ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4541 |
تۆھپىسى: سەر |
|
xax555 يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 00:36 
**** يازغۇچى چەكلەنگەن ياكى ئۆچۈرۈلگەن، مەزمۇن ئاپتومات ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم سىزگە ئاللاھنىڭ سالامى يار بولسۇن !
مۇنبىرىمىزدە ئەزەلدىن بارسېلونا ياكى مادرىت مەستانىسى دەپ ئايرىلماي مۇنبەر ئىنتىزامىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ئوخشاش بىر قاتاردا تەرەپ قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ پەقەت بىر قىسىم پىتنىخۇرلارنىڭ مۇنبىرىمىز توغرىسىدا چىقارغان پىتنە ئېغىۋالاردىن كېلىپ چىققان ئاتالمىش ( بارسېلونا مەستانلىرىنى چەكلەش ) خاتا چۈشەنچىسىدىن ئىبارەت. ئەگەر سىز راستىنلا بىرەر مەسىلىنى ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقچى بولسىڭىز ، ئاۋال باشقۇرغۇچىلارنى ئىزدەڭ . شۇندىمۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم دەپ قارىسىڭىز بېكەت باشلىقىنى ئىزدەڭ . ئەگەر سىزدە سەمىمىيلىك ۋە تۈز نىيەت بولغان بولسا ئىدى . ھەرگىزمۇ بارلىق باشقۇرغۇچىلارنى چىشلەپ تارتىپ چىقىدىغان مۇنۇ سەت ئىنكاسنى يازمىغان بولاتتىڭىز. مۇنبىرىمىزدىكى باشقۇرغۇچىلار نىجات ئەپەندىمدىن ئون تىين مۇئاش ئېلىپ ئىشلەۋاتقان باشقۇرغۇچىلار ئەمەس. ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبەر ئۈچۈن ئاز تولا خىزمەت قىلىۋاتقان يېرىلا بار. سىلەر ھەجەپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇنبەر بېخەتەرلىكى ئۈچۈن تېما ئۆچۈرگەن ، ئىنكاس ئۆچۈرگەن ، ئەزا چەكلىگەن تەرىپىنىلا كۆرۈپ نېمىشقا سىلەرنىڭ مۇنبەرگە يوللىغان تېماڭلارنى تەسىتىقلاش ئۈچۈن ياكى مۇنبەرنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن چېكىۋاتقان جاپالىرىنى كۆرمەيسىلەر ؟ سىلەرچە بولغاندا مۇنبەر باشقۇرغۇچىسىز قېلىپ ، ئۆزەڭلار خالىغانچە تېما يوللاپ ، ئىنكاس يېزىشىپ ئوينىساڭلار ، مۇنبەر ئىككى كۈندە تاقىلىپ قالسا خۇش بولىدىغان ئوخشىمامسىلەر ؟
سىزنىڭ مۇشۇ ئىنكاسىڭىز ئۈچۈن ، سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى ئورۇنلاپ سىزگە ئاگاھلاندۇرۇش تەرىقىسىدە بىر ھەپتىلىك چەكلەش جازاسى بىرىلدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، مۇنبىرىمىزدىكى مادرىت ۋە بارسېلونا مەستانلىرى قېرىنداشلىرىمىزغا دەيدىغىنىم. جېنىم قېرىنداشلارىمىز سىلەر نېمىشقا باشقا بىرلەشمىلەرنىڭ مەستانلىرىگە ئوخشاش ئىجىل ئېناق ئۆتمەيدىغانسىلەر ، يات بىر مىللەت ، يات بىر خىل مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۇلۇبىلىرىدىن ئۆزىڭىزگە تېگىشلىك يېرىنىلا قوبۇل قىلماي بىزگە يات ئىشلار ئۈچۈن بىر بىرىڭلار بىلەن مۇشۇنچىۋالا قىزىرشىپ قېلىش سىلەرچە ئەرزىمدۇ ؟ |
|