ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2623 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-16 15:19
qavandaz811 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-15 21:27 
مورىنخونىڭ مادرىتتىكى كۈنىنى مۇۋاپىقىيەت دىسەڭ تازا ...
نىملا دىمىگەن بىلەن مۇرىنىئۇ يىقىنقى ئالتە يىلدىن بىرى مادىرىت ئەڭ ‹سەۋىرچانلىق› بىلەن ئىشلەتكەن تىرىنىر . بۇ يەردىكى مۇۋاپىقىيەتنى مەن ئويناش ئۇسسۇلى بىلەن مۇشۇ جەھەتلەردە كۆزدە تۇتۋاتىمەن . سىناق قىلمىغان بولسا ‹‹ئۆلگەنلەرنىڭ كەينىدىنمۇ جىق گەپ بار ››دەپ ناخشىمۇ ئىيتقان تاشمەمەت باتۇرلەر .
بىلانۇۋا ئالمىدى ئاداش مىنىڭچە ئۇ يۈزنى . ھەممە بارسىلۇنا سۇلتانلىقى بەش يىل ھۆكۈم سۈرگەن دەپ قارىشىدۇ ، مەن تۆت يىل ھەقىقىي ھۆكۈم سۈرۈپ ، مىسسىنىڭ كۈچىدە بىر يىل ئۇزارغانكەن دەپ قارايمەن . ئالدىنقى پەسىل ئىسپانىيىدىن سىرتقى مۇسابىقىلەردە ( خەلقئارا ) بارسىلۇنا بىر مەيدانلا كاتتا ئوينىغان ، مىلاننى ئۇتقان مۇسابىقىدە ، قالغانلىرىدا سەنمۇ رازى بولمىدىڭ ھەقىچان .
قارىشىمچە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى مىسسىنىڭ توسىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى توپ كىرگۈزۈشلىرى بارسىلۇنانى ئۈزلۈكسىز غەلبە قىلغۇزدى . مۇسابىقىدە قارشى تەرەپكە توپ ئۇرغاندىلا ئۇتقىلى بولىدۇ ، بۇ ئەڭ ئاددى ساۋات . مىسسى بۇلتۇر ھەممە كوماندىغا توختىماي ئۇرۇپ چىقتىغۇ دەيمەن ئىسپانىيىدە . ئىسپانىيىدە ‹‹چانمىغان ›› بىلەن ئىسپاندىن سىىرىتقى مۇسابىقىلەردە بارسىلۇنانىڭ ئاجىزلىقلىرى چىنىشقا باشلىدى ، ئۇزغانلىق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە مىسسى ئون كىلىتلىقلار تەرپىدىن توسىۋىلىندى بارسىلۇنا ئۇتتۇردى ، شاللاش مۇسابىقىسى باشلىنىپ يىرىم ھەل قىلغۇچقىچە بارسىلۇنا پەقەت بىر مەيدانلا ئۇتۇپ باقتى . بۇ بارسىلۇنا سۇلتانلىقى دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ئوينىيالىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇپ قالدى . پارىژدا مىسسى يارلانۋىدى تومتاقلا ئىيتساق بارسىلۇنادا توپ ئۇرغۇدەك تۈزۈك ئادەممۇ قالمىدى ...
ئەسلىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى گودىئاۋلانىڭ ئاخىرقى يىلىدىن باشلاپ ئاندا ساندا كۆرۈلۈشكە باشلىغان مەسىلەر ئىدى ئەسلى ، ۋاقتىدا ھەل قىلىنمىغان . مىسسى تالانتى ئارقىلىق ئۇ كەمچىللىكلەرنى ئىسپاندا چاندۇرمىغان بىلەن ئۆزى يوق ئۇزغانلىق ھەم باشقا مۇسابىقىلەردە بارسىلۇنا ئوبدانلا قىينىلىپ قالدى ...
ئالدىنقى پەسىلىدىكى بارسىلۇنا بىلانوۋا كارۋاتتا يىتۋىلىپمۇ يۈز نۇمۇر ئالغۇزۋەتكەن دەرىجىدىكى ئۇنچىۋالا ‹‹ تەييار ئاش ›› مۇ ئەمەس ئەمىلىيەتتە . بۇ يۈز نۇمۇر ئوپراتسىيە كارۋىتىدا يىتۋىلىپ تۇرۇپ ھەممە مەيداندا ئۇتقۇزالايدىغان بىلانوۋانىڭ ياكى خاپانباش ياردەمچى تىرىنىرنىڭ ئالاھىدە تالانىت تۆھپىسىمۇ ئەمەس . بۇ تۆھپىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بىر ئادەمگە مەنسۇپ ‹‹ ئاتمىشى مىسسىنىڭ ، ئىشىپ قالغان قىرىقى ئىككى تىرىنىر باشچىلىقىدىكى قالغان بارسىلۇنالىقلارنىڭ ›› دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەس بەلكىم . يىقىنقى يىللاردىن بىرى پەقەت بىر ئادەم ئارقىلىقلا بىر كوماندىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ‹‹يوشۇرۇش ياكى چاندۇرماسلىق ›› پەقەت بۇلتۇر بىر كوماندىدىلا كۆرۈلدى ، يەنە كىلىپ ھەممە قورقىدىغان بارسىلۇنادا . ( بۇرۇن كۆپ ئۇچرايتتى بۇندا تەنھا قەھرمانلىق داستانلىرى )
ئالدىنقى پەسىلدىكى بارسىلۇنا رىجىكارد دەۋرىدىكى ئىككى گودىئاۋلا دەۋرىدىكى ئۈچ قىتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسى كۆتۈرگەن ۋاقىتلىرىنى سىلىشتۇرغاندىمۇ ئەڭ ‹‹ئاجىز ›› بىر يىلى ، يۇز نۇمۇر ئالغان بىلەن . |
|