پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 585|ئىنكاس: 29

ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Zirek

16

تېما

4

دوست

666

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10264
يازمىسى: 666
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 53055
تۆھپە: 100754
ۋاقتى: 410
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 21:18:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زېرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-11 22:36  

ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى) كومپيۇتېر ساھەسىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە كونا يېزىققا يانداش قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان لاتىن ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن يېزىق بولۇپ، 2001- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىبراھىم مۇتىھى، مىرسۇلتان ئوسمان، مۇھەببەت قاسىم، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىز ياقۇپ، خەمىت زاكىر، ئارسلان ئابدۇللا، ھوشۇر ئىسلام، تۈرگۈن ئىبراھىم .. قاتارلىق ئالىم، تىلشۇناس، دوكتور ۋە پروفېسسورلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 5 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق 2000-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن 15 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان لاھىيىنى ئەستائىدىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2001-يىل 3-ئىيۇل كۈنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن لاھىيە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە تىل-يېزىق كومېتېتىگە يوللانغان. ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سابىق رەئىس ئابلەت ئابدۇرىشىتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شۇ يىلى باھاردا «ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىسى ۋە UKY توغرىسىدا مەخسۇس پىكىر ئاڭلاش يىغىنى» چاقىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنداقلا UKY نىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى پۇختىلاش، ئۇندىن كېيىن شارائىت پىششىپ يېتىلگەندە قايتا مۇزاكىرە قىلىش قارارىغا كەلگەن.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلاردا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى) نى ئىشلىتىش يېزىق ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى قىلىش بولماستىن بەلكى كونا يېزىققا قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ...» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن ھەم تەكىتلەنگەن.
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر :
psb (1).jpg

psb.jpg

UKY نىڭ بىرلىككە كېلىشى موشۇ بەتتە ساقىت قىلىنغان نۇرغۇن مۇتىخەسىس ۋە تورداشلارنىڭ ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن
ئورتاق نەتىجە بولۇپ، ئۇ مەلۇم بىر شەخىس ياكى تور بېكىتىنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس. UKY ئېلىپبەسى نۆۋەتتە نۇرغۇن تور بېكەتلىرى، كۈندىلىك ئالاقە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھەم باشقا ساھەتسىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە. UKY ئېلىپبەسى جەدۋىلى تۆۋەندىكىچە:
psb (2).jpg

ئەسكەرتىش: 1. ئەگەر "Öö, Üü, Éé" لارنى كىرگۈزۈشكە ئىمكان بولمىغاندا، UKY بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ماس ھالدا "Oo, Uu, Ee" لارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

2. جەدۋەلدىكى  [zh]بولسا «ژ»  (ژۇرنال) ھەرپىنىڭ ئوقۇلۇشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تولۇقلىما سۈپىتىدە ئىشلىتىدىلىدۇ. مەسىلەن:  Jurnal [zhurnal]
UK
Y  ئىملا قائىدىسى


ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى يەنى ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) بىلەن خەت يازغاندا تۆۋەندىكى قائىدىلەر بويىچە يېزىش كېرەك.

1. جۈملىنىڭ بىرىنچى سۆزىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

2. ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىرى، دۆلەت ناملىرى، مىللەتلەرنىڭ ناملىرى ۋە يەر-جاي ئىسىملىرىنىڭ باش ھەرپى چوڭ يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: Mehmud Qesqeri, Uyghur, Amérika, Ürümchi

3. خاس ئىسىملارنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. چەتتىن كىرگەن خاس ئىسىملار ئۇيغۇر تىلىغا بوي سۇندۇرۇپ يېزىلىدۇ، ئەسلى شۇ تىلدا يېزىلىشىنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ قويسىمۇ بولىدۇ.

مەسىلەن: Qesqer, Yüsüp Xas Hajip, Niyu York (New York), Béyjing (Beijing), Arman

4. قىسقارتىلغان ئىسىملار چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: AQSh, BDT, UKY

5. خەلقئارا بىرلىكلەر، قىسقارتىلما سۆزلەر ۋە تاۋار ناملىرى ئۆز پېتى يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: MTV, VCD, DVD, m, cm, volt, Microsoft

6. قىسقارتىلغان سۆزلۈكلەرنىڭ ئىچىدە قوشما ھەرپ بولسا شۇ ھەرپنىڭ بىرىنچى ھەرپى چوڭ يېزىلىپ ئىككىنچى ھەرپى كىچىك يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: A.Q.Sh (ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى)، B.D.T. (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) ، Sh.U.A.R.  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

7. مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ ناملىرىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن: Shinjang Uyghur Aptonom Rayoni

8. يۇقۇرىكىلەردىن باشقا ئەھۋاللاردا ھەرپلەر بىردەك كىچىك يېزىلىدۇ.

9. مەلۇم سۆزدە بىر بوغۇم ئۇزۇك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشسا شۇ بوغۇمنىڭ ئارقىدىن كەلگەن يەنە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسا، بۇ ئىككى بوغۇم ئاپوستروف (') بىلەن ئايرىپ يېزىلىدۇ.

مەسىلەن:  sen'et, chet'el, qet'iy, jem'iyet

10. مەلۇم سۆزدە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشسا شۇ بوغۇمنىڭ ئارقىدىن كەلگەن يەنە بىر بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسا، بۇ ئىككى بوغۇم ئاپوستروف  بىلەن ئايرىپ يېزىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر گراماتىكىسى بويىچە يەنى ئۇيغۇر تىلىدا ھەر بىر بوغۇمدا بىر سوزۇق تاۋۇش بولىدۇ، ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا كېلىشىنىگ ئۆزىلا بوغۇم ئايرىشنىڭ بىشارىتىدۇر.

مەسىلەن: maarip, muellim, daire, mueyyen, tebiiy, paaliyet

11. پەرقلەندۈرۈپ ئوقۇشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن s'h, n'gh, n'g, ng'h لار ئارىسىغىمۇ ئاپوستروف قوشۇپ قويىلىدۇ.

مەسىلەن:  Is'haq, Özbékistan'gha, Hin'gan, Cheklen'gen, Ganggirap, Baslan’ghuch

  UKY رەسىملىك ئېلىپبەسى


ئەسكەرتىش: ئەگەر تەشۋىقات قىلىشنى خالىسىڭىز، يۇقۇردىكى تەپسىلاتلارنى ياخشى ئوقۇڭ. «يېزىق ئۆزگەرتىدىكەنمىز...» ، « UKY نى ئىشلىتىش ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئىسلاھا قىلىش...» دېگەندەك خاتا تەشۋىقات ئېلىپ بارسىڭىز ئاشكارا تەنقىد قىلىنىسىز.


بۇ ھەرگىزمۇ يېزىق ئالماشتۇرۇش تەكلىۋى ئەمەس ، پەقەت ۋە پەقەت نورمال ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە مۇمكىن بولمىغان ئىشلىتىش ئۈچۈم تەييارلانغان. مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن كېيىن خېلى ئەزالارنىڭ ئىسمىنى كۆردۇم پىنيىنچە دېسە پىنيىنچە ئەمەس، ئېنگىلىزچە دېسە ئېنگىلىزچە ئەمەس، ئۇنىڭ ئۇستىگە QQ قاتارلىق قوراللاردا پىكىر ئالماشتۇرۇشتا بىرسىمىزنىڭ ئەۋەتكەن خېتىمىزنى يەنە بىرسىمىز ئوقۇيالماي قالدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، شۇڭا مۇنبىرىمىز خاسلىقىغا مۇناسىپ كەلمىسىمۇ يەنلا يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم، مۇنازىرە قىلدىغان ئىش بولسا ئىلمى مۇنازىرە قىلساق .

مەنبە : ئۇيغۇر كومپىيوتېر ئىلمى جەمئىيىتى تورى
يەنە ئەسكەرتىش : بۇ پەقەتلا قوشۇمچە يېزىق.
قاغا قاق ئېتىدۇ ، ئۆز كۆڭلىنى خوش ئىتىدۇ .

يامېتتې

28

تېما

2

دوست

2661

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9104
يازمىسى: 2661
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10054218
تۆھپە: 902
ۋاقتى: 1091
h
ھالەت

مادرىد لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 22:26:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا،كىيۇ كىيۇ دا خەت يازغاندا قىينىلىپ كېتىمىز.....بىر قېتىم مەن ئاكامغا سىقىپ دەپ يازسام ئۇ خەت... مۇشۇنىڭدەك ئەھۋالدىن قۇتۇلساق بولاتتى...

64

تېما

6

دوست

796

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  11980
يازمىسى: 796
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 58680
تۆھپە: 1038
ۋاقتى: 814
h
ھالەت

ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 22:46:20 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرمىزدىمۇ خېلى بار كوت كوتتا پاراڭلىشىپ كۆنۆپ قالغىنى بۇيىچە ق بىلەن ك نى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغانلار،قاراپ دىگەننى كاراپ دەپ…………

ياخشى كۈنلەر ئال

27

تېما

1

دوست

1609

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7037
يازمىسى: 1609
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 253897
تۆھپە: 666
ۋاقتى: 1365
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 22:47:36 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر چ چ، ئۈندىدارلار ئۇيغۇرچە قوللايدىغۇ?   

3

تېما

0

دوست

239

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8357
يازمىسى: 239
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50958
تۆھپە: 300266
ۋاقتى: 92
h
ھالەت

ئارسىنال لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 22:52:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈبھى يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 22:26
توغرا،كىيۇ كىيۇ دا خەت يازغاندا قىينىلىپ كېتىمىز.....بى ...

كۈلمەي تۇراممىدىم

==ئارسېنال==

133

تېما

6

دوست

3642

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7817
يازمىسى: 3642
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 401211
تۆھپە: 955
ۋاقتى: 1468
h
ھالەت

تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئارسىنال لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 23:08:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى كونا يېزىققا كۆچمەي ، يېڭى يېزىق پېتى ماڭغان بولغان بولساق ، بىزنىڭ ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىشىمىز ۋە ئىشلىتىشىمىز ئەڭ مۇھىمى كومپىيوتىر سېستىمىسىدا يېڭى بىر بۆسۈشكە كىرىشىمىزگە زور پايدىسى بولغان بولاتتى. پەقەت ئەقلىم يەتمەيدۇ . مۇشۇ كونايېزىقنى قانداقلارچە قايتا قوللىنىپ قالغان بولغىيتى.

==ئارسېنال==

133

تېما

6

دوست

3642

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7817
يازمىسى: 3642
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 401211
تۆھپە: 955
ۋاقتى: 1468
h
ھالەت

تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئارسىنال لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 23:10:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈبھى يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 22:26
توغرا،كىيۇ كىيۇ دا خەت يازغاندا قىينىلىپ كېتىمىز.....بى ...

بۇنداق ئەھۋاللار جىق ...

   بىر قېتىم توردا بىر قىز بىلەن پاراڭلىشىپ قېلىپ ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ بارمىغان يېرىم قالماپتۇ دىسەم ، ماڭا سىز چۆچەكنى كۆرۈپ باققانمۇ دەپ يېزىپتىكەن . ئويلاپ بېقىڭلار بۇنىڭ پىنيىنچە يېزىلىشى قانداق مەنە بىرىدۇ ؟

پۇتبول،پۇتبول،

3

تېما

0

دوست

243

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  805
يازمىسى: 243
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1045413
تۆھپە: 255
ۋاقتى: 605
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 23:11:47 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز شۇ "يېڭى يېزىق"ىمىزنى ئىشلەتكەن بولساق ئىنگىلىسچە ئۈگۈنۈشتە قىينالمىغان بولاتتۇق

مەن كەلدىم .نىرى تۇر

55

تېما

11

دوست

3375

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  84
يازمىسى: 3375
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 9567108
تۆھپە: 2212
ۋاقتى: 2422
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە مۇنبەر قىززىقچىسى چېلسىي لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 23:18:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوكىنات يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 23:10
بۇنداق ئەھۋاللار جىق ...

   بىر قېتىم توردا بىر قىز بىل ...

قىز بالىدا ئۇنداق نەرسە نىمە قىلدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەنسەن ھەقەچان

3

تېما

0

دوست

239

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8357
يازمىسى: 239
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50958
تۆھپە: 300266
ۋاقتى: 92
h
ھالەت

ئارسىنال لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 23:19:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ  روسلار بولمامدۇ
تۈركلەرنى قازاق، قىرغىز،ئۇيغۇر،ئۆزبەك، تاتار.... قاتارلىق مىللەتلەرگە پارچىلاپ
ئۇلارنىڭ يېزىقى لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرماقچى بولۇپ،
شۇ بىز ئۇيغۇرلارمۇ يىڭى يېزىق ئشلەتكەن  ۋاقتىمىز شۇ
يڭى يولغا قويشىغا، تۈركىيەمۇ يېزىق ئالماشتۇردى  شۇنىڭ بىلەن روسلار
يانا ئۇ مىللەتلەرگە سىلاۋىيان يېزىقىنى تاڭدى (روسچە يېزىقچۇ)
شۇنىڭ بىلەن ماۋ ھۆكىمىتىمۇ لاتىن يېزىقىنى ئوماملارشتۇرۇشتىن توختاپ
كونا يېزىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرپ بەردى شۇنىڭ بىلەن بىز داپقا چۈشكەن
ماياقتەك ئۇ يېزىقتىن بۇيېزىققا سەكرەپ تەرەققىياتتا كەينىدە قالدۇق

==ئارسېنال==

133

تېما

6

دوست

3642

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7817
يازمىسى: 3642
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 401211
تۆھپە: 955
ۋاقتى: 1468
h
ھالەت

تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە ئارسىنال لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 23:26:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھمۇدىيە يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 23:18
قىز بالىدا ئۇنداق نەرسە نىمە قىلدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەنسە ...

ئويلاپ باقسام سېنىڭ ساقىلىڭ يەرگە تاقاشقان بىلەن شاشلىقىڭ تېرەككە يامىشىدىكەن ئەمەسما... بەك يامان قېرىكەنسەن.. قول قويۋەتتىم ساڭا.

13

تېما

2

دوست

1072

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12453
يازمىسى: 1072
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 653524
تۆھپە: 1123
ۋاقتى: 207
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-11 23:40:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈبھى يوللىغان ۋاقتى  2013-8-11 22:26
توغرا،كىيۇ كىيۇ دا خەت يازغاندا قىينىلىپ كېتىمىز.....بى ...

nimini   sikay digan  ؟     



مانا مۇشۇنداق بولۇپ قالىدىغان گەپتە ئاداش ھە...يۇقارقىدەك يازساق
nimini siqay digen دەپ يىزىلىدۇدە...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )