەزىدە بۇلارنى قۇبۇل قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىپ قالاتتىم.

كىيىن بىر قېتىملىق زىيارەتتە بېكخامنىڭ سەبداشلىرى بېكخامنىڭ سۆزىگە نىسپەتەن ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ.
سىكولىس-ئۇنداق ئەمەس ،مەن ئەزەلدىن ئۇنداق ئويلاپ باقمىدىم.
بات-ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى،ھەپتە ئاخردا بىز بىرلىكتە سىنوك ئوينىغىلى باراتتۇق.
گىگىس-ئەڭ دەسلەپ ئۇنى كۆرگەن ۋاقىتمدا ،ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن قۇيۇق لوندونچە پۇراق چىقىپ تۇراتتى،ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ئۇمۇ مانچىستىر تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان بولدى.
فىيئېر نېۋىل؛مىنىڭ ئىسىمدە قېلىشىچە مەشىق مەيدانىدىكى قىز مەستانىلەر ھەمىشە بېكخام ۋە گىگىسنىڭ كىلىشنى تۆت كۈزى بىلەن كۈتەتتى.

ئاننى كەيئىل بېكخامنىڭ شۇ ۋاقتىدىكى ئۆي ئىگىسى بۇلۇپ ،بېكخام ئۈستىدە توختالغىنىدا مۇنداق دەيدۇ:ئۇ يېڭى كەلگەن چاغلاردا بۇ بالا ماڭا نىسپەتەن ئالاھىدە كۈرۈنگەن،تەخمىنىەن 18-19ياش ۋاقىتلىرىغۇ دەيمەن،نۇرغۇنلىغان ئاخپاراتچىلار بۇ ئۆيگە ئۇنى زىيارەت قىلغىلى كەلگىندە بولسا مەن ئاندىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئادەتتىكى بالىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم.
دەرۋەقە مانچىستىر تۇرمۇشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ،بېكخامغا نۇرغۇنلىغان خوشاللىقلارنىمۇ ئاتا قىلغان ئىدى.
پۇتبول تىپىشنى مەشىق قىلمىغان كۈنلىرىمۇ ئۇ ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۈتەتتى.چۈنكى بۇ بىر توپ شۇملار ئىنتايىن كەپسىز بۇلۇپ قىلمىغىنى قالمايتى.كەچ ۋاقىتلىرى بولسا بېكخام ئۆي ئىگىسىنىڭ تىقىپ قويغان يىمەكلىكلىرىنى ئوغۇرلۇقچە يىۋالاتتى.بۇ بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ ئۈيى ئايرىم-ئايرىم مەھەللىردە بولغاچ ھەپتە ئارلىقلىرىدا بولسا سىنوك مۇسابىقسى ئويناپ ئۆزلىرىنىڭ قالتىسلىقىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى.


مانچىىستىر تۇپرىقىدا بولسا بېكخام گالى نېۋىل بىلەن ئەڭ يېقىن دوسلۇقىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.ئۇ ئۈيىگە قايتقان چاغلاردىمۇ ھەمىشە ئۇنى ئويلاپ تۇراتتى،مانچىستىرغا بارغان ھامان بىرىنچى بۇلۇپ گالىنى ئىزدەيتى،ئۇنىڭ ئۆيىدە بىرگە تاماق يەيتى،ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسىمۇ بېكخامغا بەكلا ئامراق بۇلۇپ،بۇلارنىڭ دوسلۇقىدىن سۈيۈنەتتى.شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىرلىكتە بۇ يولدا بىر بىرسىگە ھەمراھ بۇلۇپ،مەنزىللەرنى بىرلىكتە تاماملاپ ،بىرلىكتە پىشىپ يىتىلدى.مۇسابىقە يوق چاغلاردا بولسا ئۇلار يەنىلا بىللە ئىدى.دەل مۇشۇ خىل سەۋەپلەر ئۇلارنىڭ كىيىنكى كۈندە خۇددى قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەت باغلىشىغا سەۋەپ بۇلۇپ قالغان.
دەرھەقىقەت-بېكخام بولسا باشقا رايوندىن سەرگەندان بۇلۇپ كەلگەن دىگەن سالاھىيەت بىلەن مانچىستىردىكى شانلىق كۈنلىرىنىڭ شەكىللىنشى ئۈچۈن ئاساس سالغان.بۇ بىر مەزگىلدە بىرلىكتە چوڭ بولغان بالىلار ھەمىشە قىسمەتداشلىق،سەبداشلىق،دوسلۇقنىڭ ھىممەتلىرىدە بارچە قايغۇ ئازپنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇلار مەشىق مەيدانىدا ھەمىشە بىرگە ئىدى،بىرلىكتە غىزالىناتتى،بىر بىرسىگە چاقچاق قىلىپ سۇقۇشۇپمۇ قۇياتتى.قىسقىسى ھاياتنىڭ گۈزەلىككە تولغان ئەھمىيەتلىك خاتىرلىرىغا ئىگە بولغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىرلىكتە 1992-يىللىق ياشلار بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيونلۇق مۇسابىقىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ چىمپىيون بولغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ بۇ سان بىردەۋىرگە ۋەكىل بۇلۇپ كىشلەر تەرىپىدىن مەڭگۈ يادلىنىشقا نائىل بولدى.92-يىلىنىڭ ياڭراق ساداسىنى كىشلەر مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ.مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلار ياراتقان  بۇ نەتىجىلەر مانچىستىر ئۈچۈن بىر مۆجىزە ھىسابلىنىدۇ.   ئۇلار ھەمىشە مۇنتىزىم بىر كوللىكتىپ بۇلالايتى،ئۇلار بىرلىكتە شانلىق تارىخنى ياراتتى،بىرلىكتە تالاي لوڭقىلارنى كۆتۈردى.
             مانچىستىرنىڭ 92-يىللىق ئۇقۇغۇچىلىرى،مانچىستىر تارىخدا مەڭگۈلۈك ئۆلمەس ۋە ئۆچمەس كىلاسسىك ھىكايە.
                        ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەركىتى،ھەربىر سىماسى بۇ زىمىندا مەڭگۈگە ئەبدىل-ئەبەد ساقلىنىپ قالغۇسى.
------------------------------------------------------------------------------------
                                                                            3-قىسىم
دەرىجە ئۆرلەش سىزىغىدىكىلەر،،،

1992-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ،مانچىسىر 92-يىللىق ئۇقۇغۇچىلىرى ياشلار ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسنىڭ
بىرىنچى قېتىملىق ئۇچىرشىشىنى كۈتىۋالدى.رەقىبى بولسا خىرۇستال ئوردا كوماندىسى،ئورنى بولسا خىرۇستال ئوردا كوماندىسنىڭ ساھىبجانا مەيدانى بولغان سەيخېرسىت گۈللۈكى پۇتبول مەيدانى ئىدى.بۇ مەيدان بولسا بېكخامغا نىسپەتەن ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مەيدان بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ.ئەلۋەتتە ،بۇنى يەنىلا كىيىنگە قالدۇرايلى.

شۇ كۈنگە قايتىقىنىمىزدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىشلارنىڭ يۈز بەرگنىگە شاھىت بۇلىمىز.مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدىغان كۈنى مەيداننىڭ ھەممىلا يېرى ئىنتايىن قالايمىقان بۇلۇپ،نەچچە كۈندىن بىرى توختىماي ياققان يامغۇرنىڭ تەسىرىدە مەيدان ئانچە-مۇنچە زەربىگە ئۇچىرغان ئىدى.خىرۇستال ئوردا كوماندىسىكىلەر بولسا بۇ مەيدان مۇسابىقىگە كىچىپ كەلدى،لىكىن بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە بولسا نەچچە كۈندىن بىرى توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇر تۇيۇقسىزلا توختاپ قالغان بۇلۇپ،ئاددىيغىنە رىمىنىۇت قىلغاندىن كىيىن مۇسابىقە داۋاملىق ئۆتكۈزىلىدىغان بولدى.

ئۇ مەيدان مۇسابىقىگە مانچىستىر كوماندىسىنىڭ كاپىتانى گالى نېۋىل،بات،زېۋىس،ساۋىيچى ۋە بېكخام قاتارلىق ماھىرلار ئاسالىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقتى.بات مۇسابىقە باشلىنىپ 17مىنىۇتقا كەلگەندە قارشى تەرەپ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بىر توپ كىرگۈزدى.مۇسابىقە باشلىنىپ 28-مىنۇتقا بارغاندا قارشى تەرەپ ماھىرى تونىنىڭ پېسىنى تارتىۋالغان بېكخام سول پۇتى بىلەن قۇرۇق ۋاراتارغا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى زورايتتى،مانچىستىر ئاخىردا 1گە قارشى 3نەتىجە بىلەن بۇ مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
5-ئاينىڭ 15-كۈنى ،ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچىرشىشى كونا تىرانفورت مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى.ئۇ كۈنى بولسا مۇسابىقە كېچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ،ئۇلار ھەربىر قېتىم ساھىبخانا مەيداننىڭ پارقىراق چىراقلىرىنى كۆرگەندە ئاجايىپ ھاياجانلىنىپ كىتەتتى.ئۇ كۈنكى مۇسابىقىگە 14مىڭ 681 نەپەر تاماشىبىن مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەن بۇلۇپ،شۇ يىللاردىكى ياشلار مۇسابىقسىنىڭ مۇسابقىسىگە كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى يارىتىلغان بىر كۈن بولغان ئىدى.
ئۇ كۈندىكى مۇسابىقىنىڭ ئاسالىق ئەزالار تىزىملىكىمۇ ئىنتايىن غەلىتە بۇلۇپ،ئاللابۇرۇن بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا چىقىپ بولغان گىگىسمۇ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.شۇنداقلا ئۇ بۇكۈنكى مۇسابىقىدە كاپىتانلىق يەڭ بەلگىسىنى تاقىغان ئىدى.
بېكخام ،بات،گالى نېۋىل ئاسالىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقتى،سىكولىس بولسا بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالغان ئىدى.
كىيىن،بۇ مەيدان مۇسابىقدىكى توپچىلار ئاز بولمىغان شەرەپلەرنى قۇچتى.شۇنداق گالى نېۋىل،ۋە بېكخاملارنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقدىكى غەلبسى ئۇنچە ئاسانمۇ قولغا كەلمىگەندەك تۇراتتى.مانچىستىر بىرلەشمىسى 2گە قارشى 3نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.ئەمما توئىل،زىۋىس ۋە مەيىك قاتارلىقلار كىينچە مانچىستىردا داۋاملىق توپ تىپىپ ،بۇ كوماندىنىڭ رەسمى ئەزاسى بۇلۇش شەرىپىگە ئىرىشەلمىدى.شۇنداق  قىلىپ مانچىستىر 92-يىللىق ئۇقۇغۇچىلىرى ئۇمۇمى نەتىجىدە 6-3نەتىجە بىلەن بۇ قېىملىق چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.
نۇرغۇن قېتىملاپ جان تىكىپ مەشىق قىلىش،ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قازىنىپ مەستانىلەرنى قايىل قىلىش،بوشاشماسلىق،ۋاز كەچمەسلىك،شەرەپ ،نەتىجە ۋە مەستانىلەرگە يۈز كىلىشتەك قىممەتلىك ئالۋاستى روھىنى ئاستا-ئاستا ئۈزىگە مۇجەسسەم قىلشقا باشلىغان 92-يىللىق ئۇقۇغۇچىلىرى ،ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ،نۇرغۇنلىغان مۇشەققەتلەردىن كىيىن بىرىنچى سەپ كوماندىغا چىقىش ئۈچۈن شەرىت -شارايىتلارنى ھازىرلىغان ئىدى.



گىگىستىن كىيىن بولسا ،بېكخام  بىرىنچى سەپ كوماندىغا ئۆرلەشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە قەدەم قويغان ئىدى.1992-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ،تېخى ئەمدىلا 17ياشقا كىرگەن بېكخام، ئاخىرى ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا رەسمى قۇشۇلدى.بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق ئىنقلاپ خاراكتىرلىك بۈسۈش نۇقتىسى،ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ بېكخام رىۋايىتى يەنە بىر ئۆزگىچلىك بىلەن يىزىلىشقا باشلىدى،ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن بېكخام ھاياتى ھەقىقى يۇسۇندا ئۆز مەنىسىنى تاپقان بولدى.
1992-1993-يىللىق مۇسابىقىدە چاقناشقا باشلىغاندىن باشلاپ،كىيىن ئۇدا نۇرغۇنلىغان مەيدانغا چىقىش پۇرسەتلىرىگە ئىرىشىپ تۇردى.ئەمما 1993-1994يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ بىرىنچى سەپ كوماندىدا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلالمىدى.سەۋەبى بولسا بىرنچى سەپ كوماندىغا كىچىكىۋەرەك قۇشۇلغان گالى،نېۋىل.ۋە بات قاتارلىق سەبداشلىرىغا پۇرسەت يارتىشى فۇرگۇسۇننىڭمۇ بېشىنى قاتۇردىغان سەۋەپلەرنىڭ بىرىسى.
1994-1995يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە،تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ سۈرۈشتۈرگەندە 1994-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى،بېكخام ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسىنىڭ گالاتا ساراي بىلەن بولغان گوروپپا مۇسابىقسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقىدۇ.بۇ ئۇنىڭ ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسدە تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىشى بۇلۇپ قالىدۇ.بۇنىڭغا ئوخشاش يۇقىىرى سەۋىيىلىك مۇسابىقگە قاتناشقان بېكخام ناھايىتى ھاياجانلىنىدۇ،شۇنداقلا ئۇنىڭ كىينكى ھاياتىغا ئاز بولمىغان تەسىرلەېنى كۆرسىتىدۇ.
مانا مۇشۇنداق جاپا مۇشەققەتلەر ۋە كۈتۈلمىگەن پۇرسەتلەرنىڭ كىلىشى،بېكخامنىڭ ھەربىر مەيدان مۇسابىقگە بولغان ئەستايىدىل پوزىتسىيىسى
ئۇنى ئاخىرى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ئۇزۇن يىللىق ئۈمۈدىنى قاناتلاندۇرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاخىرى بىرنچى سەپ كوماندىغا قۇشۇلدى.بېكخام سىماسى يەنە بىر بالداق ئىلگىرلىگەن ھالدا تاراشقا باشلىدى.
شۇنداق بېكخام سىماسى داۋاملاشماقتا.
--------------------------------------------------------------------------

                                                                                          4-قىسىم
پۇلىستۇنغا ئىجارىگە بېرىلىش،،،،


1995-يىلى 2-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى مەشىقتىن كىيىن ،بېكخام فۇرگۇسۇننىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرىتىلىدۇ.فۇرگۇسۇن ئۇنىڭغا؛ «پۇلىستوننىڭ ئۆزىگە تىلفۇن ئۇرۇپ ،بېكخامنى بىر ئايلىق ئىجارىگە بىرىشكە سورىغانلىقنى ،شۇنداقلا فۇرگۇسۇننىڭ بۇ تەكلىبنىڭ ياخىشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ ئۈتىدۇ»..بۇنى ئاڭلىغان بېكخامنىڭ پۇت قولىدا جان قالمايدۇ،يۈزلىرى قىزىرىپ ئۈزىمۇ ھۇشنى بىلمىگەن ھالەتتە بۇلۇپ قالىدۇ،ئۇيىگە تىلفۇن ئۇرۇپ ئاتا-ئاناسىغا قانداق دىيىشنىمۇ بىلمەيلا قالىدۇ،ئەمما نىمە ئامال ئۇ ئامالسىز سۈكۈتتە تۇرىدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغىنى فۇرگۇسۇندە.ئۇ جىمجىت ھالدا ئىشخانىدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن بۇ گەپلەرنى خالىسنغا ئېيتىدۇ.شۇنداقلا ئۈزنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.ئەمما خالىسن ئۇنىڭغا ئوخشىمىغان بىرلەشمىدە توپ تىپىپ چېنىقىپ مەيدان كۈرۈشنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى،شۇنداقلا فۇرگۇسۇننىڭ ئۇنىڭغا كۈيۈنۈپ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئېيتقاندا بولسا ئازىراق پەس كويغا چۈشۈپ.بۇ ئىش توغۇرلۇق قايتا ئويلىنىشقا باشلايدۇ.1994-1995يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ كىينكى يېرىمدا ،يەنى 1995-يىلى 3-ئايدا ،بېكخام ئېنگىلاتتىكى تۆتىنچى دەرىجىلىك بىرلەشمىدكى پۇلىستونغا ئىجارىگە بىرىلىدۇ.ئۇ چاغلاردا بۇ كوماندىنىڭ كوماندا باشلىقى ئىلگىركى ئېۋىرتوننىڭ تېرىنېرى،يېقىندا ئىشتىن چۈشكەن مانچىستىر بىرلەشمىسنىڭ باش مەشقاۋۇلى مويىس بۇلۇپ،ئۇ ھەردايىم بېكخامغا ياردەمدە بۇلۇپ كىلىدۇ.

1995-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرى،بېكخام بىر ئايلىق ئىجارە ۋەزىپىسنى تاماملاپ مانچىستىرغا قايتىپ كىلىدۇ،4-ئاينىڭ2كۈنى يەنى شەنبە كۈنى،مانچىستىر بىلەن لىز بىرلەشمە كوماندىسنىڭ مۇسابىقە تىزىملكىدە بېكخام پەيدا بۇلۇپ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.نەتىجە 0-0بۇلۇپ تەڭلىشىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما شۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېكخام ھەقىقى مەنىدە چاقناپ،فۇرگۇسۇننىڭ چۇڭقۇر ئىشەنچىسىگە ئىرىشىدۇ.ئۇنىڭدىن بۇرۇن بېكخامنىڭ ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان سالاھىتى تېخى تۇرغۇزۇلمىغانلىقتىن شۇ كەمگىچە بىرەر مۇقىم نۇمۇرى بولمايدۇ.ئەمما بۇ مەيدان مۇسابىقدىن كىيىن ئۇ رەسمى تۈردە 28-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىدۇ.شۇنىڭدىن كىيىن بۇ نۇمۇر خېلە بىر مەزگىللەرگىچە ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇپ قالدۇ.بۇمۇ ھەم ئۇنىڭ مانچىستىردىكى تۇنجى مۇقۇم نۇمۇرى بۇلۇپ ھايات ھىكايىسىغا يىزىلىشغا سەۋەپ بۇلىدۇ.
شۇ قېتىملىق مۇسابىقە پەسىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېيىدا،بېكخام تۆت قېتىم مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشىدۇ،ئەمما  ئېۋىرتون بىلەن مۇسابىقىدە بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەندىن باشقا ۋاقىتتا كوماندىغا ئانچە كۈچ قۇشۇپ كىتەلمەيدۇ.
شۇنداق قىلىپ،92-يىللىقنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىدىن ،بالدۇرلا بىرىنچى سەپ كوماندىغا قۇشۇلغان گىگىستىن باشقا.گالى نېۋىل،بات،سىكولىس،بېكخام ۋە ئۇنىڭدىن ئىككى ياش كىچىك بولغان فىيئېر نېۋىل قاتارلىقلار بىر- بىرلەپ بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا قېتىلىپ ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىنى مۇستەھكەملەيدۇ.92-يىلغا تەۋە، بۇ دەۋىرگە سىموۋىل بولغان بۇ ئەزمەتلەر تېخى 20 ياشقا توشماي تۇرۇپلا دەرىجە ئۆرلەش نىشانىنى تاماملايدۇ.
بېكخام ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە ھەمراھلىرىنى ناھايىتى تەلەيلىك دىيىشكە بۇلىدۇ.ئۇلار داۋملىق ھالدا بىرلىكتە مانچىستىر بىرنچى سەپ كوماندىسىغا ئۆرلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى،ئۇلار ئاخىرى ئۇتۇق قازاندى.مانچىستىر 92-يىللىق ئۇقۇغۇچلىرىنىڭ سىماسى ھەرگىز ئۆچمەيدۇ،ئۇلار ھامان بىرلىكتە ھەركەت قىلىدۇ،مەستانىلەر قەلبىدە ئۇلار مەڭگۈ يۈكسەك ئالۋاستى روھىغا ۋەكلىىك قىلغۇچىلار ھىسابىدا تىللاردا داستان بۇلىدۇ.
  ئۇلار ھەمىشە مۇنتىزىم بىر كوللىكتىپ بۇلالايتى،ئۇلار بىرلىكتە شانلىق تارىخنى ياراتتى،بىرلىكتە تالاي لوڭقىلارنى كۆتۈردى.
             مانچىستىرنىڭ 92-يىللىق ئۇقۇغۇچىلىرى،مانچىستىر تارىخدا مەڭگۈلۈك ئۆلمەس ۋە ئۆچمەس كىلاسسىك ھىكايە.
                        ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەركىتى،ھەربىر سىماسى بۇ زىمىندا مەڭگۈگە ئەبدىل-ئەبەد ساقلىنىپ قالغۇسى.
بېكخام سىماسى تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق،

مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قالغان قسىملىرىنى تېخى تۇلۇق پۈتتۈرەلمىگەن بولساممۇ،ئەمما يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ تىز سۈرئەت بىلەن تەرجىمە قىلىپ ھۇزۇرىڭلارغا سۇنۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن.
                                                                                داۋامى بار...........

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 18مۇنبەر پۇلى +830 تۆھپە +35 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
سەۋدايى7 + 10 قالتىس!قوللاش!
ئاتلان7 + 50 قالتىس!
تۇمشۇق + 50 قالتىس!
پەرۋەر + 50 ئەجرڭلاردىن قىزىل گۈل.
ماھىرچاق + 50 قالتىس!
تىتانىك + 50
باقاۋۇل + 50 قالتىس!
xax555 + 50 + 5 ئېسىل تېما !
ئۆركىشى + 50 بەك ئەتراپلىق بوپتۇ
بىنزىما9 + 50 قالتىس!
مىلەن + 50 داۋامىغا تەقەززامەن
سەنسىز + 50
mahbusman + 50 قالتىس!
باھادىر + 100 + 10 + 10 + 10 قوللاش!
HAKKER + 20 + 10 قالتىس!
سەۋدايى + 50 كۆپتۈرمە
turgunjan + 10
missi2 + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-28 13:28:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ جاپالار تارتىپسىز ،ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز ،تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن
ئاز بولسىمۇ يانچۇقىمنىڭ تىگىدە مۇشۇ ئەسىرىڭىز ئۈچۈن ساقلاپ قويغان ياۋرولىرىمنى ئەۋەتتىم كۆپكە تاۋى قىلىپ خۇشال تاپشۇرۋالغايسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-28 13:29:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبودۇنياسىدىكى ئەڭ كىلىشكەن  ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچىسى كاساپەت ئەمدى ئامرىكىغا بىرىپ كۇلۇپ قۇرۇپ پۇل تىپىۋاتىدۇ بۇنۇڭدەك توپچىنىڭ چىقىشى تەس جۇمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-28 13:35:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما    قۇلۇڭىزغا دەت كەلمىسۇن  بىز لەنى  مول بىلملە تەمىللىگىنىڭزگە   رەخمەت      قىرىندىشىم   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-28 13:38:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بىر دەۋىرنىڭ ۋەكىلى، رىۋايەت خارەكتېرلىك شەخىس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-28 13:40:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئازىراق توھپەمنى  كوڭەل قىلىپ ئىۋەتتىم تاپشۇرۇۋىلىنڭ  نادىر تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىغاي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-28 13:40:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە بارىكلاا بوسا باشلىغاندىكن ئاخىرنىمۇ تۈگۈتىۋتىڭ  تىررىشڭ چوقوم قىلالايسز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-28 13:41:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن نادىر تىما بۇپتۇ  بېكخام دەك توپچىنىىڭ چىقىشى ئەمدى تەس جۇمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-28 13:41:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئىسىل چىقىپتۇ بۇ تىما ... ياخشى تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-28 13:47:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ غەيرەت   قىلىڭ   …كىيىنكى   بابلىرنىمۈ  ئ‍ىنتىزارلىق   بىلەن   ساخلايمز    ياخشى   چىقپتۈ   مەن   مۇنبەرگە   يېڭى   ئ‍ەزا   بولساممۇ    زىيارەت   قىپ   يۈرگىلى    ساق  3،يىل بۇپتۈ   سىزنىڭ    تېمىلىرڭىز   شۇنداق   ياختۇرمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-28 13:54:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن نادىر  تېما،باھادىردىن كېيىن  نادىر تېما يوللىغانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى يوللانغان  تېما.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-28 13:59:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   玉苏浦 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-28 14:02  

ياخشى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 13:41

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش