akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3676|ئىنكاس: 160

ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى (2014.4.3)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىراس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-3 20:57  

022102vzlhbbljhp97t586.jpg


      بۇگۈن سەھەر سائەت 00:45دە ئېلىپ بېرىلغان ئۇزغۇنلۇق تۆتتىن بىرگە كىرىش تۇنجى ئۇچرىشىشىدىكى ئاخىرقى ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى.




       پارىژ سانت ژىرمان 3-1 چىلسى

       بۈگۈن سەھەر چىمپىيونلۇق لوڭقىسى تۆتتىن بىرگە كىرىش تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسىدە پارىژ سانت ژېرمان كۇماندىسى پارىژدىكى پادىشاھ باغچىسى مەيدانىدا كۈچلۈك چېلسى كۇماندىسىنى كۈتىۋالدى .
       پارىژدىن لاۋىچ ئاۋۋال بىر توپ ئۇردى ، خازارت نۇقتا توپ بىلەن تەڭلەشتۈردى ، لويىس قارشى تەرەپكە بىر توپ سوۋغا قىلدى . قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا پاستورى ئۆزى بۆسۈپ كىرىپ بىر توپ كىرگۈزدى .
       تارىختا ئىككى كۇماندا ئىككى قېتىم ئۇچراشقان ، 04 - 05 مۇسابىقە پەسلى مورىنئو چېلسىنى باشلاپ تۇنجى ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندا پارىژ كۇماندىسى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن ، تۇنجى ئۇچرىشىش چېلسى سىتانفورت كۆۋرۈكىدە 0 - 0 تەڭلىشىپ قېلىپ ، مېھمان مەيداندا تېررىنىڭ بىر توپ ۋە دىروگبانىڭ ئىككى توپ ئۇرشى بىلەن چىلسى 3 - 0 يەڭگەن .
        تەپسىلاتىنى فىلىمدىن كۆرۈڭ !
      





        مادرىد 3-0 دورىتموند
      
       بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مادرىد ساھىبخان ھالەتتە ئوينىدى . مۇسابىقە باشلىنىپ 3- مىنۇتتا  بېل كارۋاھال بەرگەن چىرايلىق پاسنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى . 27- مىنۇتتا ئىسكو چەكلەنگەن رايون ئالدىدا بىر توپ ئۇردى . كېيىنكى مەيداندا مۇسابىقە باشلىنىپ 57 - مىنوتىغا قەدەم قويغاندا كىرىستىيانو رونالدو بىر توپ ئۇرۇپ گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈردى ، شۇنىڭ بىلەن رونالدومۇ مىسسىنىڭ ئۇزغۇنلۇق رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى ، يەنە بىر توپ ئۇرسىلا بۇ رىكورتقا رونالدونىڭ ئىسمى يېزىلىدۇ !  
       ئالدىنقى پەسىل مادرىد دورتموند تەرىپىدىن يېرىم ھەل قىلغۇچتا شاللانغان ئىدى ، بۇ پەسىل مادرىدنى قىساس ئېلىشنىڭ چوڭ بىر قەدىمىنى ئېلىۋالدى دېيىشكە بولىدۇ !
       تەپسىلاتىنى فىلىمدىن كۆرۈڭ !  
      


       ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ تولۇق مەيدان كۆرۈش ئادرىسى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-3 09:36:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-3 12:07  

داۋاملىق ئالغا ھەممىڭلار
كاشىللىياس يارايدۇ

مادرىد رىقابەت بىلەن پارىژ ئويناپ كەتسە ھەل قىلغۇچنى ناھايتى ياخشى بولاتتى
بارسىلونا ،مادرىد،بايرىن،مانچىستىر ..دىگەندەك كونا زومىگەرلەر ئالىۋىرەمدۇ لوڭقىنى

لاۋىززى دۇنيا لوڭقىسىدىمۇ شۇنداق ئوينىغايسەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-3 09:38:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى كۈنى ئۇخلاپ قېلىپ مۇسابىقە تۈگەشكە 10 مىنۇت قالغاندا ئويغىنىپتىكەنمەن. بۈگۈن سەھەردىكىسىنى تولۇق كۆرۈپتىمەن. مادىرىدقا پۇرسەت كۆپ كەلگەن ئىدى. يەنە ئاز دىگەندە بىر توپ ئۇرۇۋالغان بولسا ئاندىن قىساس خۇمارى چىقار ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ 3:0 دىگەن نەتىجە ناھايتى ئوبدان نەتىجە. كىلەركى مەيدان مۆجىزە يۈز بەرمىسىلا مادىردنىڭ بىر پۇتى يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىرىپ بولدى.
چېلسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا يەپ كەتكەن توپى ئېغىر كەتتى. ئەگەر 1:2 نەتىجە بىلەن سىتەنفۇردقا قايتالىغان بولسا ئەھۋال باشقىچىرەك بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-3 09:48:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دورتمونىد كۇماندسىدا ساپلا ناتۇنۇش پۇتبولچلار كۆپ ساننى ئىگەللەپ يۈرۈيىدا؟ پارىژغا  مۇبارەك  بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-3 09:58:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك چېلسى تۇگەشكەن بولدىما ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-3 10:00:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-3 10:03:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈنكى ئىككىلا مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرغان، بۈگۈنكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتۇپتىمەن، خۇداغا شۈكرى، قاق سەنەم بوپ كەتمەپتىمەن…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-3 10:06:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاۋانىنىڭ نەرى ئاتمىش مىليونغا يارايدىغاندۇ،قۇرۇق ھەيكەلغۇ ئۇ. كىچىك لۇكاس ،پاستورى يەنە 24ىنچى نۇمورلارنىڭ شەخسىي تىخنىكىسى بەك يۇقىرى ئىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-3 10:07:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-3 10:09:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى مەيدانىنى كۆرۈپلا ئۇخلىدىم ، مادرىت شۇنداق بىسىپ ئوينىدى ، دۇرىتمۇنىدتە يەنە ياردار كۆپەيدى ، پارىژنىڭ ئونىشىدىنلا بۈگۈن چىلسى غەلبە قىلالمىغۇدەك دەپ ئويلىغانتىم ، ئۇتقان كۇماندىلارغا مۇبارەك بولسۇن ، ئۇتتۇرغان كۇماندىلار بۇداقى مەيداندا داۋاملىق ئالغا .......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-4-3 10:16:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دورتموندنى 6   ياكى 7 نى يەمىكى دىگەن كىلوپ يامانكەن جۇمۇ زاپاس قوشۇن بىلەن خىلى ياخشى نەتىجە  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-3 10:19:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر كۆرۈپ بولدۇم مۇسابىقىنى ! دورتموندقىمۇ خېلى پۇرسەتلەر كەپتىكەن ، چىڭ تۇتالىغان بولسا چاتاق بولاكەن ، ئەمدى مېھمان مەيدانىدا مادرىد دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ ، مەستانىلىرى بېرنابونىڭكىدىن نەچچە ھەسسە تەلۋە ! مادرىد ھېچ بولمىغاندا تەڭلىشىۋالسىلا بولدى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 08:08

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش