akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1829|ئىنكاس: 65

قىزىل كارتا توغرا، نوقتا توپ خاتا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   c.ronaldo77 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 21:30  

9LE64MMB00BV0005.jpg



قايسى كۈنى ئوينالغان ياۋرۇپا چېمپيونلۇق لوڭقىسى 16 كۈچلۈكلەر تۇنجى ئۇچرشىشىدىكى مانچېستىر شەھىرى بىلەن بارسلونا ئوتتۇرسدىكى مۇسابىقىدە بارسلونا كوماندىسى ئېتقاد مەيدانىدا 2 توپ ئۇرۇپ تولۇق غەلبە بىلەن قايتىپ كەلدى. ئەمما مەيداندىكى بەس-مۇنازىرە يەنىلا تۇنجى قېتىملىق توپنىڭ كىرىشىگە سەۋەپچى بولغان نوقتا توپتا بولدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان 0-0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقان ئەھۋال ئاستىدا بارسلونا كوماندىسى مېھمان ھالەتتە بولسىمۇ ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ توپ ئۇرۇش ئۈچۈن كۈچەپ ئوينىدى. 54 مىنۇت بولغاندا مىسسىغا كىرىش ئېھتماللىقى ناھايتى يۇقىرى بولغان توپ تىپىش پۇرسىتى كەلدى. بىراق مانچېستىر شەھىرى بېكى دېمىچلىس مىسسىغا قائىدە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ بۇ توپنىڭ كىرىپ كىتىشىنى توسۇپ قالدى.

  باش رېپىر دېمچلىسنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا ھېچ ئىككىلەنمەستىنلا قىزىل كارتا چىقىرىپ ئۇنى مەيداندىن چۈشۈرۋەتتى. دېمىچلىسنىڭ كىرىپ كىتىش ئېھتماللىقى ناھايتى چوڭ بولغان بۇ توپقا مىسسىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئېغىر ھەرىكەت ئىشلىشى ھەقىقەتەنمۇ قىزىل كارتىغا لايىق. بىراق رېپىرنىڭ بۇ توپنى نوقتا توپ قىلىپ ھۆكۈم قىلىشى خاتا بولغان. ئەمەلىيتە دېمىچلىس مىسسغا قاپقا رايۇنىنىڭ سىرتىدا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىگەن ئىدى. بىراق باش رېپىر مىسسى بىلەن دېمىچلىسنىڭ يىقىلغان ئورنىغا قاراپلا ناھايتى يۈزەكى ھالدا خاتا بولغان ھۆكۈم چىقىرىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى تاراتقۇلار ۋە مانچېستىر شەھىرى تېرنىرى تىغ ئۈچىنى باش رېپىرغا قاراتتى. مانچېستىر شەھىرى تېرنىرى‹‹ ئەگەر ئاشۇ ناھەق نوقتا توپ بولمىغان بولسا بىز ئۆز مەيدانىمىزدا يېڭىلمىگەن بولاتتۇق›› دەپ مەغلۇب بولۇشتىكى ھەممە مەسئۇلىيەتنى باش رېپىرغا ئارتىپ قويدى.

ئەمەلىيەتتە باش رېپىرنى بارسلوناغا يان باستى دېيىش ئانچە ئاقىلانە قاراش ئەمەس. چۈنكى مىسسى بىلەن دېمىچلىس يېقىلغان ۋاقىتتا باش رېپىر ئۇلارنىڭ ئارقا تەرىپىدىن 10-20 مېتىر ئەتراپىدا يىراقلىقتا ئىدى. بىزنىڭ كۆرۈش سىزىمىز ئاستىنقى ئورۇننى بەلگىلەشكە ئانچە ماھىر ئەمەس. چۈنكى بىر تۈز تەكشلىكتە سىزىلغان سىزىقنىڭ ئورنىنى پەرىق ئىتىشمۇ قيىن بولغان مەسىلە. بۇنداق ئەھۋال ئاستدا باش رېپىر ئەلۋەتتە تېخىمۇ ئېنىق بولغان كۆرۈش بۇلىڭىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئالدى تەرەپكە يۇگۈرىدۇ. بىراق بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان ئۇ ئىككىسى يىقىلىپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن رېپىر دەرھال بۇ توپنى نوقتا توپ دەپ ھۆكۈم قىلدى. يان رېپىر بولسا ئۆزىنىڭ ئوفسايتقا قاراش مەجبۇرىيتى ۋە باش رېپرغا قارىغاندا نوقتا توپ بولغان ئورۇنغا مۇساپىسىنىڭ تېخىمۇ يىراق بولىشى سەۋەپلىك بۇ توپنى ئېنىق كۆرەلمەسلىكى ئېنىق. شۇنداق ئىكەن بۇ بىر قەستەنلىك بولمىغان خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.


123.jpg


9LELAJCE00BV0005.gif


مەيلى نېمىلا دېمەيلى مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ بولدى. ئەمدى ھېچكىم نەتىجىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.  كۆپچىلىكنىڭ ئىلمى بولۇپ مۇنبەر قائىدىسىگە ۋە ئىناقلىقىغا ئاڭلىق رىئايە قىلغان ھالدا ئىنكاس  يېزىشىنى ئۈمىد قىلمەن. باشقىلارنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ھەرقانداق ئىنكاسلارنى يازمىساق !!!


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 21:31:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزىقنىڭ سىرتىدىن يىقىلىغىنى راس بىراق سىزىققا بەك يىقىپ بولغاچقا ھۆكۈم قىلىش تەس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىېرىلىپ سىزىق ئىچىگە كىرىپ قالدى ، يامان بولغىنى ماۋۇ دۆت رىپىرنىڭ مىسى شۇ توپنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىركى بارسلونانىڭ قائىدىگە خىلاپ ھەركىتىگە پۇشتەك چالمىغىنى ، ئەگەر شۇ پۇشتەك توغرا چىلنىغان بولسا بۇ تېراگىدىيە يۈز بەرمەيتتى !!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 21:32:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىينىكى مەيدانغا ياخشى تەييارلىق قىلغان ياخشى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 21:36:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاتالىقى خاتا بۇ گەپنى رېپىرغا دەڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 21:37:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭ دىسىمۇ نەتىجە ئۆزگەرمەيدۇ دە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 21:37:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   missi2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-20 21:39  

دىمىكەيلىسنىڭ ئىنىرىتسىيە كۈچ تەسىرىدە سىزىق ئىچىگە سىرىلىپكىرىپ مىسسىنى يىقىتقىنى ئېنىق،گەرچە دەسلەپ پۇت سوزغان يېرى سىزىقنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ،بۇ ئېنىقلا نۇقتا توپ بېرىلىدىغان ھەركەت،رىپىرمۇ ئادەم
مىسسىنىڭ يىقىلغىنى توغرا،دىمىكەيلىسنىڭ پۇت سىلىشىمۇ توغرا،بىز ئادەم بولغاچقا ھۆكۈمىمىز خاتا

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +5 يىغىش سەۋەبى
xax555 + 5 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 21:37:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ رىپىر بارسېلوناغا يان باسمىدى ...
سىنچىلاپ  قارىمىسا بۇ قائىدىگە خىلاپ ھەركەت چەكلەنگەن رايۇننىڭ ئىچىدە بولغاندەك كۆرۈنىدۇ ...
رىپىرنىڭ ئارلىقى يىراق بولغاچقا چەكلەنگەن رايۇننىڭ ئىچىدە بولغان قائىدىگە خىلاپ ھەركەت دەپ قاراپ نۇقتا توپ قويۇپ بەرگەن گەپ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 21:39:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىلا دىگەن بىلەن بېكاردە .  رېپىرمۇ بەلكىم ‏ئېنىق كۆرەلمىگەن بۇلىشى مۇمكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 21:44:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى بىز فىزىكىدا ئىننىرتسىيىلىك ھەركەت دەيمىز ، دىمىكىلىسنىڭ پۇت سالماقچى بولغان يىرى چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدا ، پۇتى مىسسىغا تەككەن يەر سىزاق ئۇستىدە ، مىسسى يىقىلغان ۋە ئۆزى توختىغان يەر بولسا چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە ، بۇنداق ئەكۋالدا ئاساسەن نۇقتا توپ قۇيۇپ بەرسە تۇغرا بولىدۇ .. چۈنكى توپ مەيدانىدا پۇت سىلىش كۆپ ئۇچىرايدۇ ، مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ئاز ، يەنى بەزىدە ھەركەت چەكتىن ئىشىپ جازالىنىدىغان گەپ ، بەزىدە ھەركىتىمىز ئۇ تۇپچىغا تەسىر كۆرسەتمەي (يەنى ھىچقانداق ئۇچرىشىش ، تىگىشىش بولماي ) بىز قۇرۇق پۇت سىلىپ قالىمىز ، بۇنداق ۋاقتىدا رىپىر پۇشتەك چالمايدۇ ، ھەتتا قارشى تەرەپ يالغان يىقىلسا قارشى تەرەپنى جازالايدۇ .. دىمەك دىمىكىلىسنىڭ باشتىكى ھەركىتى چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدىكى سىرىلىشى جازالانمايدىغان ھەركەت ، ئەمما سىزىق ئۇستىدىكى ، ھەم چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىكى ھەركىتى جازا بىرىشكە تىگىشلىك ، نۇقتا توپ قۇيۇپ بىرىشكە تىگىشلىك ھەركەت دەپ قارايمەن ، بۇ مىنىڭ شەخسى پىكىرىم ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 21:47:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 21:48:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-20 21:50:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-9 09:28

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش