ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2386 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئوۋچى312 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-29 12:47 
ساقام مەن سىنىڭ نەچچىنقى ئاكاڭدەك ئادەم بىرەر گەپ قى ...
ئارتۇق گىپىم يوق! كۆزۈڭىزنى يۇغان ئېچىپ 15-26-قەۋەتتىكى ئىنكاسلىرىمنى ئۇقۇپ باقسڭىزلا بولدى. يېشىڭىز بەلكىم مىنىڭدىن چوڭدۇ، لېكىن سىز تېخى ئەقىلدە چوڭ بولالماپسىز! باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيدىكەنسىز. مەن شۇنداق سەمىمى ھالدا قايسى كىتاپلىقىنى سورىسام داڭقان پۇتى گەپ قىلىپ تۇرۇپسىز. قانداق ئادەم سىزدەك ئاپىرىپ ئۇقۇپ بىرەيمۇ دەيدۇ؟ بىزدە تارىخ كىتاپلار ئازمۇ؟! تىما يازغانغا تويغۇزمىسىڭىز، كۆڭلۈمدىكىنى تاپ دەپ شۇنداق قۇپال گەپ قىلسىڭىز بۇلامدۇ؟ سىز باشقىلارغا باھا بەرگەندە مەندە باھا بىرىش ھۇقۇقى بارمۇ-يوق دەپ ئۈزىڭىزدىن سۇراپ باقتىڭىزمۇ؟
قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ: خەنچە مەكتەپتە ئۇقۇغانمۇ دىگەن سۈزىڭىزلا سىزنى مەنسىتمەسلىكىمگە يىتىپ ئاشىدۇ! بۇ ئۇچۇقتىن ئۇچۇق ماڭا قىلىنغا ھاقارەت! ئىلى ئۇيغۇرلىرى مەرت مەردانە كىلىدىغان. شۇڭا سادىردەك، غېنىدەك ئەل سۆيگەن ئەزىمەتلەر چىققان. مەن گەرچە ئىلى ئۇيغۇرلىرىدىن بولمىساممۇ ئۆز ۋاقتىدا نايمان خانى كۈچلۈككە باش ئەگمىگەن، ئۆلۈشكە رازى بولسىمۇ ھەق سۈزىدىن يانمىغان موللا ئالامىدىن خوتەنىنىڭ ئەۋلادى. مەن ئۆز ۋاقتىدىكى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەردانىلىك ھىساپلانغان، تابغاچلارنى بالا قازادىن ساقلاپ قالغان، تابغاچلار بىلەن « ئەل-يۇرت ئازات بولغاندا، ئاۋام-خەلق، يۇرت-زىمىن تابغاچلارغا تەۋە، باشقا خۇتۇن-قىز، ئالتۇن كۈمۈش، تاۋار دۇردۇن ئۇيغۇرلارغا تەۋە » دەپ توختام تۈزەلىگەن، 5 مىڭ كىشىلىك قۇشۇن بىلەن 100 مىڭ كىشىلىك كۆك تۈرۈك قۇشۇننىنى تىرپىرەڭ قىلىۋېتىپ شىمال يايلاقلىرىنى لەرزىگە سېلىۋەتكەن ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىنىڭ ئەۋلادى. ۋۇجۇمدۇمدا ئەرىك قانلىرى بار. ھاقارەتنى قۇبۇل قىلىدىغان خۇنۈك، قۇل مىجەز يوق!
ئۆزلىرى ماڭا ئەسكەرىتكەن خانبالىق ئاتالغۇسىنىڭ يەشمىسىنى ئۆزلىرى 34-قەۋەتتە يىشىشتىن بۇرۇن 16-قەۋەتتە يىشىپ ئۆزلىرىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن. بولدى بەس! |
|