ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2386 |
تۆھپىسى: سەر |
|
خانبالىق ۋاقتى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى گىرمانىيە زەردارى بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبى ئورگان تورىدا بىرازىلىيەلىك بېك دەنتى بىلەن توختام ئۇزارتقانلىقىنى، توختام مۇددىتىنىڭ 2017-يىلى 6-ئايغىچە بۇلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. بۇ بايرىن كۇلۇبىنىڭ روبىندىن كىيىنكى توختام ئۇزارتىش خىزمىتى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
دەنتى 1983-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان. 2012-يىلى 4.7 مىليۇن ياۋرو باھا بىلەن مىنشىنگىلادباخ كوماندىسىدىن بايرىن كوماندىسىغا قېتىلغان، ۋە تىزلا كوماندىغا ماسلىشىپ كوماندىنىڭ يادرولۇق ئەزاسىغا ئايلانغان. ھازىرغىچە بايرىن كوماندىسى ئۈچۈن 80 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 5 توپ ئۇرغان. ئالدىنقى پەسىل بايرىن كۇلۇبىنىڭ 5 شاھ بۇلىشىغا زور تۆھپە قوشقان. ھازىرغىچە بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 11 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان.
دەنتى توختام ئۇزارتقاندىن كىيىن مۇنداق دىگەن: بايرىن كۇلۇبىغا قېتىلىش ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاقىلانە قارار ھىساپلىنىدۇ. بۇ يەردە ھەممە نەرسە شۇنداق ياخشى. ( كۇلۇپ، ئەزالار، بىز ئىرىشكەن شان-شەرەپلەر، كوماندا مۇھىتى ھەممىسى ياخشى ) بايرىن كۇلۇبى ماڭا ماس كىلىدىغان كۇلۇپ، بۇ مىنىڭ مىيۇنخىندا ( بايرىن ) 2017-يىلىغىچە قالىدىغانلىقىمغا نىمىشقا شۇنچە خۇشال بۇلىدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. مەن كۇلۇپ بىلەن تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىققا ئىرىشەلەيدىغانلىقىمغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن.
|
|