ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 8122 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ مەيدان پارىژنىڭ چىلسىنى ئۇتىۋالدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم شۇڭا لاتارىيەخانىدا پارىژ ئۇتىدۇ دەپ تىككەن ، لىكىن 3 توپ ئۇرىشىنى ئويلىماپتىكەنمەن ، مەن بۇ مەيداندا مو تەلۋە ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ ئۆز مەيدانىغا بارغاندا ئۇتىۋالىدۇ لىكىن قاينىڭ شاللىنىپ كىتىشى ئېنىق ئەمەس دەپ ئويلىغان ، دىگەندەك سىتانفورد كۆۋرىكىدە مو تەلىۋىنىڭ ياڭزىسىنى كۈرىدىغان بولدۇق ئەمدى . لىكىن مۇداپىيەچىلەرنىڭ سەۋەنلىكى ئېغىرراق بۇلۇپ قاپتۇ ، بولمىغان بولسا قايسىنىڭ ئۇتۇش ئۇتتۇرىشىغا بىر نىمە دىمەك تەسكەنتۇق
قانداقلا قىلسا مادرېد 3-0 ئۇتۇپتۇ ، بۇلتۇر 4-1 يېڭىلگەندىن كىيىن ئۈزىنىڭ مەيدانىدا مۇشۇنداق 3-0 ئۇتقان بولسا ھەلقىلغۇچ مۇسابقىگە كىرەتتى ، لىكىن 2-0 ئۇتقان تەلەي بەك قاچقان ، بۈگۈنمۇ تەلەي يوق ، لىكىن 3 توپ ئۇردۇق ، بوپتۇ 4-1 بىلەن 3-0 نىڭ قايسىينىڭ ياخشى نەتىجە ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان بۇلۇپمۇ ئۈزىنىڭ مەيدانىدا توپ يىمىدى دىگەننىڭ ئۈزى ئىنتايىن تەشەببۇسكار ئۇرۇندا ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ ، كىلەر مەيدان يەنە ئۇتۇپ قۇيىشىمىزغا ئىشىنىمەن ، ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بىرىپ دورتىموند ئۇتىدۇ دىگەن تەقدىردىمۇ مادرېد شۇنداق بىر توپ ئۇرۇپ قويسا دورتىموند 5 توپ ئۇمىسا يەنە ئوخشاشلا شاللىنىدۇ دىگەن گەپ . لىكىن مىنىڭچە يەنە مادرېد ئۇتىدۇ ، ئەگەر ئەن پوداق يۇمشاق باشلىق قىلىپ ھەر ئىككى مەيدان ئۇتۇشنى ئويلاشماي كۈچ ئاياپ ، يېرىم ھەلقىلغۇچقا كىرسەكلا بولدى دەپ ئويلاپ قالسا ئامال يوق ئۇنداق بولماي نۇرمال ئوينىسىلا چۇقۇم مىھمان مەيداندىمۇ يەنە ئۇتۇپ قۇيىدۇ . |
|