akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3281|ئىنكاس: 141

مادرېدنىڭ كۈچىيىشىدىكى 10 تۈرلۈك سەۋەپ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇمشۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-13 20:06  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

Img6330289_x580.jpg

2014-يىلىغا قەدەم قويغاندىن كىيىن خانلىق مادرېد ‹‹رەقىپسىز ھالەت›› كە قەدەم قويدى ، ھازىرغا قەدەر ئۇتتۇرۇپ باقمىدى . ھازىرقى مادرېدنىڭ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە شاھلىق لوڭقىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە چىمپىيۇن بۇلۇشىدىن ئۈمىد زور . ئالدىنقى يېرىم پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا مادرېدنىڭ ھالىتى ۋە ئىپادىسى بارغىنسىرى ياخشىلاندى ۋە مۇقۇملاشتى . سامان يۇلى جەڭ كىمىسىنىڭ بۇ ئۆزگۈرىشىنى ئىسپانىيەدىكى بىرنجى چوڭ گىزىت ‹‹ ماركا گىزىت ›› تۈۋەندىكى 10 تۈرلۈك سەۋپكە يىغىنچاقلىدى .

Img6330288_x580.jpg

پولاتتەك مۇستەھكەم مۇداپىيە

ئەنچىلوتىنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى مادرېد پۇتبولدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى . ئەنچىلوتى تەڭپۇلۇقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن قېتىم تەكىتلەپ كۇماندىدىكىلەرگە سىڭدۈرىۋەتتى . ھۇجۇمى كۈرۈنەرلىك ياخشى بولغان مادرېدنىڭ مۇداپىيەسى ئوخشاشلا ياخشى . بىرلەشمىدە سامان يۇلى جەڭ كىمىسىنىڭ كەتكۈزگەن توپ سانى پەقەتلا 26  . 2014-يىلى كىرگەندىن كىيىن بۇ كۇماندىنىڭ كەتكۈزگەن توپ سانى پەقەتلا 5 بۇلۇپ ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر 180 مىنۇتتا بىر توپ كەتكۈزگەن . ئۇزغۇنلۇق سىپىدە مادرېد 7 مەيدان مۇسابىقىدە 6 توپ كەتكۈزدى ، شاھلىق لوڭقىسىدا بولسا ئىپادىسى تېخىمۇ قالتىس بۇلۇپ ئۇدۇل كەلگەننى توپ كەتكۈزمەي قىرغىن قىلىپ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىگە بۈسۈپ كىردى . بۇپەسىل پېي پېي ، راموس قاتارلىق مۇداپىيەچىلەرنىڭ ئىپادىسى مۇقىم سەۋەنلىكى ۋە ئىرىشكەن كارتا سانى ئاز بولدى .

Img6330287_x580.jpg

يۇقۇرى سەۋىيەدىكى توپ كونتىرول قىلىش

توپ كونتىرول قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىش ئەنچىلوتىنىڭ پۇتبول پەلسەپىسىدىكى مۇھىم ھالقا . مورىنھو دەۋىرىدە مادرېد توپ كونتىرول قىلىش نىسپىتىگە بەك سەل قارايتى . مورىنھونىڭ ئەھمىيەت بىرىدىغىنى ھۇجۇمنىڭ ئۈنىمى ، ئۇ مۇداپىيەلىنىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈرئىتى ۋە سۈپىتىگە تۇلىمۇ ئەھمىيەت بىرىدۇ ، بىراق ئەنچىلوتى ئۇنداق ئەمەس . مودرېچتەك پاسقا ۋە توپ كونتىرول قىلىشقا ئىگە بولغان مادرېدنىڭ توپ كونتىرول قىلىش نىسپىتى ئاشتى . بۇ پەسىلدا مادرېدنىڭ ئوتتۇرچە توپ كونتىرول قىلىش نىسپىتى %60 گە يەتتى . بىرلەشمىدە يەنە 13497 قېتىم ئۈنۈملىك پاس يەتكۈزدى .

Img6330286_x580.jpg

ئاساسلىق سەپ شەكلى ئىنتايىن مۇقىم

ئەنچىلوتى تىرنىر بولغان يېرىم پەسىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ناھايىتى مۇقىم بولغان ئاساسلىق سەپ شەكلىنى تاللاپ چىقتى . ئىككى نەپەر قاپقىچىلارنىڭ نۆۋەتلەشكىنىدىن باشقا قالغان 10 نەپەر ئااساسلىق ئەزا ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ . مۇداپىيە سىپىدە سولدىن ئوڭغا مارسېلو ، پېي پېي ، راموس ۋە كارۋاھال . ئوتتۇرا مەيداندا ئالونسو ، مودرېچ ۋە دىمارىيا ، ھۇجۇم سىپىدە بولسا ياۋرۇپا ئوت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ‹‹BBCگۇرۇپىسى ›› . كونتىرىۋا بىلەن ئاربېلىوئا ئالاھىدە ئەھۋاللاردا ئالمىشىپ مەيدانغا چىقىۋاتىدۇ . بۇنىدڭىن باشقا كىچىك ماھىر خېسەيمۇ پۇرسەت بولغاندا مەيدانغا چىقىشتىن قۇرۇق قالمايدۇ .

Img6330285_x580.jpg

ئالونسۇنىڭ قايتىپ كىلىشى

ئەنچىلوتىنىڭ ئاساسلىق سەپ شەكلى ئىزچىل ئالونسۇنىڭ قۇشۇلىشىنى كۈتۈپ كەلگەن ئىدى . ئۇ ساقىيىپ مەيدانغا قايتا چىققاندىن كىيىن مادرېدنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى ھاياتى كۈچكە تولدى . ئالونسۇ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مادرېد تېخى مەغلۇپ بۇلۇپ باقمىدى شۇنداقلا ئۇدا 26 مەيدان ئۇتتۇرماسلىقتەك نەتىجىسى داۋاملاشماقتا . بىرلەشمىدە 14 مەيدان غەلبە قىلىپ 3 مەيدان تەڭلەشتى . ئۇزغۇنلۇقتا 3 مەيدان غەلبە قىلىپ 1 مەيدان تەڭلەشتى ، شاھلىق لوڭقىسىدا 5 مەيدان تۇلۇق غەلبە قىلدى . ئالونسۇ كۇماندىدا كەم بولسا بولمايدىغان يادرولۇق شەخس .

Img6330284_x580.jpg

كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈيىنىڭ ئىتپاقلىقى

زەردار كۇلۇپلارنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈيىدىكى مەسلىلەرنى ھەل قىلىش تىرنىرنى سىنايدىغان مۇھىم ئۆلچەم . كەمتەر ، ئەمەلى ئىشنى كۆپ قىلىدىغان ئەنچىلوتى بۇ جەھەتتىكى پىشقان مۇتەخەسىس شۇنداقلا قابىل تىرنىر . مادرېد كۇماندىسىدا چولپانلار توپلاشقان ، ئىچكى زىددىيەتنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس . مورىنھو دەۋىرىدە قاتتىق ۋاستە قوللىنىلدى ، بىراق ئۈنىمى ياخشى بولمىدى . مورىنھو دەۋىرىدە ئىچكى زىددىيەت بېسىقمىدى ، مورىنھو بىلەن كاپىتان ئارىسىدىكى زىددىيەت ئەۋجىگە چىقتى . بىراق چىقىشقاق ئەنچىلوتى توپچىلارغا ئۆز ئۈيىگە قايتقاندەك ئىللىقلىق ئاتا قىلدى .مەيلى  توپچىلار بىلەن توپچىلار ئارىسىدا ۋە ياكى توپچىلار بىلەن تىرنىر ئارىسىدا بولسۇن ھېچقانداق زىددىيەت كىلپ چىقمىدى . ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە زىدانىنىڭ تۆھپىسى ئاز ئەمەس . ئەنچىلوتىنىڭ يىتەكچىلىكىدە كاسسىلاس بىرلەشمىدە مەيدانغا چىقالمىسىمۇ شاھلىق لوڭقىسى بىلەن ئۇزغۇنلۇقتىن ئىبارەت ئىككى سەپتە مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى .

Img6330283_x580.jpg

دەرىجىدىن تاشقىرى ئوت كۈچى

مادرېد بىرلەشمىدە ئەسەبىيلەرچە 76 توپ كىرگۈزۈپ ئىسپان بىرلەشمىسىدە بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرماقتا ، ئوتتۇرچە ھىساپ بىلەن ھەر 32 مىنۇتتا بىر توپ كىرگۈزۈش جەھەتتىمۇ باش بۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ . ھۇجۇم سىپىدىكى ئۈچ ئۆتكۈر قىلىچنىڭ ئۇرغان توپ سانى 49 ، بۇنىڭ ئىچىدە رونالدو 24 توپ ، بېنزىما 15 توپ ، بىل 10 توپ كىرگۈزگەن . ئۇزغۇنلۇقتا بولسا تېخى يېقىندىلا بۇ كۇماندا شارىك04 نى 6-1 نەتىجە بىلەن قىرغىن قىلدى ، بۇ پەسىلدە سامان يۇلى جەڭ كىمىسى 7 مەيدان ئۇزغۇنلۇقتا 26 توپ كىرگۈزدى . كىچىك گۇرۇپپىدا 6-1 ۋە 4-1 بىر نەتىجە بىلەن گالاتا ساراينى ئىككى نۆۋەت قىرغىن قىلغان ، كوپىنھاگىننى بولسا 4-0 نەتىجە بىلەن قىرغىن قىلغان .

Img6330282_x580.jpg

يېڭى يۇلتۇزلارنىڭ چاقنىشى

خانلىق مادرېدتەك بۇنداق زەردار كۇلۇپنى ياخشى يىتەكلەش ھەقىقەتەن ئاسان ئىش ئەمەس . چولپانلار توپلاشقان ھەمدە شاكىچىكلەرگىمۇ پۇرسەت بىرىش كىرەك بولغان ئەھۋالدا ئەنچىلوتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشى ھەر ھالدا ياخشى بولدى . ئېسكو ۋە خېسەي  ئىككىسىنىڭ ئىپادىسى  ھەقىقەتەن قالتىس . بىرسى پەسىل بېشىدا ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇرغان ، بىرسى پەسىل ئوتتۇرىدا پارتىلاپ ئۈزىنى نامايەن قىلغان . ياۋرۇپا ئالتۇن ئۆسمۈرى ئېسكو بۇ پەسىل مادرېد ئۈچۈن 35 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 9 توپ ئۇرغان ۋە 6 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان . بۇنىڭ ئىچىدە بىرلەشمىدە 21 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 7 توپ ئۇرۇپ 4 ياردەمچى پاس چىقارغان . ‹‹يېڭى س.رونالدو ››  خېسەيمۇ ھەممىنىڭ نەزىرىنى ئۈزىگە قاراتقان توپچى . ئۇ مادرېد ئۈچۈن 29 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 8 توپ كىرگۈزگەن . بۇنىڭ ئىچىدە 17قېتىم مەيدانغا چىقىپ 5 توپ كىرگۈزگەن . رونالدو ياكى بىل مۇسابىقىگە چىقالمىغان ۋاقىتتا خېسەي ھەمىشە پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئۈزىنىڭ قىممىتىنى ئاسپاتلاپ كەلدى . ئۇلاردىن باشقا كارۋاھال ، ئىللارامىندى  قاتارلىقلارنىڭ ئىپادىسىمۇ ياخشى بۇلىۋاتىدۇ .

Img6330281_x580.jpg

جۇشقۇنلىققا تولغان كۈرەش قىلىش روھى

مادرېد تارىخىدا خۇانىتو روھى ناھايىتى يۇقۇرى ئۇرۇندا تۇرىدۇ ، مادرېدلىقلار غەلبە ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىغىچە كۈرەش قىلىدۇ . مەيلى ۋالۇنسىيەنىڭ مېستاللا پۇتبول مەيدانغا مىھمان بۇلۇپ بارسۇن ياكى مادرېد رىقابەتنىڭ كالدېرون پۇتبول مەيدانىغا مىھمان بۇلۇپ بارسۇن مادرېد  ھەر قاچان قانلىق كۈرەشكە دۇچ كىلىدۇ . بىراق ئۇلار ئەزەلدىن ۋاز كەچكەن ئەمەس . مادرېد رىقابەت بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مادرېدلىقلار مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاش قالغاندا نۇمۇرنى تەڭلەشتۈردى . ئۇنىڭدىن باشقا مىھمان ھالەتتە 2-3 نەتىجە بىلەن لەۋەنتېنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە رونالدو بىلەن موراتا 90-مىنۇتتا ئۇدا ئىككى توپ ئۇرۇپ نۇمۇر ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى شۇنداقلا مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇردى . مىھمان مەيداندا 2-2 نەتىجىدە ئوساسونا بىلەن تەڭلەشكەن مۇسابىقىدە پېي پېي 80-مىنۇتتا نۇمۇرنى تەڭلەشتۈردى ، مىھمان ھالەتتە 2-1 نەتىجە بىلەن ئىلچىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە رونالدو 90-مىنۇتتا نۇمۇر ئالدى . مىھمان ھالەتتە 3-2 نەتىجە بىلەن ۋالۇنسىيەنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە خېسەي 82-مىنۇتتا ھەلقىلغۇچ بىر توپ ئۇردى . ئەھۋالنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر مادرېدلىقلار ھەر ۋاقىت ئۈزىنىڭ تۇلۇپ تاشقان كۈرەش قىلىش ئىستىكى ۋە غەلبىگە بولغان ئىشەنچىنى نامايەن قىلىپ كەلدى .

Img6330280_x580.jpg

پۇتبولدىكى شادلىق

ئەنچىلوتى كۈلكە ئاۋازىنى خانلىق مادرېد كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۈيىدە قايتىدىن ياڭراتتى ، كۇماندا ئەزالىرى مۇسابىقىگە ئىنتىزار بولماقتا ، غەلبىگە ئىنتىلمەكتە .

Img6330279_x580.jpg

بەدەن ھالىتىنىڭ ياخشى بۇلۇشى

توپچىلارنىڭ ياخشى بولغان بەدەن ھالىتىنى ساقلىشى ئۈچۈن ئەنچىلوتىنىڭ ئۈز ئالدىغا پىلانى بار . مەيلى قانداقلا ئەھۋال بولسۇن ، ھەر مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ئەنچىلوتى توپچىلارنىڭ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن يىتەرلىك ۋاقىت بىرىدۇ . مۇسابىقىنىڭ ئىككىنجى كۈنى توپچىلارنى ئارامغا قۇيىۋىتىدۇ . مۇسابىقىدە جىسمانى كۈچىنىڭ خۇرىشى بىر قەدەر كۆپ بولغان توپچىلارغا قارىتا ئەنچىلوتى مۇۋاپىق ھالدا مەشىقنى ئازايتىدۇ . مۇسابىقە پەسلىنىڭ ھالقىلىق پەيتىگە قەدەم قويغان مەزگىلدە يىتەرلىك جىسمانى كۈچى ۋە ياخشى بولغان بەدەن ھالىتىنى ساقلاش ھەرقايسى سەپتىكى مۇسابىقىلەردە چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىشتا ناھايىتى مۇھىم ھىساپلىنىدۇ .





مەنبە : http://pic.sports.sohu.com/group-541855.shtml#10

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +119 تۆھپە +1 شۆھرەت +1 يىغىش سەۋەبى
cR.7. + 50
بەگزات + 5 قالتىس!
سەۋدايى7 + 1 + 1 + 1 قوللاش!
خانزاد1 + 30 قالتىس!
dilmurat. + 33 تېمىڭىز ئىسىل ھەم تەپ.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-13 20:13:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىد ھەممىدىن كۈچلۈك ئالغا مادرىد
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-13 20:19:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-13 20:21:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن ئەنچولوتى مىلاننى باشلاپ نەتىجىلەرنى ئالغان بولسىمۇ لېكىن بۇ تېرىنىرغا بولغان چۈشەنچەم تۆۋەن ئىدى. لېكىن مورىنىئودىن كېيىنكى مادرتنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنچىۋالا ئوڭشاپ بولغىنىغا قاراپ بۇ تېرىنىرغا ھۆرمىتىم قوزغالماي تۇرالمىدى. مېنىڭچە مادىرىت كۇلۇبى ، توپچىلىرى  ۋە مەستانلىرى كۇلۇب تارىغىدىكى ئەڭ ياخشى تېرىنىرغا ئېگە بولدى دەپ ئويلايمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-13 20:22:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ناھايتى ياخشى تەھلىل بۇپتۇ ... مادىرد دىمىسىمۇ بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ ئىپادىسى ناھايتى ياخشى بولدى.  ئەن دوكتۇرغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم . مادىردنى ناھايتى ئۆم قىلۋەتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-13 20:22:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 20:19
11.بارىسلونا نىڭ ئاجىزلىشى...
12. بىرەر زەرداربىلەن 2014 تە  ...

كاككۇكجان يۇقارقى 10 تۈرلۈك سەۋەپلەرنىڭ ھەممىسى دەلىللىرى بىلەن كۆرسىتىپ سۆزلەنگەن ، سىز جۆيلۈپلا 11-سەۋەپ بارسىلونانىڭ ئاجىزلىشى دەپ قويسىڭىز ئىسپاتلىرى قېنى ؟ بۇنداق ئاساسسىز ئىنكاس يازماڭلا ، بولمىسا يەنە جىدەل چىقىدىغان ئىش بار ، بۇ تىمىنى يېزىشقا نەچچە سائەت ۋاقىت كەتتى تاقىلىپ قېلىشىنى ياكى ئۈچۈرۈلۈپ كىتىشىنى خالىمايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-13 20:24:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-13 20:26:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-13 20:29:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 20:24
نەرى ئاساسسىز....
تار يولدىكى ئىككى رەقىپنىڭ بىرىنىڭ ي ...

ئاساس دىگەن تەپسىلى مىسال ئېلىش ئارقىلىق بۇلىدۇ ، بىر كۇماندا ئاجىزلىسا بىرسى كۈچەيدى دىمەيمىز ، بەيرېن بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كىيىن سىلەرگە بارسىلونا بەك ئاجىزلەپ كەتكەندەك تۇيۇلغان ئوخشايدۇ لىكىن ئۇ مۇسابىقە بۇلتۇرقى ئىش ، لىكىن بۇ تىمىدا مادرېد كۈچەيدى دىگەن گەپ 2014-يىلىدىكى گەپلەر ، يەنە كىلىپ ئەڭ يېقىنقى دېربىدا بارسىلونا ئۇتقان ، بىر كۇماندىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى يەنە بىر كۇماندىنىڭ ئاجزلىغانلىقىدىن بولغان دىسەك بولمايدۇ ، شۇنداق بىر -بىرسىگە مۇناسىۋەتلىك دەيمىز دەپ تۇرىۋالساڭلا بىر كۇماندا ئاجىزلىغانلىقتىن يەنە بىر كۇماندا كۈچەيمەيدۇ بەلكى يەنە بىر كۇماندا كۈچىيىپ باش كۈتەرسە ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە بىر كۇماندا ئاجىزدەك تەسىر بىرىدۇ ، مادرېدنىڭ كۈچلەنگىنى ھەرگىزمۇ بارسىلونانىڭ ئاجىزلىغىنىدىن كىيىن بولغان ئىش ئەمەس ، بارسىلونا جاھان سۇرىسىمۇ مادرېد كۈچلەنگىسى بولسا ئوخشاش كۈچلىنىۋېرىدۇ ، ھەرگىزمۇ بارسىلونا ئۇكام سىز ئاجىزلاپ بىرىڭ سىز ئاجىزلىسىڭىز مەن كۈچلىنىۋالاي دىمەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-13 20:30:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9مۇرادىل يوللىغان ۋاقتى  2014-3-13 20:22
ناھايتى ياخشى تەھلىل بۇپتۇ ... مادىرد دىمىسىمۇ بۇ يىل ك ...

ئۆزىل يارىشىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-13 20:31:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-13 20:34:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىد   دەپ  تۇرسا  نەدىكى  بىر  ئاقماس  كۇلۇبىنى  ئەپ چىقىپ  غىلجىڭشىيدىغان  بەندىلەرگە ھەيرانمەن……
    شۇنداق   بۇ  يىل  مادىرىددا ئىلگىرلەشكە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ !     بۈگۈنكى ياخشى تېما !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 06:39

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش