- تىزىملاتقان
- 2012-5-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1898
- نادىر
- 1
- يازما
- 1898
|
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى 2013-8-19 21:50 
قىززىق باللار بار دە.مادرىد ئۇلارنى ئالىمىز دىدى ئەمم ...
رونالدونى ئەكەلسۇن دىيىشتىكى مەخسەت، چوڭ رونالدو پۇتبول سەھنىسىدىن چىكىنگەندىن بۇيان تېخى ھەقىقىي ئىشەنچىلىك ئوتتۇرا ھۇجۇمچى چىقىپ باقمىدى. شۇڭا بىنزىما، ھىگۇايىن، كاۋانى، فالكاۋ، سۇئارىز قاتارلىق ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلار بىر بىرىدىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ، پەقەت سۇئارىز، فالكاۋ، كاۋانىلارنىڭ بۇرۇنقى كوماندىلىرىدا ئۇلار بىلەن رىقابەتلەشكۈدەك ۋە ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىغا خىرىس قىلغىدەك ھۇجۇمچى بولمىغاچقا، ئۇلار ئۆز كوماندىلىرىنىڭ 70ياكى 80 پىرسەنىت مۇسابىقىلىرىگە چىقىدۇ، شۇڭا ھىگۇايىن ۋە بىنزىمادىن بەكرەك كۆزگە كۆرۈنۈپ كەتتى. ھىگۇايىن بىلەن بىنزىما بولسا تەڭدە تەڭ مۇسابىقە ئوينىغاچقا ئۇلارنىڭ ئىپادىسى قارىماققا ئۇ كاۋانى، فالكاۋ، سۇئارىزلارنىڭكىدىن تۆۋەندەك بىلىنىدۇ. ئەگەر يەنە بىر ئوتتۇرا ھۇجۇمچى يۆتكەپ كەلسە، بۇ يىلقى تىراگىدىيە يەنە تەكرارلىنىدۇ خالاس. بىنزىمانى چىقارسا فالكاۋ تۇرغان، فالكاۋنى چىقارسا بىنزىما تۇرغان، ياشلار بازىسىدىن چىققان تالانىتلىق ماھىر موراتتا بولسا ئورۇندۇق بىقىپ، كىلەر پەسىل ئامالسىز ئەرزان باھادا ئىسپانىيەدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كوماندىلارغا يۆتكەلگەن، يەنە مۇشۇنداق بولۇشىنى خالامسىز. نىگرىدو بىلەن سولدادولارمۇ 21-22 يىشىغىچە مادرىدنىڭ زاپاس ھۇجۇمچىسى بولۇپ، ئاخىرى ئامالسىز باشقا كوماندىلارغا يۆتكەلگەن، بىراق باشقا كوماندىلاردا ئۇلارمۇ نام چىقىرىپ خىېلى پۇلغا ياراپ قالدى. مادرىدنىڭ باشتا ھىگۇايىن يۆتكىلىپ كەتكەندىن كىيىن ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئىلىش پىلانى بار ئىدى. بىراق كىيىن موراتتانىڭ ياشلار ياۋروپا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسىنى كۆرۈپ، مۇشۇ ھۇجۇمچىسىنى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلىپ، پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئالماسلىقنى قارار قىلدى. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بار. |
|