- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7759
- نادىر
- 18
- يازما
- 7759
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-27 20:44
بارسېلونا مېسسىنى ئالدىدى .مېسسى بارسېلونادىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى !!
بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيان مېسسىنىڭ يۆتكىلىش خەۋەرلىرى توختىماي چىقىشقا باشلىدى .بۇ ئىشقا قارىتا بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مېسسى ئاخىر ئېغىز ئېچىپ ،ھەقىقەتەن بىر نەچچە داڭلىق كۇلۇبلارنىڭ ئۆزى بىلەن توختام ئىمزالىماقچى بولغانلىقىغا ئىقرار بولدى .ھەمدە داۋاملىق بارسېلونادا توپ تېپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .بىراق مېسسى بۇ سۆزنى كېسىپلا ئېيتمىدى .شۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن تاراتقۇلار بۇ مېسسىنىڭ بارسېلوناغا بېسىم قىلىشتىكى دەسلەپكى ۋاستىسى دەپ قاراشتى .
داڭلىق FIFA ۋاستىچى خادىم جاللاردونىڭ ئاشىكارىلىشىغا قارىغاندا ،بارسېلونا يۇقۇرى قاتلىمى مېسسىنى ئالداپتۇ .مېسسىگە خائىنلىق قىپتۇ .« نوقتا توپ نوقتىسى گېزىتى » نىڭ ئاشىكارىشىچە ،بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئوتتۇرسدا مېسسىنىڭ ۋاكالەتچىسى بارسېلونا يۇقۇرى قاتلىمى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتلەشكەن .بۇ سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولسا مېسسىنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى ئىشلار بولۇپ ،بارسېلونا تەرەپ شۇ چاغدا ئىش ھەققى ئۆستۈرۈشكە قۇشۇلغان .ئەمما بىر ئايدىن كېيىن بارسېلونا تەرەپ ۋەدىسىدىن يېنىۋالغان .نېمىشقا يېنىۋالدى ؟ بۇ دەل نېيمارنىڭ بارسېلوناغا قۇشۇلغانلىقىدىن بولغان .
ئىگىلىنىشچە ،مېسسى ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىدىكى سەبدىشى زابالېتادىن مانچېستىر شەھەر كوماندىسنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەلەۋېتىپتۇ .« ماركا گېزىتى » « نوقتا توپ گېزىتى » « ئا س گېزىتى » « دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى » قاتارلىق كۆپلىگەن نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە ،مېسسى كېلەر يىلى بارسېلونادىن ئايرىلىشنى قارار قىپتۇ .مۇبادا نېيمار تېخىمۇ قالتىس ئوينىۋەتسە ئېھتىمال مېسسىنىڭ يۆتكىلىش قەدىمى تېخىمۇ تېز بولۇشى مۇمكىن ! نېيمار بارسېوناغا يېڭى كەلگەندە تۇنجى بولۇپ گولاندىيەلىك پۇتبول پىشىۋاسى كىرويىف مۇنداق دىگەن .نېيمار كېلىدىغان ئىش بولسا بارسېلونا ئىككىلەنمەي مېسسىنى سېتىۋېتىشى كېرەك !
تەرجىمە قىلغۇچى ( توپ تەپكۈچى ) |
|