- تىزىملاتقان
- 2011-9-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4244
- نادىر
- 5
- يازما
- 4244
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سېرىق ھەرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-19 10:10
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
2013-2014-يىللىق فىرانسىيە بىرلەشمىسى 2 -ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ داۋامى 18 - چىسلا ئوينالدى ، بۇ يىل فىرانسىيە بىرلەشمىسىدە كۆپ مەبلەغ سىلىپ قان تولۇقلىغان ئىككى كوماندا بار بولۇپ بۇلار بۇ بىرلەشمىدە قىزىق نوقتىغا ئايلانغان ئىدى ، بۇ ئىككى كوماندىنىڭ نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە :
پارىژ سانت گىرمان 1 - 1 ئاجاكىيو
ياۋروپادىكى باي كوماندا پارىژ سانت گىرمان كوماندىسى داڭلىق چولپانلارنى كوماندىغا ئەككىلىپ كوماندىنىڭ كۈچىنى يۇقىرى ئاشۇرغان ئىدى ، فىرانسىيە بىرلەشمىسى باشلىنىپ ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ قالغان ئىدى...
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پارىژ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئاجاكىيو كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 9 مىنۇت بولغاندا ئاجاكىيو كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستىنلىككە ئۆتىۋالدى ، كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق 86 مىنۇت بولغاندا داڭلىق ھۇجۇمچى كاۋانى بىر توپ ئۇرۇپ ئۆزمەيدانىدا يەنە تەڭلىشىپ قالدى ...
موناگو 4 - 1 مۇنتپىلىر
يىڭى دەرىجە ئۆرلەپ چىققان موناگو كوماندىسى بۇ پەسىل كوماندىسىغا يۇقىرى مەبلەغ چىقىرىپ پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي داڭلىق توپچىلارنى كوماندىسىغا يۆتكەپ كىلىپ كوماندىسىنى كۈچلەندۈرگەن ئىدى ...
موناگو ئالدىنقى ئايلانما كۈچلۈك بوردو كوماندىسىنى 2 - 0 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى ئوڭۇشلۇق باشلىغان ئىدى ...ئىككىنجى ئايلانما مۇسابىقىدە يەنە بىر كۈچلۈك كوماندا مۇنتپىلىر كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ...
موناگو كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدىن كىيىن مۇنتپىلىر كوماندىسىنى 4 - 1 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ 3 نۇمۇرنى تولۇق قولغا كەلتۈردى ... مۇسابىقىدە فاركاۋ توپ ئۇردى ...
|
|