akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1871|ئىنكاس: 46

ياۋروپادا بىردىنبىر ئاساسلىق ئوينىغان جوڭگۇلۇق توپچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-4 10:27  

       xin_97a3064085824fd6996575450658c78f.jpg

        3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسدە ،ئېۋېرتون كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1 : 0 نەتىجە بىلەن غەربى ھامنى مەغلۇپ قىلدى .ئارلىقتىكى ئارام ئېلىشتا ، مەيداندا ئېۋېرتون مەستانىلىرىگە تۇنۇش بىر كىشى پەيدا بولدى .ئۇنداقتا بۇ كىم ؟ بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى لى تىيې ،يەنى 2002-يىلى كورىيە -ياپۇنىيە دۇنيا لوڭقىسدا دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئوينىغان توپچى . دۆلىتىمىز كوماندىسى كوستارىكا ،بىرازىلىيە ،تۈركىيە قاتارلىق كوماندىلار بىلەن بىر گۇرۇپقا بۈلۈنۈپ ، ئاخىردا 32 دۆلەتنىڭ ئىچىدە كەينىدىن سانىغاندا ئىككىنچى بولۇپ شاللىنىپ كەتكەن مۇسابىقىدە بۇ توپچى تۇلۇق مەيدانغا چىققان .لى تىيې شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسدا باشقىلارغا قارىغاندا ئەڭ ياخشى ئوينىغان .ئارقىدىن ئېنگىلاندىكى ئېۋېرتون كۇلۇبى لى تىيېنى يۆتكەپ كەلگەن .مەيداندىكى ئورنى : ئوتتۇرا مەيدان ،« ئىككى ئۆپكىسى » بار دەپ نامى بار .ئىلگىرى « جوڭگۇ پۇتبول ئەپەندىسى » بولغان .


           لى تىيې بۇ كوماندىدا تۆت پەسىل توپ تەپكەن .تەكىتلەشكە تېگىشلىك بولغىنى : لى تىيې ئېۋېرتوندا ئاساسى جەھەتتىن غوللۇق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىققان .چەتئەلدە توپ تەپكەن باشقا جوڭگۇلۇق توپچىلار ، مەسىلەن ،سۈن شىياڭ ،جېڭجى ،سۈن جىخەي ،دوڭ فاڭجۇ ،شاۋجىيايى قاتارلىق توپچىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاساسلىق ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويمىغان بىردىنبىر توپچى دىيىشكە بۇلىدۇ .بۇ ئېنگىلاندتا ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ! مۇبادا يارىلانمىغان بولسا لى تىيېنىڭ ئېۋېرتون ھاياتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان بۇلاتتى .بۇ قېتىم ئېۋېرتون كۇلۇبى ھازىر گۇاڭجۇ خېڭدانىڭ تېرىنىرلار سېپىدا خىزمەت قىلىۋاتقان لى تىيېنى مەخسۇس زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان .قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن لى تىيې ئېۋېرتون مەستانىلىرگە ئېھتىرام بىلدۈرگەن .گەرچە ئارىلىقتىن سەككىز يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،مەستانىلەر ئۇزۇن چاچلىق بۇ توپچىنى تېزلا تۇنۇپ قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چاۋاك چالغان . يۇقۇردىكى سۈرەت .( لى تىيې ۋە بېكخام )

730_1195836_511080.jpg

توپ تەپكۈچى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 00:35:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس مۇشۇنداقراق بىرسى بولىدىغان مەيداندا . . باكەندە بۇمۇ .. بۇنىڭ تىرىنىرلىق مۇساپىسى ئۇزۇنراق بولسۇن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 00:36:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 00:54:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tagderem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-4 01:46  

بۇ ئىسىمدە    ،    لى بىگىم  بىلەن  شەلىكلەردە ئوينىغان سۈن بىگىم  بەسەيلەر ئىچىدە بولدىغانلىرى .  مىلۇ ئۆزى ئۈمۈد كۈتكەن بىرى ئىدى  بۇ چاچلىق   .    ھەي   كىچىكلىكتە   ،  ھازىر ئويلىسام كۈلىمەن .   مەن شۇ چاغدىكى  19  نۇمۇر ‹‹شى خۇڭ ›› مۇ ئەيتاۋۇر  شۇنى ئەسقاتىدۇ  بىر توپ ئۇرىدۇ  دەپ   ئولتۇراتتىم  .       يەنە بىر لى فامىلىلىك بىرى بولدىغان ،  ئۇنى پۇلنىڭ كۈچى بىلەن يىتىشىپ چىققان دەپ ئاڭلىۋىدىم  ئۆز ۋاقتىدا .   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 00:54:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ئۆپكىسى       شۇنۇڭغا  قارغاندا  بۇ  بەسەي   مەيداندا  ئۇياقتىن  بۇياققا   يۇگۇرۇرپ  يۇرۇيدغان    ئوخشايدۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 01:17:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ئۆپكىسى؟؟؟؟؟پەقەتلا ئىشەنمەيمەن جۇمۇ ،ئۆپكىسى يوقلىمىكىن دەيمەن بۇلانىڭبۇرۇن مەركەز 5-قانالدا بىر ئېلانىنى كۆرگەندەك ئىسىمدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 01:25:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xax555 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-4 00:36
2002  -  يىلى    كۆرگەندەك   قىلمەن    .              1   سى   بولسىمۇ   ...

مۇشۇنداق تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان گەپنى قىلمىساڭلا قانداق؟  قېنى قانچە باسالىق چەكلىنىپ ، كىملەرگە يان بېسىلىپتۇ؟ ئىسپات بىلەن گەپ قىلىلى، جېدەلگە ئارلاشقانلار ھەممىسى بىردەك چەكلەندى.  ماۋۇ مۇنبەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قانۇنى بار. ئۆزىنى بىلگە خاننىڭ ئالدىغا بارماپتۇ دېگەن گەپنى چۈشىنىدىغانسىز ھېچ بولمىسا. بىر گەپ بولسىلا مانداق باشقۇرغۇچىلارغا چىچاڭشىپ بەرمەڭلا. بەك ئوينىغىڭلار كەلمىسە مۇنبەرنىڭ ئىشىكى مەڭگۈ ئوچۇق ، چىقىپ كېتەمسىلە ، يەنە كىرەمسىلە ئىختىيار ئۆزلىرىڭلىدە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 01:33:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ئۆپكىسى بارلىقىغا ئېشىنىمەن ، لېكىن ئۇ ئىككى ئۆپكىنى توپ تېپىشقا سەرىپ قىلمايدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 01:34:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلبارىس يوللىغان ۋاقتى  2014-3-4 01:25
مۇشۇنداق تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان گەپنى قىلمىساڭلا  ...

بىرازىلىيەنىڭ چەكلىنىشى ناھەق بولدى دەپ قارايمەن ‹ شەخسى پىكىر ›  بايا ئىنكاسنى  چالا پۇچۇق ئوقۇپ  بىرازىلىيە نىڭ ئىنكاسى ھېچقانداق ئەمەسدەك كۆرۈنگەن ماڭا..  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 02:31:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xax555 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-4 00:36
2002  -  يىلى    كۆرگەندەك   قىلمەن    .              1   سى   بولسىمۇ   ...

سىلىلا ئويناپ كىتىڭلا ئەمسە بۇ مۇنبەرنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 08:09:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-3-4 08:56:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ  يېشىمۇ  خېلى  باكەن  ھە  ،  2002- يىلى  توپ  ئوينىغان  بولسا  ھازىر 12 يىل  بوپتۇ  مانا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 23:13

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش