akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3367|ئىنكاس: 124

ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى ( خەۋەر )

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغدا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 08:39  



ئارسىنال-بەيرىن



    دىيارىمىز ۋاقتى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 1:45 تە ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى 8 كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىسى تۇنجى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى رەسمى باشلاندى. ئىنگىلاند كىچىك زومىگىرى ئارسىنال كۇلۇبى خەلىپە مەيدانىدا گىرمانىيە زەردارى بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئارسىنال كۇلۇبى مەيدان ئەۋزەللىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ بايرىن كوماندىسىغا ئاز بولمىغان تەھتىتلەرنى ئېلىپ كەلدى. مۇسابىقە 3-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا بايرىن ماھىرى كىروس چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدىن قاپقىغا كۈچەپ توپ تەپتى. ئارسىنال قاپقىچىسى ئەپچىللىك بىلەن توپنى تۇسۇپ چىقىرىۋەتتى. مۇسابىقە 7-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا بايرىن ماھىرى بوئاتىڭ قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلەپ مۇسابىقىدىكى تۇنجى سېرىق كارتىنى ئىستىمال قىلدى، شۇنداقلا ئارسىنال كۇلۇبى نوقتا توپ پۇرسىتىگە ئىرىشتى. مەسۇت ئۆزىل تەپكەن نوقتا توپنى نويىر ئەپچىللىك بىلەن تۇسۇپ چىقىرىۋەتتى. مۇسابىقە 22-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا نويىر يەنە بىر قېتىم جاڭ بولىننىڭ يەكمۇ-يەك تۇپىنى تىپىپ چىقىرىۋەتتى. مۇسابىقە 30-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ئارسىنال ماھىرى جىبوس يارلىنىپ ئورنىغا مونرىئال ئالمىشىپ چىقتى. ئارقىدىن بايرىن كوماندىسىنىڭ قىلغان بىرقانچە ھۇجۇمى ئارسىنال كۇلۇبى تەرپىدىن بىچىت قىلىندى. مۇسابىقە 37-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ئارسىنال ۋارتارى باريىن كوماندىسى ئەزاسى روبىنغا قارشى قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئىشلەپ بىۋاستە قىزىل كارتا ئىستىمال قىلىپ چۈشۈرۋىتېلدى.بايرىن نوقتا توپ تىپىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى.ئارسىنال تەرەپتە كازولا چۈشۈرسېتىلىپ ئورنىغا زاپاس قاپقىچى فابىئانسىجى چىقتى. ئالابا تەپكەن تۈۋرۈك سوقتى. 45-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا سېرىق كارتا ئىستىمال قىلغان بوئاتىڭ چۈشۈرېتىلىپ ئورنىغا لافىنىيا چىقتى. 46-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا مەنزۇجىچى سېرىق كارتا ئىستىمال قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى مەيدان ھەر ئىككى كوماندا ئالدىنقى مەيدان توپ ئۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىدى. ھەر ئىككى كوماندا بىردىن نوقتا توپنى ئۇرالمىدى.

   كىينكى مەيدان 10 ئادەم بىلەن قالغان ئارسىنال كۇلۇبى توپ تىپىش ئەندىزىسىنى مۇداپىئەنى ئاساس، قايتارما ھۇجۇمنى قۇشۇمچە قىلىشقا ئۆزگەرتتى. مۇسابىقە 54-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا بايرىن ماھىرى كىروس توپنى ئەپچىللىك بىلەن تىپىپ كىرگۈزۇدى. 57-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا ئارسىنال ماھىرى سانوگو سېرىق كارتا بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلدى. بايرىن كۇلۇبى قاتمۇ-قات مۇداپىئە قىلىشقا ئۇچراپ توپ ئۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىدى. ئالمىشىپ چىققان قاپقىچى فابىئانسىجىنىڭ ئىپادىسى بەكلا قالتىس بولدى. مۇسابىقە 73-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا جاڭ بولىننىڭ ئورنىغا روسىجى ئالمىشىپ چىقتى. 78-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا تىياگۇ چۈشۈرۋېتىلىپ ئورنىغا ئالكانتارا چىقتى. مۇسابىقە 87-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا لام پاس چىقىرىپ موللىر بىر كاللا توپ ئۇردى. 90-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا كىروس تۈۋرۈك سوقتى.

مىلان- مادرىد ئاتلىتكا


  
   ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى 8 كۈچلۈك يەنە بىرمۇسابىقە بۈلىكىدە ئوخشاش ۋاقىتتا ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى ئۆز مەيدانى سان-سىرودا ئىسپانىيە كىچىك زومىگىرى مادرىد ئاتلىتكا كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشتىن ئاخىرى ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. بىرقانچە قېتىم قاتتىق تۇقۇنۇش يۈز بەردى. مۇسابىقىنىڭ 13-مىنۇتى ۋە 18-مىنۇتىدا كاكا ئىككى قېتىم تۈۋرۈك سوقتى. مۇسابىقە 83-مىنۇتىغا قەدەم قويغاندا مادرىد ئاتلىتكا ھۇجۇمچىسى دىېگو كوستا توپ ئۇردى. كىيىنكى ۋاقىتلاردا مىلان كۈچىگەن بولسىمۇ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىدى.



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-2-20 04:34:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 04:35:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 05:48  

مۇبارەك بولسۇن بايرېن   ... بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن ئاساسى جەھەتتىن ياخشى ئوينىدى ، قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا مۇشۇنداق ئوينىغاندىكىن ... ئەمما لىكىن نويىر پىچەت تۇرىۋەتتى ۋارتادا ، قاراپ تۇرۇپ ھەر ئىككىلى تەرەپ نوقتا توپنى بىكار قىلدى ! ئارسىنالنىڭ ۋارتاسى روبىنغا پۇت سالمىغان بولسا روبىن ئۇ توپنى ئۇرۋىتىشى مۇمكىن ئىدى ... ئارسىنالمۇ ياخشى ئوينىغان ئەپسۇس ... بايرېن شۇنداق قىلىپ ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتىۋالدى ، ئۆزىنىڭ مەيدانىدا ياخشى ئوينىسىلا ئىش پۈتىدۇ ... غەلبە مۇشۇنداق تىرىشقانلارغا مەنسۇب ! ... ھۇررا بايرېن ! ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 04:35:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىراس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 05:59  

بەيرىننىڭ توپ كونتىرول قىلىشى دەھشەت بوپ كىتىپتا ئالدىنقى يىلقى ئوينىشىدىن ئەسەرمۇ يوق
ئارسىنال كۈچىگەن ئۈزىل ئا توپنى ئۇرۋەتكەن بولسا بۇنچە بوپ كەتمەس ئىدى بار بېسىم بۇ بالىغىلا چۈشە بولدى ئەمدى ،ھەي ئالابا

مىلاندىن تەلەي شۇنداق قاشتىكى ئاخىردا ئۇتتۇرۇش بىلەن ياردارلارنىمۇ كۈپەيتىۋالدى   
مادرىد مادرىد ئاتلىتكىغا ئۇتتۇرغاندا ھەر نىمە دىگەن مىلانچىلار ............................................ بۇنداق كۈننىڭ كىلىشىنى ئويلىمىغان بولغىيتى ھە !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 04:36:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگلاند بىرلەشمىسى 10 ئادەم بىلەنلا ئوينامدۇ نىمە ؟ ۋىنگىرغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى ئەجەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 04:36:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يو  ما  باللانىڭ  يامانلىقىنى  ،  مۇسابىقە  تۈگەپ  تۇرۇشىغا  تېما  يوللاپ  بوپتۇ  ،  تېمىنى   بۇرۇنلا  يېزىپ تەييار  قىلىۋالغانمۇ  ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 04:36:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما  بولىۋېلىپ   يېزىشقا  قارشى  تۇرايلى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 04:36:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىلەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 05:49  

بىر توپ ياۋا ئىشەكلەر ،بۇلار بۇ ھالىتى بىلەن بىرەر چولپاننىڭ بېشىغا چىققۇدەك .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 04:37:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئېنگىلاد كۇلۇپلىرىنى 16دىن ئۆتكۈزمەيمىز دەيدىغان گېپى بارمۇ قانداق؟؟؟
  ئۆتكەن يىلى نانى يىسۇن قىزىلنى،ئاخشام شەھەردىن بىرسى يىسۇن،بۈگۈن ئارسىنالنىڭ ۋارتارسى.نىمدا قاملاشمىغان ئىش بۇ.قىزىل بولاق بەرمەمدۇ يا ئېنگىلاد بىرلەشمىسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 04:37:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  ئوزىل  ،  نۇقتا  توپنى  ھەجەپ  جانسىز  تەپتى  دىسە  ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 04:38:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا  دەيمەن  يەنە  بىر  مەيداننى  كۆرەپتىكەنمەن  ماۋۇ  قىزىللا  بىلەن  سېرىقلار  بىردىن  نۇقتا  توپنى  ئۇرالمىغىنىنى  …  ياق  بۇلار  چوقۇم دىيىشىۋاپتۇ …  قىمارۋازلارنىڭ  ئىشى  چاتاق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 04:39:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىتانىك يوللىغان ۋاقتى  2014-2-20 04:37
ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئېنگىلاد كۇلۇپلىرىن ...

ما گەپ  ئۇرۇنلۇق  راس  ،  قىزىل  نى  ھەجەپ  بىرىپ  كەتتا  بۇ  سەنپەيەنلە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 16:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش