akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 9133|ئىنكاس: 125

«ئۆزىل ، بوتىس كىيگەن سېھرىگەر» (7-باپقىچە)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باھادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-4 21:58  

« ئۆزىل ، بوتىس كىيگەن سېھرىگەر»

خۇئان ئىگناشىئو گارسىيا ئوچوئا [ئىسپانىيە]


مۇقاۋا02.jpg



     ئۆزىلنىڭ ئىلگىرىكى ترېنېرلىرى ، ئائىلىسىدىكىلىرى ، سەپداشلىرى ۋە دوستلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ، ماركا گېزىتىنىڭ مۇخپىرى خۇئان ئىگناشىئو گارسىيا ئوچوئا (Juan Ignacio García-Ochoa) تەرجىمھال خاراكتېرلىك بىر كىتاب يازدى . بۇ كىتاب ئارقىلىق ئۆزىلنىڭ پۇتبولغا قەدەم قويغاندىن بۇيانقى ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىنى تەسۋىرلەپ ، كىشىلەرنىڭ بۇ چولپاننى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يىتىشىنى مەقسەت قىلدى . بۇ كىتاب 2013-يىلى ئىيۇلنىڭ بېشىدا بازارغا سېلىندى .

--------------------------------


     كىتابنىڭ ئاپتورى خۇئان .

--------------------------------

123.jpg

ئاپتوردىن :
     مەسۇت ئۆزىل (1988-يىلى گېرسېنكىرشىندا تۇغۇلغان) كىچىك ۋاقتىدا باشقىلار چوڭ بولغاندا نىمە ئىش قىلىسەن دېسە ، ئۇ داۋاملىق «توپ تېپىمەن !» دەپ جاۋاپ بېرەتتى . ئۇ بۇ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالدىرىغاچقا ، 7 ياش ۋاقتىدىلا ئون ياشلىق بالىلار بىلەن بىللە توپ تېپەتتى ، ئۆسمۈر چىغىدىلا ياشلار كوماندىسىدا تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى تاماملىغان ئىدى ، ھەمدە 17 ياشقا كىرىپلا كەسپىي پۇتبولچىغا ئايلاندى . 21 ياش ۋاقتىدا پۇتبول ھاياتىدىكى چوڭ بىر قەدەمنى تاشلىدى ، يېڭىلا رېئال مادرىد بوسوغىسىدىن ئاتلىغان ياش پۇتبولچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، مۈشكۈل بىر ۋەزىپىنى تاماملىدى : پۇت ئاستىدىكى سېھىرى بىلەن بېرنابۇدىكى توپ مەستانىلىرىنى قايىل قىلدى . شەخسىي تېخنىكىسى ، كۆرۈش دائىرىسى ۋە پۇت ئاستىدا كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدىغان قابىلىيتى ، ئۇنى زىدانېنىڭ ئىز باسارى دېگەن ئاتاققا ئېرىشتۈردى . ھالبۇكى ، زىدانې دەل ئۇنىڭ بالا ۋاقتىدىكى چوقۇنقۇچىسى ۋە ئۇنىڭ سەنئەتكە ماھىل تېخنىكىسىنىڭ كىلىش مەنبەسى ئىدى .

     «ئۆزىل ، بوتىس كىيگەن سېھرىگەر» ئۇنىڭ دادىسى ، ترېنېرلىرى ، سەپداشلىرى ۋە ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرگەن كىشىلەرنىڭ بايانىغا ئاساسلىنىپ ، ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتى قايتىدىن سۈرەتلەندى . بۇ سەپەر گېرسېنكىرشىندىكى «مايمۇن قەپىسى» ناملىق مەيداندىن باشلانغان بولۇپ ، شالكې04 ۋە ۋېندېر بېرمىننى باشتىن ئۆتكۈزۈپ ، ھازىر سانتىياگو بېرنابۇدا داۋاملاشماقتا . ئۆزىل بېرنابۇدىكى قالتىس ماھارەتلىرى ئارقىلىق ، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى توپچى بولۇش ئۈچۈن ئىنتىلمەكتە . ھېلىقى ئالتۇن توپ ئۇنىڭ قاچىسىغا چۈشۈشتىن بۇرۇن ، ئۇ سول پۇتىنى سېھىر تايىقى قىلىپ ، پۇتبولدىن چاقنىغان نۇر چىقارغۇسى .


-------------------------------

مۇندەرىجە.jpg

مۇندەرىجە


13 - كىرىش سۆز : بىر قالتىس بالا --مۇستافا ئۆزىل
15 - 1-باپ : تونۇشتۇرۇش
19 - 2-باپ : مايمۇن قەپىسىدە
25 - 3-باپ :  تولۇپ تاشقان تالانت
31 - 4-باپ : شالكې ئوغلى
37 - 5-باپ : تۇنجى قىتىملىق زىيارەت
45 - 6-باپ : ئون يەتتە ياشلىق تايانچ
50 - 7-باپ : تۇنجى قىتىملىق تالاش-تارتىشلىق يۆتكىلىش
60 - 8-باپ : كۆرۈشكەنلىكىمدىن خۇرسەنمەن ، مېركېل خانىم
76 - 9-باپ : سالام دۇنيا
91 - 10-باپ : رېئال مادرىدنى ساقلىغان 414 كۈن
105 - 11-باپ : مورىنىيونى چۈشىنىش
112 - 12-باپ : بېرنابۇنىڭ ئەتىۋارلىق بالىسى
119 - 13-باپ : «پۈتۈن مەيدان» ئۆزىلگە مەنسۇپ
134 - 14-باپ : يېڭى زىدانې
142 - 15-باپ : ئالتۇن توپ ئۈچۈن توپ كىرگۈزۈش
148 - 16-باپ : كرىستىئانو-ئۆزىل چەكسىز ئىمكانىيەتكە ئىگە شېرىكلەر
153 - 17-باپ : زۇلمەتكە تولغان كىچە
163 - 18-باپ : سۆيۈملۈك كاراس بېلىقى
169 - 19-باپ : ئۆزىل پىلانتى
178 - 20-باپ : سەككىزىنچى ساياھەتچى


---------------------------------------------------------------



كىرىش سۆز : بىر قالتىس بالا
مۇستافا ئۆزىل


     بىر دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، مېنى ئەڭ پەخىرلەندۈرىدىغىنى مەسۇت بىلەن ئۇنىڭ ئاكا-ئىنى ، ئاچا-سىڭىللىرى ھەممىسى ئەدەپلىك ، قابىلىيەتلىك ، كەمتەر ، ئېھتىياتچان ، مۇلايىم ، يېقىملىق ، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق بىلىدىغان ئەخلاقلىق ياخشى بالىلار . گەرچە توپ چولپىنى بولۇپ ئۇنىڭ نامى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا ئۆزگەرمىدى ، ئۇ يەنىلا ھېلىقى كىچىك زېرەك بالا . كېيىنچە ئۇنىڭ قانچىلىك نام چىقىرىشىدىن قەتئىينەزەر ، ئىشىنىمەنكى بۇ ئۇنىڭ چوڭ بىر مۇۋەپپىقىيتى . مەسۇت نېمىدىگەن ئاددىي-ساددا ۋە كەمتەر بالا ھە ، شۇڭا مەن بىرسىنىڭ ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم . ئۇ راستلا قۇسۇر ئىزدىگۈسىز بىر بالا .

     مەسۇت بۇ يىل 24 ياشقا كىردى ، پۇتبول ئىشلىرىدا بەلگىلىك ئۇتۇققا ئېرىشتى ، لېكىن ئالدىمىزدىكى يول ئىنتايىن ئۇزۇن ھەم مۈشكۈل . رېئال مادرىد ۋە گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدا توپ تېپەلىشى ، پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئارزۇسىغا بولغان كۈچلۈك ئىزدىنىشىدىن بولغان . مېنىڭچە ئۇ بۇلار بىلەن پۈتۈنلەي كۆكرىكىنى كېرىپ يۈرسە بولىدۇ ، چۈنكى بۇنىڭ ھەممىسى ئۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئېرىشكەن . ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس ، ئۇ بۇ قەدەمگە كەلگىچە نۇرغۇنلىغان ناتوغرا قاراشلارنى تىشىپ ئۆتكەن . ئەينى يىلى ئۇ يۇرتىنى تاشلاپ ، شالكېدىن بېرمىنغا كەلگەندە ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ دەپ قاراشقان . ھەقىقەتەن بۇ يول ئۇنچىلىك ئاسانغا توختىمىدى ، بىراق ئەمدىگە كەلگەندە ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز . يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ، ئۇنىڭ ئېرىشكەن بارلىقى ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن قولغا كەلگەن .

     ئۇنىڭ ۋاستىچىسى ھەم دادىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، ئەمدى ئۇنى تىلغا ئىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلدى . بۇ ئوڭاي ئەمەس ، كۆپ ئويلىنىپ بۇ سالاھىيەت (ۋاستىچىسى ھەم دادىسى) نىڭ مەسۇت ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش يولى ئىكەنلىكىنى قارار قىلدىم . بۇنداق ئەھۋال بىزدىلا ئەمەس ، روببىننىڭ دادىسىمۇ ئۇنىڭ ۋاستىچىسى . ئۆزىنىڭ دادىسى ئىش قىلغاندا ھامىنى يات كىشىلەر بىلەن ئوخشىمايدۇ ، دادا بولغان كىشى چوقۇم ھەممە ئىشتا ئوغلىنىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىدۇ . ئەلۋەتتە كۆپلىگەن ۋاستىچىلار ئۆزىنىڭ مۇئامىلىدارى ئۈچۈن ئويلايدۇ ، لېكىن ئاز ساندىكىلەر ئۆزىنىڭ مەنپەتى ياكى كېيىنكى سودىسىنى ئالدىن ئورۇنغا قويىدۇ . مۇشۇ سەۋەپتىن ، بىز كۆپ ئويلىنىپ مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ، مېنىڭ ۋاستىچى بولىشىمنى بىكىتتۇق .

     مەن ئۇنىڭ ۋاستىچىسى بولغانكەن ئىكەنمەن ، نەزەرىيەدىن ئىلىپ ئېيتقاندا ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كەسپىي ئارىلىق ساقلىشىم كېرەك ئىدى ، لېكىن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى يەنىلا شۇنداق يىقىن ، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ مېنىڭ ئۆز ئوغلۇم ئەمەسمۇ . شۇڭلاشقا سىرتنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەنقىتىگە قارىتا ، مېنىڭ باشقىلاردىن بەكرەك ئاچچىقىم كېلىدۇ ، بولۇپمۇ بەزى خاتا تەنقىتلەشلەرگە قارىتا . بىراق ھازىر مەن بۇ ئىشلارغا تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم .


مۇسافا ئۆزىل مەسۇت ئۆزىلنىڭ دادىسى ھەم ۋاستىچىسى .

---------------------------------------------------------------
1-باپ : تونۇشتۇرۇش


     بىر كامىرا ئۈستى ئوچۇق مەيداننىڭ ئۈستى تەرىپىدىن چۈشۈۋاتاتتى . بۇ يەر سانتىگو بېرنابۇ توپ مەيدانى ، 2013-يىلى 13-فىۋىرال ، رېئال مادرىد بىلەن مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىسى . بۇ ۋاقىتتا بۇ كىتابنىڭ ئاران يېرىمى تاماملىنىپ بولۇنغان ئىدى .

     شۇنداق ، بۇ جىددىي پەيت .

     مەن خاتىرە كومپيۇتېرىمنى ۋە ھازىر قولۇمدا بار بىردىنبىر ئۇنىڭ قوليازمىسىنى بۇزىۋەتتىم . يازغانلىرىم بەلكىم قۇرۇق گەپلەر بولسا كېرەك ، بىراق مەن زاپاسلاش جەھەتتە مۇتەخەسىس ھېسابلىنىمەن . شۇڭا مەن ئىككى كىتاب يازدىم ، ئىككىلىيسىنىڭ مىقدارى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ . مەن قانداقسىگە كىچىككىنە مېتېئورىت تاشقا سوقۇلۇپ كەتكەنگە چىدىماي قالاي ؟ پەقەت يىگىرمە مىڭ خەتلا شۇ . بۇ توم ئەسەرنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن سۈرئەت بىلەن كىرىشىپ كەتتىم ، مەن بۇ ئەسەرنىڭ پۈتىشىگە كاپالەت بېرىشىم كېرەك .

     ھالبۇكى مەن كومپيۇتېرىمنى قولغا ئالمىسام بولمايدۇ ، بۇ پەقەت بىر نەچچە ديۇيملۇقلا بەرسە ، بۇنداق جاھىللىق قىلسام تېخىمۇ ناچار ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ . شۇنداق قىلىپ فوتو ئاپىراتىمنى كومپيۇتېرغا ئۇلىدىم ، ھەمدە توختىماي رەسىملارنى كۆرۈشكە باشلىدىم ، بۇنداق قىلسام كۆپ نەرسىلەر ئېسىمگە كېلىپ قەلەم تەۋرىتەلەيمەن ، ھەمدە مەسۇت ئۆزىلنىڭ ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرالايمەن .

     مېنىڭ تۇنجى قىتىم بۇ كىتابنىڭ باش پېرسوناژىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىم 2010-يىلى 23-ئىيۇن ، ئورنى يوھاننېسبۇرگ پۇتبول شەھەرچىسىنىڭ تونېلىدا ئىدى . شۇنداق ، بۇ بىز چېمپيونلۇققا ئېرىشكەن مەيدان شۇ . ئۇ ۋاقىتتا بۇ كىتابقا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق پىلان يوق ئىدى . بۇ قىتىملىق مۇسابىقە مەزگىلىدە ، مەن بىرازىلىيەنىڭ خەۋەرلىرىگە مەسئۇل ئىدىم ، ئۆزىلنىڭ رېئال مادرىدقا قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ ، مەن ئۇنىڭ گانا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدۇم .

     گېرمانىيەنىڭ ئىپادىسى ناچار بولىۋاتاتتى . مەن ئۆزىلدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ تۇردۇم ، ئۇ توپ كىرگۈزۈپ كوماندىسىنى شاللاش مۇسابىقىسىگە باشلاپ كىردى . ئۇ ماڭا ئۆزگىچە تەسىر بەردى ، شۇڭا باشلىقلىرىم مەندىن ئۇ توغرۇلۇق سوراپ قالسا ، ئۇنىڭ رېئال مادرىد توپچىسى بولۇشقا سالاھىتى توشىدىغانلىقىنى ئېيتىشقا تەييارلىق قىلپ قويدۇم .

http://static.video.qq.com/TPout.swf?auto=1&vid=6s1SBCgMqUY

     بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن گېرمانىيلىك كەسىپدىشىم ئۇنىڭ ناھايىتى تارتىنچاق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى . شۇندىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا بەكرەك دىققەت قىلدىم . ھالبۇكى بىز ئۆزىلنىڭ ئالاھىدە تەرىپىنى بايقىدۇق . مەن ئۇنىڭدىن رېئال مادرىد توغرۇلۇق سۇئال سورىغاندا ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى شۇنداق يىقىملىق تۇيۇلدى ، مەن بۇنىڭدىن ھېچقانداق خاپا بولغان ئالامەتنى ھېس قىلالمىدىم ، مەن ئۇنى كىبىرى ئۈستۈن ياكى ئاچچىقى يامان دەپ ئويلىغان ئىدىم . مەسۇت ماڭا ئۇنىڭ رېئال مادرىد توغرۇلۇق سۆزلىمەيدىغانلىقى ئېيتىپ ، شاللاش مۇسابىقىسىدىكى رەقىبى ئېنگلاند كوماندىسى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى . شۇنداق ، ئۇ ئۆزىنىڭ تارتىنچاق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ، ئۇ راستىنلا ئۇياتچان ئىدى . ئۇ مېنىڭ ئۇرغان توپ توغرۇلۇق سورىشىمنى تەكلىپ بەردى . مەن ئالدى-كەينى بولۇپ ئۈچ سۇئال سورىدىم ، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى كىچىك ئىشلار ئىدى .

     ئۈچ يىلدىن كېيىن ، ئەينى ۋاقىتتىكى 21 ياشلىق بۇ بالا ، دۇنيادىكى ئىلغار توپچىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى . ئۇ يەنىلا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ئىلىش يوشۇرۇن كۈچى بار «دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان» . مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن شۇنداق جەزىملەشتۈرەلەيمەنكى ، ئۇ ھازىر بۇ خىل يوشۇرۇن كۈچنىڭ باشلانما باسقۇچىدا . بۇ ئەسەردە مەن ئۇنىڭ دادىسىغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ، يەنە ئۇنىڭ تۇنجى ترېنېرى ، سەپداشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگىمۇ چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن .

     (بۇ باپتا ئاپتورنىڭ بۇ كىتابنى يىزىش داۋامىدىكى بەزى كىلىشمەسلىكلەر ۋە يازغان كەچۈرمىشلىرى سۆزلىنىپتۇ . مەنمۇ بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا كۆپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدىم . ئىسپانچە سەۋىيەم ئاساسەن نۆل سەۋىيەدە بولغاچقا ، تەرجىمە جەريانى بىر ئاز مۈشكۈل بولدى ، كىتاب ئىسپانچىدىن ئېنگلىزچىگە ياكى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئاندىن ئۇيغۇرچە قىلىندى . شۇڭا كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ئەمگەك مىۋەمنى ھۆرمەتلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . رۇخسەتسىز باشقا تور بەت ياكى مەتبۇئالاردا كۆچۈرۈلۈپ ئىشلەتمەسلىكنى سورايمەن . بۇ جەرياندا مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بارلىق كىشىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن . كۆپ رەھمەت !)


1-باپ تامام !!!

---------------------------------------------------------------
2-باپ : مايمۇن قەپىسىدە



     2010-يىلى 13-ئىيۇن ، كەچ سائەت 8:30 . جەنۇبىي ئافرىقا دۇربان شەھىرى . بۇ ئۆزىلنىڭ پۇتبول ھاياتىدىكى مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن . دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پۇتبول كاتتا زىياپىتى باشلىنىش ئالدىدا ، گېرمانىيەنىڭ 8-نومۇرى -- ئانچە كۆزگە چېلىقمىغان بىر توپچى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى . بۇ بالىنىڭ فامىلىسى ئۆزىل ، ئىسمى مەسۇت ئىدى . تۇغۇلغان كۈنى : 1988-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى . تۇغۇلغان جايى گېرسېنكىرشىن (گېرمانىيە) .

     گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى لوف كىشىلەرنىڭ گېرمانىيە تانكىسىغا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتتى . كىلەڭسىز پار ماشىنىسى بىراقلا لەرزىن يۆتكەلگەن موي قەلەمگە ئايلانغان بولۇپ ، گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىدا ئۇزۇن يىللار بۇنداق تېخنىكىسى ئۆتكۈر توپچىلار كۆرۈنمىگەن ئىدى . بۇ ياش گېرمانىيەدە ھەممىگە تونۇلۇپ كەتكەن . ھەممەيلەن ئۇنى «كىچىك مېسسى» دەپ ئاتىشاتتى . ئۇ بۇ پەسىلدە گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى مۇنەۋۋەر 11 ئادەم قاتارىغان كىرگەن ، ھەمدە بىر پەسىللىك ياردەم پاس رېكورتىنى بۇزۇپ 30 پاس بەرگەن ئىدى . گەرچە شۇنداق بولسىمۇ ، ئۇنىڭ گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ بۇ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئاساسلى ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىشى كۆپلىگەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى .

     جەنۇبىي ئافرىقىدىن 8595 كلومېتىر يىراقلىقتىكى مادرىد ، بېرنابۇدىكى بىر ئىشخانىدا ، بالدانو بىلەن پاردېزا تېلېۋىزورغا تىكىلىپ ئولتۇرىۋاتاتتى . تېلېۋىزور ئىكرانىدا ئۆزىل قوش قولىنى ئىچىپ دۇئا قىلىۋاتقانلىق كۆرۈنىشى قويۇلىۋاتاتتى . ئۆزىل بېرنابۇ ئىشخانىسىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا تونۇلۇپ كەتكەن ئىدى . رېئال مادرىدنىڭ تەنتەربىيە باش نازارەتچىسىنىڭ ئاللىبۇرۇنلا گېرمانىيە بىرلەشمىسى مەيدانىغا بايقىغۇچى ئەۋەتكەنلىكىگە گەپ كەتمەيتتى . يەنە يېڭى ترېنېر مورىنىيونىڭمۇ قولىدا ئۇنىڭ ئارخىپى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن ئىدى . «ئاق ئوردا» بايقىغۇچىسىنىڭ دوكىلاتى ئىنتايىن تەپسىلىي بولۇپ ، پەقەت ئۇنىڭ چوڭ مۇسابىقىلەردە قانداق ئىپادە كۆرسىتىدىغانلىقىلا نامەلۇم ئىدى . 21 ياشلىق بۇ بالا ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كۇلۇبتا توپ تېپىشكە تەييارلىنىپ بولدىمۇ ؟ دۇنيا لوڭقىسى شۈبھىسىزكى بۇ تۈگۈننى يېشىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىدى .

     مۇسابىقە باشلىنىپ 25 مىنۇت بولا-بولمايلا ، ئۆزىل ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلدى : چىرايلىق يالغان ھەرىكەتلىرى ، ناھايىتى كەڭ بولغان كۆرۈش دائىرىسى ، ئەپچىل ھەرىكەتلىرى ۋە قۇسۇرسىز توپ سىزىمى . ئۇ بۇ كىچىدە ئىككى ياردەم پاس بەردى ، يەنە بىر قىتىم ھۇجۇمدىكى چىرايلىق ماسلىشىشنى تامالىدى ، ھەتتا توپقا پۇتى تەگمەي تۇرۇپلا ئىشلىگەن يالغان ھەركىتى دۇنيانى بوي سۇندۇردى . بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى پىلىنىڭ مېكسىيكا دۇنيا لوڭقىسىدىكى سەنئەتلىك پۇتبولى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كىتەتتى ، گېرمانىيلىك بۇ ياش ئەپچىللىك بىلەن سەپدىشىنىڭ يىنىدىن مۇداپىيەچى ئەزانى ئالداپ ئىلىپ كەتكەن ئىدى . پۈتۈن مەيدان ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىگە ھەيران قالغانلىقتىن ۋۇۋۇزۇلانىڭ ئاۋازى بىر پەس توختاپ قالدى . مادرىدتا ، ئىككى قىتىملىق تېلفون كەلگەن ئاۋاز بېرنابۇنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى ، بۇ بالدانونىڭ تېلفونى ئىدى . بۇ تېلفون فلورىنتىنو پېرېزدىن كەلگەن :«بىز چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن توختاملىشىمىز . ئۆزىلنىڭ ئىپادىسى ئويلىغىنىمدىنمۇ كۆپ ياخشى ئىكەن .»

     رەئىس داۋاملىق توپچىلانىڭ ئىپادىسىگە دىققەت قىلاتتى . ئۇ بۇ كىچىدە ئۇنىڭ يېڭى زېدانىسىنى كۆردى . فرانسىيلىك 2006-يىلى مايدا توپچىلىقتىن چىكىنگەندىن كېيىن ، ئۇ چۈشىدىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش توپچىغا ئېرىشىشنى ئويلايتتى ، بۇ ئۇنىڭ سېھرىگىرى ، رېئال مادرىدنىڭ 10-نومۇرى ئىدى . كاكا ئالدىنقى بىر پەسىلدە ئىلىپ كەلگەن ئۈمۈدسىزلىك كۇلۇبنى يېڭى بىر يۇقىرى سەۋىيلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى كىرگۈزمىسە بولمايدىغان ھالەتكە ئىلىپ كەلگەن ئىدى . فلورىنتىنوغا ھېچكىم لازىم ئەمەس ، ئۇ ئۆزىلنى ياخشى كۆرۈپ قالدى .

     بۇ كىچە ، مەسۇتنىڭ قىلغان ئىشى باشقا بىر توپچىغا ئوخشاشلا پۇتبولدىن ھوزۇرلىنىش بولدى . بىراق جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مۇسابىقە ئۇنىڭ گېرسېنكىرشىندا تۇنجى قىتىم توپ تەپكەندە بارلىققا كەلگەن ئارزۇسىنى ، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئارزۇسىنى رېئاللىق باشلاپ كىردى . بۇلمكې رايونى (گېرسېنكىرشىن شەھىرىگە قاراشلىق بىر رايون ، نوپوسى 20 نەچچە مىڭ) دا ، ئۆزىلنىڭ ئالاھىدە بىر مەيدانى بار : مايمۇن قەپىسى -- بۇ ئىسىمنى ئۇنىڭ كىچىك دوستلىرى قويغان بولۇپ ، ئۇلار داۋاملىق ئۆزىلنىڭ كەينىدىن ياۋايى توپ ئوينايتتى ، ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ ئارزۇسى ئۇلارنىڭ كاللىسىغا سىڭىپ قالدى . ئۇ مەيداننىڭ ئۇزۇنلىقى ئارانلا 40 مېتىر ، كەڭلىكى 20 مېتىر كىلەتتى ، تۆت ئەتراپى 3 مېتىرلىق ئىگىز تۆمۈر سىم توپ بىلەن ئورالغان ئىدى . ئۇ يەردە ، ئۆزىل ئۆزىدىن ئۈچ ياش چوڭ ئاكىسى بىلەن توپ تېپىشنى باشلىدى .

بۈگۈنكى مايمۇن قەپىسى.jpg

     ئۇ مايمۇن قەپىسىدە ، مەسۇت ئۇياتچانلىقىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ ، گىگانت ئادەملەردەك بولۇپ كىتەتتى . توپ پۇتىغا تەگدىمۇ ، بولدى . ئۆزىدىن چوڭ رەقىپلەرگە قارىتا ، ئۇ بىر ئاز ئىككىلەنگەندىن كېيىن توپ شاھى ھالىتىگە ئۆتەتتى . رەقىبى بىلەن بولغان ياش پەرقى چوڭ بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئاساسلىق نىشانى پۇتلىنىشتىن ساقلىنىش ئىدى . مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەزالار ھەر قىتىم ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ ، ئۆزىل ئاكا دوستلار كوماندىسى vs مەسۇت دوستلىرى كوماندىسى بولاتتى . بۇ پولتاي كۆزلۈك بالىنىڭ توپ ماھارىتى داۋاملىق كىشىنىڭ ھەسەتخورلىقىنى قوزغايتتى ، بىراق ئۇلار ئاخىرىدا يەنىلا مەسۇتنىڭ ئۇلارنى يەڭگۈگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىشاتتى .




     بورنسچرېس كوچىسىدىكى بۇ ئۇياتچان بالا مەيداندا دۇنيا چېمپيونىغا ئوخشاشپ قالاتتى ، بۇ يەرگە سىنچىلاپ قارىسىڭىز بىر تال ئوت-چۆپمۇ يوق . بۇنداق مەيداندا توپ ئويناش ساغرىسىنىڭ پۈتۈنلەي يارا ئىزى ، ئىشتىنىنىڭ پۈتۈنلەي ياماق بولىشىدىن دىرەك بېرەتتى . بىراق ئۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر قابىلىيتىنى تولۇق ئازاد قىلىپ ، ھەر كۈنى كەچ كىرگىچە توپ ئوينايدىغان بۇ مايمۇن قەپىسىنى ھەيۋەتلىك چوڭ بىر توپ مەيدانىغا ئايلاندۇرالايتتى . كىچىك مەسۇت ئۆزىنى پۇتبولنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەھنىسىدە تۇرغاندەك خىيال قىلاتتى ، يەنە داۋاملىق ئۆزىنى زىدانې دېگەن خىيال بىلەن توپ تېپىشقا كىرىشىپ كېتەتتى . توپ مەيدانىغا بارىدىغان يولدا چوڭ بىر كۆمۈر كان قۇدۇقى بار بولۇپ ، بۇ كۆمۈر شەھىرىنىڭ سىمۋولى ئىدى . چىراق مۇنارى پۈتۈن مەيداننى تولۇق يورىتالايدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەتراپتىكىلەر دەرەخ ياكى ئۆي ئەمەس بەلكى تۈمەن مىڭلىغان توپ مەستانىلىرى ئىدى ، ئۇلار يۇقىرى ئاۋازدا ئۇنىڭ ئىسمىنى توۋلاۋاتاتتى . ئەلۋەتتە ، ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق توپ چوقۇم ئۇنىڭ بولاتتى ، بۇ دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى ئاچقۇچلۇق توپ ئىدى . كىچىك مەسۇت مانا مۇشۇنداق بىر بالا . جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش ، ئۇنىڭ خىياللىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى .

     ئۆزىل گېرسېنكىرشىندا ئۆسۈپ چوڭ بولغان ، بىراق ئۇنىڭ ئەجداتلىرى تۈركىيەلىك . چوڭ ئاپا-دادىلىرىنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىپ بۇ دۆلەتتە ئىش قىلغىلى كەلگەچكە ئۇ گېرمانىيەدە تۇغۇلغان . ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى تۇرۇشلۇق ئورنى تۈركىيەنىڭ زونگۇلداك ئىدى . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيە قايتا دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھالدا ئەمگەك كۈچىگە مۇھتاج بولۇپ ، 1961-يىلى تۈركىيە بىلەن ئەمگەك ئىشچىلىرىنى كىرگۈزۈش كېلىشىمى تۈزگەن ، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن تۈركىيەلىك بۇ يەرگە كەلگەن . گەرچە ئەينى ۋاقىتتا قالغان ئادەم ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ ، بۈگۈنكى كۈندە ئىككى مىليون تۈركىيەلىك بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى . ئۆزىل جەمەتىدىكىلەرمۇ بۇ كۆچمەنلەر دولقۇنىغا ئەگىشىپ گېرمانىيەگە كەلگەن .

     مەسۇتنىڭ دادىسى گېرسېنكىرشىنغا كەلگەندە ئاران 2 ياشتا بولۇپ ، ئەمدىدا ئايىقى چىققان ئىدى . مەسۇت چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمىمۇ مۇستافا بولۇپ ، ئۇ مەرمەر تاش زاۋۇتىدا ئىشلەيتتى . بىراق ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ كىچىك كارخانىسى بار ئىدى . باشتا مەيخانىدىن باشلىغان ، كېيىن يەنە بىر نەچچە دۇكان سالغان ، ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى خېلى ياخشى ئىدى . مەسۇت بوۋىسىنىڭ سودىغا كاللىسى بەك ئىشلەيتتى ، كىشىلەر بولغان ئالاقىنىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلالايتتى ، بۇ قابىللىيەتلەر مەسۇتنىڭ دادىسىغىمۇ ئېرسىيەت قالغان . ئۇ بىر ماركېتىڭ شىركىتى قۇرغان ، جەمئىي 7 ئادەم ئىشلەيتتى ، ئۇلار ئۆزىل ماركىسىنى كېڭەيتىپ خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان . گېرسېنكىرشىندىكى تۈكىيەلىك كۆچمەنلەر مۇستافاغا ئەنبىيالاردەك چوقۇناتتى ، ئۇنى يول باشچى قىلاتتى . ئۆزىل ئائىلىسىمۇ توختىماي مەبلەغ توپلاۋاتاتتى .



     ئۆزىلنىڭ بالىلىق ۋاقتى بەختلىك ھەم راھەت ئۆتكەن . نېمە دېسە شۇ بار ئىدى ، ھەمدە بىللە توپ ئوينايدىغان بەزى دوستلىرىغان ئوخشىمايدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ ، ياخشى بولغان ئائىلە مۇھىتى ئىلىپ كەتكەن خاتىرجەم تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىش پۇرسىتى بار ئىدى . مەسۇتنىڭ ئاپىسى گۈلزار ئائىلە ئايالى ، مەسۇتنىڭ ئۆگۈنىشىگە پۈتۈنلەي ئۇ مەسئۇل . كىچىك مەسئۇت ئەلۋەتتە يەنىلا بىر مىنۇت بولسىمۇ بالدۇر تۈگىتىپ توپ تېپىشكە ئالدىرايدۇ ، بىراق مەسۇت ئاپىسىنىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا ئوقۇشىنى تاشلاپ قويمايتتى . مەسۇتنىڭ ئاكىسى ۋە سىڭىللىرىمۇ شۇنداق ئىدى . مەسۇتنىڭ كىچىك سىڭلىسى ھازىر ئۇنىڭ سادىق مەستانىسى .

     گەرچە گۈلزار بىلەن ئۇنىڭ بالىلىرى گېرمانىيەدە تۇغۇلغان بولسىمۇ ، ئۆزىل ئائىلىسىدە ئادەتتە داۋاملىق تۈرك تىلى ئىشلىتىلىدۇ . گېرسېنكىرشىندا تۇغۇلغان بىلەن ، مەسۇتنىڭ كىچىكىدىن قوبۇل قىلغان ئائىلە تەربىيسى ئۇنىڭ ئەجداتلىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى . شۇڭا ئۇ ھازىرمۇ ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ ، ھەر يىلى يازدا يۇرتىغا قايتىپ تۇپراق بىشىنى يوقلايدۇ ، يەنە شۇ يەردىن ئادەم تەكلىپ قىلىپ ئەجداتلىرىنىڭ قەبرىسىنى ئاسراشقا قويغان .




2-باپ تامام !

---------------------------------------------------------------
3-باپ :  تولۇپ تاشقان تالانت


     يەتتە ياش ۋاقتىدىلا ، مەسۇت زىدانېنى نىشان قىلغان ئىدى . گەرچە بۇ بىر كىچىك بالا بولسىمۇ ، بۇ كىچىككىنە مايمۇن قەپىسى ئۇنىڭ يۈكسەك غايىلىرىنى سىغدۇرالمايۋاتاتتى . توپ ئوينىغاندا قاپقىغا توپ كىرگۈزۈش ئۇنىڭ بىر كۈندىكى ئەڭ خۇشاللىق پەيتلىرى ئىدى ، بىراق مەسۇت يەنىلا رەسمىي ھالدا مۇسابىقە ئويناشقا تەشنا بولاتتى . ئاكىسى مۇتلۇ ئۇ ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن بىر كۇلۇبقا كىرىپ بولغان ئىدى ، مەسۇت بولسا ھەر شەنبە كۈنى كۆرۈش سۇپىسىدا ئاكىسىنىڭ مۇسابىقە ئوينىغىنىنى كۆرۈپلا تۇراتتى ، ئۇ ئاكىسىنىڭ قەدىمىگە تېزراق يىتىشىۋىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى . مۇستافا قەتئىي قارارغا كېلىپ ، ئاخىرى شۇ يەردىكى كۇلۇبتا مەسۇتنى تىزىمغا ئالدۇردى . بۇ كۇلۇب غەربىي فالىيا 04 ئىدى .



     ئوغلىنىڭ كەسىپ باشلانمىسى تىلغا ئېلىنغاندا ، مۇستافانىڭ ئېسىدە قالغىنى دەسلەپكى بىر نەچچە كۈندە مەسۇت كۇلۇب مەشىقىنى رەسمي مۇسابىقىگە ئوخشاش ئېلىپ بارغىنى ئىدى . كىچىك مەسۇتنىڭ ئىشتىن سىرتقى قىلىدىغان ئىشى ياپونىيە كارتون فىىمى «كاپىتان سۇباسا»(خەنزۇچە «پۇتبول شاكىچىكى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان .) نى كۆرۈش بولۇپ ، ئوزورا سۇباسا ئۇنىڭ ئۈلگىسى ئىدى . مىنامى كاسۇ كوماندىسىدىكى كىچىك ئەزالار مەسۇتنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى ، ئۇ كىچىك ئەزالارغا ئوخشاش ، مەسۇت كوماندىسىنىڭمۇ پۇتبولغا بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇر ئىدى . ئەلۋەتتە ، ئۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى «كاپىتان سۇباسۇ» نى قىزىقىپ كۆرىدۇ ، پۇتبول تېپىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ ، بىراق مەسۇتقا ئوخشاش پۇتبول تېخنىكىسى بار بالىلار ئىنتايىن ئاز . «ئۇ ھەقىقەتەن باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ . ئادەتتىكى 7 ياشلىق بالىلار ھەممىسى توپنى قوغلاپ قالايمىغان يۈگۈرىدۇ ، بىراق ئۇ شۇ يىشىدىلا باشقىدىن ئىشىپ چۈشىدىغان پۇتبول ئەقلىنى نامايەن قىلغان . ئۇ بىردىنبىر بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ ئويلانغاندىن كېيىن ئاندىن توپنى ئىلپ يۈگۈرىدىغان بالا . بۇ خىل قالتىس پۇتبول ئەقلى ئۇنى باشقىلاردىن پەرىقلىق قىلىپ تۇراتتى .» مەسۇتنىڭ تۇنجى ترېنېرى رالف مارائۇن ئەسلەپ شۇنداق دېدى .

     «مەيدان سىرتىدا ئۇ ئۇياتچان بالا ، ناھايىتى تېنچ ، بەكلا كەمسۆز . ئۇ بالىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ پەقەت گەپ قىلماي جىمجىت تۇرغاچقا ، بىز بەزىدە ئۇنىڭدىن ھېچ ئىش يوقتۇ دەپ سوراپ قوياتتۇق . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ توپ تەپكىنىنى كۆرۈپ ھەممىمىز ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي ماىتاپ كېتەتتۇق . ئۇنىڭ بويى پاكار بولغىنى بىلەن ، كوماندىدا پەقەت مەسۇتلا يىراقتىن قاپقىغا توپ ئۇرالايتتى .» مەسۇتنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى ترېنېر بولۇش شەرىپىگە ئېرىشەلىگەن رالف شۇنداق دېدى .

رالف.jpg

     مەسۇت غەربىي فالىيا 04 كۇلۇبىدا 3 پەسىل تۇردى ، ئۇنىڭ ئىپادىسى ترېنېرلىرىنى ، سەپداشلىرىنى ھەتتا ئۆز دادىسىنىمۇ ھەيرانۇ ھەس قالدۇردى . مۇستافا تېزلا بۇ بالىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك توپچى بولالايدىغان يوشۇرۇن كۈچنى بايقىدى . رالف شۇ ۋاقىتتىكى مۇستافا بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئەسلەپ :«ئۇنىڭ دادىسى ماڭا : ئوغلۇم بەكلا قالتىس ، لېكىن بۇنى ئۇنىڭغا ئېيتماڭ . دەيتتى .» دېدى . مۇستافا راستلا ئالدىن كۆرەر ، بالدۇرلا ئوغلىنىڭ پۇتبول جەھەتتىكى تالانتىنى بايقىغان . مەسۇت بولغاچقا ، غەربىي فالىيا ئۈچ مۇسابىقە پەسلىدە ئاران بىر مەيداندىلا يېڭىلىپ قالدى . ئۇندىن كېيىن ئۇ DJK Teutonia Schalke Nord (گېرمانىيە ياشلار بىرلەشمىسى ، شىمالىي شالكې) كوماندىسىغا باردى . بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ يەرمۇ مەسۇت ئۈچۈن كىچىك كىلىپ قالدى ، ئۇلار بىلەن چېمپيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن ، ئۇ يەنە DJK Falke (گېرمانىيە ياشلار بىرلەشمىسى ، فالكې) كوماندىسىغا يۆتكەلدى ، بۇ 11 ياشلىق مەسۇتنىڭ ئۈچىنچى كۇلۇبى ئىدى .


DJK.jpg

     مەسۇت كىچىككىنە يىشىدىلا خۇددى كەسپىي توپچىلاردەك ئۇ كۇلۇبدىن بۇ كۇلۇبقا يۆتكىلىپ يۈردى . ئۇ يېڭى بىر كۇلۇبقا بارغاندىن كېيىن ، سەپداشلىرى داۋاملىق ئۇنىڭ تېخىتىكىسىدىن قىتىپ تۇرۇپ قالاتتى ، مەسۇتمۇ گېرسېنكىرشىندىكى چوڭ-كىچىك كۇلۇبلاردا يۆتكلىپ بولدى . ئۆزىل ئائىللىسى بىر دوستىنىڭ تەكلىپى بىلەن ، مەسۇت كالكې كۇلۇبىغا تىزىملىتىشنى قارار قىلدى ، بىراق ئۇ يازدا ھەممىدىن قۇرۇق قالغىلى تاسلا قالدى . مۇستافا مەسۇتنى ئىلىپ ئۇلارنىڭ تۇنجى مەيدان مەشىق مەيدانىغا كەلگەندە ئۇلارنى سانى توشۇپ بولغان ئىدى . «ئۇ سىنتەبىردە كەلگەن ، بىز ئيۇندىلا ئادەپ تىزىملاشنى تاماملاپ بولغان . سان توشۇپ بولدى ، شۇڭا ئۇلارغا بىز بىلەن بىللە مەشىقكە قاتناشسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتۇق .» كوماندا ترېنېرى يۆرگ كوردىك شۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ شۇنداق دېدى ، «ئۇ بالا راستىنلا بەك بەك ئۈمۈتسىزلەندى ، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى يان تەرەپتىكى مەيداندا چوڭ ياشتىكى بالىلار بىلەن ئويناشقا ئورۇنلاشتۇردۇق . شۇ ۋاقىتتا بىز كۆزىمىزنىڭ قۇيرىقىدا ئۇنىڭغا قاراپ ، ئۇنىڭ ئۆمرىمىزدە كۆرگەن ئەڭ يامان بالا ئىكەنلىكىنى سەزدۇق .» فالكې كۇلۇبى شۇ ھامانلا گېپىنى قايتۇرىۋالدى :«ئۇزۇن مەزگىلدىن بىرى ، بىزنىڭ نىشانىمىز ياخشى مايسىلارنى يىتىشتۈرۈش ، كۇلۇبىمىزدا ئادەم سانىنىڭ توشقانلىقى راست ، بىراق بىز بۇنداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيمىز .»

     قالتىس توپ كونترول قىلىش قابىلىيتى ، قانۇنىيەتلىك يارىلىنىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى ، يەنە كەڭ كۆرۈش دائىرىسى بولغاچقا ، ئۆزىل قەيەرگە بارسا ھەممىدىن بەك كۆزگە چىلىقاتتى . ئۇ ئەتراپتىكى ھەر قانداق نەرسىنى كونترول قىلالايتتى ، ھەتتا بەزىدە ترېنېرلارمۇ كۆرەلمىگەن بشلۇقنى بايقىيالايتتى . 11 ياشلىق ئۆزىل ئەڭ بىشىدا توپ ئىلىپ مېڭىشنىلا بىلىدىغان شۇمتەك ئىدى . مايمۇن قەپىسىدە ، ئۇ ھەر زامان فرانسىيە دۇنيا لوڭقىسىدا بىر كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قالغان چوقۇنغۇچىسى زىدانې ئىدى ، ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك چوقۇنغۇچىسىنىڭ تېخنىكا ھەرىكەتلىرىنى دورايتتى . بىراق فالكېدىكى بىرلەشمە مەزگىلىدە ، ئۇ «كىچىك مارادونا» ئىدى -- سەپداشلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۇنى شۇنداق چاقىراتتى .

     فالكې ياشلار كوماندىسىنىڭ ترېنېرلىرى ئۆزىلنىڭ رەقىپلىرىنى قانداق يۈز خاتىرە قىلماي مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئىنىق قىلىپ ئەسلىيەلەيتتى ، ئۇلار ھەر قىتىم رەقىبىدىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولاتتى . «ئۇ ھەقىقەتەن تەڭداشسىز ، توسقىلى بولمايدىغان ، بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئالتە يەتتە توپ كىرگۈزەلەيتتى . بىر قىتىم ئۇ ئون توپ كىرگۈزدى ، ئۇنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ چۈشۈرىۋەتمىگەچكە ، ئامالسىز رەقىبىمىزدىن كەچۈرۈم سورىغان ئىدۇق . ئەگەر ئۇنىڭ جۇغى كىچىك بولمىسا ، كىشىلەر چوقۇم ئۇنى باشقا بالىلاردىن ئىككى ئۈچ ياش چوڭ دەپ قالىدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ قابىلىيتى باشقىلاردىن بەكلا كۈچلۈك ، كۈچلۈكلىكىدىن رەھىمسىز ھەم يولسىز ئىدى .» دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر پۇتبولچىنىڭ بىرى ھىسابلىنىدىغان ئۆزىلگە ئېرىشەلىگەن كوردېك قەتئىي پىكىردە شۇنداق دېدى .

فالكې.jpg

     2000-يىلى ياز ، ئۆزىل 12 ياش ، ئۇ يەنە يۆتكەلدى . بۇ قىتىمقى كۇلۇب قىزىل ئاق ئېسسېن بولدى . گەرچە يىقىنقى يىللاردىكى كرىزىستا خاراپلاشقان بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ لوڭقا كۆرگەزمە ئۆيىدە بىر ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە چېميونلۇق لوڭقىسى ۋە بىر گېرمانىيە لوڭقىسى بار بولۇپ ، ئىككىلىيسى 50-يىللىرى قولغان كەلگەن ئىدى . قىزىل ئاق ئېسسېن ھەرگىز نامسىز كىچىك كۇلۇب ھېسابلانمايتتى ، بۇ كۇلۇب ئەينى يىللىرى تۇنجى تۈركۈمدە گېرمانىيەگە ۋاكالىتەن ياۋرۇپا چېمپيونلۇق لوڭقىسىغا قاتناشقان كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇپ، مۇتلەق ھالدا ئۇلى مۇستەھكەم كونا كۇلۇب ئىدى . بىراق ھازىر كىشىلەرنىڭ ئۇ كۇلۇبنىڭ نامىنى بىلىشىدىكى سەۋەپ ئۆزىلنىڭ ئۇ يەردە تۇرۇپ باققانلىقى بولسا كېرەك . مۇستافا ھەر بىر قەدەمنى ئېھتىياتچانلىق باساتتى ، ھەمدە ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى . ئۇنىڭ قارىچىشە قىزىل ئاق ئېسسېن ئوغلىنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان ئەڭ ياخشى سەھنىلەرنىڭ بىرى ئىدى . ئۇ ۋاقىتتا مەسۇت تېخى كىچىك بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى ، بىراق ئۇ مۇشۇنداقلا ماڭسا ، بۇ يەر ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى سەكرەش تاختىسى بولۇپ قالاتتى . قىزىل ئاق ئېسسېندا بولۇپمۇ ياشلار كوماندىسى مەشىق مەيدانىدا ، گېرمانىيەنىڭ ھەر يىرىدىن كەلگەن توپچى بايقۇغىچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى .

     ئۆزىل تېزلا بۇ كۇلۇبنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ ، ئۇ بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ يادروسى بولدى . ئۇ كوماندىدا ئەڭ ئېگىزمۇ ، ئەڭ بەستلىكمۇ ھېسابلانمايتتى ، بىراق ئۇنىڭ توپ تېخنىكىسى 14 يىشىدىن باشلاپلا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى . ئۇنىڭ توپ تەپكەندىكى ئىلاستىكلىقى ئۇنى بىردىنبىر قىلاتتى ، تېخنىكىسىمۇ بارغانسىرى ياخشىلىنىۋاتاتتى . ئۆسمۈر مەسۇت بىر ھۇجۇم قاتىلى ئىدى . ئۇ داۋاملىق 9-نومۇرلۇق كىيىم كىيەتتى ، ھەمدە داۋاملىق باشقىلارغا ياردەم پاس بېرىش ئەمەس بەلكى ئۆزى مۇسابىقىدىكى ھالقىلىق توپنى كىرگۈزەتتى . قىزىل قارا ئېسسېندىكى ۋاقتىدا ئۇ گېرسېنكىرشىندىكى مېسسى ھېسابلىناتتى . ئۇ ئادەتتە يالغان 9-نومۇر رولىدا ئوينايتتى ، مەيداندا ئالدى-كەينى بۆسۈپ ئۆتەتتى . ئۇ ھۇجۇمنىمۇ تەشكىللەيتتى ، ئۆزىمۇ ھۇجۇم سېپىگە قوشۇلاتتى ، پەستە ترېنېرلار ئىغىزىنى ئىچىپلا قالاتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياشلار كوماندىسىدا بىر دەرىجە ئۆرلەپ ، 16 ياشتىلا 19 ياشلىقلار كوماندىسىدا مۇسابىقە ئوينىدى . ياشلار كوماندىسى ئوقوغۇچىسى بولغان مەسۇت يەنە قائىدىنى بۇزۇپ ئىككىنچى سەپ كوماندىشىنىڭ مەشىقىگە قاتناشتى ، بىراق ئىككىنسى سەپ كوماندىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئۇ 15 ياش ۋاقتىدا ئاندىن يىتىپ كەلدى . ئۇ 2004-يىلى 12-نويابىر بولۇپ ، رەقىبى بوخۇم1848 ئىدى .

     16 ياشقا كىرگەن يىلى ، مەسۇت ياشلار بىرلەشمىسىدە رەسمىي مەيدانغا چىقتى . شۇ كۈنكى خاتىرىگە ئاساسلانغاندا ، تاماشىبىن سانى 750 ، مۇسابىقە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت ، ئورنى بوخۇم تەنتەربىيە مەركىزى بىرىنچى نومۇرلۇق مەيدان ئىدى . ئۆزىلنىڭ كىسپىي ھاياتى شۇندىن باشلاپ تۈپتىن ئۆزگەردى . ئۇنىڭ ئىسمى شۇ يەردىكى گېزىت-ژورناللارنىڭ تەنتەربىيە مەخسۇس بېتىدە پەيدا بولۇشقا باشلىدى . ئۇنىڭ تولۇپ تاشقان تالانتى ئەمدىلىكتە گېرسېنكىرشىننىڭلا مەخپىيەتلىكى بولماي قالدى . ھالبۇكى گېرسېنكىرشىن شالكې04 نىڭ زىمىنى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ توپچى بايقىغۇچى تورى ھەممە يەرگە تارىلاتتى . مەسۇتنىڭ تۇرمۇشى 180 گرادۇسلۇق بۇرۇلۇشنى كۈتىۋىلىش ئالدىدا ئىدى .


3-باپ تامام !!

---------------------------------------------------------------
4-باپ : شالكې ئوغلى


     سىنىپىڭىزنىڭ سىرتىدىلا ياخشى كۆرىدىغان كوماندىنىڭ مەيدانى بولسا ، كۆڭۈل قويۇپ دەرس ئاڭلاشنىڭ نەقەدەر قېيىن بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟ مەن مادىرددىكى سان ئاگۇستېن ئىنىستىتوتىدا ئوقۇيتتۇم ، ئارىلىقى بېرنابۇغا ئارنلا 100 مېتىر كېلەتتى ، شۇڭا مەن بۇنىڭغا كاپالەت بېرەلەيمەنكى ، بۇ راستلا بەك تەس . ھەر كۈنى ئۇخلىماي چۈش كۆرىدىغان گەپ ، نېمە ماتىماتىكا ، ئېنگلىزتىلى ، مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرى ... ھەممىسى پەقەتلا پات-پات خىيالىڭىزنى بۆلىۋىتىدىغان ئامىللار بولۇپ قالاتتى . مەسۇتنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى كۈنلەر مانا مۇشۇنداق ئۆتكەن . ئۇ دەل ئاف شالكې (ھازىر فېلتىنس دەپ ئاتىلىدۇ) توپ مەيدانى ئاستىدىلا چوڭ بولغان . گېرسېنكىرشىندا توپ ئوينايدىغان بالىلارنىڭ ھەممىسى شالكې04 كە بىرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ، مەسۇتمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس . ئۇنىڭ دەرىزە سىرتىدىكى مەيدانغا قاراپ خىيال سۈرۈشى باشقا ساۋاقداشلىرىدىن خېلىلا كۆپ ئىدى .

     گېرسېنكىرشىندىكى بېرگېر فېلد (Berger Feld) مەكتىپى شۇ يەرلىك بالىلار تەرىپىدىن «ئۆزىل بىلەن نويېرنىڭ ئانا مەكتىپى» دەپ ئاتىلىدۇ . ھازىر بۇمەكتەپنىڭ گېرمانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە شالكې04 بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار ، بىراق يىقىندا رائۇلنىڭ مۇناسىۋىتى بىلەن قايتىدىن تونۇلغىنى توغرا كىلىپ قېلىش . شۇڭا ئۇنىڭ كەچۈرمىشىگە نىسبەتەن ، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئۆزىل شالكې04 نى قوغلاشقان . شالكې ساق 5 يىل ۋاقىتتا ئۇنى بايقىدى ، مەكتەپنىڭ پۇتبول مەيدانىدا ئەمەس بەلكى قىزىل ئاق ئېسسېننىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا .

نويېر.jpg

     باشقا ھەممەيلەنگە ئوخشاش ، ئۆزىلنىڭمۇ ئۇنى تولۇق چۈشىنىدىغان بىر ئوقۇتقۇچىسى بار : پروففېسسور كرىستىئان كراببې -- 6 يىل ئۆزىلنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بولغان . «مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ئەڭ مۇھىمى سىلەرنىڭ مېنى ئەسكە ئالالىغىنىڭلار ، ئەگەر مېنى ئەسكە ئالالىغان بولساڭلار ، بۇ مېنىڭ ئوقۇتۇشۇمنىڭ ئۈنۈمى بولغان بولىدۇ ، سىلەرمۇ بۇ يەردە ئۆتۈلىدىغان ئەڭ مۇھىم دەرسنى ئەسلىيەلەيسىلەر ، ئۇ بولسىمۇ مەڭگۈ پۇختا ھەم ئەستايىدىل بولۇش .» ھازىر رېئال مادرىددىك ئۆزىلدە ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىماسىنى كۆرگىلى بولماسلىقى مۇمكىن . ئۇ ۋاقىتتىكى مەسۇت ئەمدىلا كەپسىزلىكى ۋە ئۇياتچانلىقىنى تاشلاپ ، چولپانلىق يولىغا قەدەم تاشلىغان ئىدى . ھېرمان بۇ مەكتەپ بىلەن شالكې04 نىڭ ئالاقىچىسى ، مەسۇت بىلەن تونۇشقىلى 11 يىل بولدى . «ئۇ بەزىدە قاراشقا باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتا مەسىلە باردەك قىلىدۇ ، بەك ئۇياتچان ھەم بەك ئەدەپلىك . بۇلارنىڭ ھەممىسى سەزگۈر بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى . دەرس ئارلىقىدا ئۇ داۋاملىق توپ تەپكىلى بارىدۇ ، دەرس ۋاقتىدىمۇ توپنى قۇچاقلاپ ئولتىرىدۇ . گەرچە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ ، مېنىڭە ئۇ ئۇخلىغاندىمۇ توپنى قۇچاقلاپ ئۇخلايدۇ . ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى بىرلا : پۇتبولنى يۈكسەك ئىشتىياق بىلەن سۆيىدۇ .»

     ئۇنى ناچار ئوقوغۇچى دېيىشكىمۇ بولمايدۇ . كاللىسىدا پۈتۈنلەي پۇتبول بولغىنى بىلەن ، ئائىلىسىدىكىلەر ئوقۇش جەھەتتە ئۇنىڭغا تەلەپ قوياتتى . مەسۇت ئەتىگەندىن كەچكىچە مايمۇن قەپىسىدە توپ ئوينايتتى ، ياكى كۇلۇبتا مەشىق قىلاتتى ، شۇڭا ئۇنى ياۋاشلىق بىلەن ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىتىش ئۇنچىلىك ئوڭاي ئەمەس ئىدى . گەرچە مەسۇت خالىمىسىمۇ ، ئاپىسىنىڭ قاتتىق تەلىپى ۋە نازارىتى ئاستىدا ئۇ يەنىلا ئوقۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىيالايتتى . پەقەت خەلقئارا شاھماتقىلا مەسۇت بىر سائەت توپ ئويناش ۋاقتىنى چىقىرىشنى خالايتتى . يامغۇر ياغقان ۋاقتىدا ، پروففېسسور كراببې بالىلارنىڭ مەيدانغا چىقىپ توپ تېپىشىنى خالىمايتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا شاھمات ئويناشنى ئۆگەتتى . ئۆزىل ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا . بۇ شاھمات ئويۇنى ئۇنىڭ توپ مەيدانىدىكى ئىلھامىنىڭ كېلىش مەنبەسى ، ئۇلارنىڭ تالانتى ۋە مەيداندىكى يۆتكىلىشىنىڭ ئاساسى ئىدى . ئۇ كەسىپ ھاياتىنىڭ باشلىرىدىكى بىر قىتىملىق زىيارەتتە بۇنى چۈشەندۈرۈپ :«توپ مەيدانى شاھمات تاختىسىغا ئوخشايدۇ ، ھەممە ئىش سىزنىڭ كونتروللىقىڭىزدا بولىشى كېرەك . يەنە توپنىڭ قەيەردە ، پىلنىڭ قەيەردە ، دۈشمەننىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ، قاچان ھۇجۇم قىلىپ قاچان مۇداپىيە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك . بۇ پۇتبول بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ، قايسى سەپدىشىڭىزنىڭ ھازىرقى ئورنىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ، قاچان كەينىگە قايتىشىڭىز كېرەكلىكىنى ، قاچان سۈرئەت تېزلىتىش كېرەكلىكىنى ، قانداق ۋاقىتتا ھېچنىمەگە قارىماي ئىتىلىش كېرەكلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك .» شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، مەكتەپ ھەقىقەتەن مەسۇتقا پۇتبولدىن سىرت نەرسىلەرنى ئۆگەتكەن ئىدى . ئۇنىڭ بۇ يەرگە قالدۇرغىنىمۇ خېلى كۆپ . ئۇ ھازىر مەكتەپتىكى مىڭلىغان بالىنىڭ ئارزۇسىدىكى شەخىس . بىز يەنىلا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسىدىن ماتېرىيال توپلىدۇق :«مەسۇت بىزنىڭ بارلىقىمىز . ئۇ بالىلارنىڭ ئۈلگىسى ، چۈنكى ئۇ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ يۇقىرى دەرىجىلىك توپچى بولدى . ئەگەر ئۇنىڭ پەزىلىتى ياخشى بولمىسا (گەرچە توپ تېخنىكىسى ھەر قانچە ئېسىل بولسىمۇ) ئۈلگە بولالمايتتى . مانا بۇ ئۆزىل . بىر قىتىم دەرس ۋاقتىدا بالىلارنى تاپشۇرۇق ئىشلەتكۈزۈش ئۈچۈن ، مەسۇتغا تېلفون بەردىم ، مەسۇت تېلفوندا تۈركچە ، نېمىسچە ۋە ئىنگلىزچە ئۈچ تىلدا بالىلارغا ياخشى ئۆگىنىپ ئوقۇشىنى تاماملاشنى ئېيتتى . ئۆزىلنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، بالىلار ناھايىتى تىرىشىپ ئۆگىنىشكە باشلىدى . ئۆزىل قۇربانلىق بېرىش ، بىرىكىش ۋە ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ سىمۋولى .»

     مەسۇت پەقەت ئىمتېھاندىن قالمايتتى . مەيلى يۇقىرى نومۇر ياكى تۆۋەن نومۇر بولسۇن ، ھەممە پەندىن تولۇق ئۆتەلەيتتى . پۇتبول مەيدانىدا بولسا ، ئۇنىڭ تېخنىكىسىنىڭ ئىلگىرلىشى چوڭ قەدەملەر بىلەن بولاتتى . 2000-يىلى ، جۇغراپىيلىك ئورنىنىڭ يىقىن بولۇش سەۋەپلىك ، شالكې بۇ مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىدى . بىراق بۇ چاغدا ئۆزىل ئۇلار تەرىپىدىن تاللىنىلماي ، قىزىل ئاق ئېسسېنغا باردى . ھېرمان :«ئۇ شالكې شۇ ۋاقىتتا تاللىغانلاردىن خېلىلا بەك ياخشى ئىدى ، مەن ئۇنىڭ نېمىشقا تاللانمىغانلىقىنى بىلمىدىم . مېنىڭچە بەلكىم شالكې ئۇنى تېخى كىچىك دەپ قارىغان بولسا كېرەك ، بىراق مەن دەرس ئارلىقىدا ئۇنىڭ دوستلىرى بىلەن توپ تەپكىنىنى كۆرۈپ بىشىم قىيىپلا كېتەتتى . ئۇنىڭ تېخىنىكىسى راستلا بەك ياخشى ئىدى ، مەن قاپقا باقساممۇ ئۇ يەنىلا شۇنداق ئويناۋىرەتتى .» دېدى .

     ئۆزىل شالكېنىڭ ئۇنى چاقىرتمىغىنىغا شۇنداق تەمكىن تۇراتتى . راستنى ئېيتقاندا ئۇ قىزىل ئاق ئېسسېن ۋە مايمۇن قەپىسىدە توپ تەپكىنىگە قەۋەتلا خۇشال ئىدى ، ئۇ داۋاملىق توپ ئويناپ ئايرىلغۇسى كەلمەيتتى ، بىراق بىر كۈنى دادىسى راستلا ئاچچىقلاندى . ئىزچىل پۇتبولغا ئاشىق بولۇپ ئۆزىنى تارتالمىغان مەسۇت ، بىر قىتىملىق كوماندىنىڭ مۇھىم مۇسابىقىسىدىن 6 سائەت بۇرۇن دوستلىرى بىلەن توپ ئوينىغىلى كەتتى . «مۇسابىقە چۈشتىن كېيىن ئىدى ، ئۇ دوستلىرى بىلەن ساق يېرىم كۈن توپ ئويناپتۇ . مەن ئۇنى ئوينىما ، مۇسابىقىدىن بۇرۇن ياخشى ئارام ئال دېسەم گېپىمنى ئاڭلىماي قىچىپ كېتىپتۇ . ئاقىۋەتتە چۈشتىن كېيىنكى مۇسابىقىدە ئۇ ھېرىپ ھالىدىن كەتتى ، پەقەتمۇ يۈگۈرەلمىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن بېرىپ ترېنېرغا ئۇنىڭ يېرىم كۈن توپ ئوينىغىنىنى ، كېيىنكى مەيداندا ئۇنى ئالماشتۇرۇپ چۈشۈرىۋىتىشنى ئېيتتىم .» مۇستافا شۇنداق دېدى . بۇ ھېكايە ھازىر تىلغا ئېلىنسا قىززىق تۇيۇلىدۇ ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا مۇستافانىڭ راستلا قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن ئىدى .

     گەرچە مەسۇت ئۆزى پەقەت ئويلىمىدىم دېگەن بىلەن ، ئۇ كۈتكىلى ئۇزۇن بولغان پەيت ئاخىرى 2005-يىلى ئىيۇندا يىتىپ كەلدى ، ئۇ يىلى ئۇ 16 ياش ئىدى . مەسۇت قىزىل ئاق ئېسسېننىڭ كىيىمىنى كىيگەن 18 ياشلىقلار بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدىن كېيىن ، شالكې ياشلار مەشىق بازىسى باش نازارەتچىسى شۇرتېر :«بىز سېنىڭ بىز بىلەن بىللە توپ تېپىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمىز .» دېدى . بۇ سۆز مەسۇتنىڭ قۇلىقىغا غايىپتىن كەلگەندەكلا ئاڭلاندى ، مەسۇت ئارزۇسىغا كۈنسىرى يېقىنلىشىۋاتاتتى .

     مەسۇتنىڭ ھاياتى يېڭى باشقۇچقا كىردى . مۇستافامۇ دەرھاللا ھەركەتكە كېلىپ ، بىر ھەپتە ئىچىدىلا ۋاستىچى ئىزدەپ تاپتى . مۇستافا توختاملىشىشتا تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرماقچى ئىدى ، بىراق شالكېنىڭ مەسۇت ئۈچۈن تەييارلىغان توختامى ئۇنى ھەيران قالدۇردى :«بىز مەسۇتنىڭ ئىككىنچى كوماندىغا كىرىشىنى ئويلىشىۋاتىمىز .» ئارانلا 16 ياشتىكى بالىنىڭ ئىككىنچى كوماندىغا كىرىشى ، گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ يىراقتا ئەمەسلىكىدىن دىرەك بېرەتتى .

     ئاف شالكې مەيدانى ئىشخانىسىغا بارغان تۇنجى كۈنى ھازىرمۇ مەسۇتنىڭ ئېسىدە تۇرۇپتۇ . ئۇ لوڭقىلار تىزىلىپ كەتكەن كارىدوردىن ئۆتكەندە ، ئۆزىنىڭ نەقەدەر كىچىك ھېس قىلاتتى . ئۇ يەر ئىلگىرىكى ھېچقانداق كۇلۇبقا ئوخشىمايتتى . بۇ يەر باشقا قىلچە سۈر-ھەيۋىسى يوق رەئىسلەر قولىدىكى كۇلۇبلارنىڭ ئىشخانىسىغا ئوخشىمايتتى . شالكېنىڭ كارىدورلىرى ناھايىتى جىمجىت ، ئۇ دادسى ۋە ۋاستىچىسى بىلەن بۇ يەرگە كىرىپ كەلدى ، بۇ ئۆزىل ۋە پۇتبولنىڭ يېڭى دۇنياسى ئىدى .


شالكې.jpg

4-باپ تامام !!

---------------------------------------------------------------
5-باپ : تۇنجى قىتىملىق زىيارەت


     ئوخشىمايدىغان ئۈچ كىشى دېيىشىپ قويغاندەكلا ، ئۆزلىرىنىڭ بىر «قىزىلچا» غا بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، بۇ 2006-يىلى يانۋاردىكى ياشلار خەلقئارا مۇسابىقىسى ۋاقتى ئىدى . بۇ ئۈچەيلەننىڭ باھاسى مەسۇتنىڭ دەسلەپ شالكېغا قوشۇلغان ۋاقتىدىكى باشقىلارنىڭ كۈتكەن ئۈمۈدىنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولدى . بىرىنچى باھا ئۇلى ستىلىكنىڭ ، سابىق رېئال مادرىد ئەزاسى ، شۇ ۋاقىتتىكى گېرمانىيە ياشلار كوماندىسىنىڭ ترېنېرى . «بۇ يەردە قايسى توپچىنىڭ ئەڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى سورامسىز ؟ بۇنى دېيىش كەتمەيدۇ ، ئەنە شۇ شالكېنىڭ 11-نومۇرى . ئۇ ھەقىقەتەن قالتىس ، سەۋىيسىمۇ ناھايىتى ياخشى . ئۇ يەنە تۈركىيە دۆلەت تەۋەلىكىدە ئىكەن ، مەن گېرمانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۇنى قولغا كەلتۈرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .» ئىككىنچىسى لېف ، ھازىرقى گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى :«بۇ يەردە 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش يوشۇرۇن كۈچى بار مايسىلار بار ئىكەن ، بولۇپمۇ بۇ بالا .» ئۇنىڭ كۆرسەتكىنى ئۆزىل ئىدى . ئۈچىنچىسى ، ئۆزىل ئۆزى . بۇ قىتىملىق مۇسابىقىلەر پۈتۈنلەي ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، ئۇ ھاياتىدىكى تۇنجى قىتىملىق تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ :«مەن ھازىرلا شالكې كوماندىسىدا توپ تېپىدىغان بولدۇم .» دېدى .
     بۇ بىر قىتىملىق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ قىشلىق ئارام ئىلىش مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە بولۇپ ، مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيەدىكى ئەڭ كۈچلۈك بىر نەچچە كوماندىلاردىن سىرت يەنە دۆلەت سىرتىدىكى بەزى كوماندىلارمۇ بار ئىدى . ئەمەلىيەتتە بۇ بىر قىتىملىق زور كۆلەمدىكى ياش توپچىلار كۆرگەزمىسى ھېسابلىناتتى . ھەر قايسى زەردار چوڭ كۇلۇبلار ۋەكىل ، ترېنېر بايقىغۇچى ۋە توپچىلارنى ئەۋەتىپ مۇسابىقىنى كۆزىتەتتى . بۇ مۇسابىقە يەنە پۈتۈن دۆلەت ئىچىدىمۇ تېلېۋىزوردا تارقىتىلاتتى . ئىسپانىيەدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش مۇسابىقە بار ، بۇ مۇسابىقە برۇنېتېدا ئۆتكۈزىلىدۇ . بىراق مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى كەسپىي توپچىلار ، بۇلارنىڭ گېرمانىيە بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىش ئىمكانىيتىمۇ بار .
     بۇ مۇسابىقىنىڭ شەكلى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ . زال ئىچىدە ئوينىلىدۇ ، سۈنئىي چىم مەيدان ، 7 كىشىلىك مەيدان چوڭلۇقىدا ، يان سىزىق ۋە ئاساسىي سىزىق يوق . بۇنداق مۇسابىقىنىڭ رىتىمى ئەسەبىيلەرچە بولىدۇ ، ئاساسەن ئەزالارنىڭ ئالدى كەينىگە توختىماي يۈگۈرىشىگە توغرا كېلىدۇ . مەيدان يان تەرىپىدىكى ئېلان تاختىسى ئاساسىي سىزىققا ئوخشايدۇ ، ئەزالار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ رەقىبىدىن ئۆتسە بولىدۇ . بۇ قىتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىلار ئاساسەن مۇشۇ رايوندىن كەلگەن . مەسۇتقا ئوخشاش مەيمۇن قەپىسىدە توپ تېپىپ چوڭ بولغان بالا ، بۇ يەردە سۇدىكى بېلىقتەكلا تەڭداشسىز بولۇپ كېتىدۇ . ئاخىرىدا ئۇ بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدىكى ھەممە مۇكاپاتلارنى قولغا كەلتۈردى . ئۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ، مەرگەنلەر شاھى بولۇپ باھالاندى ، ئاز دېگەندىمۇ بەش توپ كىرگۈزدى ، برېمېن بىلەن بولغان نوقتا توپ جېڭىدىمۇ توپ كىرگۈزدى ، يەنە چېمپيونلۇققا ئېرىشتى . مۇسابىقىدىن كېيىن ، تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ سىنغا ئېلىش ئاپاراتى ئۇنىڭغا توغىرلاندى ، بىر پۇتبول تەنھەركەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، مەسۇت ھاياتىدىكى تۇنجى قىتىملىق تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى .

زىيارەت.jpg

     سۇئال : چېمپيون بولغىنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن .
     جاۋاپ : رەھمەت .

     س : سىز ھازىر تۈركىيە نوپوسى ئىكەنسىز ، قاچان گېرمانىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتىسىز ؟
     ج : ئىككى ئايدىن كېيىن بولىشىش مۇمكىن ، شۇ ۋاقىتتا پۈتىدۇ .

     س : تۈركىيە ئۈچۈن توپ تېپىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ ؟
     ج : ھازىر مېنىڭ گېرمانىيە ياشلار كوماندىسى ئۈچۈن توپ تەپكۈم بار . تۈركىيەگە كېيىنچە بىر گەپ بولسۇن . گېرمانىيە 18 ياشلىقلار كوماندىسى مېنى فرانسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىگە چاقىردى . شۇ ۋاقىتتا توپ ئۇرالامدىم قاراپ باقايلى .

     س : لوڭقا ئالغاندىكى ھېسىياتىڭىز قانداق بولىۋاتىدۇ ؟
     ج : ئىنتايىن ياخشى . بۇ مېنىڭ شالكېدا ئالغان تۇنجى لوڭقام . بۇ يەردە كۈچلۈكلەر كۆپ ئىكەن ، شۇڭا مەن بەك خۇشال .

     س : سىز يەنە 5 توپ كىرگۈزۈپ ئالتۇن ئاياققا ئېرىشتىڭىز .
     ج : بىلىمەن . مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم . بىراق مۇھىم ئىش يەنىلا بىزنىڭ لوڭقىغا ئېرىشكەنلىكىمىز . ئەلۋەتتە ، 5 توپ كىرگۈزۈش ناھايىتى ياخشى .

     س : سىزنىڭچە سىز شالكې بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا كىرەلەمسىز ؟
     ج : ئەلۋەتتە ، مەن ھازىر كىرەلەيدىغان بولدۇم . بۇ پەسىل ئاخىرىدىلا رەسمىي قوشۇلۇشىمنى ئۈمۈد قىلىمەن .

     ئۆزىلنىڭ گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە چىققان يول ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان . بۇرۇنقى شالكېغا قىتىلىشتىن ئەنسىرەيدىغان ۋاقىتلار تارىخقا ئايلاندى . ھازىر بۇ بالىنىڭ نەزىرىدە بىرلا نىشان بار : 17 ياشتا بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا ئۆرلەش .

     ئۆتكەن 5 ئاي ئىچىدە ، مەسۇت ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى . پەسىل ئىلگىرىدىكى مەشىق ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلىق كەچۈرمىش بولدى ، چۈنكى مەشىقلەر بەك ئىغىر ئىدى . بىراق مەسۇت ئاخىرىدا تىرمىشىپ نوبېرت ئېلگېرتنىڭ تەلىپىنى ئورۇندايتتى ، ئۇ مەسۇتنىڭ شالكېدىكى تۇنجى ترېنېرى ئىدى . مەسۇتنىڭ بەدىنىنى كەسپىي توپچىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايتتى ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۇلار بىلەن بولغان بەدەن سۈركىلىشكە بەرداشلىق بېرەلەيتتى . «ئۇ باشتا كەلگەن ۋاقىتلاردا داۋاملىق يىقىلاتتى ، باشقىلار بىلەن ئازراقلا سوقۇلۇپ كەتسىلا يىقىلىپ چۈشەتتى . بىراق ئۇ ناھايىتى تېزلا بەدەن تىركىشىشىگە ماسلىشىپ كەتتى . تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسە ، مەسۇت توپ مەيدانىدا ناھايىتى پاراسەتلىك ئىدى ، پۇتبول جەھەتتە ئۇنىڭ ئالاھىدە تالانتى بار .» ياشلار كوماندىسىنىڭ ترېنېرى شۇنداق دېدى .

     ئۇنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى ئەمدىلا رېئال مادرىدقا يۆتكەلگەنكى ۋاقىتقا ئوخشاش بولدى ، ئادەتتە ، 16 ياشلىق پۇتبولچى بىر كوماندىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن بىر مەزگىللىك ماسلىشىش مۇددىتى بولىدۇ . كۆپ ھالدا باشقىلار ئۇلارنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىنىڭ ناچار بولىشىنى بۇ سەۋەپ بىلەن باغلايدۇ . يۆتكىلىش بىلەن مەيداندىكى ئىپادىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ، پەقەت پۇتبول ساھەسىدىكى كىشىلەرلا چۈشىنىدۇ . بىراق مەسۇت بۇلارنىڭ بىرسى ئەمەس .

     ئۇ تېخى ئىككى ئاي ئىلگىرىلا ئۆزىنىڭ يېڭى تۇرمۇش رېتىمىنى باشلىغان . سەپداشلىرى ، ترېنېر ، كىيىم-كېچەك ، ئۆگىنىش ئادىتى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشى ، ياكى تاراتقۇلارنىڭ بەزى خەۋەرلىرى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئۆزىلنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن رەسمىي بىر پۇتبول تەنھەركەتچىسى بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىدى . ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئۇنىڭ مەيدان سىرتىدىكى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقىدىن گۇمان قىلىمەن . 16 ياشلىق يەر شارىدىكى بىر بالا ئىككى ئاي ئىچىدىلا مارىس ئادىمىگە ئايلانسا ئۇ ئۆزىمۇ غەلىتىلىك ھېس قىلىدىغاندۇ ھە ، كۈندۈزدە ئوقۇشقا بارماي مەشىقكە بارسا ، كۈچ كىرگەندە ئاندىن شەخسىي ئوقۇتقۇچىنى ئىزدەپ ئۆگىنىش قىلسا ، بەش ئاي ئىچىدىلا ئۈچ ۋاستىچى ئالماشتۇرسا ، بىراق بۇلار مەسۇتنىڭ پۇتبولغا بولغان مۇھەببىتىگە قىلچە تەسىر كۆرسەتمىدى . «ئۇ توپ تەپكەندە يەنىلا كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ . ئۇ توختام ، ترېنېر ۋە تارتقۇلارنىڭ بىسىمىغا پەرۋا قىلمايدۇ . توپ مەيدانىغا مۇسابىقە ئوينىغاندا بۇ يەرنىڭ نوۋكامپ ياكى بېرنابۇ ياكى مايمۇن قەپىسى ئىكەنلىگى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ ، ئۇ ھەمىشە شۇنداق ئىغىر بىسىق ھالدا ئۆزىنىڭ توپ تېپىشى بىلەن بولىدۇ .» مۇستافا ماڭا شۇنداق دېدى . بۇ ياۋرۇپا چېمپيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى مېھمان مەيداندا دورتمۇند بىلەن بولغان مۇسابىقە ۋاقتى ئىدى ، ئۇ ۋاقىتتا مەن بۇ كىتابنىڭ باش پېسوناژىنىڭ دەسلەپكى ھايات مۇساپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىۋاتاتتىم .«مەيلى يېڭىدىن ياشلار كوماندىسىغا قوشۇلغان ۋاقتىدا ياكى كەسپىي توپچى بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ، ئۇ توپ مەيدانىدا قەتئىي جىددىيلەشمەيتتى .» مۇستافا ئەسلەپ شۇنداق دېدى .

     2005-يىلى 21-ئاۋغۇست ، مەسۇت شالكېدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى ئوينىدى . رەقىبى قىزىل ئاق ئالىن ئىدى ، نەتىجىدە كۆك كىيىملىك قوشۇن 3-2 بىلەن غەلبە قىلدى ، مەسۇتمۇ توپ كىرگۈزدى . ئۇ كۈنىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان 30 بالىنىڭ ئارىسىدا ، پەقەت ئۈچىلا كېيىن يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىگگ كىرەلىدى : مەسۇت ، ھازىرمۇ شالكېدا توپ تېپىۋاتقان خوۋېدېس يەنە بىرسى گروس كرۇس . ئۇ كۈنكى قىزىل ئاق ئالىن كىرگۈزگەن ئىككىلىي توپنى گروس كرۇس كىرگۈزگەن ، ئۇ ھازىر دورتمۇند كوماندىسىدا توپ تېپىدۇ ، ئۇلارنىڭ رېئال مادرىدنى شاللىۋەتكىنىگە ئۇزۇن بولمىدى . گەرچە ياشلار كوماندىسى گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىن بىر قەدەملا يىراق ھېسابلانسىمۇ ، بۇ بىر قەدەم نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭ بولۇپ قالاتتى .

      بىراق ئۆزىلنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش مۇساپىسىگە قارايدىغان بولساق ، ھەقىقەتەن ھەم ئەركىن ھەم ئازادە ئىدى . ئۇ توختىماي دەرىجە ئاتلايتتى ، ھەم پەقەتلا ئاساسلىق ئورۇندىن ئەنسىرىمەيتتى ، قەيەرگە بارسا شۇ يەرگە ئىزىنى قالدۇرۇپ قوياتتى . ئەزەلدىن زاپاس ئەزالار ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ باقمىغان بۇ بالا ، مۇشۇنداقلا شالكې 19 ياشلىقلار كوماندىسىغا كەلدى . خوسې ئانتىنىئو كاماچونىڭ داڭلىق سۆزى بويىنچە ، مەسۇت ياشلار كوماندىسى ئۈچۈن يېڭى ئىشىك ئاچتى . ئۇ شالكې ياشلار كوماندىسى ئۈچۈن چىققان 13 مەيدان مۇسابىقىدە 12 توپ كىرگۈزۈپ ، بۇ كانچىلار كوماندىسىنىڭ كەلگۈسى چولپىنى بولۇپ قالدى . تاراتقۇلارمۇ ئۇنى «شالكې ئوغلى» دەپ ئاتاشتى ، بۇ نام پۈتۈن گېرسېنكىرشىننى قاپلىدى . ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى كۈنى ، ئاران 100 كۆرۈرمەن نەخ مەيدانغا كەلگەن ئىدى ، 10-مەيدان مۇسابىقىغا كەلگەندە بۇ سان 300 گە يەتتى . ئاخىرقى بىر نەچچە كۈنلىرى ، بۇ كىچىككىنە مەيداندا مىڭلىغان توپ مەستانىلىرى ئۇنىڭ توپ تەپكىنىنى كۆرگىلى كىردى . 11-نومۇرلۇق كىيىم كىيگەن مەسۇت مەستانىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدى ، ھاياتىدا تۇنجى قىتىم كىشىلەر ئۇنىڭ ئىمزاسىنى تەلەپ قىلدى .

     ئۇ يەنە بىر ئالتۇن كاكىلايدىغان غاز ھېسابلىناتتى . ۋاستىچىلارمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى خالايتتى ، شۇڭا ئۇ شالكېدىكى ئالدىنقى بەش ئاي ئىچىدە ئۈچ قىتىم ۋاستىچى ئالماشتۇرۇپ بولدى . مەسۇت ھەر بىر ۋاستىچىلارنىڭ چۈشىدىمۇ توختاملىشىشنى ئويلايدىغان ئادىمى ، ئۇنىڭ ھەرخىل ماركىلارغا ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولۇشى ، بايرىن بىلەن دورتمۇندنىڭ ئۇنى قوشۇۋىلىشى ، ھەر ھەپتىدىكى تاراتقۇلارنىڭ زىيارەت قىلىشى قاتارلىقلاردىن پايدىغا ئېرىشەلەيتتى ، يەنە نۇرغۇن قىزلارمۇ ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلاتتى . ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشلار سەۋەپلىك كاللىسى قىيىپ كەتمىدى . ئۇلار ئانچە تونۇلمىغان بىر ۋاستىچىنى تەكلىپ قىلدى ، رېزا فازلى ، ئۇ پۇتبولدىن سىرت ھېچقانداق ئىشنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . شۇڭا ئۈچ قىتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ، تۆتىنچى قىتىم ئاخىرى ئۇنى ۋاستىچى قىلىپ بىكىتتى ، مۇستافا ئۆزى ئەڭ ياخشى نازارەتچى ئىدى .

     مەسۇتنىڭ قالتىس ئىپادىسى شالكې04 نىڭ باش ترېنېرى مىركو سلومكانىڭ دىققىتىنى تارتتى ، ئۇ پات-پات بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا بېرىپ مەشىقكە قاتنىشاتتى . بىراق 19 ياشلىقلار كوماندىسىدىكى ياخشى ھالىتىدە ئۇ ۋاقتىنچە بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا چىقالمايتتى . چۈنكى ئۆتكەنكى بىر نەچچە يىللاردا ، شالكې ياشلار كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ئەزالىرى بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا چىقىپ كەتكەچكە ، ياشلار كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى ناچار بولۇۋاتاتتى .

     ياشلار بىرلەشمىسى ماي ئىيىدا ئاخىرلاشتى ، مەسۇتمۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەزا بولۇپ باھالاندى . مۇكەممەل دېيىشكە بولىدىغان بىر مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن ، شالكې دۆلەتلىك لەۋھە مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە بۆسۈپ كىردى ، ئۆزىل ئاساسلىق تۆھپىكار ئىدى . ئۇ كوماندىنىڭ 19 مەيدان يەڭگەن 5 مەيدان تەڭلەشكەن 2 مەيدان يېڭىلگەن بۇ نەتىجىسى بۈگۈنگە قەدەر ئەڭ يۇقىرى نومۇر رېكورتىنى ساقلاپ كەلمەكتە . مەسۇت جەمئىي 26 مەيدان مۇسابىقىدە 25 قىتىم ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيداغا چىقىپ ، 14 توپ كىرگۈزۈپ 13 ياردەم پاس بەردى .

     ھازىر شالكې04 نىڭ بۇ 11-نومۇرى ھاياتىدىكى تۇنجى چوڭ سىناققا دۇچ كەلدى : دۆلەتلىك لەۋھە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى . كۆك كىيىملىك شاكىچىلەرنىڭ ئالدىدا ئۈچ مەيدان مۇسابىقە بار ئىدى . يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە قوش مەيدان ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بولسا بىر مەيدانىدىلا چېمپيون ئايرىلاتتى . ئۇلار ئاۋۋال بېرلىن ھېرتاغا دۇچ كەلدى . تۇنجى ئۇچرىشىش ئېچىنىشلىق ئاخىرلاشتى ، ئىغىر بىسىم ئاستىدا قالغان شالكې ئەزالىرى مېھمان مەيداندا 2-0 مەغلۇپ بولدى ، ھازىر ماينز05دە توپ تېپىدىغان نېگىرىيە ئۇرۇقى بار گېرمانىيە ھۇجۇمچىسى چىنېدۇ ئېدې ئىككى توپ كىرگۈزدى (23-90-مىنۇتلاردا) . بىراق كېيىنكى ئۇچرىشىشتا ، مەسۇت ئۆزىل ئىسىملىك بىر بالا ۋەزىيەتنى بىراقلا ئۆزگەرتتى . شالكې 3-0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى ، ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغىنى بايرىن بولدى . مەسۇت گەرچە ئۇ مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزمىگەن بولسىمۇ ، كىرگەن ئۈچ توپنىڭ ئىچىدە ئىككىسىگە ئۇ ياردەم پاس بەرگەن ئىدى .

     ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە گېرسېنكىرشىندىكى خاسېل1919 نىڭ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلۈپ ، 7000 دىن ئارتۇق تاماشىبىن ئەڭ كۈچلۈك بۇ ئىككى ياشلار كوماندىسنىڭ تىركىشىشىنى كۆرگىلى كەلگەن ئىدى . بۇ مەيدان مۇسابىقە ئۆزىل ئۈچۈن ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇسابىقە ھېسابلىناتتى . بىراق ئۇنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى سالماق ئىپادىسىغا قارىغاندا ، بىسىم ، مەسئۇلىيەت قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئۇنىڭدا مەۋجۇت ئەمەستەك قىلاتتى . يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئوخشاش ، ئۇ پىسانو بىلەن بونېشقا ياردەم پاس بېرىپ ، شالكېنى يىتەكلەپ 2-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى . ئۆزىلمۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى (ئەڭ قىممەتكە ئىگە توپچى) ۋە دۆلەتلىك مۇنەۋۋەر توپچى بولۇپ باھالاندى . بۇنىڭ بىلەن ياشلار كوماندىسىدىكى ھاياتىغا مۇكەممەل بىر چىكىت قويدى .


ياشلار لوڭقىسى.jpg

5-باپ تامام !!!

---------------------------------------------------------------
6-باپ : ئون يەتتە ياشلىق تايانچ


     ھېچكىم مەسۇت ئۆزىلگە كوماندا تايانچىسىنىڭ قانداق بىسىملارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرمەيتتى . بىر نەپەر پۇتبولچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇ ھەر ۋاقىت بىر قەدەمنى خاتا ئالسىلا ئارزۇلىرىدىن خوشلىشىشى مۇمكىن ئىدى ، شۇڭا ئۇ ئۆزىمۇ قەيسەر ھەم ئېھتىياتچان بولۇشنى ئۆگىنىۋاتاتتى . ئىلگىرى مەيلى قايسى كۇلۇبتا بولسۇن ، ئۇ ھەممىنىڭ گۆھىرى ئىدى ، بىراق ھازىر بۇ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە ئۇنىڭ بۇنداق تەمىناتى «بوغۇزلۇنۇپ» كەتكەن ئىدى . ئۆزىل دەسلەپ كەلگەن ۋاقىتتىمۇ ، ترېنېر ئوچۇق قىلىپ ئۇنىڭ كىچىك بالا تەربىيلەشكە ۋاقتى يوقلىقىنى ، مەقسىتىنىڭ چېمپيون كوماندىسى قۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى .

     مۇشۇنداق شارائىتتا ، مەسۇت بىرىنچى سەپ كوماندىسىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىردى . ئۇ تېخىچە يازدىكى خۇشال پەيتلەرنىڭ خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى تولۇق تارتالمىغان بولۇپ ، يۈزلىنىش ئالدىدىكى بىسىمنى قەتئىي ھېس قىلمىدى . ئۇ يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسى ئۇنىڭ يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلدى . ئۇمۇ ياشلار بىرلەشمىسى چېمپيونلىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ تۇنجى كەسپىي توختامىنى ئىمزالىدى . ئەمەلىيەتتە بۇ توختام ئۇنىڭ ياشلار كوماندىسى بىلەن قىلغان توختامىنىڭ ئۇزارتىلمىسى بولۇپ ، ئۈستىگە بىرىنچى سەپ كوماندىسىدىكى تەمىناتى ۋە مائاشى قاتارلىقلار قوشۇلغان ئىدى . ئۇ ئۆزىمۇ ئاللىبۇرۇن تۇنجى مائاشنى قانداق خەجلەشنى ئويلىشىپ قويغان بولۇپ ، ئۇنى پىراۋا ئېلىشقا ئىشلەتتى ، يەنە ئۆيىنى قايتا بېزىدى . بۇ ئۇنىڭ كەسپىي توپچى بولغاندىن كېيىنكى ئائىلىسىدىكىلەرگە بەرگەن تۇنجى سوۋغىسى بولدى . ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۇلار يەنە ماشىنا ئالدى .

     بۇ ياز مەسۇت ئاران يېرىم ئايلا ئارام ئالدى . ئىيۇن ئىيىنىڭ ئوتتۇرىدا ياشلار كوماندىسىنىڭ مەشىقى ئاخىرلىشىپ ، ئۇ ئىيۇلدىغا بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا باردى . ياشلار كوماندىسىدىكى چۈش كەبى بىر پەسىل پۈتۈن گېرسېنكىرشىندە غۇلغۇلا قوشغىغاندىن كېيىن ، باش ترېنېر مىركو سلومكا بىرىنچى سەپ كوماندىسىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورۇن چىقىرىشى كېرەك ئىدى . بىراق كېيىن سېپى ئۈزۈلمىگەن قوغۇننىڭ تەمى بولمايدۇ دېگەندەك ئىش يۈز بەردى . ئۆزىل بىرىنچى سەپ كوماندىسى بىلەن ئېنگلاندقا بەدەن قىزىتىش مەشىقىگە بېرىپ ، كەسپىي پۇتبولچى بولغاننىڭ تۇنجى تەمىنى تېتىدى . بۇ بالا تېخى 15 ئاي بۇرۇنلا خېلمۇت شۇلتې تەرىپىدىن شالكې ياشلار كوماندىسىغا ئىلىپ كىلىنگەن . بۇنىڭغا ھېچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى .

     بىراق كەسپىي پۇتبول ھاياتىنىڭ باشلانمىسى ئۇنچىلىك لەززەتلىك بولمىدى . ئۆزىل ۋە شالكې يۇقىرى قاتلاملىرىنىڭ ئويى مىركو سلومكا بىلەن چوڭ پەرقلىق ئىدى . يۇقىرى قاتلامدىكىلەر بۇ بالىنىڭ تالانتىغا تولۇق ئىشىنەتتى ، ئۇلار بىلەن مەسۇتنىڭ قارىشىچە ئۇ فېلتىنس توپ مەيدانىنىڭ چولپىنى ئىدى . ئۆزىل ئىلگىرى مەيلى قەيەردە بولۇشتىن قەتئىينەزەر كوماندىنىڭ مۇتلەق يادروسى بولغاچقا ، تەبئىيلا شالكېدىكى ھەر ھەپتە ئاخىرىدىكى گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە شۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچراشنى ئارزۇ قىلاتتى . پەسىل ئالدىدىكى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىلىرىدە ئۇنىڭ ئىپادىسى تەلەپكە توشتى ، بىراق ترېنېر مەسۇتنى ئىشلىتىشتە ناھايىتى ئېھتىياتچان پوزىتسىيدە تۇردى ، ئىشلارنىڭ بۇنداق ئاستا بولۇشى مەسۇتنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ قويدى .

     ئۇزۇن كۈتكەن گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ئاخىرى 2006-يىلى 12-ئاۋغۇست يىتىپ كەلدى ، بۇ ئۆز مەيدانىدا فرانكفۇرت كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقە ئىدى . مەسۇت بىلەن ئالمىشىپ چۈشكەن ئەزا دەل خەمىت ئالتۇنتوپ ، بۇلار دۆلەت كوماندىسى تاللاش مەسىلىسىدە ئازارلىشىپ قالغان ، كېيىنچە رېئال مادرىد كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە ياخشى ئۆتكەن سەپداشلار ئىدى . مەيداندىكى نەتىجە 1-1 ، مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا يەنە 10 مىنۇت ۋاقىت بار بولۇپ ، ئۆزىل 17-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ مەيدانغا چىقتى . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىشى ۋەزىيەتتى ئۆزگەرتەلمىدى ، بىراق بۇ ئۇنىڭ شالكې04 دىكى تۇنجى مەيدانغا چىققانلىق خاتىرىسى بولۇپ قالدى .

ئالتۇنتوپ.jpg

     ئۆزىل بۇ مۇسابىقىدىن رازى بولدى ، بىراق ئانچە بەك خۇشال بولۇپ كەتمىدى . گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى كۈنىدىلا مەيدانغا چىقىش ھەقىقەتەن ياخشى باشلىنىش ئىدى . ترېنېر بۇ بالىغا خېلى ياخشى مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ ، نىمىشقىكىن ، ئۇ سلومكانى ئۆزىگە ئانچە بەك ئەتىۋار نەزىرى بىلەن قارىمايدىغاندەك ھېس قىلاتتى . ئۇ ئاتاق ئوغۇلدە ئىمتىيازغا ئېرىشىشنى ئويلىمايتتى ، ئۇ پەقەت ترېنېرنىڭ ئۆزىگە بەكرەك ئىشىنىشىنى ئارزۇ قىلاتتى ، بىراق ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ ھال تەلەپكە خېلى يىراق ئىدى . ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سېزىمى توغرا چىقتى ، ئۇنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسىدا مەيدانغا چىقىشى ، بىر ئايدىن كېيىن بولدى .

     كېيىنكى ئىككى مەيدان ئاللېماننىيا لاچېن ۋە ۋېردېر برېمېن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، ئۇ پۈتۈن مەيدان ئورۇندۇقتا ئولتۇردى . 19 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ ترېنېرى  تىت-تىت بولۇپ تۇرغان بۇ بالىنى ياشلار كوماندىسىغا چاقىرتىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى . مەسۇت مۇسابىقىگە قاتناشقانغا خوش بولغان بىلەن ، يەنىلا كۆڭلىدىكى چۈشكۈنلۈكنى يوشۇرۇپ قالالمايتتى . ئاتاقتا بىرىنچى سەپ كوماندىسى ئەزاسى بولغان بىلەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولۇپ ، پەقەتلا ئىلگىرىكى ياشلار كوماندىسىدىكى سەپداشلىرى بىلەن توپ تېپەلەيتتى .
     ئۆزىل سىنتەبىر ئىيىنىڭ ئوتتۇرىدا بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا قايتىپ كېلىپ ، بىر ئاي ئىچىدە تۆت مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقتى ، يەنە تېخى نانسى كوماندىسى بىلەن بولغان كېيىنكى ئۇچرىشىشتا ، ياۋرۇپا لوڭقىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىدى ، بىراق ئۇلار 1-3 نەتىجە بىلەن شاللىنىپ كەتتى . مەسۇت ئۇ كىچە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىپ ، مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 12 مىنۇت قالغاندا ئالماشۇرۇپ چۈشۈرىۋىتىلدى ، چۈنكى تۇنجى قىتىملىق ئۇچىرىشىشتا ئۇلار 1-0 ئۈستۈنلۈكتە بولۇپ ، يەنە بىر توپ كىرگۈزسىلا كېيىنكى باسقۇچقا كىرەلەيتتى ، بىراق ئاخىرىدا مۆجىزە يەنىلا يۈز بەرمىدى .

     ياۋرۇپا لوڭقىسىدىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ، ئۆزىل ئۆكتەبىر ئىيىدىن كېيىنكى يىلى فىۋرالغىچە ئاساسەن مەيدانغا چىقالمىدى ، ئۇ جەمئىي 39 مىنۇت مۇسابىقە ئوينىدى ، بۇنىڭ ئىچىدە ماينز05 بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 15 مىنۇت ، بىئېلېفېلد بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 24 مىنۇت مەيدانغا چىقتى . ئىككىلىي قىتىم ئالمىشىپ مەيدانغا چىققاندا ، كوماندا ئۈتۈنلۈكتە ئىدى . بىراق مەسۇت بۇنىڭدىن قىلچە ئاغرىنالمايتتى ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا پۈتۈن كوماندىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى ئىدى . شالكې ، ستۇتگارت ، برېمېن ۋە بايرىن قاتارلىق كۇلۇبلارنىڭ چېمپيونلۇق تالىشىشى ناھايىتى كەسكىن بولۇۋاتاتتى ، شۇڭا سلومكا كوماندىنى ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن شۇمتەكنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرەلمەيتتى .

     مەسۇت شۇندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق ئۇنىڭ بۇنداقلا بوشاشمايدىغانلىقىنى ، ئەكسىچە ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييار ھالەتتە تۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى . دەسلەپكى چۈشكۈنلۈك تېخىمۇ تېرىشىشنىڭ مەنبەسىگە ئايلاندى ، ئۇ داۋاملىق تۇنجى بولۇپ مەشىقكە كېلىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلاتتى . تېخىمۇ ياخشى ھالدا كەسپىي پۇتبولنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ، ئۇ بەدەن چىنىقىش ئۆيىدىكى مەشىقنى كۆپەيتتى . قىشلىق ئارام ئىلىش مەزگىلى دەل ۋاقتىدا كەلدى ، ئۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بەدەن قۇۋۋىتىدىكى زور ياخشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى . فىۋرال ئىيىدىن باشلاپ ، ئۇ  ئاخىرى كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزالار قاتارىغا كىردى .

چىنىقىش.jpg

     ئۇ ئىشنى ئاۋۋال ئاساسلىق زاپاس ئەزادىن باشلاپ ، ئاستا-ئاستا كوماندىغا پۈتۈنلەي سىڭىپ كىردى . ئۇ پەسىلدىكى كوماندىنىڭ ئاخىرقى 10 مەيدان مۇسابىقىسىدە ئۇ سەككىز قىتىم مەيدانغا چىقتى ، كوماندا يەتتە مەيدان يېڭىپ ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ ، ئىككى مەيدان يېڭىلدى . گەرچە ئۆزىلنىڭ پەسىل ئاخىرىدىكى ياخشى ئىپادىسى شالكېنى ئۇلارنىڭ تۇنجى بىرلەشمە چېمپيونلۇقىغا ئېرىشتۈرەلمىگەن بولسىمۇ ، ئۇلار بىرلەشمە ئىككىنچىلىكى بىلەن كېيىنكى پەسىلدىكى چېمپيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشتى . مەسۇتمۇ ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى يېڭىلاپ ، مۇسابىقە ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان توپچىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى .


-----------------------------------------------------------------

7-باپ : تۇنجى قىتىملىق تالاش-تارتىشلىق يۆتكىلىش



     ياۋرۇپا چېمپيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقە كۈنى ئۆزىل ئائىلىسى ئۈچۈن بايرام ھىسابلىناتتى . مەسۇتنىڭ دادىسى ، ئاكىسى ۋە ئۆزى بۇ مۇسابىقىلەرنى كۆرۈشنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى ، ئۇلار ھەر ھەپتنىڭ سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى كەچ سائەت سەككىزدىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە دەل ۋاقتى بىلەن كىرىسلوغا بىرىپ مۇسابىقە كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن ئىدى . مۇسابىقە كۆرۈش ئەلۋەتتە ئىنتايىن مۇھىم ، دەل ۋاقىتتا تېلېۋىزورنى ئىچىپ كوماندا ئەزالىرىنىڭ جاراڭلىق چېمپيونلۇق بىرلەشمىسى مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ مەيدانغا كىرىشىنى كۆرۈش ئۇمۇ بىر خىل ھوزۇر . بۇ كىچە مەيداندىكى سېھىرلەر ئۆزىل ئائىلىسىنى چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدۈرىدۇ ، بولۇپمۇ ئاكا-ئىنى ئىككىسى ، ئىلگىرى ساناقسىز قىتىم ئۆيىدە ياكى مايمۇن قەپسىدە چېمپيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنى قايتىدىن ئويناپ چىققان ئىدى . كىچىك مەسۇت ئەينى ۋاقىتتا بارسېلونانى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى ، ئەگەر گېرمانىيە كۇلۇبلىرىنىڭ مۇسابىقىسى بولمىسا ئۇ چوقۇم ئۇلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرەتتى . لېكىن رېئال مادرىد زىدانېنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن كىچىك مەسۇتنىڭ مەيدانى يۆتكىلىشكە باشلىدى ، بولۇپمۇ زىدانې گلاسگوۋدا ھەممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان ھالقىلىق توپنى كىرگۈزگەندىن كېيىن ئۇ پۈتۈنلەي مادرىد تەرەپكە ئۆتتى : بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان توپى .

     شالكېدىكى تۇنجى مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن ، مەسۇتنىڭ چېمپيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىپ زىدانېنى ئۆرنەك قىلىش چۈشى ئەمەلگە ئىشى ئالدىدا ئىدى ، توغرا قىلىپ ئېيتقاندا بىر قەدەملا قالغان ئىدى . شالكېنىڭ چېمپيونلۇق بىرلەشمىسى سالەھىيتىگە ئېرىشىپ گورۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ، مەسۇتنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا چىققان ئىككىنچى يىلىنى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە قىلدى . توختىماي ياۋرۇپادىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك رەقىبلەر بىلەن تىركەشكەن بۇ مۇسابىقە پەسلى مەسۇتنىڭ چولپانلىق يولىدا باسقان پۇختا بىر قەدىمى بولۇپ قالدى ، گەرچە كېينچە مەسۇت كونترول قىلالمايدىغان ئىشلاردا بۇرۇلۇش يۈز بەرگەن بولسىمۇ .

     مەسۇتنىڭ شالكې بىلەن بولغان توختام مۇددىتى 2008-يىلى 30-ئىيۇنغىچە ئىدى ، شۇڭا ئۇ توختام ئۇزارتىش ئىشلىرىگە تۇتۇش قىلىشقا باشلىدى . بۇ ئىشقا قارىتا مەسۇت ناھايىتى تەمكىن ئىپادە بىلدۈردى ، بىراق ۋاستىچى فازلى بىلەن مۇستافا ئازراق ئەنسىرەيتتى ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە مەسۇتنىڭ شالكېدىكى كېلەچىكى ئانچە بەك پارلاق ئەمەس ئىدى . گەرچە شالكېنىڭ راستىنلا توختام ئۇزارتىش مەقسىتى بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار بۇ ئىشقا ئانچە قىزغىن مۇئامىلە قىلمىدى . ئەلۋەتتە ، شالكې مەسۇت بىلەن مۇستافانىڭ كوماندىدىكى يادرولۇق ئەزا مۇئامىلىسىگە ئېرىشىش تەلىپىنى قاندۇرالمايتتى .



     ھەقىقى كىرىزىس شالكې راكىتىچنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن باشلاندى ، راكىتىچنىڭ مەيداندىكى ئورنى دەل ئۆزىل ئىنتىلىدىغان 10-نومۇرلۇق ئورۇن ئىدى ، ھەمدە ئۇ كوماندىغا قوشۇلۇپ 10-نومۇرلۇق كىيىمنى تاپشۇرىۋالدى . لىنكىننىڭ ئايرىلىشىغا ئەگىشىپ ۋە مەسۇتنىڭ توختام مەزمۇنىغا ئاساسەن ، 10-نومۇرلۇق كىيىم ئۆزىلگە بېرىلىشى كېرەك ئىدى . لېكىن شالكې بۇ ۋەدىسىدە تۇرماي ، بۇ نومۇرنى كرودىيەلىككە بەردى . ئىشلار شۇنداق ياخشى يۈرۈشۈپ تۇرۇپ ، نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ ؟ بارلىق سۇئاللار ترېنېر سلومكاغا مەركەزلەشتى . شالكېنىڭ بۇ تېخنىك يىتەكچىسى مەسۇتنىڭ كوماندىنى يىتەكلەپ چېمپيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشقۇدەك ئىقتىدارى يوق دەپ قارايىتتى ، ھەمدە ھەر قانداق ئادەمدىنمۇ بەكرەك بۇ ئورۇنغا يېڭىدىن توپچى كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيىتتى . «ئەگەر  مەسۇت 10-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيەلمىسە كېتىدىغان ئىش بولسا ، مەيلى ئۇنى كەتكۈزىۋىتەيلى .» ئۇ قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر چوقۇم راكىتىچنى قوشۇۋالماقچى ئىدى ، راكىتىچ مەسۇتتىن پەقەت يەتتە ئايلا چوڭ ئىدى . شالكې راستىنلا ئۆزىنىڭ كانىدىن چىققان بۇ "گۆھەر" نى شۇنچىلىك ئەتىۋارلامدىغاندۇ ؟ ئۆزىل ئائىلىسىدىكىلەر بۇ ئىشنى بىر ئىغۋاگەرلىك دەپ قارىدى .

     يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلاندى ، ئەھۋال ئەنچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى . تۇنجى مەيدان مۇسابىقە شتۇتگارت بىلەن ئوينالدى ، ئۇ ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشۈپ ، كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئالماشتۇرىۋىتىلدى . ئىككىنچى مەيدان بىرلەشمە دورتمۇند بىلەن ئۆتكۈزۈلدى ، راكىتىچ يارىلانغاندىن كېيىن ئاندىن مەسۇت ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى ، ئۇ بۇ مەيدان رۇل دېربىدا ئاران 9 مىنۇت توپ تەپتى . بىر ھەپتىدىن كېيىنكى ۋولفسىبۇرگ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، مەسۇت يەنە زاپاس ئەزا بولدى . ئەلۋەتتە ، مەسۇتنىڭ خىيالىدىكى يېڭى مۇسابىقە پەسلى بۇنداق ئەمەس ئىدى .

     سىنتەبىر ئىيى يىتىپ كەلدى ، تەشنا بولۇپ كۈتكەن چېمپيونلۇق بىرلەشمىسى ئاخىرى باشلىنىش ئالدىدا ئىدى . شالكې ۋالىنسىيا ، چېلسى ۋە روسېنبورگ (نورۋىگىيە) بىلەن بىر گورۇپپىغا بۆلۈندى . بۇ ئۈچ كوماندا ئۇنىڭ چېمپيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى رەقىبلىرى ئىدى . تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ۋالىنسىيا كوماندىسى بىلەن بولدى ، بۇ مەسۇتنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان ياخشى پۇرسىتى ئىدى ، بىراق نەتىجە ئويلىغاندىكىدىنمۇ ناچار بولدى . ئۇ مۇسابىقە باشلىنىپ 61 مىنۇت بولغاندا ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى ، ئۇ ۋاقىتتا نەتىجە 0-0 ئىدى . ئۇ مەيدنغا چىقىپ بىر مىنۇتتىن كېيىن يەنى 62 مىنۇت بولغاندا ، ۋىللا ئاچقۇچلۇق بىر توپ كىرگۈزدى . بۇ قىتىملىق مەغلۇبىيەت شالكې توپ مەستانىلىرى ۋە مەسۇتنىڭ بىشىغا بىر چىلەك سوغۇق سۇ قۇيىۋەتكەندەك بولدى . مەسۇت مەيدانغا چىققاندىن كېيىن ئۆز كۈچى بىلەن مۇسابىقىنى بەلگىلەپ غەلبە قىلىش ئويىدا بولغان ئىدى ، نەتىجىدە ئويلىمىغان يەردىن توپ ئۇنىڭ پۇتىغا تەگمەي تۇرۇپلا كوماندىسى بىر توپ يەۋالدى .

     بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ مەغلۇبىيتى ئىلىپ كەلگەن ئاقىۋەت مەسۇتنىڭ ئويلىغىنىدىن خېلىلا ئىغىر بولدى . كەينىدىكى ئۈچ مەيدان گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى مۇسابىقىلەردە مەسۇت بىر مىنۇتمۇ مەيدان چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى . ترېنېر سلومكا ۋالىنسىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى يوقاتقان توپنى مەسۇتنىڭ مەسئۇلىيتى دەپ قارىماس ھە ؟ ئەھۋال قارىماققا راستىنلا شۇنداق ئىدى . مەسۇتنىڭ ئەھۋالى بارغانسىرى ناچارلىشىۋاتاتتى . تاراتقۇلار «توختام ئۇزارتىش قىيىنچىلىقى» توغرىسىدىكى خەۋەرلارنى چىقىرىشقا باشلىدى ، ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك ، كارسلۇئې بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۆزىل ئوڭ پۇتىنىڭ ئوشۇق بوغۇمى يارىلاندى . بۇ مەسۇت ئۇنتۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلغان يەنە بىر كىچە بولدى . شالكې 17-نومۇرى كېيىنكى يېرىم مەيداندا يارلىنىپ ئالماشتۇرىۋىتىلدى ، ئۇ ۋاقىتتا نەتىجە 0-0 ئىدى ، ئاندىن قاراپ تۇرۇپ سەپداشلىرى ئاخىرقى ئون مىنۇتتا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ ئۇرۇپ غەلبە قىلدى .

          بۇ قىتىملىق يارا يىنىك قايرىلىش بولۇپ ، 15 كۈندىلا پۈتۈنلەي ساقايدى . داۋالىنىش مەزگىلى ئۇنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئويلىشىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇپ قالدى . مەسۇتنىڭ ئارزۇسىدىكى كوماندا شالكې04 ئىدى ، بىراق دادىسى بىلەن ۋاستىچىسى رۇل رايونى سىرتىدىكى كوماندىلارنى ئىزدەشكە باشلىغان ئىدى . ۋەزىپە ئىنتايىن ئىنىق ئىدى :«ماڭىمىز دەپلا كېتىمىز !» . توختام ئۇزارتىش ئىشىدا قىلچە ئىلگىرلەش بولمىدى ، كۇلۇب مەسۇت 16 ياش ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈشكەنلىرىنى پەقەتلا ئورۇندىمىدى ، ئەڭ ھەددىدىن ئاشقىنى شۇكى ، ئۇلار يەنە توختامنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى گېرمانىيە تاراتقۇلىرىغا ئاشكارلاپ قويغان ئىدى . مۇستافا سەھەردە ئويغىنىپلا ئوغلىنىڭ سېتىلىش توختام تۈرلىرىنىڭ گېزىتتا شۇ پىتى ئېلان قىلىنغانلىقىكى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپلەندى . مەسۇتنىڭ شالكېدىكى كۈنى تەتۈر ساناققا چۈشتى .

     ۋاستىچى كۇلۇب بىلەن توختام ئۇزارتىش توغرىسىدا تۈكۈرۈك جېڭى قىلىۋاتقاندا ، مەسۇت ئاستا-ئاستا كىيىم ساقلايدىغان زاپاس ئەزا ئورۇنىدىن ئايرىلغان ئىدى . چېمپيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئۆز مەيدانىدا چېلسى بىلەن 0-0 تەڭلەشكەن مۇسابىقىدە ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولدى ، گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە ھانوفېر (2-3) بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزدى ، بىراق يەنىلا ئاساسلىق ئەزا ئورنىغا ئېرىشەلمىدى . ھالبۇكى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ، پۇتبول ئىلاھى ئۇنىڭغا كەتكۈزگۈسىز ئالتۇن پۇرسەتتىن بىرنى بەردى .

     شالكېنىڭ چېمپيونلۇق بىرلەشمىسى گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى رەقىبى روسېنبورگ ئىدى ، ئۇ ۋاقىتتا شالكې رەقىبىدىن 2 نومۇر كەينىدە تۇراتتى (چېلسى ئاللىبۇرۇن گورۇپپىدىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى بىكىتىپ بولغان) ، چوقۇم يەڭسە ئاندىن گورۇپپىدىن چىقالايتتى . راكىتىچنىڭ بەدەن ئەھۋالى ناچار بولغاچقا ، سلومكانىڭ ئۆزىلنى بۇ مەيدان ھايات-ماماتلىق مۇسابىقىگە ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە چۈشۈرمەي باشقا ئامالى يوق ئىدى . شالكې ئوغلىنىڭ ئىپادىسىمۇ شۇنداق قالتىس بولۇپ ، مەيدانغا چىقىپ رەقىبىنى 3-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى . مەيدان قايناپ كەتتى ، 86-مىنۇتتا ئالمىشىپ چۈشۈرىۋىتىلگەندە پۈتۈن مەيداندىكى توپ مەستانىلىرى ئۇنىڭ ئىسمىنى يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاشتى . بۇ مەسۇتنىڭ تۇنجى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە چېمپيونلۇق بىرلەشمىسى كىچىسى ئىدى . مەسۇت شالكې توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىنى پۈتۈنلەي بوي سۇندۇردى . بىراق كىممۇ بىلسۇن ، بۇ كىچە شالكې يېڭى چولپىنىنىڭ بۇ كوماندىغا ۋاكالىتەن تەپكەن ئاخىرقى ئىككىنچى مەيدان توپى ئىدى . 4 كۈندىن كېيىن نيۇرنبېرگ مەسۇتنىڭ شالكىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ توپ تەپكەن ئەڭ ئاخىرقى رەقىبى بولۇپ قالدى . بۇ مەيدان خاتىمىدە شالكې 2-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى .

     قىشلىق دەم ئىلىش مەزگىلىدە ، مەسۇت ئارام ئىلىش تۇرۇقلۇق ، ئەكسىچە تېخىمۇ تەشۋىشلىنىپ كەتتى . ئۇ كۈندە توختام ئۇزارتىش توغرىسىدىكى يۈز كۆرۈشۈش ۋە تېلفون سۆزلىشىشنى قوبۇل قىلاتتى . 1-يانۋاردىن باشلاپ ، مەسۇت ئەركىن ھالدا باشقا كۇلۇب بىلەن سۆھبەتلەشسە بولاتتى . شالكېمۇ ئالدى كەينى بولۇپ ئىككى نۇسخا توختام چىقاردى . ۋاستىچى فازلى بىلەن مۇستافانىڭ قارىشىچە توختامدىكى شەرتلەرنىڭ قىلچە سەمىمىيتى يوق ئىدى . ئۇ ئىككەيلەن ئائۇف شالكې توپ مەيدانىنىڭ ئىشخانىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ، داڭلىق سۆز بايانى قىلدى :«بۇ توختام كەلگۈسىدە رېئال مادرىدتا توپ تېپىدىغان توپچى ئۈچۈن قەتئىي مۇۋاپىق ئەمەس .» شالكې ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ سۆزدىن كۈلۈپ ئۈچىيى ئۈزۈلەي دەپ قالدى ، مەسۇتمۇ باشقا كۇلۇبقا بېرىشنى قارار قىلدى . يۆتكىلىش كۆزنىكى تاقىلىشقا 24 سائەت ۋاقىت قالمىغان شارائىتتا ، تېز سۈرئەتتە برېمېنگە يۆتكەلدى . برېمېن 4 مىليون 300 مىڭ ياۋرۇ يۆتكىلىش ھەققى تاپشۇردى ، «شالكې ئوغلى» 3 يېرىم پەسىللىك توختام تۈزۈپ ، يۈك-تاقىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ برېمېنغا كەلدى . كوماندا يادروسى بىرازىلىيەلىك دىئېگو ، باش ترېنېرى بولسا توماس شاف ئىدى .

     ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە سائەتتە ، بۇ قىتىملىق يۆتكىلىش شالكې تەرىپىتىن «ئىنتايىن ياخشى سودا» دەپ تەسۋىرلەندى . بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ، ئۇلار ئۆكۈنۈش ئىلكىدە سېتىۋەتكىنىنىڭ گېرسېنكىرشىندىن چىققان ئەڭ ياخشى سورتلۇق قىزىلچا ئىكەنلىكىنى بايقىدى . ھازىر قاراپ باقىدىغان بولساق ئۆزىل قانداق سەۋىيەدە ؟ راكىتىچ قانداق سەۋىيەدە ؟ ۋاراتار نويېر بايرىنغا بېرىشتىن بۇرۇن ، ئۆزىلنىڭ رېئال مادرىدتا ئۇتۇق قازانغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئەينى ۋاقىتتىكى شالكې توپ مەستانىلىرىنىڭ بۇنىڭغا بولغان چۈشكۈن كەيپىياتىنى تەسۋىرلىدى :«ئەينى يىلى شالكى شۇنداقلا ئۆزىلنى كەتكۈزىۋەتتى ، مەن ھازىرمۇ كۇلۇبنىڭ بۇ قارارىدىن قاتتىن ئاچچىقلىنىمەن .

     قاق چۈشتە

326cc139b6003af3da688dac342ac65c1238b66f.jpg

     كىچىك ۋاقتىدىكىگە ئوخشاشلا ، ئۆزىلنىڭ ئىلگىرلىشى ئوخشاش ياشتىكى توپچىلاردىن خېلىلا تېز بولدى . ئەگەر ئۆسمۈر ۋاقتىدىن ھىسابلىنىپ كەلسە ، برېمېن ئۇنىڭ 7 ياشتىن باشلاپ توپ ئوينىغان ئالتىنچى كۇلۇبى ھىسابلىناتتى . بۇ ۋاقىتتا مەسۇت بۇ يۆتكىلىشكە سەل ئىككىلىنىپ قالدى ، بۇمۇ نورمال ئەھۋال ئىدى . شالكېدىن ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى بولسا ، بىرگە توختام مەسىلىسى ، يەنە بىرسى بولسا مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىنىڭ يوق بولۇشى ئىدى . لېكىن برېمېنغا يۆتكەلگەن بىلەنمۇ ، ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئورۇن ئوينايدىغان دىئېگو گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ئىلغار توپچىلارنىڭ بىرى ئىدى . بۇ بىر قىتىملىق قاپ يۈرەكلىك بىلەن قىلىنغان تەۋەككۈلچىلىك بولدى . بەزى ئىقىپ يۈرگەن گەپ-سۆزلەردە دىئېگونى زەردار كۇلۇبلارغا يۆتكىلىدۇ دېيىلگەن ، ئۇ زەردار دەل رېئال مادرىد ئىدى . بۇ مەسۇتنى كەلگۈسىدە ئۇنىڭ ئىزىنى بىسىشقا ئىنتىلدۈردى .

9051e41f3a292df5faedfcd9bd315c6035a8730a.jpg

     شاف ئۇنى دەرھاللا ھۇجۇم كۈچى قىلىپ ئىشلەتتى . ئۆزىل برېمېندىكى 5 ئاي ئىچىدە ، گەرچە داۋاملىق ئاساسلىق ئەزا بولالمىسىمۇ ، ئاستا-ئاستا سەپداشلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ، تېزلا يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىپ كەتتى . دادىسى بىلەن ۋاستىچىسى 24 سائەت لەپپەي دەپ تۇرغان بىلەنمۇ ، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ مەسۇتنىڭ تۇنجى قىتىم ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ياشىشى بولغاچقا ، پات-پات يالغۇزلۇق ھىس قىلىپ قالاتتى . بىراق مۇھىمى شۇكى ، ھايات مۇساپىسىدىكى تۇنجى چوڭ قىيىنچىلىققا قارىتا ، ئۇ تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇرىۋاتاتتى .

     2007-2008 مۇسابىقە پەسلى ، برېمېننىڭ قالغان 20 مەيدان مۇسابىقىسىدە ، ئۆزىل 14 قىتىم مەيدانغا چىقتى ، ئۆزىنىڭ گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى توپىنىمۇ قولغا كەلتۈردى . ئۇ شالكېنىڭ كىيىمىنى كىيگەندىن باشلاپلا بۇ پەيىتنىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئىدى ، بىراق بۇ ئارزۇسى برېمېنغا كەلگەندە ئىشقا ئاشتى . بۇ 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ، كارسلۇئېنىڭ ساھىپخان مەيدانى -- ۋىلىد باغچىسى توپ مەيدانى ئىدى . بۇ مەيدان مۇسابىقە ئاخىرىدا ئۈچ توپ كىرىپ ئاخىرلاشتى . مۇسابىقە 29-مىنۇتىدا ، مەسۇتنىڭ كىرگۈزگەن توپى نەتىجىنى 1-2 قىلىپ ئۆزگەرتتى . بۇ توپ سول پۇتتا كىرگەن بولۇپ ، ئەجەللىك پاس بەرگۈچى بوروۋىسكى ئىدى .

56d9c4160924ab18f50ab1fb34fae6cd7a890b18.jpg

     كەينىدىكى مۇسابىقە پەسلى -- 2008-2009 مۇسابىقە پەسلى ، مەسۇتنىڭ گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە رەڭگارەڭ نۇر چاچقان بىر يىلى بولدى . بۇ ۋاقىتتا ياۋرۇپا ياشلار لوڭقىسى بىلەن گېرمانىيە لوڭقىسىدىكى مۇسابىقىلەر ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى . بۇ پەسىل برېمېن دىئېگونى ئىلىپ قالدى ، ئۇنىڭ بىلەن مەسۇتنىڭ يىتەكچىلىكىدە ، كوماندىنىڭ ئاساسەن بارلىق چېمپيونلۇققا زەربە قىلغۇدەك ئەمەلى كۈچى بار ئىدى . گەرچە پەسىل ئاخىرىدا ھوسۇل خېلى كۆپ بولغان بولسىمۇ ، پەسىل بىشى يەنىلا مۈشكۈل بولدى . ئۇ پەسىلدە برېمېننىڭ چېمپيونلۇق بىرلەشمىسى گورۇپپا چەك تارتىشتىكى تەلىيى بەك ئوڭدىن كەلدى ، 16 كۈچلۈككە كىرىشتە ئۈمۈد زور ئىدى . بىر گورۇپپىغا بۆلۈنگەن كوماندىلار : مورىنىيونىڭ ئىنتېر مىلان ، گرىتسىيەدىكى پاناسىنائىكوس ۋە سىپرۇسدىكى ئانورسوسىس ئىدى . بۇلار مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، بىر پارچە قاتتىق سۆڭەك بىلەن ئىككى پارچە لوخ گۆش ھىسابلىناتتى . نەتىجىدە گېرمانىيە ئۆتكۈچ قېلىچىنىڭ ئىپادىسى كۆرىنەرلىك بولدى ، ئىنتېر مىلاننى بىر يىڭىپ بىر تەڭلىشىپ ، ئىككى پارچە لوخ گۆشكە كەلگەندە ئۈچ تەڭلىشىپ بىر يېڭىلىپ ، ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن شاللىنىپ كەتتى .

     بەلكىم بۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بولسا كېرەك ، مەسۇت مورىنىيونىڭ ئىنتېر مىلان كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ناھايىتى ياخشى ئىپادە كۆرسىتىپ ، ئۆزىگە مورىنىيونىڭ دىققىتىنى تارتقۇزدى . ئىنتېر مىلان بىلەن بولغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ، ئۆزىل برېمىندىكى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان ئەزا ھىسابلىناتتى . سان سىرودا نەتىجىتى تەڭلەشتۈرگەن بىر توپ دەل ئۆزىلنىڭ ئەجەللىك پىسى ئىدى . برېمېنغا قايتىپ كېلىپ ، ئۆزىل پىزاررو بىلەن روسېنبېرگقا ئەجەللىك پاس بېرىپ ، كوماندىنىڭ 2-1 نەتىجە بىلەن ئۈچ نومۇر ئېلىشىغا كۈچ چىقاردى . ئۆزىل مورىنىيونىڭ ياۋرۇپا چېمپيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى قاباھەتلىك چۈشىنىڭ بىرى . ئەگەردە بۇ شاللاش مۇسابىقىسى بولغان بولسا ئىنتېر مىلان شاللىنىپ كەتكەن بولاتتى ، بىراق برېمېن ئاخىرىدا گورۇپپىدا ئارانلا ئۈچىنچى بولۇپ ، بىراقلا ياۋرۇپا بىرلەشمىسىگە قاتناشتى .

     ياۋرۇپا بىرلەشمىسىدە ، برېمېن شافنىڭ يىتەكچىلىكىدە بىرلا غەيرەت قىلىپ ، مىلان ، ساينت ئېتىئېن ، ئۇدىنېس ۋە ھامبۇرگنى شاللاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىردى . برېمېن بىرلەشمىدىن ۋاز كىچىپ ، ئاساسلىق زىھنىنى لوڭقا مۇسابىقىلىرىگە مەركەرلەشتۈرگەن بولۇپ ، گېرمانىيە لوڭقىسىدىمۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى . برېمېندىكى پۈتۈن بىر مۇسابىقە پەسلىدە ، مەسۇتنىڭ قاتناشقان ياۋرۇپا ياشلار لوڭقىسىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ، مەسۇتنىڭ ئىككى لوڭقىنى كۆتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى . بۇ راستىنلا چۈش كەبى بىر يىل بولدى ، پەقەت كىچىككىنە بىر نۇقسان بار بولۇپ ، ئۇ بىرلەشمىدىكى قوپال ھەركىتى سەۋەبى بىلەن قىزىل كارتا ئىستىمال قىلىۋىلىپ ، كۇلۇب تەرەپتىن ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسى بېرىلدى .

0b9b56a7d933c895bfbfc9b7d01373f080020073.jpg

     ياۋرۇپا كىچىك شاھزادىسى

     ئۈچ مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ بىرىنچىسى ياۋرۇپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولدى ، برېمېن بىلەن ئۇكرائىنا كان ئىشچىلىرى لوڭقىنى تالىشاتتى . بۇ مەيدان مۇسابىقە مەسۇت ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ ، مۇسابىقە ئورنى تۈركىيەدىكى شۈكرۈ ساراجوغلۇ تەنتەربىيە مەيدانى يەنى فەنەر باغچىنىڭ ساھىپخان مەيدانىدا ئىدى . بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى چېمپيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئىپادىسى ۋە ياۋرۇپا بىرلەشمىسىدىكى ئۆتكۈر قېلىچتەك ھالىتىدە ، 14 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئارانلا 2 مەيدىنىدە ئۇتتۇتىۋەتتى ، شۇڭا ئىككى كوماندا ئارىسىدا گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ چېمپيون بولىشى ئېھتىمالغا يىقىن دەپ قارالغان ئىدى . كوماندا يادروسى دىئېگو مۇسابىقىدىن چەكلىنىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغاچقا ، بارلىق ئۈمۈدنىڭ ھەممىسى ئۆزىلنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى . ئۆزىل ئەينى ۋاقىتتا كوماندىدىكى تەۋرەنمەس ئاساسلىق سول ھۇجۇمچى ئىدى ، گەرچە مۇسابىقە باشلىنىپ ئىپادىسى ياخشى بولغان بولسىمۇ ، يەنىلا كوماندىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى مەغلۇبىيەتتىن قۇتقۇزۇپ قالالمىدى .

     ئۇكرائىنا كوماندىسىدىكى ئاد
2acc9fd4b31c870137c8e22a267f9e2f0608ff3b.jpg
f9a05534970a304e1c52f036d0c8a786cb175ccc.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 31مۇنبەر پۇلى +1475 تۆھپە +159 شۆھرەت +131 تەجرىبە +118 يىغىش سەۋەبى
f.c.barcelona + 3 قالتىس!
سەبرى22 + 50 + 10 + 10 + 10 غەيرىتىڭىزگە ئاپىرىن
ئۈمۈد + 30 قالتىس!
ماھىرچاق + 50 قالتىس!
لاچىن + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
bezlar + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
yarkuyi + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
9مۇرادىل + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
روندو + 10 قالتىس!
yurichi + 9 قالتىس!
سۈبھى + 50 قالتىس!
كۈلكە + 50 + 1 + 1 داۋامىغا ئىنتىزارمەن
ئەلبارىس + 100 + 10 + 10 + 10 غەيرىتىڭىزگە ئاپىرىن!
بايرېن + 50 + 5 + 5 + 5 تىرىشىڭ ، قالتىس !
تۇمشۇق + 50 قالتىس!
ئەسلىمە + 100 + 10 + 10 + 10 سىزگە قايىل بولدۇم بە.
kakkuk11 + 50 + 5 + 5 + 5 قالتىس!
jihad + 50 قالتىس!
missi2 + 50 قالتىس!
خان تۈرۈك + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-11 23:31:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بولغۇسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-11 23:37:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۇيغۇرچە     بولغان   بولسا   ئۇقىپ   چىقاكەنمە   تەرجىمە   قىىپ   مۇنبەرگە   يولىۋەتكەن  بولسىڭىز   مۇشانداق   ئېش    بولتىدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-11 23:38:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-11 23:40:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9مۇرادىل يوللىغان ۋاقتى  2013-9-11 23:37
ئۇيغۇرچە     بولغان   بولسا   ئۇقىپ   چىقاكەنمە   تەرجىمە ...

تەرجىمە قىلىۋاتىمەن ، بۇ تېمىدىكى ئاپتوردىن ۋە كىرىش سۆز مۇشۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-11 23:45:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپخانلارغا كىرسەم خەنزولارنىڭ كىتاپ رايونىدا  داڭلىق تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ تەرجىمالى يىزىپ چىقىلغان  نادىر تەرجىمىلىك كىتاپلار  جىقكەن.بىزنىڭكىدە يوق.
مۇشۇنداق كىتاپلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولغان بولسا كۈرۈپ ئۇقۇپ  باققان بولساق  نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى...
بۇنداق كىتاپلاردا مەخسوس  شۇ پوتبۇلچچىنىڭ نىشانلارغا قانداق يەتكەنلىكى توغۇرلۇق ئىسىل گەپلەر بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئوقۇپ ئارزۇ ئارمان دىگەن مۇشۇنداق ۋۇجۇۇدقا  چىقىدىكەندە  دىگەن ئىدىيەدىمۇ بوپ قالاتتۇق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-11 23:54:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ھەقىقىي مادرىد مەستانىسى دىگەن مۇنداق بولىدۇ، ئۇنى سىتىۋەتتى دەپ كوماندىدىن كەچكىچە رەنجىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ كىيىنكى كەسپىي ھاياتىغا ئۇتۇقلارنى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىسە ياكى مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىسە نىمىدىگەن ياخشى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-11 23:56:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب قايسى تىلدىكەن؟ ئۆزىڭىز بىرنۇسخا سىتىۋالدىڭىزمۇ ياكى توردا ئېلان قىلىغان نۇسقىسىدىن تەرجىمە قىلىۋاتامسىز؟ مادرىد مەستانىلىرى سىزدىن پەخىرلىنىمىز باھادىر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-12 00:01:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىلنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى پەللە يارىتىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.ئۇ يەنىلا مادرىدنىڭ بىر ئەزاسى.مادرىدلىقلارنىڭ يۈرىكىنى سۇغۇرۇپلا كەتكەن بولسىمۇ،يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىپ،مادرىدلىقلارنىڭ يۈرەك زېدىسىنى يېنىكلىتىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-9-12 00:13:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىز ،تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتىمەن تەرجىمىسىنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-12 00:46:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋدا يوللىغان ۋاقتى  2013-9-11 23:56
كىتاب قايسى تىلدىكەن؟ ئۆزىڭىز بىرنۇسخا سىتىۋالدىڭىزم ...

كىتاب ئىسپان تىلىدا ئىكەن ، دۆلەت ئىچىدە سېتىۋالغىلى بولمايدىكەن ، توردىكى نۇسخىسىنى تەرجىمە قىلىۋاتىمەن . قوللىغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-9-12 00:47:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوتلاق يوللىغان ۋاقتى  2013-9-12 00:13
ئىسىل ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىز ،تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتىمەن تە ...

قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 02:15

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش