ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 426 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رىپىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-21 01:53
بىر مۇنچە تەھلىل يېزىپ يوللىسام ئۆچۈپ كەتتى ، شۇڭا قىسقا قىلىپ ئېيتسام 1. باش رىپىرنىڭ كۆرمەسلىكى ئەقىلغە ئۇيغۇن بولسىمۇ يان رىپىرنىڭ كۆرمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس ، مىسسى ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان ، يان رىپىر نىڭ كۆرۈش دائىرىسى تۇسۇۋېلىنمىغان بولۇپ يان رىپىر ساقلا بولسا مىسسى بىلەن بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بولۇشى كېرەك (ئىشەنمىسىڭىز فىلىمنى تېپىپ قايتا كۆرۈڭ ) . بۇ ئەھۋالدا 10 سانتىمىتىرلىق پەرقمۇ مانا مەن مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . يان رىپىرنىڭ خاتالىق شۇكى ئۇ بىر بولسا ئەھۋالنى باش رىپىرغا دەرھال تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەلۇم قىلمىغان ، بىر بولسا پۇت سېلىنغان ئورۇنغا قارىغاندا مىسسىنىڭ يىقىلىشقا باشلىغان ئورنىغا بەك ئەھمىيەت بېرىۋالغان .(دىققەت : ئەگەر بۇ خىل قاراش قوللاشقا ئېرىشسە سۇغا سەكرەش تەنھەركەتچىلىرىگە بايرام بولىدۇ، شۇڭا بۇخىل ھۆكۈم بىردەك خاتا دەپ قارىلىدۇ ) 2. باش رىپىر نەچچە سىكۇنت ئالدىدىكى قائىدىگە خىلاپ ھەركەتكە كۆزىنى چەكچەيتىپ قاراپ تۇرۇپمۇ پىسەنت قىلمىدى ، توپ ئىككى پاستىن كېيىنلا مىسسىغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن باشتىكى ئىشقا قورسىقى كۆپكەن مۇداپىئەچى قىزىق قانلىق قىلىپ تىكوغا دەسسىگەن .
قىسقىسى تۈزىتىۋېلىشقا بولىدىغان خاتالىق ئۈسىتىگە خاتالىق ئۆتكۈزۈلۈپ مۇسابىقىنىڭ تەڭپۇڭلىقى پۈتۈنلۈي ئاستىن ئۈستۈن بوپكەتتى .
مەن كەسپى رىپىر ئەمەس ، بىراق مەكتەپتىكى مۇسابىقىلەرگە رىپىرلىقمۇ قىلىپ قويىمەن ، بەزىدە بىلىپ بىلمەي چېلىشقا تىگىشلىك پۇشتەكلەرنى چالماي قالغىنىمنى ھىس قىلسام مۇۋاپىق ئۇسۇلدا كەلگەن يېرىدە تەڭشەپ بېرىمەن ، چوڭ مۇسابىقىلەردە تەجىربىلىك رىپىرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق قىلىدۇ .
يۇقارقى قاراشلىرىم ئۆزەمنىڭ ھىس قىلغىنى ، بارسلوناغا قارشى گەپ دەپ چۈشىنىۋىلىنمىغاي ، بارسلونا ياكى شەھەر بىلەن يۇمغاقسۈتنىڭ ئۇرۇقىچىلىك ئالاقەم ياكى مەستانىلىك مۇناسىۋىتىم يوق .
|
|