ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3269 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مادرىد رىقابەت ياخشى ئوينىدى. قوپال بولسىمۇ ئەركەكتەك ئوينىدى. دېربى دىگەن مۇشۇنداق بولىشى كېرەك. بىرەسى قىزىل كارتا يىمىدى، يا بىرەسى يارلىنىپ ئالماشتۇرۇلمىدى. ھەممە لايىغىدا بولدى. مادرىد ئۈچۈن سۆزلىگەندە قارشى تەرەپ قوپالرال ئوينىدى دىيىشكە بولىدۇ. لېكىن دېربى بولغانكى بۇنچىلىك بولمىسا بولماس...ئالدىدا بېنزىمانىڭ توپىنى ئوفسايىت دەپ ئويلىدى، كوستانىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە يىقىلغىنىغا پۇشتەك چالمىدى. ئەسلىغۇ چېلىنمىغىنى توغرا. لېكىن مادرىد رىقابەت تەرەپ مۇسابىقە جەريانىدا بۇنداق ئويلىمايدۇ دەپ. ئۆزىگە ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىشى ئىنىق. شۇنىڭ بىلەن رېتىمىز تېز بولغان مۇسابىقىدە سۈركىلىش ئەۋجىگە چىقتى. رېپىر ئالدىدا چالمىغاندىكىن كېيىن چېلىپ ئۈلگۈرتەلمىدى. لېكىن رېپىر باشتىلا بوش تۇتۇپ قويغان يېرى بار. كوستانىڭ كېيىنكى مەيداندىكى يىقىلىشىغا نۇقتا توپ بەرسىمۇ، بەرمىسىمۇ ھېچكىم بىر نەرسە دىيەلمەيتتى... |
|