akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: Leverkusen

ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇكاپاتلاش تۈزىمى ھەققىدە چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-7-4 01:49:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل سەل ئازكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-4 02:27:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھ ت س ئەمەس ئەيچ ت س دەپ ئالساق توغرا بولارمىكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-4 02:28:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزغۇنلۇق مۇكاپات سوممىسى ئاز بولغان بىلەن، يەنە نۇرغۇن باشقا كىرىملەر بار. ئېلان كىرىمى ۋە ئۇلاپ تارقىتىش كىرىمىدىنمۇ ئايرىۋاشلاپ بىرىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-4 05:00:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋروپا بىرلەشمىسى (Europa League) - ياۋروپا كۇلۇپلار ئارىسى ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇسابىقىلىرى


ياۋروپا بىرلەشمىسى (Europa League) ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزىلىۋاتقان ئىككىنچى دەرىجىلىك بىر مۇسابىقە تۈرى (ئۇزغۇنلۇقتىن بىر دەرىجە تۆۋەن). ئەڭ دەسلەپتە ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى لوڭقىسى (UEFA CUP) دېگەن ئىسىم بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇ مۇسابىقە تۈرى 2009-يىلدىن بۇيان، ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىگە ئوخشاش رەسمى بىر بىرلەشمە تۈسىنى ئېلىپ كەلدى. بۇ تۈرگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بار كوماندىلار، ئۆز دۆلتىنىڭ بىرلەشمىسىدە، ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسىگە قاتنىشىۋاتقان كوماندىلاردىن كىيىن تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇسابىقىنىڭ سەۋىيىسى، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىقى، ۋە ماددىي مۇكاپاتلىرىمۇ ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسىنىڭ سەۋىيەسىدە ئەمەس. مۇسابىقە كۆرۈۋاتقانلار بىلىشى مۇمكىن، بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ ئوينىلىشى، ۋە سەۋىيەسى، مەيدانلاردىكى ھاياجان ۋە مۇسابىقىنىڭ قىزغىنلىقى، شۇنداقلا كوماندىلارنىڭ توپ ئوينىشى جەھەتتىن بولسۇن، ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسىدىكىدەك ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى، ئۇزغۇنلارغا قېتىلالمىغان كوماندىلارنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرىشى ئۈچۈن بۇ مۇسابىقىگىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە، يۇقارقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، UEFAنىڭ بۇ مۇسابىقىلەردىن كىرىدىغان كىرىمى نىسبەتەن ئاز بولغاچقا، كۇلۇپلارنىڭ ئېرىشىدىغان ماددى مۇكاپاتلىرىمۇ ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسىدىكىدەك كۆپ بولمايدۇ. مەسىلەن، ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسىنىڭ چىمپيونى 37.4 مىليون ياۋرو پۇلنى چۆنتىكىگە سالسا، بۇ مۇسابىقىنىڭ چىمپيونىنىڭ چۆنتىكىگە كىرىدىغان پۇل ئاران 10 مىليون ياۋرو. (4يېرىم ھەسىسىسچىلىك كېلىدۇ)
يۇقىرىدا ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسىدە UEFAنىڭ 1.34 مىليارد ياۋرو كىرىم قىلغانلىقىنى (2013) دەپ ئۆتكەن، ئوخشاش يىلدا، ياۋروپا بىرلەشمىسىدە، UEFA بولسا 225 مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان (6دىن بىرى)

كوماندىلار ئۆزىنىڭ بىرلەشمىدىكى ۋە بىرلەشمىنىڭ رەت تەرتىپىدىكى ئەھۋالىغا قاراپ تۇرۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە شاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. بەزىلىرى ئۇزغۇنلۇققا ئوخشاش بىۋاستە گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشسە، بەزىلىرى 4 سەۋىيە شاللاش ئوينايدۇ. مۇكاپاتنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالى بولسا تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
- بىرىنچى باسقۇچلۇق شاللاش ئۈچۈن 100مىڭ ياۋرو
- ئىككىنچى باسقۇچلۇق شاللاش ئۈچۈن 100مىڭ ياۋرو
- ئۈچىنچى باسقۇچلۇق شاللاش ئۈچۈن 100مىڭ ياۋرو
-شاللاش (play-off) ئۈچۈن 100مىڭ ياۋرو
- گۇرۇپپىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن 1.3 مىليون ياۋرو
- گۇرۇپپىدىكى ئۇتۇق ئۈچۈن 200 مىڭ ياۋرو
- گۇرۇپپىدىكى تەڭلىشىش ئۈچۈن 100 مىڭ ياۋرو
- گۇرۇپپا بىرىنچىلىكى ئۈچۈن 400مىڭ ياۋرو
-گۇرۇپپا ئىككىنچىلىكى ئۈچۈن 200مىڭ ياۋرو
-32 كۈچلۈككە كىرگەنلىكى ئۈچۈن 200 مىڭ ياۋرو
-16 كۈچلۈككە كىرگەنلىكى ئۈچۈن 350 مىڭ ياۋرو
-چارەك ھەلقىلغۇچ ئۈچۈن 450مىڭ ياۋرو
-يېرىم ھەلقۇلغۇچ ئۈچۈن 1 مىليون ياۋرو
-ھەلقۇلغۇچ ئىككىنچىلىكى ئۈچۈن 2.5 مىليون ياۋرو
-لوڭقا كۆتۈرسە، 5 مىليون ياۋرو.

ئەگەر بىر كوماندا بىرىنچى شاللاشتىن باشلاپ تولۇق ئۇتۇپ، لوڭقا كۆتۈرسە، ئېرىشىدىغان توپلام مۇكاپات 10.2 مىليون ياۋرو.
ئەگەر بىر كوماندا گۇرۇپپا مۇسابقىسىدىن باشلاپ ھېساپلىسا، 9.8مىليون ياۋرو. بۇ پۇل ئەمەلىيەتتە بىر كوماندىنىڭ پەقەت ئۇزغۇنلار لوڭقىسىغا قاتنىشىپ بەرسىلا ئېرىشىدىغان مۇكاپاتىغا تەڭ (6 مەيداننى ئۇتتۇرىۋەتسىمۇ). شۇڭلاشقا، ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ چىمپيونى بولغان كوماندا، ئەگەر ئېلانلارىن كىرىم قىلالمىسا، بۇ مۇكاپاتقا مۆشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ دېگەن گەپ.
مىسال:
بايېرن ميۇنخېن 2013 ئۇزغۇنلار بىرلەشمىسىدە ئۇزغۇن بولدى ۋە ئېرىشكەن مۇكاپىتى 36.8 مىليون ياۋرو.
گۇرۇپپىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن 8.6 مىليون
- 5 مەيدان ئۇتۇق، بىر تەڭلىشىش ئۈچۈن 5.5 مىليون
- گۇرۇپپىدىن چىقىش پۇلى 3.5مىليون
- چارەك ھەلقۇلغۇچ 3.9 مىليون
- يېرىم ھەلقىلغۇچ 4.9 مىليون
- چىمپيونلۇق 10.5 مىليون ياۋرو.

چېلسى ئۇزغۇنلار لوڭقىسىغا كىردى ۋە 3-بولۇپ، ياۋروپا بىرلەشمىسىدە داۋاملاشتۇردى ۋە ئاخىرىدا لوڭقا ئالدى. چېلسىنىڭ ئېرىشكەن ماددى مۇكاپاتى
- ئۇزغۇنلار گۇرۇپپىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن 8.6 مىليون
- 3 مەيدان ئۇتۇق ۋە 1 تەڭلىشىش بەدىلى 3.5 مىليون
- ياۋروپا بىرلەشمىسى 32 كۈچلۈك بىۋاستە كىرگەنلىكى (ئۇزغۇنلار 3-سى ياۋروپا بىرلەشمىسى 32 كۈچلۈككە بىۋاستە كىرىدۇ) ئۈچۈن 200 مىڭ
-16 كۈچلۈككە كىرگەنلىكى ئۈچۈن 350 مىڭ ياۋرو
-چارەك ھەلقىلغۇچ ئۈچۈن 450مىڭ ياۋرو
-يېرىم ھەلقۇلغۇچ ئۈچۈن 1 مىليون ياۋرو
-ھەلقۇلغۇچ ئىككىنچىلىكى ئۈچۈن 2.5 مىليون ياۋرو
-لوڭقا كۆتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، 5 مىليون ياۋرو.
ۋە جەمئىي 21.5 مىليون ياۋرو مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئەگەر چېلسى بىر مەيدان مۇسابقىدە تەڭلىشىپ قالماي ئۇتقان بولسا، ۋە گۇرۇپپىدىن چىقىپ، 8 كۈچلۈككە كىرەلىگەن بولسىمۇ موشۇ پۇلغا ئېرىشكەن بولاتتى. ۋە ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشكەن گالاتاساراي كوماندىسى چېلسىدىن تېخىمۇ كۆپ ماددى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. گالاتاساراينىڭ ئېرىشكەن پۇلى:
گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرى ئۈچۈن 20 مىليون ياۋرو (فەنەرباغچە گۇرۇپپىغا كىرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بۆلۈپ بېرىلگەن پۇل گالاتاسارايغا بۆلۈپ بېرىلدى)، گۇرۇپپىدىن چىققانلىقى ۋە چارەك ھەلقۇلغۇچ ئوينىغانلىقى ئۈچۈن 7.4 مىليون ياۋرو ۋە توپلام 27.4 مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان (ئېلان كىرىمى بۇنىڭ سىرتىدا).

UEFAنىڭ ياۋروپا بىرلەشمىسىدىكى مۇكاپات بۆلۈش ئۇسۇلى


ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى (UEFA) ياۋورپا بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى سەۋەبى بىلەن 2012-2013 يىلى 225مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان، كىرىم مەنبەسى ئاساسەن ئېلان ۋە تېلېۋىزىيەدىن تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىشتىن كەلگەن. ۋە بۇنىڭ 75%ى (168.75 مىليون ياۋرو) كۇلۇپلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-7-4 05:21:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋدا يوللىغان ۋاقتى  2013-7-4 02:28
ئۇزغۇنلۇق مۇكاپات سوممىسى ئاز بولغان بىلەن، يەنە نۇرغ ...

يۇقىرىدا داپ ئۆتۈلگەندەك، بۇ مۇكاپات سوممىلىرى شۇ ئېلان ۋە ئۇلاپ تارقىتىش كىرىملىرىدىن چىقىرىپ بېرىلگەن پۇللار. ئۇنىڭ سىرتىدا شۇ كۇلۇپنىڭ ئۇلاپ تارقىتىپ بېرىلگەن مۇسابىقە قېتىم سانى بويىچە نىسبەتلەشتۈرۈپ ئۆلۈشتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا، چىمپيون بولغان كوماندا، ياكى ھەلقىلغۇچقا كىرگەن كوماندا، ئېرىشكەن مۇكاپاتىچىلىك ئايرىم كىرىم قىلىدۇ.
مەسىلەن:
2010-2011 ئۇزغۇنلار لوڭقىسىدىكى كىرىم سىتاتىستىكىسغا قاراپ باقساق،
بارسېلونا - ئۇزغۇنلۇق چىمپيونلۇقىنىڭ سىرتىدا «داشقازان»دىن ئېرىشكەن پۇلى بىلەن بىرلىكتە جەمئىي 51 مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان.
ھالبۇكى، ئىككىنچى بولغان مانچېستېر بولسا، (ئۇنىڭ مۇسابىقىلىرى كۆپرەك تارقىتىلغان بولسا كېرەك) 53 مىليون ياۋرو كىرىم قىلغان.
2010-2011 دا «داشقازان كىرىمى»دىن ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن كوماندىلار:
1. چېلسى - 27 مىليون (44.523 مىليون جەمئىي)
2. مانچېستېر - 25.897 مىليون (53.197 مىليون)
3. ئىنتېر - 21.628 مىليون (37.82 مىليون)
4. بارسېلونا - 20.325 مىليون (51،052 مىليون)
5. شالكې 04- 18.450 مىليون (39.750 مىليون)
6. بايېرن- 18.36 مىليون (32.562 مىليون)
7. رېئال مادرىد - 17.2 مىليون (39.288 مىليون)
8. روما - 17.1 مىليون (30.087 مىليون)
9. ئارسېنال - 16،6 مىليون (29.983 مىليون)
10. توتتېنھام - 14.4 مىليون ياۋرو (31.133 مىليون)

مەنبە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2013-7-4 11:38:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jabran يوللىغان ۋاقتى  2013-7-4 01:04
بۇرۇن خېلى جىق بېرەتتى ھە ..

خە ئە ... 2009- يىلى ئۇزغۇنلۇقتا مانچىستىر چىمپىيون بولماي 44 مىلىيون ياۋرۇ مۇكاپات ئالغاندەك يادىمدا بار ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:26

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش