- تىزىملاتقان
- 2007-5-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3081
- نادىر
- 0
- يازما
- 3081
|
ئەنگىلىيە ۋە ئسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى يېقىندا مېسسىنى مانچىستېر شەھىرى كوماندىسىغا قوشۇلۇشى مۇمكىن دەپ خەۋەر قىلغان ئىدى، يېقىندا بۇ خەۋەرنى دەلىللەيدىغان يەنە بىر مۇھىم ئىسپات بايقالدى، ئسپانىيە (ئاسى گېزىتى) بىلەن ئەنگىلىيە (ئەينەك گېزىتى)نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، مانچىستېر شەھىرى كوماندىسىدىكى ئارگېنتىنالىق توپچى زابالېتا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مېسسىنىڭ ھەر دائىم ئۆزىدىن مانچىستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
زابالېتا بىلەن مېسسى ئارگېنتىنا ياشلار كوماندىسىدىكى چاغدىلا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان بولۇپ، كېيىن ئىككىلىسى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە بېرىپ توپ تەپكەن، 2008-يىلى زابالېتا مانچىستېر شەھىرى كوماندىسىغا قوشۇلغان ھەم بۇ 5 يىل مابەينىدە بارا-بارا مانچىستېر شەھىرىنىڭ ھەم ئارگېنتىنانىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلانغان.
ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەينى ۋاقىتتا مېسسى ئىككىمىز بارسېلونا شەھىرىدىكى ئەڭ ياخشى ئىككى كوماندىغا قوشۇلغان ئىدۇق، ئۇ بارسېلونا كوماندىسىدا، مەن بولسام ئىسپانىيە ئادىمى كوماندىسىدا توپ تېپەتتىم، شۇ چاغدىلا ئىككىمىز قەدىناسلاردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق، كېيىن مەن مانچىستېر شەھىرى كوماندىسىغا يۆتكەلدىم، ئۇزاق ئۆتمەيلا مەنسۈر خەلىپە مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىنى سېتىۋالدى، مېسسى شۇ ۋاقىتتا ماڭا ياخشى پەيتتە بۇ كوماندىغا قوشۇلغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ داۋاملىق مەندىن كوماندىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىدىغان بولدى، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا مەنمۇ تېخى ئەمدى كوماندىغا قوشۇلغانلىقىم ئۈچۈن، يېڭى مۇھىت بىلەن ئانچە تونۇش بولمىغاچقا، ئۇنىڭغا ئۇنچىۋالا ئىنىچكە سۆزلەپ بېرەلمەيتىم، لېكىن بارا-بارا ئۇ مەندىن توختىماي تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى، ئەلۋەتتە مەن بۇنى ئۇنىڭ ماڭا بولغان غەمخورلۇقى دەپ چۈشىنىمەن خالاس. |
|